2021/03/03 09:04

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 26 -ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/26 05:49

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 26 - ئاپرىل » :


623 - يىلى مەدىنىدىكى پەيغەمبەر مەسچىتى پۈتكەن.

624 - يىلى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى ئائىشە بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغان.

1755 - يىلى مانجۇ تاجاۋۇزچى قوشۇنى سايرام كۆلىگە يېتىپ كەلگەن. « ئامۇرسانا 1754 - يىلى مانجۇلارنى تەكلىپ قىلغاندىن كېيىن، چيەنلۇڭ 1755 - يىلى فېۋرالدا 50 مىڭ كىشىلىك مانجۇ - موڭغۇل قوشۇنىنى جۇڭغار خانى داباچىنى يوقىتىپ، مۇنبەت ئىلى ۋادىسىنى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتكەنىدى»

1759 - يىلى خوتەننى ئىشغال قىلغان فۇدې، خوتەندىن قوشۇن باشلاپ يەكەنگە يۈرۈش قىلغان. « خوجا جاھاننىڭ پايتەختى يەكەن بولۇپ، جاۋخۇي بىلەن فۇدې ئايرىم - ئايرىم ھالدا بىرى ئاقسۇدىن قەشقەرگە، يەنە بىرى خوتەندىن يەكەنگە ھۇجۇم قىلغان. ھەر ئىككىسىدە 15 مىڭدىن مۇنتىزىم ئەسكەر بار ئىدى».

1805 - يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئوبانون باشچىلىقىدا ترابلۇس ۋالىيسى يۈسۈپ قارامانغا قارشى ئۇرۇشتا لىۋىيەدىكى دەرنە شەھىرىنى ئىشغال قىلغان.

1828 - يىلى چاررۇسىيە ئوسمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. نەتىجىدە بۇ ئۇرۇشتا چاررۇسىيە ئوسمانىيلارنى قارا دېڭىزنىڭ شەرقىي ساھىللىرىدىن ۋە ھازىرقى رۇمېنىيىدىن قوغلاپ چىقارغان.

1877 - يىلى چاررۇسىيە قوشۇنى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، كاۋكاز ۋە بالقان ئارقىلىق ئىستانبۇلنى نىشانلاپ، تېز سۈرئەتتە جەنۇپتىكى ئوسمانلى زېمىنلىرىغا بېسىپ كىرگەن.« بۇ قېتىملىق ئۇرۇش زوزۇڭتاڭنىڭ ئۇتۇقلۇق ھالدا ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىشىغا ۋە چاررۇسىيىدىن يەتتە سۇ ۋە ئىلىغا بېسىپ كىرمەسلىك شەرتى  بىلەن ئاشلىق ياردىمى ئېلىپ، ئۇرۇشتىن كېيىن چاررۇسىيە ئەسكەرلىرى يىراق غەرپتە ئوسمانىيلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقىدىن پايدىلىنىپ « يەتتىسۇغا بېسىپ كىرىمە » دەپ تەھدىت سېلىپ، 1871 - يىلى رۇسلار ئىشغال قىلغان ئىلىنى 1881 - يىلى قايتا ئىشغال قىلىشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن».

1865 - يىلى فېدراتسىيە چەۋەنداز قىسمى ۋېرگىنىيە تەۋەسىدە لىنكولىننىڭ قاتىلى جون بوسنى قولغا ئالغان.

1894 - يىلى ناتسىتلار رەھبىرى رودلۇف ھېس تۇغۇلغان .

1909 - يىلى بىرلىك ۋە تەرەققىيات پارتىيىسى سۇلتان  2 - ئابدۇلھەمىتنى تەختتىن چۈشۈرگەن. ئورنىغا ئىنىسى مۇھەممەد رەشاد سۇلتان بولغان.« ئابدۇلھەمىتخان 1876 - يىلى 31 - ئاۋغۇست، 90 كۈن تەخىتتە ئولتۇرغان ئاكىسى 5 - مۇرادنىڭ ئورنىغا سۇلتان بولغانىدى. ئۇلاردىن بۇرۇن تاغىسى ئابدۇلئەزىزخان 1861 - يىلدىن 1876 - يىلى 30 - مايغىچە سۇلتان بولغان. ياقۇپبەگ دەل مۇشۇ ئابلىزخانغا بەيئەت قىلغان. موللا مۇسا سايرامى تارىخى ھەمىدىنى دەل مۇشۇ ئابدۇلھەمىت نامىغا ئاتاپ يازغان. موللا مۇسا 1917 - يىلى ئىيۇلدا، ئابدۇلھەمىتخان 1918 - يىلى 10 - فېۋرال ۋاپات بولغان». ئەگەر موللا مۇسا ھايات بولغان بولسا، ھازىرقى تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ ياقىسىدىن ئالغان بولاتتى!».« ئەرگە بىر نۆۋەت، يەرگە بىر نۆۋەت».

1933 - يىلى گېرمانىيە مەخپىي ساقچى قىسمى « گېستاپو » قۇرۇلغان.

1935 - يىلى ئىمام مۇھەممەد زاۋاھىرى ئەزھەر شەيخىلىك ۋەزىپىسىدىن ئستىپا بەرگەن.

1938 - يىلى ئىسپانىيە فاشىستلىرى گېرمانىيىنىڭ ھاۋا ياردىمىدە، گىرنايكا شەھىرىنى بومبىلاپ يوق قىلىۋەتكەن.

1938 - يىلى گېرمانىيە پەيلاسوپى ئىدموند ھوسرىل ۋاپات بولغان.

1942 - يىلى مانجۇرىيىدىكى ھونكىكو كۆمۈر كانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 549 كىشى قازا قىلغان.

1945 - يىلى بوتسۇن ئۇرۇشى يۈز بەرگەن. بۇ گېرمانىيە تانكا قىسمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىلىك ئۇرۇشى بولۇپ قالغان.

1954 - يىلى جەنۋەدە ھىندىچىنى ئاراللىرى ۋە كورىيەدە قايتا تېنچلىق بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى يىغىن ئېچىلغان.

1955 - يىلى باندۇڭ يىغىنى ئاخىرلاشقان. خىتاينىڭ خەلقئارادىكى نوپۇزى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

1962 - يىلى يەمەن ئەرەب جۇمھۇرىيىتى يونىسكۇغا ئەزا بولغان.

1964 - يىلى تۇنگانىكا ۋە زەنجىبار بىرلىشىپ، تانزانىيەنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

1970 - يىلى تۇراپچاننىڭ خوتۇنى مىلانا تۇغۇلغان.

1986 - يىلى ئۇكرائىنادىكى چېرنوبىل يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى پارتلاپ كەتكەن. مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان.

1994 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقا تۇنجى قېتىم ئاق تەنلىك ۋە  قارا تەنلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پرېزدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزگەن.

2010 - يىلى سۇدان سايلام كومىتېتى شىمالدا ئۆمەر بەشىرنىڭ 68% ئاۋاز بىلەن قايتا پرېزدېنت بولغانلىقىنى، جەنۇپتا  سېلىفا كېرنىڭ 92.99 ئاۋاز بىلەن جەنۇبىي سۇداننىڭ تۇنجى پرېزدېنتى بولغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنداق قىلىپ، 2010 - يىلى 11 - ئىيۇل يېڭى ئەسىردىكى ئەڭ ياش دۆلەت جەنۇبىي سۇدان دۇنياغا كەلگەن.« بەشىر 2019 - 22 - ئاپرىل تۇتقۇن قىلىندى. ھۆكۈمەت ھەربىي تەرەپنىڭ قولىغا چۈشتى. ئەمما خەلق ھەربىيلەردىن ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ داۋاملىق نامايىش قىلماقتا. شىمالىي سۇدان 2 - مىسىر بوپقالامدۇ؟».

2015 - يىلى مۇستاپا ئاكىنچى شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى رەھبىرى بولۇپ سايلانغان.


2019  -  يىلى  4 -  26 - ئاپرىل  جۈمە