2021/01/16 12:55

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 23 - ئاپرىل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 06:01

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/23 06:01 2019/04/23 08:17 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ئىملا خاتالىقى . تولۇقسىز مەزمۇنلار.
تارىختىكى بۈگۈن « 23 - ئاپرىل » :


303 - يىلى خىرىستىئان باش ئېپىسكوپى جىرجىس ۋاپات بولغان.

749 - يىلى ئۇمەييەلەر سۇلالىسى يىمىرىلگەن.ئەڭ ئاخىرقى ئۇمەييە خەلىپىسى مەرۋان 750 - يىلى مىسىردا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىسلام دۇنياسىدا ئابباسىيلار دەۋرى باشلانغان. 751 - يىلى بۇ خانلىقنى قۇرۇشقا ئاساس سالغان ئەبۇ مۇسلىم خۇراسانىي تاڭ سۇلالىسىنىڭ تاشكەنت خانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان غەربىي تۈرك خانلىقلىرىغا قارىتا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقىغا قارشى قوشۇن ئەۋەتكەن.بۇ قوشۇن تۈركلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، 751 - يىلى « تالاس ئۇرۇشى» دا خىتايلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. بۇ مەغلۇبىيەتتىن ئىلھاملانغان ئاكا - ئۇكا تۈركلەردىن ئۆڭلۈك بىلەن سۆيگۈن 756 - يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ تاڭ سۇلالىسىنى يوقىتاي دېگەندە، ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى بىلەن ئابباسىيلار تەلەپ بويىچە ئەسكەر چىقىرىپ، تاڭ سۇلالىسىسنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئۇيغۇرلار 762 - يىلى يەنە بىر قېتىم تاڭ خانلىقىنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ساق مىڭ يىلدىن كېيىن 1759 - يىلى مانجۇلار ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلغان. 1762 - يىلى « ئىلى جاڭجۈن » مەھكىمىسىنى قۇرۇپ، ۋەتىنىمىزدىكى مۇستەملىكە ئىمپرىيالىستىك ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان.

1526 - يىلى سۇلتان سۇلايمان موھاچ ئۇرۇشى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن قوشۇن تارتىپ چىققان. بۇ ئۇرۇش 1526 - يىلى 29 - ئاۋغۇست پەقەت ئۈچ سائەتلا داۋاملاشقان. ياۋروپانىڭ ھامىيسى بۈيۈك ھونگىرىيە ئىمپىرىيىسى بۇ ئۇرۇش ئارقىلىق يوقىلىپ كەتكەن. ھونگىرلار 10 - ئەسىردە شامان دىنىدىن خىرىستىئان دىنىغا كۆچكەندىن كېيىن خىرىستىئان دۇنياسىنىڭ ھامىيسىغا ئايلانغان. ئۇلار 1242 - يىلى باتۇخاننى توسۇۋالغان. ئوسمانلىغا قارشى بىرلەشمە ئارمىيەگە 1386 - يىلدىن 1526 - يىلغىچە قوماندانلىق قىلغانىدى».

1616 - يىلى ۋىليام شېكىسپىر ۋاپات بولغان.

1823 - يىلى سۇلتان 1 - ئابدۇلمەجىد تۇغۇلغان. ئۇ 1839 - يىلى  ئىيۇلدا دادىسى 2 - مەھمۇتنىڭ ئورنىغا چىقىپ، 1861 - يىلغىچە تەختتە ئولتۇرغان. 1858 - يىلدىكى ئېنگلىزلارنى ھىندىستاندىن قوغلاپ چىقىراي دەپقالغان ھىندى مۇسۇلمانلىرىنى خەلىپىلىك سالاھىيىتى بىلەن « ئايال پادىشاھقا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرىپ» تارىخىي خاتالىق سادىر قىلغان. 1858 - يىلدىن ھازىرغىچە 400 مىليون مۇسۇلمان بۇنىڭ بەدىلىنى ئۆتىمەكتە.

1861 - يىلى بېرىتانىيە گېنىرالى ئىدموند لېنبى تۇغۇلغان. ئۇ 1917 - يىلى 9 - دېكابىر ھازىرقى ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىپ، ئەقسا مەسچىتىگە كىرىپ « مانا بۈگۈن ئەھلى سەلپ ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى» دېگەن. « ئەھلى سەلپ ئۇرۇشى 1192 - يىلى سالاھىدىدىن بىلەن ئەنگلىيە پادىشاھى رېچارد ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم ئارقىلىق ئاخىرلاشقانىدى. ھەي نادان قېرىنداشلار، تارىخنى ئۇنۇتساڭلار مۇشۇنداق كۈنگە قالىدىغان گەپ مانا ! بۈگۈنمۇ ئەتىمىز ئۈچۈن تارىخ ! « مەينەت تارىخ يارىتىش ياكى ھەيۋەت تارىخ يارىتىش ئۆز قولىڭىزدا !».

1895 - يىلى چاررۇسىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيە ياپونىيىگە نوتا تاپشۇرۇپ، لىياۋدۇڭ يېرىم ئارىلى / قىتان يېرىم ئارىلى/ نى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە نائىلاج قايتۇرۇپ بەرگەن. بىراق 1896 - يىلدىكى سېرىق دېڭىز ئۇرۇشى، 1904 - 1905 - يىلدىكى ياپون دېڭىزى ئۇرۇشىدا مانجۇ ۋە رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنى بىتچىت قىلغان ياپونىيە 1910 - يىلى كورىيەنى ئالدى. 1912 - يىلى 270 يىللىق مەنچىڭ خانلىقى يوقالدى.
1928 - يىلى دېكابىر گومىنداڭ سېپىلنىڭ ئىچىدىكى مىلىتارستلارنى يېڭىپ دۆلەت قۇردى. ياپونىيە 1932 - مانجۇرىيەنى قۇردى».

1904 - يىلى ئامېرىكا پاناما قانىلىنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى فرانسىيىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان.

1920 - يىلى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى قۇرۇلغان. 23 - ئاپرىل « ۋەتەن ھۆرلۈكى ۋە بالىلار بايرىمى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىۋاتىدۇ».

1945 - يىلى ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئىتالىيىنىڭ بوۋ رايونىغا كىرگەن.

2002 - يىلى  1600 يىل تاشلىنىپ قالغان ئىسكەندىرىيە كۇتۇپخانىسى قايتا ئېىچىلغان.

2003 - يىلى خىتاي دائىرىلىرى سارس ۋاباسى تۈپەيلى بارلىق مەكتەپلەرنى 2 ھەپتە تاقىغان.

2007 - يىلى بورىس يېلىتسىن ۋاپات بولغان. ئۇ 1991 - يىلى دېكابىردا نەزەربايېف قاتارلىقلار بىلەن بىللە سوۋېت ئىتتىپاقىنى پارچىلاپ، 1992 - يىلدىن 1999 - يىل 31 - دېكابىرغىچە رۇسىيە فېدىراتسىيىسى پىرىزدېنتى بولغان. كونا ئەسىرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، چېچېن ئۇرۇشىدىكى قاتتىق قوللۇقى تۈپەيلى ئىناۋىتى كۈنسىرى ئېشىپ كەتكەن ۋىلادىمىر پۇتىنغا ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئىستىپا بەرگەنىدى».

2013 - يىلى مارالبېشىدا سېرىقبۇيا ۋەقەسى يۈز بەرگەن.

2018 - يىلى ئەرمىنىيە رەھبىرى ساركېسىيان خەلقنىڭ بېسىمىدا ئىستىپا بەرگەن.

بۈگۈن خەلقئارالىق كىتاپ كۈنى ئىكەن.

2019 - يىلى 4 - 23 - ئاپرىل  سەيشەنبە