2021/03/03 10:35

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 4 - ئاپرىل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/28 00:37

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



تارىختىكى بۈگۈن « 4  - ئاپرىل »:



970 - يىلى پاتىمىيلار گېنىرالى جەۋھەر سىقىللى ئەزھەر جامىسىنى ئىنشا قىلىشقا باشلىغان. « 909 - يىلى ئۆزىنى خەلىپە دەپ جاكارلىغان پاتىمىيلار شەرققە يۈرۈش قىلىپ، مىسىردىكى 2 - تۈرك دۆلىتى ئىخشىدىلارنى مۇنقەز قىلىپ، 969 - يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلىپ پايتەخت قىلغان. 1060 - يىللىرى تەسىر دائىرىسى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ يېرىمىغىچە يەتكەن. 1171 - يىلى سالاھىددىن تەرىپىدىن قان تۆكمەستىن مۇنقەرز قىلىنغان».

1818 - يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى 13 قىزىل - ئاق سىزىق، 21 يۇلتۇزدىن تەركىپ تاپقان بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلىشقا قوشۇلغان.

1939 - يىلى ئىراق شاھى غازى ماشىنىسى توك سىتولبىسىغا سوقۇلۇپ كېتىپ قازا قىلغان.

1943 - يىلى ئافغانىستاندا پاناھلىنىۋاتقان خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئائىلىسى بىلەن گومىنداڭ يېڭى پايتەختى چۇڭچىڭغا يېتىپ كەلگەن.

1947 - يىلى خەلقئارا يولۇچىلار ئاۋىئاتسىيە شىركىتى ئىجرائىيەئورگىنى قۇرۇلغان.

1949 - يىلى ۋاشىنگتوندا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغان. ھەر قايسى تەرەپلەر شۇ كۈنىلا ئىمزا قويغان.

1960 - يىلى سېنگال فرانسىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغان.

1968 - يىلى ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق پېشۋاسى مارتېن لۇتېر كىڭ قازا قىلغان.

1973 - يىلى نيۇيوركتا دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ بىناسى ئېچىۋېتىلگەن.

2003 - يىلى سادام باغدات كوچىلىرىدا ئون نەچچە پۇخرا بىلەن ئايلىنىپ، رەسىمگە چۈشۈپ، ئۆلدى دېگەن سەپسەتىلەرگە رەددىيە بەرگەن. بۇ سادامنىڭ 2003 - يىلى مارتتا ئىراق ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق رەسىمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

2019 - يىلى  4 - ئاپرىل  پەيشەنبە