2021/03/03 09:41

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 25 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/25 16:36

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




تارىختىكى بۈگۈن « 25 - ئاپرىل » :


1214 - يىلى فرانسىيە پادىشاھى 9 - لۇئىس تۇغۇلغان.

1284 - يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى 2 - ئىدۋارد تۇغۇلغان.

1599 - يىلى ئەنگلىيە سىياسىيونى كرومۋېل تۇغۇلغان.

1755 - يىلى مانجۇلار بورتالادىن غۇلجا شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغان. قالماق خانى داۋاچى گېدىن تېغىغا قاچقان.

1792 - يىلى « لامارسىز » فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئىنقىلاب ناخشىسى قىلىپ بېكىتىلگەن.

1823 - يىلى ئوسمانلى سۇلتانى 1 - ئابدۇلمەجىد تۇغۇلغان.

1920 - يىلى سان رېمو قۇرۇلتىيى ئېچىلغان.

1926 - يىلى ياپونىيىدە گېرمانىيىدە ياسالغان كىملىك ۋە كارتۇچكا بېسىش ماشىنىسى ئىشقا كىرىشكەن.

1945 - يىلى 45 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى سان فرانسىسكودا جەم بولۇپ، ب د ت نىڭ ئۇلى ۋە ئەھدى - تۈزۈملىرى توغرىلىق كېڭەش قىلىپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپى تۈزۈشكە كىرىشكەن.

1955 - يىلى ئابدۇناسىر، تىتو ۋە نېھرۇ باشچىلىقىدا باندۇڭ يىغىنى ئەسناسىدا « ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتى » نى جاكارلىغان. « 1949 - يىلى ئاپرىلدا ش ئا ئە ت قۇرۇلغاندىن كېيىن، 1955 - يىلى سوۋېت باشچىلىقىدا ۋارشاۋا تەشكىلاتى قۇرۇلۇپ، دۇنيا شەرق كوممۇنىزىم لاگىرى ۋە غەرپ كاپىتالىزىم لاگىرىدىن ئىبارەت ئىككى قۇتۇپقا ئايرىلدى. 1955 - يىلى 22 - ئاپرىل باشلانغان باندۇڭ يىغىنىدا، مىسىر ، يۇگۇسلاۋىيە ۋە ھىندىستان شەرققىمۇ ، غەرپكىمۇ ئاغماي بىتەرەپ تۇرۇش ھەرىكىتى قوزغىدى. نەتىجىدە 50 دىن كۆپ دۆلەت بۇ ھەرىكەتكە قاتناشتى. خىتاي جۇئېنلەي بۇ يىغىندا ئاتالمىش « تېنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ 5 پىرىنسىپى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ ئەرەب - ئىسلام دۇنياسىدىكى ئوبرازىنى ياخشىلىدى. نەتىجىدە مىسىر 1 - بولۇپ، شۇ يىلى قىزىل خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتتى».

1979 - يىلى مىسىر بىلەن ئىسرائىلىيە تېنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. « مىسىر ھەر يىلى  25 - ئاپرىلنى سىنانى ئازات قىلىش بايرىمى دەپ، مۇشۇ كېلىشىم مۇناسىۋىتى بىلەن خاتىرىلەيدۇ»

1980 - يىلى ياپونىيە سوۋېتنىڭ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا  نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شۇ يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزىلىدىغان ئولىمپىك پائالىيەتلىرىنى بايقۇت قىلغان.

1982 - يىلى ئىسرائىلىيە داۋىد لاگىرى كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە ئىشغال قىلىۋالغان سىنا يېرىم ئارىلىدىن چېكىنگەن.

1992 - يىلى ئامېرىكا ئاۋازى كۇردچە ئاڭلىتىش بۆلۈمى تەسىس قىلغان.

2005 - يىلى ياپونىيىدە تۆمۈر يول ۋەقەسى بولۇپ، 1070كىشى قازا قىلغان.

2009 - يىلى نېپالدا 7.9 بال يەر تەۋرەپ 6500 كىشى قازا قىلغان. ئىقتىسادىي زىيان بەك ئېغىر بوپكەتكەن.

بايراملار :

مىسىردا : سىنانى ئازات قىلىش بايرىمى.

پورتۇگالىيىدە : ئەركىنلىك ۋە ھۆرىيەت بايرىمى .

ئىتالىيىدە : ئازاتلىق بايرىمى.

گېرمانىيىدە : دەرەخ بايرىمى.

شىمالىي كورىيەدە : خەلق ئارمىيىسى قۇرۇلغان كۈن .

DNA  بايقالغان كۈن : مۇشۇ كۈنمۇ ئۇيغۇرلارغا يامانلىق ئېلىپ كەلدى. 1953 - يىلى 25 - ئاپرىل جىمىس ۋاتسون بىلەن فرانسىس كېرىك DNA نى بايقىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تېنى ئازاپلىنىۋاتاتتى. ئارىدىن ساق 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ لەنىتى تېخنىكىنى خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، 2013 - يىلدىن 2016 - يىلغىچە « سالامەتلىك تەكشۈرۈش باھانىسى» دە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سىغا ۋە گېن مەخپىيەتلىلىگە ئېرىشتى. تېخىمۇ ئەلەم بولغىنى ئۇيغۇرلۇقى بىلەن پەخىرلىنىدىغان شۆھرەت مۇتەللىپ، ئۇيغۇرنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىدىغان يەنە بىر قەبىھ تەتقىقات « ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنىنى بوغۇش » تەجرىبىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قىيامەت قايىم بولغان 2017 - يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شۇڭا ھەر كىم ئۆزىنىڭ كىمنىڭ چوماقچىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك ! بەلكىم سىز ھازىر مىللىتىمگە پايدىلىق دەپ قىلىۋاتقان بەزى ئىشلىرىڭىز ئەمەلىيەتتە مىللىتىمىزنى تارىخ سەھنىسىدىن تېزراق يوقىتىۋېتىشكە ۋاستە بوپقېلىشى مۇمكىن !  ئاللاھ خەلقىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!


2019 - يىلى 4 - 25 - ئاپرىل   پەيشەنبە