2021/01/16 12:28

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 7 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 03:40

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تارىختىكى بۈگۈن « 7 - ئاپرىل»:

م. ب 332 - يىلى ئىسكەندەرىيە شەھىرى قۇرۇلغان.

1665 - يىلى جۇڭغار خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، غالداننىڭ دادىسى قونتاجى ئۆلگەن. خىتاي تارىخچىلىرى ئۇنى 1653 - يىلى ئۆلگەن دەيدۇ.
« ئورنىغا 5 - ئوغلى سېڭگى خان بولغان. 1671 - يىلى ئۇ بىر قورساق ئىنىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، قونتاجىنىڭ دالاي لامادا تەلىم ئېلىۋاتقان 7 - ئوغلى غالدان 1672 - يىلى خان بولغان.1697 - يىلى سۇيقەستچىلەر تەييارلىغان زەمبىرەك ئوقىدا يارىلىنىپ، زەھەر ئىچىپ ئۆلۈۋالغان. ئورنىنى جىيەنى سېۋان ئاراپاتان تارتىۋالغان».

1789 - يىلى سۇلتان 1 - ئابدۇلھەمىد ۋاپات بولغان.

1882 - يىلى گېرمانىيە مارشالى فون شىللېر تۇغۇلغان.

1930 - يىلى ئىتالىيە ئالبانىيىگە ھۇجۇم قىلغان.

1934 - يىلى شەرقىي تۈركىستان مەجلىسى خوجىنىياز ھاجى سوۋېت تەرەپ بىلەن تۈزگەن 12 ماددىلىق كېلىشىمنى رەت قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

1947 - يىلى ئامېرىكا ئاپتوموبىل شاھى ھېنرى فورد 85 يېشىدا قازا قىلغان.

1948 - يىلى خەلقئارا سەھىيە ئورگىنى قۇرۇلغان.

1969 - يىلى ئنتېرنېتقا شىفىر كىرگۈزۈش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

1985 - يىلى سۇداندا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، سادىق مەھدى پىرىزدېنت بولغان.

1989 - يىلى سوۋېتنىڭ سۇ ئاستى پاراخوتى نورۋىگىيە تەۋەسىدە چۆكۈپ كېتىپ، 12 غەۋۋاس قازا قىلغان.

2019 - يىلى 4 - 7 - ئاپرىل  يەكشەنبە