2020/10/29 13:02

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئىنىسكلوپىدىك ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/24 14:55

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/24 14:55 2019/12/22 10:24 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ئىملا خاتالىقى
ئەبۇ نەسىر فارابى : « كۆپكە قادىر ئىنىسكلوپىدىك ئالىم»:

فارابىنىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبنى مۇھەممەد ئىبنى ئۇزلۇق ئىبنى تارخان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ئۇزلۇق قاراخانىيلار ( 840 - 1212 )  نىڭ 4 - دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى بولۇپ، يازلىق ئاستانە بالاساغۇنغا قاراشلىق فاراب / ئوترار/ شەھىرىدە ئەمىر « تارخانبەگ ئۇنۋانى » بىلەن  70مىڭ ئاھالىنى قوغدايدىغان فاراپ
( قاراچۇق ) قەلئەسىنى مۇداپىئە قىلاتتى.

فارابى دەل مۇشۇ ئوتراردا (  فاراب شەھىرى ھازىر خاراپلاشقان بولۇپ، ئورنى ھازىرقى جەنۇبى قازاقىستاننىڭ چىمكەنت شەھىرىنىڭ 170 Km غەربى شىمالىدا ) مىلادى 870 - يىلى 24 - ئاپرىل دۇنياغا كېلىدۇ. يەنى ئالىم سامانىلار شاھى ئىسمائىل تالاسقا ھۇجۇم قىلىشتىن ساق 23 يىل ئىلگىرى قاراخانىيلار زېمىنىدا دۇنياغا كەلگەن. ئالىمنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرى شۇ جايدا ئۆتتى. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى شۇ يەردە ئوقۇدى. لېكىن بۇ ۋاقىتتا فاراب تۇرماق ھەتتا پايتەخت بالاساغۇن بىلەن قوشۇمچە پايتەخت تالاستا ، ھەتتا قەشقەردىمۇ ئالىي بىلىم يۇرتى يوق ئىدى. ( مەشھۇر ساچىيە مەدرىسىسى ئالىم 60 ياشلاردىن ئاشقاندا 930 - يىللارنىڭ ئاخىرلىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ۋە ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانى تەرىپىدىن قەشقەردە قۇرۇلغانىدى ).

ئالىم دەل 23 ياشقا كىرگەندە سامانىلار ( 874 - 999 )ئەمىرى ئىسمائىل ئەھمەد ( 874 - 907 ) مىلادى 893 - يىلى ئاپرىلدا تالاسقا ھۇجۇم قىلىپ، ئوغۇلچاق بۇغراخان ( 882 - 932 ) نى قەشقەرگە چېكىنىشكە مەجبۇرلايدۇ. فاراب شەھىرىمۇ قولدىن كېتىدۇ. فارابىنىڭ بوۋىسى ئۇزلۇق ئۇرۇشتا قازا قىلىدۇ. ئاتىسى مۇھەممەد بىلەن فارابى ئۇرۇشتا باتۇرلۇق كۆرسەتكەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا سامانىلارغا تەڭ كېلەلمەي ئەسىرگە چۈشىدۇ. كېينچە سامانىلار ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد تارخاننىڭ ھەربىي تالانتىنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇنى باغداتتىكى ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ ھۇزۇرىغا ئەۋەتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد تارخان باغداتتا ئەسكىرى قوماندان بولىدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن ئوغلى فارابىنى سامانىلار پايتەختى ھەم مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەرىپەت مەركىزى بولغان بۇخارا ۋە سەمەرقەند شەھەرلىرىدە ئوقۇتىدۇ . ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن 907 - يىلى سامانىلار شاھى ئىسمائىل ئەھمەد ۋاپات بولۇپ ، سامانىلار ۋەزىيىتى داۋالغۇپ كېتىدۇ . نەتىجىدە فارابىمۇ باغداتقا يۆتكىلىپ، دەسلەپتە بەش يىل ، ئاخىرىدا 20 يىللىق ئۆمرىنى ئىجادىيەت بىلەن ئۆتكۈزىدۇ .ئۇ باغداتقا كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا يېڭى خەلىپە مۇقتەدىر بىللا ( 908 - 931 - يىللىرى خەلىپە بولغان ) خەلىپە بولىدۇ . فارابى باغداتتىكى ئىلىملەرنىمۇ تولۇق ئىگىلەپ بولۇپ ، يەنىلا قانائەت قىلماي ، ھەرران ( ئەينى ۋاقىتتىكى مەشھۇر ئالىملار ئاپىرىدە بولغان ئىلىم مەرىپەت ئوچىقى . ئىبنى تەيمىيەمۇ 1262 - يىلى ھەرراندا تۇغۇلغان ) غا بېرىپ ئىلىم ئۆگىنىدۇ . ئاندىن فارابى 921 - يىلى باغداتقا ئىككىنچى قېتىم قايتا كەلگەن . ئۇ شۇ قېتىم كەلگەنچە باغداتتا توپتوغرا يىگىرمە يىل تۇرۇپ قالغان . بۇ جەرياندا ئۇ ئاساسەن كىتاب كۆرۈپ داۋاملىق ئىلىم ئۆگىنىش، ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىش، ھەر خىل ئىلمىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش، دەرس ۋە لېكسىيىلەر ئوقۇش، شاگىرت تەربىيىلەش، كىتاب يېزىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ ئۆتكەن . فارابىنىڭ ئاساسلىق ئەسەرلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى باغداتتا يېزىلغان . ئەمما 940 - يىلغا كەلگەندە ئەسلىدە 933 - يىلدىن باشلاپ خەلىپىنىڭ ياردىمىدە ئىراننىڭ شىمالىدا باش كۆتۈرگەن ئەلى ھەسەن ۋە ئەھمەد ئىسىملىك  ئۈچ قېرىنداش پەيدىنپەي قوشۇن كۆپەيتىپ پۈتۈن ئىراننى بويسۇندۇرۇپ ، شەرقتە ئازراق زەئىپلىشىپ قالغان سامانىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ دەككىسىنى يەپ ، بىردىنلا نىيىتىنى بۇزۇپ ، باغداتقا قول سوزۇشقا باشلىغان . نەتىجىدە 940 - 944 - يىلللىرى باغدات ۋەزىيىتى داۋالغۇپ كەتكەن . مەزكۇر ئۈچ ئوغۇل قۇرغان خانلىق تارىختا بۇۋەيھىلەر خانلىقى ( 933 - 1055) دەپ ئاتالغان . ئۇلارنىڭ دادىسى بۇۋەيھ ئەسلىدە كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى دەيلەمدە ( ھازىرقى مازاندەران ) بېلىق تۇتۇپ جان ساقلايدىغان كىشى ئىدى . بۇۋەيھىلەر ئابباسىيلار خەلىپىسىنى تىزگىنلەپ ، ئۇنىڭ نامىدىن پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا ھۆكۈمران بولماقچى بولغان . سامانىلارنىمۇ خەلىپە ئارقىلىق چەكلىمەكچى بولغان . ئەمما شەرقتىكى قۇدرەتلىك قاغانلىق قاراخانىيلار 943 - يىلى سامانىلاردىن ئەسلىدىكى ئۆزىگە تەئەللۇق تالاس  شەھىرىنى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ، ئۇزاق ئۆتمەي سامانىلار ئەمىرى ناسىر قۇدا بولۇپ يارىشىش ئۈچۈن قەشقەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كەتكەن . سامانىلارنىڭ داۋالغۇپ قالغان ۋەزىيىتى بۇۋەيھىلەرگە باغداتنى ئىگىلەش پۇرسىتى ئاتا قىلغان . ئۇلار 942 - يىلدىن 944 - يىلغىچە باغداتقا سىڭىپ كىرىپ ، تەييارلىقنى تەل قىلىپ ، 945 - يىلدىن ئەاكى 1055 - يىلغىچە ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى قورچاق قىلىپ قويغان. ئۇلار شىئە مەزھىپىدە بولۇپ ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى پەيدىنپەي شىئە مەزھىپىگە كۆچۈرمەكچى بولغان . ئۇلارنىڭ شېرىكى پاتىمىلار سۇلالىسىمۇ 969 - يىلى مىسىردىكى 2 -  تۈرك ( ئۇيغۇر ) خانلىقى بولغان ئىخشىدىلار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ، مىسىردىن ھىجازغىچە ، ھەتتا سۈرىيەگىچە ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئىككى شىئە خانلىقى بىرلىشىپ ئابباسىيلارنى مۇنقەرز قىلماقچى بولغان . ( ئەمما ئابباسىيلارنى 1028 - يىلى يۈسۈپ قادىرخان قويۇپ بەرگەن چاغرى بەگ ۋە توغرۇل بەگ ئاكا - ئۇكا سالجۇقىلار 1055 - يىلى قۇتقۇزۇپ قېلىپ ، بۇۋەيھىلەرنى يوقاتقان . چاغرى بەگنىڭ ئوغلى ئوغلى ئالپ ئارسلان 1071 - يىلى مىسىردىكى پاتىمىلارنى يوقاتماقچى بولغاندا ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى بىلەن ئۇرۇش باشلىنىپ كېتىپ ، شۇ يىلى 26 - ئاۋغۇست مالازگىرت ئۇرۇشىدا ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان . ئەمما ئۇ بۇ قېتىمقى غەلىبىسىدىن مەغرۇرلىنىپ قېلىپ ، مىسىرغا يۈرۈش قىلماي ، ئەكسىچە غەربىي قاراخانىلارنى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئاتلانغان . نەتىجىدە 1072 - يىلى دېكابىردا قاراخانىلارنىڭ چېگرا مۇداپىئە قوماندانى يۈسۈپبەگ خارەزىم تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن . شۇنىڭ بىلەن مىسىرنىڭ ئېلىنىشى ھاق يۈز يىل كېچىكىپ كېتىپ ، ئەڭ ئاخىرىدا سۇلتان سالاھىددىن ئەييۇبى تەلەپكە بىنائەن مىسىرغا بېرىپ ، ئاخىرقى پاتىمىلار خەلىپىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا 1171 - يىلى مىسىرنى قايتىدىن ئابباسىيلارنىڭ قوينىغا قايتۇرۇپ كەلگەن . ئەمما ئابباسىيلار ئاجىزلىىشپ كەتكەچكە ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەۋلادلىرى ئەييۇبىلار ( 1192 - 1250) نامىدا مىسىر ، سۈرىيە پەلەستىن ، لىۋان ، ئىىئوردانىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىگىدارچىلىق قىلغان . 1250 - يىلى خارەزملىك مەلىكە شەجەرىدۇر ھاكىمىيەتنى قولىغا ئېلىپ ، مەملۇكىلار سۇلالىسىنى قۇرغان . خارەزمشاھ سەيپىدىن قوتۇز بىلەن يۇرتدىشى بايبارس بۇ ھاكىمىيەتنى پۇختىلىغان . 1517 - يىلى ياۋۇز سۇلتان سېلىم مىسىرنى قولغا كەلتۈرۈپ ، ھەم ئىسلام دۇنياسىنىڭ خەلىپىسى ھەم غەربىي ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۇلتانى بولغان ). مانا مۇشۇنداق داۋالغۇپ تۇرغان ۋەزىيەت فارابىنى ۋەتىنىگە قايتىشقا مەجبۇر قىلغان . نەتىجىدە ئۇ 941 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقان . بۇخاراغا كەلگەندە  سامانىلار شاھى 2 - ناسىر ( 914 - 943) ئالىمغا « 2 - ئۇستاز» نامىنى بېرىدۇ.(1- ئۇستاز ئارستوتىل) . بىراق 942 - يىلى بۇخارادا خەلق خەزىنىنى قۇرۇتۇپ، سامانىلار لىڭشىپ قالىدۇ. 932 - يىلى دۆلەت بويىچە ئىسلامىيەتكە كۆچكەن سۇلتان ساتۇق بۇغراخان 943 - يىلى بۇندىن ساق 50 يىل ئىلگىرى تاغىسى قولدىن بېرىپ قويغان تالاسنى قايتۇرۋالىدۇ. ئاقىۋەت ھەر ئىككى ھاكىمىيەت ئارىسىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان ئالىم ئامالسىز قايتىدىن باغداتقا، ئاندىن « ھەمەدانىلار » * ھۆكۈمرانلىقىدىكى دەمەشىققە كېتىپ ، تاكى 950 - يىلى ۋاپات بولغۇچە شۇ جايدا ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى يارىتىدۇ. 950 - يىلى 31 - دېكابىر / ھىجىرىيە 339 - يىلى ماھى رەجەپنىڭ 15 - كۈنى ۋاپات بولۇپ، دەمەشىققە دەپنە قىلىنىدۇ. ( باشقا كۆپلىگەن  ئىشەنچىلىك ئىسلام مەنبەلىرىدە ئالىمنىڭ 950 - يىلى 22 - دېكابىر سەيفۇددەۋلەگە قارشى باندىتلار تەرىپىدىن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ ) .

فارابىنىڭ يورۇق كۆرگەن ئەسەرلىرى 60تىن ئارتۇق، بىراق يەنە 150 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرى يەنىلا قوليازما ھالىتىدە تۇرماقتا. ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تونۇش بولغان ئەسىرى « پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى»دۇر !

فارابىغا ئىلتىپات كۆرسەتكەن ۋە مىسىرغا تەكلىپ قىلىپ ، ئىلمىي سۆھبەتكە قولايلىق يارىتىپ بەرگەن يەنە بىر ئۇيغۇر(تۈرك ) دۆلىتى « ئىخشىدىلار»

946 - يىلى مىسىردىكى ئىككىنچى تۈرك سۇلالىسى بولغان ئىخشىدىيلار سۇلالىسىنى قۇرغان تۇغچى ئوغلى مۇھەممەد ۋاپات بولغان. « ئۇ 882 - يىلى 8 - فېۋرال باغداتتا تۇغۇلغان بولۇپ، دادىسى تۇغچى قاراخانىلارغا قاراشلىق پەرغانە ۋادىسىدا تۇغۇلغان. ئۇ قاراخانىلار - سامانىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇشلاردا ئەسىرگە چۈشۈپ، ھەربىي تالانتى ئۈستۈن بولغاچقا، باغداتتىكى خەلىپىنىڭ ياساۋۇلىغا ئايلانغان. ئەرەبچە مەنبەلەردە، يەلتېكىننىڭ ئوغلى جۇپتېكىن بىر تۈركۈم تۈرك قۇللار بىلەن باغداتقا كېلىپ،خەلىپىگە ساداقەت كۆرسىتىپ، يەرلىشىپ قالغان دەپ قارايدۇ. جۇپتېكىن دەل تۇغچىنىڭ دادىسى ئىدى. ئوغلى مۇھەممەد 934 - يىلى قوشۇن تارتىپ، مىسىردىكى 1 - مۇستەقىل تۈرك ھاكىمىيىتى بولغان تولۇنىلار خانلىقى (1)( 877 - 934) نى يوقىتىپ، پاتىمىلارنىڭ مىسىرغا كېڭىيىشىنى توسۇپ قالغان. خەلىپە ئۇنىڭ تۆھپىسىنى تارتۇقلاپ 939 - يىلى ئىيۇلدا « ئىخشىد » دېگەن ھۆرمەت نامىنى بەرگەن. ئەمما ئۇ 940 - يىلى خەلىپىنىڭ بۇۋەيھى شىئەلىرىنىڭ قولىدا قورچاققا ئايلىنىپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. كېيىنچە ئۇنىڭ نەۋرىسى ئەھمەد 968 - يىلى قازا قىلغان. پاتىمىيلار 969 - يىلى مىسىرغا ھۇجۇم قىلغان. تاغىسى ھەسەن ئىخشىدى شامغا چېكىنىپ كەتكەن».

قىسقىسى : پەرغانىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار 933 - يىلى « ئىخشىدىيە خانلىقى »( 933 - 969) نى قۇرۇپ چىققان . بۇلارمۇ بۇرۇنقى قېرىنداشلىرى تولۇنىلار سورىغان بارلىق جايلارغا ئىگە بولغاندىن سىرت، ئىراقنىڭ شىمالىغىمۇ قول سوزۇپ، باغدات خەلىپىسىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت بولۇپ قالغان . خەلىپە بۇلارنى قوغلىۋېتىش ئۈچۈن « بۆرىنى قوتانغا باشلاپ شىئە بۇۋەيھى خانلىقى(940 - 1055) نىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ قالغان . مىسىردىكى ئىخشىدى ئۇيغۇر خانلىقىمۇ 969 - يىلى ماراكەشتىن بېسىپ كەلگەن پاتىمىيلار خانلىقى( 909 - 1171 ) قولىدا مۇنقەرز بولغان . ئۇندىن 19 يىل بۇرۇن ئەسلى قاراخانىلار قاغانلىقىدا تۇغۇلغان فارابى 950 - يىلى 31 - دېكابىر دەمەشىق ئەتراپىدا قازا قىلغان .

(1) : « تولۇنىلار خانلىقى » : 867 - يىلى بۇخارالىق تۈرك ( ئۇيغۇر ) ئەھمەد ئىبنى تولۇن مىسىردا تۇنجى تۈرك ئىسلام خانلىقى بولغان تولۇن خانلىقى ( 867 - 904) نى قۇرۇپ چىققان . ئۇنىڭ دەۋرىدە ئىككى ھەرەم جايلاشقان ھىجاز ، قۇددۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىن ۋە مۇنبەت سۈرىيە ھەتتا يىراق لىۋىيە قاتارلىق جايلار ئۇنىڭغا قارىغان.
بۇ مىسىرنىڭ 641 - يىلى ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ ۋاختىدا تۇنجى قېتىم خەلىپىلىكنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم بىر
ئۇيغۇر قولىدا مۇستەقىل دۆلەت بولۇشى ئىدى .


** خۇلاسە قىلغاندا :

893 - يىلى ئاپرىلدا سامانىلار شاھى ئىسمائىل زور قوشۇن بىلەن قاراخانىلارنىڭ 2 - پايتەختى تالاسقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. قىرىق نەچچە كۈنگە سوزۇلغان مۇھاسىرىدىن كېيىن، نائىب خان ئوغۇلچاق بۇغراخان تالاستىن چېكىنىپ، پايتەختنى بالاسۇنغا يېقىن بولغان قەشقەرگە كۆچۈرگەن.« 893 - يىلى سامانىلار ئىشغال قىلغان تالاسنى، ساتۇق بۇغراخان 50 يىلدىن كېيىن، يەنى 943 - يىلى قايتۇرۋالدى. يەنە 50 يىلدىن كېيىن، يەنى 993 - يىلى بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ھارۇن بۇغراخان سامانىلارنى مۇنقەرز قىلدى. 999 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر يەنە بىر نەۋرىسى ئەلى تېكىن سامانىلارنى تۈپتىن يوق قىلىۋەتتى».

قەشقەردە ئەبۇ نەسىر سامانى ، ھەلەپتە ئەبۇ نەسىر فارابى :

916 - يىلى 22 - ئىيۇن ھامادانى دۆلىتىنىڭ ئەمىرى سەيفۇددەۋلە تۇغۇلغان. « مىلادى 966 - يىلى 10 - مارت ھەلەپنى مەركەز قىلغان ھەمەدانىلار خانلىقىنىڭ ئەمىرى سەيفۇددەۋلە ھەمەدانى ۋاپات بولغان.
« ھەمەدانىلار 930- يىلى سەركىسى ناسىرۇدەۋلە باشچىلىقىدا موسۇلدا خانلىق ئاساسىنى تىكلىگەن.943- يىلى بۇۋەيھى شىئەلىرى باغدات ئابباسىيلار خەلىپىسىنى تىزگىنلىۋالغاچقا،916- يىلى تۇغۇلغان ئىنىسى سەيفۇددەۋلە 944- يىلى ھەلەپكە كۆچۈپ، ھەمەدانىلار خانلىقىنى ئالتۇن دەۋرگە ئېلىپ كىرگەن. دەل مۇشۇ چاغدا شەرقتە سۇتۇق بۇغراخان 942- يىلى بالاساغۇننى،943- يىلى بۇندىن 50يىل ئىلگىرى تاغىسى ئوغۇلچاق بۇغراخان ( 892- 932 ) نىڭ قولىدىن سامانى شاھى ئىسمائىل( 874- 907) تارتىۋالغان تالاس شەھىرىنى قايتۇرۋالغان. 943- يىلى بۇخارادا قوزغىلاڭ چىقىپ، سامانىيلار خانلىقى لىڭشىپ قالغان. 942- يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن بۈيۈك ئالىم ئەبۇنەسىر فارابى (870 - 950 ) بىر تەرەپتە ئانا ۋەتىنى قاراخانىيلار ۋە سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان، يەنە بىر تەرەپتە ئۆزىگە تۇنجى ئىلىم ئۆگەتكەن سامانىيلار ۋە ئەمىر ناسىر ئەھمەد ئارىسىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان. شۇڭا تەرەپ تۇتماي، ئامالسىز ھەلەپكە قايتا بېرىپ، 945- يىلى ئەمدىلا بېلىنى رۇسلىغان ھەلەپ  ئەمىرى سەيفۇددەۋلەنىڭ ھۇزۇرىدا تەۋەررۈك ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن شەرقتىكى قاراخانىيلار قاغانلىقى پايتەختى قەشقەردە ئەبۇ نەسىر سامانى بىلەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان باشچىلىقىدا،غەرپتىكى شامدا  ئەبۇ نەسىر فارابى بىلەن سەيفۇددەۋلە باشچىلىقىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قېتىملىق مەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرى يارىتىلغان. فارابى 950 - يىلى، سامانى 952-  يىلى ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 956- يىلى، ئەمىر سەيفۇددەۋلە 966-يىلى ئارقا ئارقىدىن ۋاپات بولغان.
/ باشقا بىر قاراشتا 967-يىلى 9- فېۋرال ۋاپات بولغان.


تەۋەللۇتىنىڭ 1149  يىللىق مۇناسىۋىتى، ۋاپاتىنىڭ 1069 يىللىق مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلدى.

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 4 - 24 - ئاپرىل چارشەنبە

مەنبەلەر :

1 -  شاھنامەئى ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى .
 
2 - شەرقىي تۈركىستان تارىخى . 
3 - قاراخانىلار قاغانلىقى ۋە قاغانلار شەجەرىسى . 
4 - سامانىلار خانلىقى ۋە ئەمىرلىرى .   
5 - تەلفىقۇل ئەخبار . 
6 - ئەلكامىل فىي تارىخ . 
7 - ئەلبىدايە ۋەننىھايە . 
8 - مىسىردىكى ئىسلام خانلىقلىرى تارىخى . 
9 - قاراخانىلار ۋە سالجۇقىلار مۇناسىۋىتى . 
10 - ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيىسى .
11 -  ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار .
12 -  تارىخىمىزدىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز .
 13 -  ماۋرائۇننەھىر تارىخى .
14 -  دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك .
15 -  ھاجى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نەسەپنامىسى.
16 -  تارىختىكى تۈرك قاغانلىقلىرى .
17 - تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى . 
18 - ئۇيغۇر يىلنامىسى . 
19 - تارىخىمىزدىكى خاقانلار .
20 - تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن يۈز مۇسۇلمان باھادىر .


2020 - يىلى باھار ئۇلۇغ ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابى تەۋەللۇتىنىڭ 1150
يىللىقى ، شۇنداقلا كېلەر يىلى 22 - دېكابىر ۋاپاتىنىڭ 1070 يىللىقى بولغاچقا ئون كۈن ئىلگىرى ( 12 - دېكابىر ) ب د ت تەرىپىدىن 2020 - يىلى « فارابى يىلى » دەپ بېكىتىلدى . بىز ئۇيغۇرلار ئەللامە ۋە مۇتەپەككۇر ئەبۇ نەسىر فارابىنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە بىۋاستە پۇشتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ ئۇلۇغ ئەجدادىمىزنىڭ تارىخىنى بىلمەسلىك تولىمۇ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر ! ھازىرقى پاجىئەلەرمۇ ئۆتمۈشنى ، ئۆتمۈشتىكى ئەجداتلىرىمىزنى ۋە نەسىھەتلىرىنى ئۇنۇتقانلىقىمىز ئۈچۈن بېشىمىزدىن نېرى كەتمەيۋاتىدۇ ! ئالىمىڭغا ئىگە چىق ! ئالىمىڭنى تونۇۋال ئەي غاپىل قېرىنداشلار ! ئۇلۇغ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نامىغا داغ چۈشۈرمەڭلار !

ۋاپاتىنىڭ 1069 - يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قايتا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنۇلدى . ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئالىمغا شېھىتلىك مەرتىۋىسى تىلەيمىز ! بىزدىن شۇنداق بۈيۈك ئالىملارنى يەنە چىقىرىپ بېرىشىنى سورايمىز !

2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى.    يەكشەنبە.  ئۇرال