2021/03/03 09:20

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 2 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/03 04:43

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




تارىختىكى بۈگۈن « 2 - ماي » :


1250 - يىلى ئەييۇبىلارنىڭ ئاخىرقى سۇلتانى تۇرانشاھ ئەييۇبى ۋاپات بولغان. « تۇرانشاھ سالاھىددىننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئەييۇبىلار دەۋرى ئاخىرلاشقان. گەرچە ئۇنىڭ خوتۇنى شەجەرىدۇر ئۆزگىچە تاكتىكا ئارقىلىق دۆلەتنى ۋاستىلىق سەككىز يىل قولىدا تۇتقان بولسىمۇ، بىراق سەلدەك يوپۇرۇلۇپ كەلگەن موڭغۇللار، مىسىردا مەملۇكىلار خانلىقىنىڭ تىكلىنىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان».

1519 - يىلى داڭلىق رەسسام داۋېنچى ۋاپات بولغان.

1729 - يىلى داڭلىق ئايال چارپادىشاھ 2 - يېكاتېرىنا تۇغۇلغان.

1813 - يىلى ناپولىئون رۇسىيە - پىرۇسسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان .

1860 - يىلى زېئونىزىم ھەرىكىتىنىڭ ئاتىسى تيودۇر ھېرزىل تۇغۇلغان.

1876 - يىلى بۇلغارلار ئوسمانىلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.

1876 - يىلى مىسىردا قەرز قايتۇرۇش بانكىسى قۇرۇلغان. « ۋالىي ئىسمائىل مىسىرنى ياۋروپا پاسونىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن توختىماي قەرز ئېلىپ، ياۋروپا بانكىلىرىغا ۋاختىدا تۆلىيەلمەي، بۇ بانكىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ بانكا شۇندىن بېرى تاكى 1956 - يىلغىچە مىسىرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشتە زور تەسىر كۆرسەتكەن. نۆۋەتتە خىتاي مۇشۇ شەكىلدە پۈتۈن دۇنيادا زامانىۋى كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى قىلماقتا».

1911 - يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى ماراكەشتىكى فاسقا كىرىپ، قوزغىلاڭچىلارنى تۈپتىن يوقىتىش باھانىسىدا زور قىرغىنچىلىقنى باشلىغان.

1933 - يىلى گېتلىر گېرمانىيىدىكى بارلىق ئىشچىلار تەشكىلاتلىرىنى كوممۇنىزىمنىڭ قالدۇقلىرى دەپ قاراپ تارقىتىۋەتكەن. گېتلىر بۇ ۋاقىتتا تەختكە چىققىلى نەچچە ئاي بولغانىدى.

1935 - يىلى ئىراق پادىشاھ 2 - فايسال تۇغۇلغان.

1945 - يىلى رۇسلار بېرلىننى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشغال قىلىپ، ئورغاق - بولقىلىق بايرىقىنى گېرمانىيە پارلامېنت بىناسىغا ئاسقان. بېرلىننى ئىشغال قىلغانلىقىنى دۇنياغا جاكارلىغان.« بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان سىتالىن جىددىي تەييارلىق ئارقىلىق بىر ھەپتە كېيىن، ئۇلۇغ ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ غەلبىسى نامىدا قىزىل مەيداندا بايرام قىلغان. ھازىرغىچە رۇسلار ھەر يىلى 9  - ماي غالىبىيەت كۈنىنى تەبرىكلىسە، خىتايلار ھەر يىلى 1 - سېنتەبىر تەبرىكلەيدۇ».

1951 - يىلى مۇسادىق ئىران نېفىتىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىغان.

1953 - يىلى ھازىرقى ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللانىڭ دادىسى تەختكە ئولتۇرغان.

1953 - يىلى 2 - فايسال ئىراق پادىشاھى بولۇپ، تەختكە ئولتۇرغان.

1969 - يىلى گېرمانىيە باش ۋەزىرى فرانس فون بابېن ۋاپات بولغان.

1986 - يىلى سېنىئان ھاسسانى يۇگۇسلاۋىيە رەھبىرى بولۇپ سايلىنىپ، بۇ دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى مۇسۇلمان رەئىس بوپقالغان.

2011 - يىلى بىن لادېن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. « ئوباما شۇ كۈنىلا بۇ خەۋەرنى دۇنياغا جاكارلىغان».

بايراملار :

پولشادا : بىلىم بايرىمى .

ئىراندا : ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى .

2019 - يىلى 5 - 2 - ماي  جۈمە