2020/10/29 12:29

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تەشۋىقات ئۇرۇشىدا يەنە مەغلۇپ بولمايلى!

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/28 00:58

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



تەشۋىقاتنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ !

تۆۋەندىكى رەسىم بىر مىليارد خىتاينىڭ كاللىسىغا قاچىلىۋېتىلگەن بولۇپ، دۇنيادا كۆرۈلۈپ باقمىغان تەڭسىزلىك ، يولسۇزلۇق، ئۆكتەملىك ۋە زوراۋانلىققا چىشىنى چىشلەپ كەلگەن بىر چىداشلىق ئاقكۆڭۈل مىللەت مانا مۇشۇنداق ئۈچباشلىق زەھەرلىك يىلانغا ئوخشىتىلدى.

خىتايلارغا تەتۈر تەشۋىقاتنى بولۇشىغا قىلىپ، تولۇق  ئۇتۇق قازىنىپ، 2002 - يىلدىن 2014 - يىلغىچە  پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ، بارلىق ئىرقلار  ۋە دىنلارنىڭ شۇنداقلا پۈتكۈل مەدەنىيەتلەرنىڭ ئورتاق دۈشمىنى دەپ تونۇتۇشتا ئۇتۇق قازاندى.

2014 - يىلى 24 -  ئىيۇل گېرمانىيىدىكى نوپۇزلۇق بىر گېزىت « خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى خەلقئارالىق تەشۋىقاتتا ئۇيغۇرلانى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇتۇق قازاندى» دەپ باھا ئېلان قىلدى.

تەشۋىقاتىنىڭ  ئۈنۈمىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن 2014 - يىلى
28 - ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇنى مەركەز قىلغان ھالدا ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ئۈچ يېزىنى زامانىۋى ۋە ئېغىر تىپتىكى قوراللار ئارقىلىق يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋەتتى.  ھەتتا بۇ ۋەقە كەڭ - كۆلەمدە غۇلغۇلا قوزغاشتىن ئىلگىرى خىتاي ئىستىخباراتى جۈمە داموللىنى ئۆلتۈرۈپ، جۈمە داموللىنىڭ  ئۆلۈمىنىڭ داغدۇغىسىنى  ئىككى كۈن بۇرۇنقى يەكەن قىرغىنچىلىقىدىن مىڭ ھەسسە ئاشۇرۋەتتى.

شۇنداق قىلىپ، ئاخبارات ۋە تەشۋىقاتنىڭ كۈچى بىلەن دۈشمەنلەر ئۆزىنىڭ  رەزىل ۋە قەبىھ سۈپىتىنى پەرشتە سۈپەت ئۇيغۇرلارغا چاپلاپ، ئۆزىگە مايىل جامائەت پىكرى پەيدا قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان پۈتكۈل خەلقىمىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنىڭ تەييارلىقىنى پۈتتۈردى. ھەقىقىي سانىنى ئېنىقلىغىلى بولمىغۇدەك كۆپ مەسۇم ئۇيغۇرنى  قىرىپ تاشلاپ،ئارقىدىنلا « جۈمە داموللىنى ئۆلتۈرگەن تېررورچى كۈچلەرنى يوقىتىپ ،  ئۆزىنىڭ نەقەدەر ئادالەتپەرۋەر دۆلەت ئىكەنلىكى» نى ئىسپاتلىماقچى بولدى!

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۈچۈن قىلغان قارشىلىقى « تېررورچىلىق»، دىنىي - ئېتىقادىغا بولغان مۇھەببىتى « دىنىي ئەسەبىيلىك »، مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى « مىللىي بۆلگۈنچىلىك » بىلەن قارىلاندى.

ئەمدى بولسىمۇ « ئەركىنلىك جېڭى » ئۈچۈن ئاتلانغان « ئەركىنلىك جەڭچىلىرى» ھەقىقىي سالاھىيىتىمىزدىن تېررورلۇق شۈبھىسىنى تولۇق  تازىلايلى!

« دىنىي ھېسسىياتىمىز تۈپەيلى دۈشمەن پايدىلىنىپ كەتكەن يوچۇقلارنى يوق قىلىپ،  رادىكال ئىسلامچى دېگەن قالپاقنى چۆرۈپ تاشلايلى!».

« مىللىتىمىزنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغان مىللەت، ۋەتىنىمىزنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايلى! بىزنىڭ ئاۋازغا قويۇپ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە ئېھتىياجىمىز يوق!  چۈنكى بەرىبىر بۇنىڭدىنمۇ دۈشمەن پايدىلىنىپ كېتىدۇ.  رۇخسەت ئالالىغان چاغدا تەقدىرىمىز خۇددى 2014 - يىلدىكى قىرىم كەبى بولۇشى  مۇمكىن».

يەنە ئىچكى چۇۋالچاقلىقلارنى تۈگىتەلمەي  ئالدى - كەينىگە يېنىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلساق، مىللىتىمىز بۇ ئەسىردە يوقالغان تۇنجى مىللەت بولۇپ قالىدۇ . مۇھاجىرەتتىكىلەر تارىختىكى ئافاق خوجىدىنمۇ بەتتەر بەتبەخت ئىنسانلار بولۇپ، تارىخنىڭ لەنەت تۈۋرۈكىگە مىخلىنىدۇ !  ئاتا - ئانىمىز، قەۋمۇ - قېرىنداشلىرىمىز بىزدىن رازى بولمايدىكەن، ئاللاھمۇ بىزدىن رازى بولمايدۇ!

« قەرز شېھىتنىمۇ جەننەتكە  كىرىشتىن چەكلەپ قويىدۇ». ھەدىس شەرىپ!

قېنى سېنىڭ ئاتا - بوۋاڭ، بالا - چاقاڭ، قەۋمۇ - قېرىنداشلىرىڭ، ۋەتىنىڭ ۋە خەلقىڭ  ئالدىدىكى قەرزىڭنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە، جەننىتىگە ئېرىشكىنىڭنى بىر كۆرەيلى!

قالغىنى بۇ چاقىرىق ھەر كىمنىڭ   ۋىجدانىغا ئامانەت !  كىم بولۇشنى ، نېمە قىلىشنى ئۆزى تاللىۋالسۇن!

2019 - يىلى 2 -  ئاپرىل  سەيشەنبە