2021/03/03 10:29

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 29 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/29 12:19

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/29 12:19 2019/04/29 16:50 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ئىملا خاتالىقى
تارىختىكى بۈگۈن « 29 - ئاپرىل » :


626 - يىلى كېيىنكى بەدرى ئۇرۇشى يۈز بەرگەن.

628 - يىلى ھۈدەيبىيە سۈلھى كېلىشىمى ئىمزالانغان.

1779 - يىلى جاھانگىر خوجىنىڭ ئاكىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا تۇغۇلغان. « ئۇ سالىھ ، يەنى سامساق خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، 1797 - يىلى تۇنجى قېتىم، 1830 - يىلى ئاخىرقى قېتىم قەشقەردىكى مانجۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 90 كۈن خوتەن - قەشقەرنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان. ئۇنىڭ دادىسى چوڭ خوجا بۇرھانىدىن بولۇپ، يۈسۈپ خوجا 1759 - يىلى ئۆكتەبىردىكى بەدەخشان قىرغىنىدا بۇرھانىدىن خوجىنىڭ  ئامان قالغان بىردىنبىر كىچىك ئوغلى ئىدى». 

1789 - يىلى ئامېرىكىدا جۇمھۇرىيەت تۈزۈمى جاكارلانغان.

1818 - يىلى چارپادىشاھ 2 - ئالېكساندىر تۇغۇلغان.

1828 - يىلى ئالجىرىيە ۋالىيسى فرانسىيە ئەلچىسىنى كاچاتلىغان. كېيىنچە مۇشۇنى باھانە قىلغان فرانسىيە 1832 - يىلى ئىشغالىيەتنى باشلاپ، 1964 - يىلغىچە 132 يىل ئالجىرىيىنى مۇستەملىكە قىلغان.

1885 - يىلى ئوكسفورد ئۇنۋېرسىتېتى تۇنجى قېتىم قىزلارغا قۇچاق ئاچقان.

1901 - يىلى ياپون ئىمپىراتورى ھىروھىتو تۇغۇلغان.

1912 - يىلى خوككايدۇدا كان پارتلاپ، 276 كىشى قازا قىلغان.

1915 - يىلى ئىتالىيە قارزابىيە ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان. بۇ ئىتالىيىنىڭ 1911 - يىلى ئۆكتەبىردە لىۋىيەگە تاجاۋۇز قىلغاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇشى ئىدى.

1916 - يىلى ئوسمانلى ئارمىيىسى ئىراقتىكى قۇتۇل ئەمارەدە ئەنگلىيە ئارمىيىسىنىڭ 40 نەچچە مىڭ ئەسكىرىنى يوقىتىپ، 13 مىڭدىن ئارتۇق ئوفېتسىر - ئەسكەرلىرىنى ئەسىر ئالغان. « بۇ ئوسمانىلارنىڭ 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا چاناققەلئە زەپىرىدىن كېيىنكى 2 - چوڭ غەلىبىسى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ! بۇ ئىككى ئۇرۇش كېيىنچە تۈركلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە مۇھىم رول ئوينىغان».

1925 - يىلى پارىژدا قول ھۈنەر - سەنئەت بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى ئېچىلغان.

1934 - يىلى مەھمۇد مۇھىتى تۇڭگانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ بۇلانغان قورال - ياراقلىرىنى قايتۇرۋالغان.

1945 - يىلى ئادولف گېتلىر ئۆلۈپ كېتىشتىن بىر كۈن ئىلگىرى ئاشنىسى ئېۋا براۋېن بىلەن توي قىلغان.

1949 - يىلى ئولىمپىك كومىتېتى ياپونىيىنىڭ ئەزالىق تەلىپىگە قوشۇلغان.

1951 - يىلى مۇسادىق قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

1951 - يىلى ئوسمان باتۇرغا ئۈرۈمچىدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.

1954 - يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن. « بىراق 1962 - يىلى سېنتەبىردە ئۇرۇش باشلىنىپ، مىللىي ئارمىيەنىڭ قالدۇق كۈچى ھىندىستان ئۇرۇشىغا سېلىنغان. بىراق ئۇلار غەلىبە قىلغاچقا، شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش توختىتىپ، 1965 - يىلى مىللىي ئارمىيىنى تارقىتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن 1966 - يىلى قورقماستىن ئاتالمىش مەينەت ئىنقىلابىنى باشلىۋەتكەن. خۇددى 2015 - 2016 - يىللاردا پاسپورتنى قويۇپ بېرىپ، يولۋاسنى تاغدىن ئايرىپ تاشلاپ، 2017 - يىلدىن باشلاپ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشلىغىنىدەكلا ! تارىخ تەكرارلانماقتا !».

1970 - يىلى ئامېرىكا ۋە جەنۇبىي ۋېيتنام ئارمىيىسى كومبودژاغا چەكلىك ھۇجۇم قوزغاپ، شىمالىي ۋېيتنام باندىتلىرىنى تازىلىغان.

1975 - يىلى ئامېرىكىنى سايگوندىن قوغلاش ھەرىكىتى باشلانغان.

1975 - يىلى شىمالىي ۋېيتنام ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، جەنۇبىي ۋېيتنامغا قاراشلىق كۆپلىگەن جايلارنى ئىشغال قىلغان. نەتىجىدە 1976 - يىلى بۇ ئۇرۇش توختىتىلغان.
« 1979 - يىلى دېڭ شوپىڭ ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىپ، سوۋېتقا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ۋېيتنامغا ھۇجۇم قىلدى. نەتىجىدە، ۋېيتنام مەغلۇپ بولۇپ، ئامېرىكا دېڭ بىلەن 10 يىللىق شېرىن ئاي مەزگىلىگە قەدەم قويدى. ئارىدىن 40 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2 - ۋېيتنام بولۇش تەقدىرىنى سېزىۋالغان كىم بودەك بىر دومىلاپلا، 2015 - يىلدىن بېرى چاقىرىۋاتقان ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتتى. مەسىلە يەنىمۇ مۇرەككەپلەشتى».

1988 - يىلى كازاپى ئۆزى ئەسكەر تارتىپ، لىۋىيە - تۇنىس چېگرا قاراۋۇلخانىسىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.

1991 - يىلى بېنگالدا قارا يامغۇر ئاپىتى يۈز بېرىپ، 138 مىڭ كىشى تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتكەن.

1991 - يىلى گرۇزىيەدە يەر تەۋرەپ، 360 كىشى قازا قىلغان. « بۇ چاغدا بۇلار تېخى مۇستەقىل بولغىلى 21 كۈن بولغانىدى ».

2010 - يىلى بېلگىيە ئاممىۋى سورۇنلاردا ھىجاپلىنىش ۋە نىقاپلىنىشنى چەكلەيدىغان لايىھەنى ئاۋازغا قويغان.

2015 - يىلى سەلمانخان ۋەلىئەھدىنى بىكار قىلىپ، مەمەت نايىفنى ۋەلىئەھدى، ئوغلى مەمەت سەلماننى ئورۇنباسار ۋەلىئەھدى قىلىپ تەيىنلىگەن.

2017 - يىلى تۈركىيە ۋېكىپىدىيەنى چەكلىۋەتكەن. سەۋەبى ئۇلار تۈركىيەنى تېررۇرلۇق گۇرۇھلىرىنى قوللايدۇ دەپ ئۇچۇر چىقارغان.

2019 - يىلى ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئۇتۇقلۇق ھالدا فرانسىيىگە كېلىۋالغان.

2019 - 40- 29 - ئاپرىل دۈشەنبە