2021/03/03 10:05

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن : 1 - ماي

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/01 13:58

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




تارىختىكى بۈگۈن « 1 - ماي » :


1218 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى 1 - رودلوف تۇغۇلغان.

1328 - يىلى ئىسلاندىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ئەنگلىيە ئىسلاندىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

1539 - يىلى ئىسپانىيە مەلىكىسى ۋە گېرمانىيە ئىمپىراتورى ئېزابىل ۋاپات بولغان.

1544 - يىلى ياۋروپا ئەللىرى ئاخىرى ھونگىرىيەنىڭ ئوسمانلى زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. « سۇلتان سۇلايمان بۇ دۆلەتنى 1526 - يىلىدىكى موھاچ ئۇرۇشىدا قولغا ئالغانىدى».

1648 - يىلى كاندىيە قورشاۋى باشلانغان « مەزكۇر قورشاۋ تاكى 1669 - يىلغىچە داۋاملىشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن مۇھاسىرە ئۇرۇشى بوپقالغان.ئوسمانلى كېرىتنى ئىگىلىگەن».

1707 - يىلى ئىسلاندىيە بىلەن ئەنگلىيە بىرلىشىپ، بىرلەشمە پادىشاھلىق، يەنى بۈيۈك بېرىتانىيىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

1755 - يىلى چيەنلوڭنىڭ بۇيرۇقى بويىچە مانجۇ تاجاۋۇزچى قوشۇنلىرى كەڭسايدا ئىككى تارامغا بۆلۈنگەن. بىر تارام مانجۇلارنىڭ سەككىز تۇغلۇق ئەسكەرلىرىنى ئاساس قىلىپ، جۇڭغارىيە پايتەختى غۇلجا شەھىرىنى ئىشغال قىلىشقا ماڭغان. يەنە بىر تارام ئامۇرسانانىڭ تەرەپدارلىرى بولغان قالماقلارنى ئاساس قىلىپ، موڭغۇلكۈرەگە قېچىپ كەتكەن داباچىنى قوغلاش ئۈچۈن تەڭرىتاغلىرىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان.

1758 - يىلى مانجۇلار جاۋخۇينىڭ قوماندانلىقىدا تەڭرىتاغلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ،« باتۇرخان خوجا جاھاننىڭ ئالدىنقى سېپى  بولغان كۇچا تەۋەسىگە يېقىنلاپ قالغان».

1840 - يىلى ئەنگلىيە دۇنيادىكى تۇنجى پوچتا ماركىسىنى باسقان. ئۇنىڭغا ۋېكتورىيەنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. 

1886 - يىلى چىكاگو ئىشچىلىرى تەمىناتنى ياخشىلاش توغرىلىق نامايىش قىلغان. شۇنىڭ بىلەن 1 - ماي خەلقئارالىق ئىشچىلار بايرىمى بولۇپ قالغان.

1900 - يىلى سۇلتان ئابدۇلھەمىد ھىجاز تۆمۈر يولىنى ياساش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئېنگلىز جاسۇسى لاۋرېنىسنىڭ پىلانلىشى بىلەن ئەرەبلەر بۇ يولنى بۇزۇۋەتكەن.

1917 - يىلى بېرىتانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىمىس بولفۇر رەسمىي ھالدا « پەلەستىن تەۋەسىدە بىر يەھۇدىي مىللىي دۆلىتى » قۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. « نەتىجىدە بۇ بايانات تۈپەيلى، دۇنيادىكى ئەڭ باي يەھۇدى گۇرۇھلىرى ۋە ئەسكىرى گۇرۇھلار ئانتانتا دۆلەتلىرىنى قوللاشقا باشلىغان. ئاقىۋەت ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇل بولغان.

1925 - يىلى ئەنگلىيە سىپرۇسنى مۇستەملىكە قىلىۋالغان.
« ئەسلىدە ئەنگلىيە ئوسمانلىنى قوللىغان بولۇۋېلىپ، 1878 - يىلدىكى بېرلىن يىغىنىدا سىپرۇسنى ئوسمانلىدىن 150 يىللىق ئىجارىگە ئالغان./ خۇددى شاڭگاڭنى 150 يىللىق ئىجارە ئالغاندەك/. بىراق ئوسمان ئىمپىرىيىسى جاسان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاننى ئاز دەپ، 1924 - يىلى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. نەتىجىدە شۇ يىلى 24 - ئىيۇل يېڭى تۈركىيە لوزان كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. ئۇنىڭدا « سىپرۇس ، تۈركىيە مەڭگۈ ئىگىلىك ھوقۇقى قويۇشقا بولمايدىغان زېمىن دەپ بەلگىلەنگەن». شۇڭا ئەنگلىيە بىمالال ھالدا بىر يىل ئىچىدىلا بۇ جاينى قانۇنلۇق بېسىۋالغان. 1952 - يىلى ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدا سىپرۇسنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. 1974 - يىلى 22 - ئىيۇل تۈركىيە ئەسكەر چىقىرىپ، لوزاننى بۇزدى. 1980 - يىلى ھازىرقى تۈركىيەلا ئېتىراپ قىلغان قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تۇغۇلدى».

1934 - يىلى مەھمۇد مۇھىتى مەكىتكە جايلىشىپ، شېھىتدۆڭنى پاسىل قىلىپ، يەكەن تەۋەسىنى ئىشغال قىلىۋالغان ماخۇسەن قىسىملىرى بىلەن تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرگەن.

1937 - يىلى گېنىرال ئابدۇنىياز بىلەن ماخۇسەن ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بېرىپ، بىرلىكتە قەشقەرگە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.

1945 - يىلى گېرمانىيە تەشۋىقات مىنىستىرى جوزېف گوبلىز ئۆزىنى  ئۆلتۈرۈۋالغان.

1948 - يىلى شىمالىي كورىيەدە كورىيە دېموكراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. كىم ئېرسىن داھىي بولغان.

1950 - يىلى خىتايدا بالىلارنى ئۆلتۈرۈش، كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش، كىچىك بالىلار بىلەن توي قىلىشنى چەكلەيدىغان قانۇن چىقىرىلغان.

1960 - يىلى سوۋېت ئا ق ش نىڭ جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان.

1961 - يىلى كاسترو كۇبانىڭ مۇستەقىل دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

1962 - يىلى فرانسىيە تۇنجى ئاتوم سىنىقىنى ئالجىرىيەدە قىلغان. / خىتاي 1964 - يىلى 17 -ئۆكتەبىر ۋەتىنىمىزدە قىلغان/.

1975 - يىلى ناگاساكى ئايروپورتى ئېچىۋېتىلگەن. بۇ ياپونىيىدىكى تۇنجى دېڭىز ئايروپورتى بولۇپ قالغان.

2003 - يىلى كىچىك بۇش ئىراقتىكى سادامنى ئاغدۇرۇش ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.
« ئا ق ش شۇ يىلى مارتتا ئىراققا بېسىپ كىرگەنىدى».

2004 - يىلى لىتۋانىيە، جەنۇبىي سىپرۇس، سىلوۋېنىيە، سىلوۋاكىيە، ھونگرىيە، ئېستونىيە، چېخىيە، لاتۋىيە، پولشا ۋە مالتا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان.

2014 - يىلى ئىسلاندىيەلىكلەر يەرلىك سايلامدا ئەنگلىيىدىن ئايرىلىشقا قارشى چىققان.


2019 - يىلى 5 - 1 - ماي  چارشەنبە