2020/06/01 20:33

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئۇيغۇرلارنى تۈپتىن يوقىتىش سۇيقەستلىرىدىن ئاگاھ بولايلى!

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/28 00:47

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



25 - ئاپرىل  DNA  بايقالغان كۈن :

 مۇشۇ كۈنمۇ ئۇيغۇرلارغا يامانلىق ئېلىپ كەلدى. 1953 - يىلى 25 - ئاپرىل جىمىس ۋاتسون بىلەن فرانسىس كېرىك DNA نى بايقىدى. بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ تېنى ئازاپلىنىۋاتاتتى. ئارىدىن ساق 60 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۇ لەنىتى تېخنىكىنى خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، 2013 - يىلدىن 2016 - يىلغىچە « سالامەتلىك تەكشۈرۈش باھانىسى» دە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ DNA سىغا ۋە گېن مەخپىيەتلىلىگە ئېرىشتى.

ۋىلادىمىر پۇتىن 2018 - يىلى 9 - ئايدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،
رۇسلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىغا كىرگۈزدى. دېمەك پۇتىن زامانىۋى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق بىر مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. خىتايلار 2016 - يىلى سېنتەبىردىن 2018 - يىلى سېنتەبىرگىچە « قايتا سالامەتلىك تەكشۈرۈش » باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بارلىق ئەسلى مىللەتلەرنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى تولۇق يىغىۋالغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىسى، كۆز قارىچۇقى، بارماق ئىزلىرى ۋە باشقا پۈتۈن خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋېلىپ، « سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى» دىن پايدىلىنىپ، ۋەتىنىمىزدىكى 50 مىليونغا يېقىن كىشىنى كېچە - كۈندۈز نازارەت قىلىپ تۇرۇش سەۋىيىسىگە يەتتى. يەنە قارشى تەدبىر قوللانمىساق 10 يىلغا قالماي « گېن قورالى » ياسىلىپ قالسا، ئۇ چاغدا يۈز بېرىدىغان قورقۇنچلۇق پاجىئەلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ!

تېخىمۇ ئەلەم بولغىنى ئۇيغۇرلۇقى بىلەن پەخىرلىنىدىغان شۆھرەت مۇتەللىپ، ئۇيغۇرنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىدىغان يەنە بىر قەبىھ تەتقىقات « ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنىنى بوغۇش » تەجرىبىسى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۇيغۇرلارغا قىيامەت قايىم بولغان 2017 - يىلى مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شۇڭا ھەر كىم ئۆزىنىڭ كىمنىڭ چوماقچىسىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا قاتتىق دىققەت قىلىشى كېرەك ! بەلكىم سىز ھازىر مىللىتىمگە پايدىلىق دەپ قىلىۋاتقان بەزى ئىشلىرىڭىز ئەمەلىيەتتە مىللىتىمىزنى تارىخ سەھنىسىدىن تېزراق يوقىتىۋېتىشكە ۋاستە بوپقېلىشى مۇمكىن !  ئاللاھ خەلقىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! خەلقىمىزنى بۇ پالاكەتتىن قۇتقۇزۇشقا كۈچ، تەدبىر، شارائىت ، ئىمكانىيەت ۋە پۇرسەت بەرسۇن !


2019 - يىلى 4 - 25 - ئاپرىل   پەيشەنبە