2021/03/03 10:09

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 27 - ئاپرىل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/27 14:02

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/27 14:02 2019/04/27 14:35 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ئىملا خاتالىقى
تارىختىكى بۈگۈن « 27 - ئاپرىل » :



630 - يىلى شىرۋەي ئوغلى ئەردىشىر ۋاپات بولغان.
« 627 - يىل ئاخىرى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ساسانىيلار شاھى 2 - خۇسرەۋ شاھقا مەكتۇپ يوللاپ، ئۇنى ۋە خەلقىنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغان. بىراق خۇسرەۋشاھ غەزەپلىنىپ، مەكتۇپنى يىرتىپ تاشلاپ، يەمەن ۋالىيسى بازاننى پەيغەمبىرىمىزنى قولغا ئېلىشقا پەرمان چۈشۈرگەن. مەكتۇپنى يىرتىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان پەيغەمبىرىمىز خۇسرەۋشاھنىڭ دۆلىتىنىڭ ھالاك بولۇشى ئۈچۈن بەتدۇئا قىلغان. 628 - يىلى يازدا خۇسرەۋشاھ ئوغلى شىرۋەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بىراق ئۇمۇ 629 - يىلى ئۆلتۈرۈلدى. ئوغلى ئۆلگەندىن كېيىن، بىر ئايال پادىشاھ بولدى. نەتىجىدە ساسانىيلار 644 - يىلى ئۈزۈل - كېسىل گۇمران بولدى».

711 - يىلى تارىق ئىبنى زىياد ئىسپانىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققان. « شۇنىڭ بىلەن ئىسپانىيىدىكى فەتھىلەر باشلانغان. 732 - يىلى ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، 1492 - يىلى پۈتۈنلەي بەربات بولغان. كېيىنكى 8 يىلدا 800 يىللىق ئەرەب - ئىسلام مەدەنىيىتى يوق قىلىنىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ نەسلى قۇرۇتۇلغان. نۆۋەتتە خەلقىمىز مۇشۇنداق ھالاكەتلىك تەقدىرگە دۇچ كەلمەكتە!  ئىلاھىم بىزنى 2 - ئەندۇلۇس بوپقېلىشتىن ساقلىغاي».

823 - يىلى ئەرەب تارىخچىسى مۇھەممەد ۋاقىدى ۋاپات بولغان.

1521 - يىلى فىلىپپىن ماكتان ئارىلىدىكى ئۇرۇشتا يەرلىك مۇسۇلمان خەلق پورتۇگالىيە دېڭىزچىسى ماگېللاننى ئۆلتۈرگەن.

1561 - يىلى ئىسپانىيە 500 ئەسكەر بىلەن سىبو ئارىلىنى ئىشغال قىلىپ، فىلىپپىندىكى تۇنجى مۇستەملىكىسىنى قۇرغان.

1810 - يىلى بېتخوۋىن داڭلىق كۈيىنى پىئانىنو ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرگەن.

1812 - يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەنگلىيەگە قاراشلىق كانادا قولىدىن يوركنى تارتىۋالغان.

1820 - يىلى ئەنگلىيە پەيلاسوپى سېبنسىر ۋاپات بولغان.

1876 - يىلى ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە ھىندىستان ئىمپىراتورى دەپ جاكارلانغان.« ئەنگلىيە 1758 - يىلدىن 1858 - يىلغىچە تەدرىجىي ھالدا ھىندىستاننى ئىشغال قىلغان. ئۇلار 1857 - يىلى بابۇرشاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى 2 - باھادىرخاننى تەختتىن چۈشۈرگەندىن كېيىن، ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى
ئومۇميۈزلۈك ئەنگلىيىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. نەتىجىدە يۈز يىلدا ئاران قولغا كەلگەن بۇ مۇنبەت زېمىن قولدىن كېتەي دېگەندە، ئەنگلىيە ئوسمانلى سۇلتانى 1 - ئابدۇلمەجىدنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، خەلىپە نامىدىن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئايال پادىشاھقا ئىتائەت قىلىشقا چاقىرغان. ئەنگلىيە 18 يىل ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى قايتا تەرتىپكەسالغاچ، 1868 - يىلى پۈتكەن سۇۋەيش قانىلى ئارقىلىق ئۈچ ئايدىلا مالتادىن ھىندىستانغا ئەسكەر يۆتكەلەيدىغان سەۋىيىگە يەتكەندىن كېيىن، ئاخىرى 1876 - يىلى ھىندىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى ئاشكارا جاكارلىغان. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىنى چاررۇسىيە، شەرقىنى ياقۇپبەگ تىزگىنلىگەن بولۇپ، ۋىكتورىيەنى ھىندىستان ئىمپىراتورى دەپ جاكارلاش شەرتى ھازىرلانغانىدى».

1897 - يىلى ياپونىيە دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسى ئېچىۋېتىلگەن.

1909 - يىلى 33 يىل تەختتە ئولتۇرغان سۇلتان 2 - ئابدۇلھەمىد تەختتىن چۈشۈرۈلۈپ، نەزەربەند قىلىنىپ، ئۇكىسى 5 - مۇھەممەد ئوسمانلى سۇلتانى بولغان. « بۇ سۇلتاننىڭ مەجبۇرىي ھالدا تەختتىن چۈشۈرۈلۈشى ئوسمانلىنىڭ 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا خاتا كىرىپ قېلىپ، 1918 - يىلى مەغلۇپ بولۇپ، 1924 - يىلى مۇنقەرز بولۇشى بىلەن خۇلاسىلەنگەن».

1924 - يىلى ئاۋستىرىيە جۇمھۇرىىتى قۇرۇلغان. « 1918 - يىلى جاھان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ئاۋستىرىيە - ھونگرىيە ئىمپىرىيىسى پارچىلىنىپ، 1919 - يىلى ھونگىرىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغانىدى».

1937 - يىلى سادام ھۈسەيىن تۇغۇلغان.

1941 - يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى ئافېنانى ئىشغال قىلغان.

1946 - يىلى ياپونىيىدە تۇنجى ئايال ساقچى ئىشقا چۈشكەن. 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپون ئەرلىرى كۆپ قىرىلىپ كەتكەنىدى.

1950 - يىلى  ئەنگلىيە غەربىي قىرغاقنىڭ ئىئوردانىيىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

1960 - يىلى توگو فرانسىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولغان.

1962 - يىلى ئىراق، شىمالىي ئىراقتىكى كۇردلارغا ئاپتونومىيە بېرىشكە قوشۇلمىغان. « ئاخىرى 1991 - يىلدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا ئىراقتا كۇرد ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان. 2017 - يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرى مۇستەقىللىق سايلىمى ئۆتكۈزگەن. بىراق ئەتراپتىكى خوشنىلىرى غەزەپلىنىپ، ئىمبارگو يۈرگۈزگەچكە ۋاقىتلىق بولدى قىلغان».

1967 - يىلى گوللاندىيە ۋەلىئەھدىسى ۋىليام ئالېكساندىر تۇغۇلغان.

1978 - يىلى داۋۇت ئاغدۇرۇلغان. داۋۇت 1973 - يىلى ئىيۇلدا زاھىر شاھنى ئاغدۇرۇپ، ئۆزى ھۆكۈمران بولۇۋالغانىدى. بىراق ئافغانىستان كىرىزىسكە پاتتى. ئاقىۋەت، سوۋېت ئىتتىپاقى كوممۇنست گۇرۇھنى قوللاپ، 1979 - يىلى دېكابىردا ئافغانستانغا تاجاۋۇز قىلدى».

1981 - يىلى زېروكس شىركىتى تۇنجى قېتىم مائۇسنى ئىشلەپچىقارغان.

2006 - يىلى ئەسلىدە 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدە  ۋەيران قىلىنغان دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ ئورنىغا نيۇيوركتا ئەركىنلىك مۇنارى قۇرۇلۇشقا باشلىغان.

2018 - يىلى ئىككى كورىيە رەھبىرى جەم بولۇپ، يادرو قوراللىرىدىن ۋاز كېچىش ۋە ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئۇرۇش توختىتىش توغرىلىق پىكىر بىرلىكىگە كەلگەن.

2019 - يىلى خىتايدىكى « بىر يول بىر بەلۋاغ » يىغىنى ئاخىرلاشقان.
كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغىنى پۇتىننىڭ باياناتلىرى بولسا، كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى ئەردوغاننىڭ بۇ يىغىنغا ئۆزى قاتناشماسلىقىدۇر.

2019 - يىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئا . ياپچاننىڭ قويۇپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. « 2016 - يىلى سېنتەبىردە خاڭجۇدا ئېچىلماقچى بولغان « بىر يول بىر بەلۋاغ يىغىنى » ھارپىسىدا قولغا ئېلىنغان ياپچاننىڭ 2019 - يىلقى « بىر يول بىر بەلۋاغ » يىغىنى مەزگىلىگە ئۇدۇللىنىپ قويۇپ بېرىلىشى ئەھمىيەتكە ئىگە. 2016 - يىلى بۇ يىغىنغا قاتناشقان ئەردوغاننىڭ ، بۇ يىلقى يىغىنغا قاتناشمىغىنىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىشقىلىپ بىز ئۇيغۇرلار خېلى - خېلى دۆلەتلەرنىڭ باشقا دۆلەتلەردىن مەنپەئەت ئېلىشىدىكى باھالىق تاۋارى ھېساپلىنىمىز».

بۈگۈن جەنۇبىي ئافرىقىدا ئەركىنلىك كۈنى

2019 - يىلى 4 - 27 - ئاپرىل  شەنبە