2021/01/16 12:29

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 24 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/24 14:20

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تارىختىكى بۈگۈن « 24 - ئاپرىل»


870 - يىلى 24 - ئاپرىل 2 - ئارستوتېل فارابى تۇغۇلغان.

934 - يىلى ئەبۇ ئابباس رازى بىللا ، ئەبۇ مەنسۇر قاھىر بىللا ئېلىپ تاشلانغاندىن كېيىن ئابباسىيلار خەلىپىسى بولغان. كىشىلەر باغداتتا شۇ كۈنىلا يېڭى خەلىپىگە بەيئەت قىلغان.

1755 - يىلى مانجۇ قوشۇنى جۇڭغار قوشۇنىنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانى « قارا بۇقا» نى بورتالادا مەغلۇپ قىلىپ، ئۆلتۈرگەن. داۋاچى موڭۇلكۈرەدىكى گېدىن تېغىغا قاچقان. مانجۇلار غۇلجا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، داۋاچىنى قوغلاشقا باشلىغان.

1809 - يىلى ئىپارخاندىن 50 يىل كېيىنكى  قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نازۇگۇم « نۇزۇگۇم » تۇغۇلغان.« نۇزۇگۇم توغرىلىق تەپسىلىي تارىخىي مەلۇماتنى تاڭ ئاتقۇچە ئايرىم يوللايمە».

1827 - كۈنى ئاقسۇدىن خوتەن دەرياسىنى بويلاپ بېسىپ كەلگەن مەنچىڭ قوشۇنى بىلەن خوتەندىكى جاھانگىر خوجا قوشۇنلىرى ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلغان. نەتىجىدە، شەھىدانە خوتەن يەنە بىر قېتىم قانغا بويىلىپ، خوتەن ئىشغال قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن جاھانگىر خوجىنىڭ ئالتە ئايلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان.

1830 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى يۇناننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بالقاندىكى تۇنجى كىنەزلىك بارلىققا كەلگەن.

1856 - يىلى 2 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فرانسىيە « ۋىشى ھۆكۈمىتى» نىڭ رەئىسى فىلىپ بېتان تۇغۇلغان.

1859 - يىلى قىزىل دېڭىز بىلەن ئاق دېڭىزنى باغلايدىغان سۇۋەيش قانىلى قېزىلىشقا باشلىغان. « 1868 - يىلى پۈتكەن. كېيىنچە ۋالىي ئىسمائىل ياۋروپادىن كۆپلەپ قەرز ئېلىپ، ۋاختىدا قايتۇرالماي، قانالنىڭ پېيىنى ئەنگلىيە بىلەن فرانسىىيىگە سېتىۋەتكەن. 1956 - يىلى ناسىر بۇنى ئېتىراپ قىلماي، قانالنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغاندا، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە ئۈچ دۆلەت ئارمىيىسى مىسىرغا ھۇجۇم قوزغىغان. بىراق ئامېرىكا ۋە سوۋېتنىڭ بېسىمىدا ئامالسىز چېكىنگەن. شۇندىن بېرى ئەنگلىيەنىڭ ئورنىنى ئامېرىكا ھەقىقىي ئېلىشقا باشلىدى».

1877 - يىلى چاررۇسىيە ئوسمانىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان.
« بۇ ئۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيىنى شۇ بولدىكى، ئەسلىدە 1876 - يىلى قۇمۇلدىن چىقىپ، 1877 - يىلى قىشتا ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلىپ، ياقۇپبەگكە ھۇجۇم قىلسام، چاررۇسىيە بىلەن ئوسمانىيە ئىككىسى ياقۇپبەگنى قوللاپ قالسا قانداق قىلارمەن دەپ كاللىسى قېتىپ تۇرغان زوزۇڭتاڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاش بىلەن تەڭ، شۇ يىلى 5 - ئايدا تۇرپانغا ھۇجۇم قىلدى. ياقۇپبەگمۇ يالغۇز قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئوغلىغا ھۇجۇمغا ئۆتمەسلىك بۇيرۇقى بەردى. نەتىجىدە ھېكىمخان تۆرە 30 يىللىق ئاشلىق توپلانغان تۇرپاننى تاشلاپ قاراشەھەرگە چېكىندى. رۇسلارمۇ ياقۇپبەگنىڭ ئامىتى قاچقانلىقىنى كۆرۈپ، زوزۇڭتاڭنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى. نەتىجىدە، ھالقىلىق پەيتتە، شۇ يىلى 28 - ماي ياقۇپبەگ كورلىدا زەھەرلىنىپ قازا قىلدى. ئاقىۋەت شۇ يىلى 22 - دېكابىر قەشقەر قولدىن كەتتى. خوتەن 1878 - يىلى 24 - يانۋار دەريا كەبى قان ئاقتۇرۇلۇپ ئىشغال قىلىندى».

1898 - يىلى ئىسپانىيە ئامېرىكىغا جەڭ ئېلان قىلغان.

1915 - يىلى تۇنجى قىچا گازى بومبىسى 1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، بېلگىيەدىكى ئۇرۇشتا ئىشلىتىلگەن.

1916 - يىلى ئېرلاندىيە خەلقى ئەنگىلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. بىراق ئېنگلىزلار قورال كۈچى ئارقىلىق ئۇلارنى باستۇرغان. بىر ھەپتە ئىچىدىلا 460 قوزغىلاڭچى ئېتىلغان.

1951 - يىلى ساكۇراگىچۇ بېكىتىدە پويىزغا ئوت كېتىپ، 106 كىشى قازا قىلغان.

1970 - يىلى خىتاي تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەرگەن.

1980 - يىلى ئامېرىكا تېھراندىكى پۇقرالىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن پاراشوتچى قىسىمنى ئىشقا سالغان. بىراق مەغلۇپ بولۇپ، 8 پاراشوتچى ئەسكەر ئىراننىڭ قولىغا چۈشۈپ  قالغان.

1984 - يىلى ماراكەش كوستارىكا ۋە سالۋادور بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن. چۈنكى ئۇلار كونسۇلخانىلىرىنى تىل ئاۋېۋدىن ئېرۇسالىمغا يۆتكىگەنىدى.

1991 - يىلى خەلقئارالىق كۆزەتكۈچىلەر ئىراق - كۇۋەيت چېگرىسىغا جايلىشىپ، ئىشقا چۈشكەن.


بۈگۈن ئەرمەنىيەدە « ئەرمەن قىرغىنچىلىقى» تەزىيە كۈنى


2019 - يىلى 4 - 24 - ئاپرىل   چارشەنبە