2021/03/03 10:52

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 2 - ئاپرىل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/28 01:02

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


تارىختىكى بۈگۈن « 2 - ئاپرىل »:

742 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى چارلىمان تۇغۇلغان. « ئۇ ئابباسىيلار خەلىپىسى مەنسۇر بىلەن بىرلىشىپ، 768 - يىلى ئىسپانىيىدىكى كېيىنكى ئۇمەييەلەر سۇلالىسىسىنى تىكلىگەن ئابدۇراخمانغا قارشى تۇرغان. ئۇ 732 - يىلى بوۋاتىيە ئۇرۇشىدا ئىسلام قوشۇنىنى فرانسىيىدىن چېكىندۈرگەن چارلىز مارتېلنىڭ نەۋرىسى ئىدى . ئارىدىن مىڭ يىل ئۆتۈپ، 1699 - يىلى ئوسمانلى ئارمىيىسى ياۋروپادىن چېكىنىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق مىللەتلەر پەيدىنپەي غەرب جاھانگىرلىرى، چاررۇسىيە ۋە مانجۇلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغان».

1118 - يىلى تۇنجى ئېرۇسالىم پادىشاھى 1 - بالدوۋېن ئۆلگەن. « 1092 -يىلى مەلىكشاھ ئۆلۈپ، سالجۇقىيلار پارچىلىنىپ كەتتى. پاپانىڭ چاقىرىقى بىلەن 1096 - يىلى تۇنجى ياۋروپا ئەھلى سەلىپ قوشۇنى شەرقىي رىم تەۋەسى ئارقىلىق پەلەستىنگە يۈرۈش قىلىپ، 1097 - يىلى ئېرۇسالىمنى مىسىرنى مەركەز قىلغان پاتىمىيلارنىڭ قولىدىن تارتىۋالغانىدى».

1657 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى 3 - فېردىناند ۋاپات بولغان.

1725 - يىلى ئىتالىيىلىك يازغۇچى كازانوۋا تۇغۇلغان.

1805 - يىلى دانىيىلىك يازغۇچى ئاندېرسون تۇغۇلغان.

1820 - يىلى بەدۆلەت ياقۇپبەگ تۇغۇلغان.

1917 - يىلى ئامېرىكا كونگرېسسى 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيىگە قارشى ئۇرۇشقا كىرىشكە قوشۇلغان.

1930 - يىلى سىلاسى ئىفوئوپىيە پادىشاھى بولغان

1937 - يىلى مامۇت سىجاڭ « ئەسكەرلىرىنى ھەربىي مەشىققە سېلىش باھانىسى بىلەن مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا قەشقەردىن چىقىپ، يېڭىشەھەرنى كېسىپ ئۆتۈپ يەكەنگە قاراپ كەتكەن». شۇنداق قىلىپ شۇ كۈنى كەچتە مامۇت سىجاڭنىڭ چەتئەلگە قاچقانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن قەشقەر گانىزون قوماندانى ليۇبىڭ كېچىلەپ شېڭ شىسەيگە تېلېگرامما يوللىغان. شېڭ شىسەي ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشتا ئېھتىياتچان بولغان. چۈنكى مامۇت سىجاڭنىڭ قولىدا 6 مىڭ مۇنتىزىم ئۇيغۇر ئەسكەر بار ئىدى. مامۇت سىجاڭ ھوقۇقىنى ياش ۋە مىللەتسۆيەر كوماندىرى ئابدۇنىيازغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خائىنلارنىڭ بەزىسىنى ئۆزى ئېتىپ تاشلاپ، ئۈلگۈرەلمىگەننى يېقىنلىرىغا ھاۋالە قىلىپ، بىر قىسىم كىشىلىرى بىلەن ھىندىستانغا قاراپ يۈرۈپ كەتكەن».

1961  - يىلى سەئۇدى بىلەن كۇۋەيت ئارىسىدىكى ئىگىسىز دېڭىز رايونىدىن چىققان تۇنجى تۈركۈمدىكى نېفىتنى ياپونىيىگە ئېكىسپورت قىلغان. مۇراسىمغا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ پادىشاھلىرى قاتناشقان.

1964 - يىلى يەمەن ئەنگلىيىنى ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى دەپ ئەيىپلىگەن.

1972 - يىلى، ئەسلىدە كوممۇنست دەپ قارىلىنىپ 1950 - يىلى ئامېرىكىدىن قوغلانغان چارلىز چاپلىن ئاخىرى ئامېرىكىغا قايتىپ كەلگەن.

2005 - يىلى ۋاتىكان كاتولىك پاپاسى 2 - يوھاننا پولسنىڭ ئۇزاق كېسەل تارتقاندىن كېيىن قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.

2009 - يىلى G20 باشلىقلىرى لوندوندا يىغىن ئېچىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بىر ترلىيون دوللار پۇل ئاجرىتىپ، 500 مىليارد دوللارنى دۇنيا بانكىسىغا بەرگەن. 50 مىلياردنى نامرات دۆلەتلەرگە بىۋاستە ياردەم سۈپىتىدە بەرگەن. قالغان پۇللارنى ھەر قايسى ساھەلەرگە تارقاتقان.

2017 - يىلى ۋەتىنىمىزدە كەڭ كۆلەمدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىش، سادىقلىق قەسىمى قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەن. ئارقىدىنلا دىنىي ساھەدىكىلەرنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قورقۇنچلۇق دەرىجىدە تۇتقۇن قىلىشقا باشلىغان.

2019 - يىلى نۇر بەكرى رەسمىي قولغا ئېلىنغان.
« 2018 - يىلى 21 - سېنتەبىر تۇتقۇن قىلىنىپ،  تەكشۈرۈلۈۋاتىدۇ دېيىلگەن نۇر بەكرى  تېخى ھەپتە بۇرۇنلا كومپارتىيىدىن قوغلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۈگۈن رەسمىي قولغا ئېلىنىپ، تەپتىشكە يوللىنىشى ئۇيغۇرلارغا پەقەت بىرلا يول قالغانلىقىنى كۆرسەتتى»

2019 - يىلى 4 - 2 - ئاپرىل