2020/10/29 13:29

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئىرقىي قىرغىنچى خىتايلارنى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا ئەرز قىلايلى!

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/25 00:14

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچلىق جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى زامانىۋى دۇنيادا ئەڭ ۋەھشىي ۋە قەبىھ شەكىللەردە داۋام قىلماقتا .

بىز دەۋاگەر تۇرۇپ، بەك كېچىكىپ چۇقان كۆتۈردۇق. شۇنداق بولسىمۇ ئەمدى سەل قارىماي، تېزدىن خەلقئارا قانۇنلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى قوغدايلى. سىمۋول خاراكتېرلىق بولسىمۇ، ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتقا تارتايلى!

تۆۋەندىكى ئۈچ جاللات 1991 - 1998 - يىللىرى بالقان يېرىم ئارىلىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان قانخورلار بولۇپ، ئىلگىرى - كېيىن ھەممىسى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى تەرىپىدىن جازالاندى.

1 - سلوفودان مىلوشوۋىچ:

بالقاندىكى « ئۈچ قانخور » نىڭ ئەڭ چوڭى مىلوشوۋىچ 1941 - يىلى 20- ئاۋغۇست تۇغۇلغان . 1989 - يىلىدىن 1997 - يىلغىچە سېربىيە رەئىسى، 1997 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە يۇگۇسلاۋىيە رەھبىرى بولغان. ناتو 1999 - يىلى ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، ئۇ 2000 - يىلى 24 - سېنتەبىر ئىستىپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان. 2001 - يىلى 31 - مارت سېربىيە تەرەپ ئۇنى قولغا ئېلىپ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئۇ ئۆزىنى 5 يىل ئاقلاپ بولالماي، ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشتىن ئىلگىرى، 2006 - يىلى 11 - مارت لاھايدىكى زىنداندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.

2 - راتكو مىلادىچ :

« بالقان جاللىتى» مىلادىچ كارادىچنىڭ خەنجىرى بولۇپ، 1942 - يىلى تۇغۇلغان. تىتو دەۋرىدە ئوفېتسىر بولغان. 1991 - يىلى 9 - دېۋىزىيىگە باش بولۇپ، كىرۇدىلارنى قىرغان. 1992 - يىلى  2 - ئارمىيىگە باش بولۇپ، بوشناقلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان. 1995 - يىلى يوشۇرنىۋالغان. 2011 - يىلى ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلەرگە بېرىلىدىغان سۈيۈنچە 20مىليون دوللارغا چىقىپ، شۇ يىلى مايدا بېلگرادتا تۇتۇلغان. 2017 - يىلى سوت ئۇنىڭغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن.

3 - رادوفان كارادىچ :

1945 - يىلى 19 - ئىيۇن ھازىرقى قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلغان. 1960 - يىلى بوسنىيە پايتەختى سارايېۋوغا كۆچۈپ كەلگەن.
1974 - 1975 - يىللىرى نيۇيورك كولۇمبىيە ئۇنۋېرسىتىدا تىببىي ساھەدە تەربىيلىنىپ،
1989 - يىلغىچە يۇگۇسلاۋىيىدىكى بىر دوختۇرخانىدا ئىشقا چۈشكەن.
1990- يىلدىن باشلاپ سىياسىي ساھەگە كىرىپلا، 1992 - يىلدىن 1996 - يىلغىچە سېربىيە ئارمىيىسى باش مارشالى بولۇپ،
باش قوماندانى راتكو مىلادىچنى 180 مىڭ سېرب ئەسكىرى بىلەن بالقاندىكى بوشناق، كرۇدىيىلىكلەر قاتارلىق سابىق يۇگۇسلاۋىيىدىن ئايرىلىپ چىققان بالقان دۆلەتلىرىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشغقا بۇيرىغان. 1995 - يىلى سېربرنتسا رايونىدا 10 مىڭغا يېقىن بوشناقنى، ب د ت خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ كۆز ئالدىدا قىرىپ تاشلىغان. ئاندىن كېيىن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، 2008 - يىلى 19 - ئىيۇلدا قولغا چۈشكەن. 2009 - يىلدىن باشلاپ ئۇدا نەچچە قېتىم سوتلىنىپ، ئاخىرى 2016 - يىلى 24 - مارتتىكى ئاخىرقى سوتتا 40 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. بىراق بۇ مەلئۇن نارازىلىق بىلدۈرۈپ « ئادالەت تەلەپ قىلغان». 2019 - يىلى 14 - مارت / ئۆتكەن پەيشەنبە/ سوت ئۇنىڭغا ئادالەتلىك كېسىم چىقىرىپ، ئەسلىدىكى 40 يىللىق جازانى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەن . مەن 21  - مارت بۇ خەۋەرنى جەزملەشتۈردۈم !

ئۇنداقتا ئۇيغۇرلارغا سوئال؟ !

ئەمدى سىز نېمە قىلاي دەيسىز؟ يەنە قاچانغىچە پەرۋاسىز يەپ - ئىچىپلا يۈرمەكچى؟
« دەۋاگەر بوش كەلسە قازى مۇتتەھەم بولۇر ! جاۋاپكار تېخىمۇ يۈزى قېلىن بولۇر !»
« قارىلىقتا رەڭسىز، قېلىنلىقتا چەكسىز خىتايلارنى خام خىيال بىلەن يەڭگىلى بولمايدۇ!»

2019 - يىلى 21 - مارت پەيشەنبە « نورۇز»