2021/03/03 09:44

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 3 - ئاپرىل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/28 00:40

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تارىختىكى بۈگۈن « 3 - ئاپرىل » :


1336 - يىلى 3  - ئاپرىل ساھىبقىران ئەمىر تۆمۈر تۇغۇلغان. « 1405 - يىلى 22 - فېۋرال خىتاي مىڭ سۇلالىسىنى ئىستىلا قىلىش ئۈچۈن شەرققە يۈرۈش قىلغاندا ئوترار شەھىرىدە قازا قىلغان. ئۇنىڭ قولىدا ئىشغال قىلىنمىغان تۈرك - موڭغۇل دۆلەتلىرى قالمىغان بولۇپ، پەقەت ۋەتىنىمىزنى مەركەز قىلغان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىلا ئۇنىڭ ئىستىلاسىدىن ئامان قالغان».

1512 - يىلى فاتىھ سۇلتاننىڭ باغرى يۇمشاق ئوغلى 2 - بايەزىد سۇلتان قاتتىق قول ئوغلى ياۋۇز سېلىم ئۈچۈن تەختتىن چۈشۈپ بەرگەن.
« 1520 - يىلى ياۋۇز سۇلتان ۋاپات بولۇپ، ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوغلى سۇلتان سۇلايمان تاكى 1566 - يىلى 7 - سېنتەبىر سېگىتۋاردا قازا قىلغۇچە غەربىي ئىسلام دۇنياسىغا خەلىپە بولغان».

1897 - يىلى گېرمانىيىلىك مۇزىكانت برامىس ۋاپات بولغان.

1924 - يىلى 3 - ئاپرىل تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇستاپا كامال پاشانىڭ باشچىلىقىدا رەسمىي ھالدا دىن بىلەن سىياسەت ئايرىلغان سىياسىي تۈزۈمگە كۆچكەنلىكىنى جاكارلىغان.« 1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئېلان قىلىندى. سۇلتاننىڭ دىنىي ھوقۇقىدىن باشقا ھوقۇقلىرىنى دۆلەت ئۆتكۈزۈۋالدى. 1924 - يىلى 3 - مارت تۈركىيە داھىيسى مۇستاپا كامال پاشا ئەڭ ئاخىرقى ئوسمانلى سۇلتانى 2 - ئابدۇلمەجىدخاننى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاپ، خەلىپىلىك تۈزۈمنىڭ ئەمەلدى قالغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىسلام دىنى بىلەن خەلىپىلىك تۈزۈمنى ھاكىمىيەتتىن سىقىپ چىقارغاندىن كېيىن، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىكى غالىپ دۆلەتلەر يېڭى جۇمھۇرىيەتنى ئېتىراپ قىلىپ، شۇ يىلى 24 - ئىيۇل لوزان كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. شۇنىڭ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 20 - ئەسىردە مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان تۇنجى تۈركىي دۆلەت بولۇپ قالدى. 1933 - يىلى قەشقەردىكى تۇنجى جۇمھۇرىيەت بىر پارلاپلا ئۆچۈپ، 1944 - يىلى كۈزدىن 1949 - يىل ئاخىرىغىچە يەر شارىدا ئىككىلا مۇستەقىل تۈرك جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولۇپ تۇردى. بىرى غۇلجىنى مەركەز قىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى، يەنە بىرى ئەنقەرەنى مەركەز قىلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئىدى».

1933 - يىلى تۇنجى قېتىملىق ئايروپىلانلار ئۇرۇشى ئۇتۇقلۇق سىناق قىلىنغان.

1934 - يىلى مامۇت سىجاڭ ئۆز قوشۇنىغا يېڭى قوراللارنى تەمىنلەپ بەرمىگەن خائىن ئۇيغۇر كوماندىرنى ئۆز قولى بىلەن ئېتىپ تاشلاپ، يەنە بىرىنى ئاتقا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈپ، ھوقۇقىنى ئابدۇنىيازغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، بىر پارچە خەت قالدۇرۇپ، ھىندىستان تەرەپكە قاراپ يول ئالغان.

1935 - يىلى مىسىرلىق داڭلىق ناخشىچى ئۇممۇ كۈلسۈم تۇنجى مىسىر قېتىم رادىئوسىدا ناخشا ئېيتقان.

1941 - يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى لىۋىيەدىكى بىنغازى پورتىدىن قوغلاپ چىقارغان.

1948 - يىلى يەھۇدىلار غەربىي ئېرۇسالىمغا تۈركۈملەپ كۆچۈشكە باشلىغان. نەتىجىدە 1948 - يىلى 14 - ماي يېرىم كېچىدە 2600 يىل كېيىنكى تۇنجى دۆلىتى ئىسرائىلىيەنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

1964 - يىلى ئامېرىكا بىلەن پاناما يېڭىدىن يارىشىپ، قايتىدىن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا قوشۇلغان.

1963 - يىلى زۇلپىقار ئېلى بوتتۇ پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. ئۇ سېپى ئۆزىدىن خىتايپەرەس بىرى بولۇپ، 1962 - يىلدىكى ئۇرۇشتىن كېيىن بىر قىسىم كەشمىر تاغلىرىنى ئۇرۇشتا كۆپ قان تۆكۈپ غەلىبە قىلغان سابىق مىللىي ئارمىيىنىڭ تالانتىغا قايىل بولۇپ ئاقسايچىنغا قوشۇپ بەرگەن. ئۇ 1966 - يىلى موللاق ئاتقاندىن كېيىن، 1967 - يىلى خەلق پارتىيىسىنى قۇرۇپ، 1971 - يىلدىن 1977 - يىلغىچە باش ۋەزىر بولغان. ئاقىۋەت 1977 - يىلى 5 - ئىيۇل گېنىرال زىيائۇلھەق تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، خىتايلارنىڭ ئارىغا كىرىپ يالۋۇرىشىغا پەرۋا قىلماستىن ئۇنى خائىنلىق جىنايىتى تۈپەيلى دارغا ئاسقان. شۇڭا ساق ئون يىل خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رەھبەرگە ياخشىچاق بولۇشقا باشلىغان. ئۇيغۇر ياشلارنىڭ پاكىستان چىقىپ ئوقۇشى، خىزمەت تېپىشى ئاسانلاشقان. 1988- يىلى ھەر ئىككى قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ دىتىغا ياقمىغان زىيائۇلھەق ئايروپىلانىدا سۇيقەست بىلەن پارتلىتىۋېتىلگەن.

1991- يىلى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى كۇۋەيت ئازات قىلىنغاندىن كېيىن رەسمىي ئۇرۇش توختىتىش كېرەكلىكى ۋە ئىراقنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللىرىنى ۋەيران قىلىپ بولغانلىقىنى جاكارلىغان.« ئىراقنىڭ ئۇرۇش چىقىمى تۆلىشى ئۈچۈن بىر بانكا ھېساباتى ئېچىلغان. ئىراق 6 - ئاپرىل قوبۇل قىلغان».

2002 - يىلى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 10 كۈن داۋاملاشقان قىرغىنچىلىقنى باشلىغان.

2010 - يىلى ئىراق كورد ئاپتونۇم رايون رەھبىرى بارزانى ئىراق رەئىسلىكىگە قايتىدىن جالال تالابانىنى نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن.


2019 - 4 - 3 - ئاپرىل  چارشەنبە