2021/03/03 08:49

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 30 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/30 10:32

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




تارىختىكى بۈگۈن « 30 - ئاپرىل » :


1755 - يىلى ئامۇرسانا باشلاپ كەلگەن مانجۇ قوشۇنلىرى بىلەن جۇڭغار قوشۇنى تەلكە تاغلىرىنىڭ تۆۋىنىدىكى كەڭسايدا ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش باشلىغان.

1789 - يىلى جورجى ۋاشىنگتون تۇنجى ئامېرىكا پىرېزدېنتى بولغان.

1812 - يىلى لوزىيانا ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ، 18 - شىتاتقا ئايلانغان.« مەزكۇر جاينى ناپولىئون ئامېرىكىغا سېتىۋەتكەنىدى».

1854 - يىلى برازىلىيىدە تۇنجى تۆمۈر يول لىنىيىسى ياسالغان.

1898 - يىلى ھاكوداتادا تۇنجى ئاياللار چېركاۋى قۇرۇلغان.

1918  - يىلى توكيو ئۇنىۋېرىستېتى قىزلارغا ئېچىۋېتىلگەن.

1934 - يىلى تۇڭگانلار قاغىلىقنى ئىشغال قىلغان.

1937 - يىلى ئون كۈندىن بېرى قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلخانىسىدىن جاۋاپ ئالالمىغان ئابدۇنىياز كامال ماخۇسەن بىلەن جىددىي ھەربىي كېڭەش ئۆتكۈزگەن. 

1945 - يىلى گېتلىر ۋە خوتۇنى ئېۋا براۋىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان. « ئۇلار تېخى بىر كۈن بۇرۇن توي قىلغانىدى. بېرلىننىڭ بوسۇغىسىغا كېلىپ قالغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى گېتلىرنى بۇ قارارنى چىقىرىشقا مەجبۇرلىغانىدى».

1946 - يىلى شېۋىتسىيە پادىشاھى 16 كارل گوستاف تۇغۇلغان.

1975 - يىلى شىمالىي ۋېيتنام ئارمىيىسى سايگون شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئون يىلغا يېقىن داۋام قىلغان پاجىئەلىك ۋېيتنام ئۇرۇشى  رەسمىي ئاخىرلاشقان.

1978 - يىلى ياپونىيىلىك تەۋەككۈلچى ئۇيمورا نائۇمى تارىختا تۇنجى قېتىم ئىتلار سۆرىگەن ھارۋىغا ئولتۇرۇپ،شىمالىي قۇتۇپقا يېتىپ بارغان.

1984 - يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۇنجى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن. « 35 يىلدىن كېيىن ئامېرىكا سەمرىتكەن مۈشۈك يولۋاسقا ئايلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنياۋى ئورنىغا زور خىرىس ئېلىپ كەلمەكتە! ئادەمنى ئەڭ غەزەپلەندۈرىدىغىنى، ئامېرىكىنىڭ بۇ تارىخىي خاتالىقى ۋە خىتاي چۈشىنىڭ بەدىلىنى ئەزىز مىللىتىمىز مىللەت بويىچە قانلىرى، جانلىرى، غۇرۇرى، ئېتىقادى، قىسقىسى بارلىقى بىلەن ئېغىر ئۆتىمەكتە»!.

1998 - يىلى داڭلىق سۈرىيە شائىرى نازار قابانى ۋاپات بولغان.

بايراملار :

ۋېيتنامدا : ئازاتلىق بايرىمى

سىكاندىناۋىيىدە : باش باھار، يەنى نورۇز كۈنى .

شېۋىتسىيىدە : كارل 16- گوستافنىڭ تۇغۇلغان كۈن بايرىمى.

مېكسىكىدا : بوۋاقلار بايرىمى.

گوللاندىيىدە : مەلىكە كۈنى .


2019 - يىلى 4 - 30 - ئاپرىل  سەيشەنبە