2020/10/20 12:57

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مۇراجىئەت

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/28 00:29

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


« ئامېرىكا باشلىق ناتو دۆلەتلىرىگە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا مۇراجىئەت » :

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرىزدېنتى مايك پېنىسنىڭ 3 - ئاپرىلدىكى چاقىرىقىغا قايتۇرۇلغان ئىنكاس.

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مايك پېنىس « بۇندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ تەھدىتنىڭ كۈنسىرى يۈكسىلىۋاتقان مۇستەبىت خىتاي » ئىكەنلىكىنى، ئىتتىپاقداشلارنىڭ بۇنى كۈنتەرتىپكە قويۇشى كېرەكلىكىنى جاكارلىدى.

ش ئا ئە ت، يەنى « ناتو » 1949 - يىلى 4 - ئاپرىل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشنگتون شەھىرىدە « سىتالىن باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزىم لاگىرىغا قارشى دېموكراتىك ئەللەر ۋەئەركىن كاپىتالىستىك تۈزۈمنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇلغان».

1950 - يىلدىكى كورىيە ئۇرۇشى، 1960 - يىللاردىكى ۋېيتنام ئۇرۇشى، 1979 - 1989 - يىللاردىكى ئافغانىستان ئۇرۇشلىرى ئارقىلىق، 1991 - يىلى كوممۇنىزىم لاگىرىنىڭ ئاتامانى سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولدى. 1999 - يىلى ئۇنىڭ ياۋروپادىكى ئىنىسى يۇگۇسلاۋىيە « ناتو باشلىغان كوسوۋۇ ئۇرۇشى » نەتىجىسىدە ھالاك بولدى.

2000 - يىلى ئاسىيادىكى كوممۇنىزىمنىڭ مەھشەر كۈنى يېقىنلاشتى. تولىمۇ ئەپسۇس، 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسى تۈپەيلى « جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ قالغان مۇستەبىت قىزىل خىتاي بىر دومىلاپلا دېموكراتىيە ۋە تىنىچلىقنىڭ قوللىغۇچىسى بولۇۋالدى. ئۇنىڭغا شىلتىلغان شەمشەر ئايلىنىپ كېلىپ بىچارە ئۇيغۇرنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى».

1989 - يىلدىكى ۋەھشىيلىككە كۆز يۇمغان، 1969 -يىلدىن باشلاپ دۈشمىنىنى ئۆز قولى بىلەن سەمرىتىپ تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزگەن كالۋا ئامېرىكا ئۇزاق بولغاندا 50 يىل، ئەڭ ئاز دېگەندە 30 يىلدىن كېيىن  ئەقلىنى تېپىپ، ئاخىرى 2019 - يىلى 3 - ئاپرىل ھەقىقىي خەتەرلىك رەقىبىنى توغرا بېكىتىپ، تەھدىتكە قارشى تەدبىر تۈزۈشكە چاقىرىق قىلدى.

ناۋادا ناتو 1991 - يىلى تارىخىي خاتالىق سادىر قىلىپ، « سوۋېت يىقىلغاندىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىسلام دىنى مۇرىتلىرى» دەپ خاتا ھۆكۈم چىقىرىپ، رۇسلارنىڭ 1992 - يىلدىن 2012 -يىلغىچە شىمالىي كاۋكاز رايونىدا يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلمىغان بولسا، رۇسلار 2014 - يىلى مارتتا قىرىمنى يۇتۇۋېلىپ، 2015 -يىلدىن باشلاپ سۈرىيەدە بىھۇدە قان تۆكەلمەس ئىدى.ناتومۇ رۇسلارنىڭ ئالدىدا بۈگۈنكىدەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان،ئوشۇق باش ئاغرىقى تېپىۋالمىغان بولاتتى.
بالقاندىكى سېربلارمۇ 1991 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە بوشناق قاتارلىق مۇسۇلمانلار ۋە سىلاۋىيان بولمىغان مىللەتلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ، بالقاندا مىللىي زىددىيەتلەرنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، پاجىئە پەيدا قىلالماس ئىدى. 1990 - يىلدىن 2000 - يىلغىچە خىتايلار ۋەتىنىمىزدە مىللىي بۆلگۈنچىلىك نامىدا مىليونلىغان مەسۇم ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلالمىغان، 2000 - يىلدىن 2010 - يىلغىچە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت نامىدا مىليونلىغان ئېتىقادلىق ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەردە يوقىتىپ تاشلىمىغان، 2011 - يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ روھلىنىپ، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچ « مىللىي بۆلگۈچى كۈچلەر، دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر، زوراۋان تېررورچى كۈچلەر» قالپاقلىرىنى ئىشلىتىپ، 30 نەچچە مىليون ئۇيغۇر مىللىتىنى ئاساس قىلغان 40 نەچچە مىليون ئۇيغۇرىستان ئاھالىسىنى خۇددى 1941 - 1945 - يىللىرىدىكى گېرمانىيە يەھۇدى مىللىتىگە زىيانكەشلىك قىلغاندەك « مىللەت سۈپىتىدە تۈپتىن يوقىتىش ئۈچۈن 21 - ئەسىردىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن خەلقىمىزنى ئىككى مىليون كۋادرات كىلومېترلىق ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە قاماپ، ئەزىز ۋەتىنىمىزنى پانىي ئالەمدىكى دوزاخقا ئايلاندۇرۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلالماس ئىدى».

شۇڭلاشقا ئامېرىكا ۋە ناتو تارىخىي خاتالىقىنى ۋاختىدا تۈزىتىشى كېرەك !

1996 - يىلى چېچىنىيە گېنىرالى باسايېۋ پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى، بولۇپمۇ ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ : « ناۋادا بۈگۈن رۇسلارنىڭ قىلمىشلىرىغا كۆز يۇمۇپ، ۋاختىدا قەبىھ جىنايەتلىرىدىن توختاتمىساڭلار، ئەتە ھەممىڭلارنىڭ بېشىغا بالا بولىدۇ » دېگەنىدى.كېينچە راسلا شۇنداق بولدى،بولۇۋاتىدۇ.

مەنمۇ 2019 - يىلى 4 - ئاپرىل ناتو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە ناتونى تېخىمۇ قاتتىق ئاگاھلاندۇرىمە :« ناۋادا ياۋۇز ، ئالدامچى، نومۇسسىز، يۈزى قېلىن، قۇۋ ۋە تاش يۈرەك مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيانىڭ تېنچلىق ئەلچىسى، پەرشتە سۈپەت ئۇيغۇر مىللىتىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، 50 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇرىستان ئاھالىسىگە قاراتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى زورلاپ توختاتماي يەنە سۈكۈت قىلساڭلار، ئەتە خىتايلار يالغۇز ئامېرىكا ياكى ناتو ئەزالىرىنىڭلا ئەمەس ، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا بالا بولىدۇ! ئۇ چاغدا پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيسىلەر!».

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 4 - ئاپرىل   پەيشەنبە