2020/05/27 12:41

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


مىللىي كىملىك بىلەن مەدەنىيەت كىملىكىنى ئالماشتۇرۇۋەتمەيلى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/04 10:48

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


قازاقلار 2500يىلدىن بېرى مەۋجۇت، ئاتىللا، ھونلار قەدىمكى قازاقلاردۇر ،داۋامى قىپچاقلاردۇر ... خۇلاسە  ھەممىسى قازاقلارنىڭ ئەجدادى!» دېگەن نۇر سۇلتان نەزەربايېف بىلەن ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر « ئالىم» ئارىسىدىكى پەرق ھەققىدە :

سايرام ئوغلانى

« يەكچەشمىنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈكنى قىس» ئەجداتلار ھېكمىتى.

« غايەڭ ۋاستەڭنى ئاقلايدۇ» مېكافېللىي .

 « تۆت پەدىگە چاممايتتىم، چالدۇرغان مېنىڭ يارىم! مىللەتچىلىك قىلمايتتىم، قىلدۇرغان مېنىڭ زارىم/ ھالاكەتلىك تەقدىرىم/».

« مەن بۇ يەرگە كەممەيتتىم، باشىم ئايلىنىپ كەلگەن، مەندىن تولا گەپ سورىما ! ياردىن ئايرىلىپ كەلگەن » .  بۇ مىسرالار يالغۇز ئادەتتىكى ئاشىقلار ئۈچۈنلا بېغىشلانغان بولماستىن، بەلكى ۋەتىنىدىن، خەلقىدىن، بارلىقىدىن ئايرىلىپ، ھوشىنى يوقىتىپ قوياي دېگەن سىياسىيونلار ئۈچۈنمۇ بېغىشلانغان»!

« گەپنى ئاز قىلىپ، ئىشنى جىق قىلايلى» !

خىتايلارنىڭ ئاتىسى سۇنۋېن جېنىدا مانجۇلاردىن قۇتۇلۇشتا،« چۈشىنىش قىيىن ، ئىش قىلىش ئاسان پىرىنسىپى » شوئارى بىلەن خىتايلارنى 266 يىللىق مانجۇ مۇستەملىكە ئاسارەت دەۋرىدىن قۇتقۇزغان. ناۋادا ئاۋۋال چۈشەندۈرىمە دەپ ئولتۇرغان بولسا، بەلكىم پۇرسەت قولدىن كېتىپ ياپونىيە ياكى سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ  قۇلى بوپقالاتتى. شۇڭا غەرەز ئۇقمايدىغانلارغا گەپ ئەمەس ئىش تاپشۇرۇڭ!

توغرا ! تۈرك دېگەن نام ھازىر بەك تار مەنىلىك ئۇقۇم! ئۇ پەقەت تۈركىيەلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ! پۈتۈن دۇنيامۇ تۈرك دېسە شۇ ئالىقانچىلىك ئانادولۇنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدۇ! ئەگەر زادى تۈرك نامى مىڭ يىل بۇرۇنقى مەنىسىدەك بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دەيدىغان ئىش بولسا ، تۈركلەرنىڭ دۆلىتىنى « تۈركىيە » دەپ ئاتىشى تۈپتىن خاتا !
« غەربىي تۈركىيە» ياكى « ئانادولۇ تۈركىيە» دەپ ئاتالسا  بولاتتى. بىراق تۈركلەر « تۈرك » دېگەن نامنى 1923 - يىلدىن بېرى ئۆزىگىلا  خاس مەنىدە ئىشلەتكەچكە شۇڭا يۈرەكلىك « تۈركىيە» دەپ ئاتىدى. دۇنيا ئېتىراپ قىلدى.

ھازىرقى دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى « مىللىي كىملىكنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان». بۇ ئەلۋەتتە  يېقىنقى 200يىللىق يېڭى دۇنيا تەرتىپىنىڭ تەقەززاسى.

دۇنيادا « ئوخشاش ئۇسۇلدا بۇرنىغا يەۋېرىپ پاناق بولۇپ كەتكەن، يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ ھېرىپ كەتكەن، 21 - ئەسىرگە ئوتتۇرا ئەسىردىكى چوڭ مىللەتچىلىك ئىدىيىسى بىلەن كىرگەن بىزدىن باشقا مىللەت يوق». !

ھازىر تۈرك دېگەن نام بىلەن باشقا قانداش مىللەتلەرنى تولۇق ئىپادىلىگىلى بولمايدۇ.  پەقەت تۈركىيە ھازىر نىسبەتەن كۈچلۈك بولغاچقا ئۆز ئىچىدە « ئەزەربەيجان تۈركلىرى»،« تاتار تۈركلىرى»، « قازاق تۈركلىرى»،« قىرغىز تۈركلىرى» ۋە « ئۇيغۇر تۈركلىرى» دەپ ئاتىۋالىدۇ.بىراق بۇ گەپلەرنى دىپلوماتىك سورۇنلاردا قوللىنالمايدۇ. ئۇ دۆلەتلەرمۇ بۇنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. ھەر مىللەتنىڭ مىللىي نامى ئۇنىڭ مەلۇم جۇغراپىيىگە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنىڭ كۈچلۈك ئاساسى بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، « مەنىسى پىلدىن قىلغا كىچىكلەپ كەتكەن تۈرك» نامىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، خۇدا بىزگە بەرگەن تەييار نېنىمىزنى يەنە ياتلارغا تارتقۇزۇپ قويۇپ، قايتىدىن يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىسىنى تۆلىسەك بولمايدۇ.

مەن ھېساپلاپ چىقتىم. دۇنيادا ھېچقانداق بىر تۈركىي مىللەتتىن « پانئىسلامىزىم ۋە پانتۈركىزىم » قالپىقى بىلەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان مەسۇملار ، سەرخىللار ئۇيغۇرلاردەك كۆپ ئەمەسكەن.

تېررورلۇق قالپىقى مودىدىن قالغاچقا، ۋەتىنىمىزدە خىتايلار پانتۈركىزىم ۋە پانئىسلامىزىم توقمىقىنى قايتا كۆتۈرۈپ چىقىپ، دىنىي ئۆلىمالىرىمىز  ۋە پەننىي زىيالىلىرىمىزنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىش ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى.

دىنىي ۋە مىللىي قېرىنداشلىرىغا باشپاناھ بولىمە دەپ دۆلىتىنى قۇربان قىلىۋەتكەن ئۇيغۇرلاردەك ھېچقانداق بىر تۈركىي مىللەت يوق ئىكەن.

ئالايلۇق، 1871 -يىلى ئىلى تارانچى ئۇيغۇر سۇلتانلىقى
رۇسلاردىن قېچىپ كەلگەن قازاق ئالبان قەبىلىسىگە باشپاناھ بولغانلىقتىن مۇنقەرز قىلىندى.

1877 - يىلى قوقان، بۇخارا، ۋە خارەزمدىن كەلگەن رۇسلارغا قارشى كىشىلەرنى قوينىغا ئېلىپ ئوسمانلى سۇلتانلىقىغا بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، قەشقەرىيە دۆلىتى رۇسلار ۋە ئېنگلىزلارنىڭ ياردىمىدە مانجۇلارغا بېرىۋېتىلدى.

1933 - يىلدىكى تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز يەنىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىن قېچىپ كەلگەن « ئاتالمىش باسمىچى» ۋە يۇقىرى قاتلام كىشىلەرنىڭ بېشىنى سىلىغانلىقى، ھەتتا ئۇلارنى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىچىگە كىرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن سىتالىننىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن يوقىتىش نىشانىغا ئايلاندى. كېيىنچە 1944 - يىلدىكى جۇمھۇرىيەتمۇ سىتالىننىڭ 11 يىل بۇرۇنقى ئەندىشىسى تۈپەيلىدىن قايتا قۇربانلىق قىلىۋېتىلدى.

ئەمدى تۈركلەرگە كېلەيلى !

1858 - يىلى ئوسمانلى سۇلتانى 1 - ئابدۇلمەجىت خەلىپىلىك نامىدىن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنى ئەنگلىيە ئايال پادىشاھىغا ئىتائەت قىلىشقا چاقىردى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيەنى قوغلاپ چىقىراي دەپقالغان ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى بۈگۈنگىچە شۇ خاتالىقنىڭ  بەدىلىنى ئۆتەۋاتىدۇ.« ئەنگلىيە 1853 - يىلدىكى قىرىم ئۇرۇشىدا ئوسمانلىنى قوللاپ ئۇرۇشقا كىرگەچكە، 1858 - يىلى ئەنگلىيە بابۇر شاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادىنى بىكار قىلىپ، ھىندىستاننى ئەنگلىيە زېمىنى دەپ جاكارلىشى بىلەن پۈتۈن خەلق قوزغىلىپ، ئەنگلىيە قوغلىنىش تەقدىرىگە دۇچ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن دەرھال قىرىم ئۇرۇشىدىكى تۆھپىسىنى پەش قىلىپ، پادىشاھنى قىستاپ، خەلىپە نامىدىن ئۇلارنى بېسىقتۇرغان. بۇ قوزغىلاڭ كېيىنچە ئېنگلىزلارنىڭ ياقۇپبەگدىن ۋاز كېچىشكە سەۋەپ بولۇپ قالغان.

1876 - يىلى ئوسمانلى دۆلىتى ئۆزىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن،  پارلامېنتلىق تۈزۈمگە كۆچكەن.

1878 - يىلى دۆلىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بالقاندىكى كۆپ قىسىم زېمىنىدىن ۋاز كەچكەن.

1912 - يىلى ئىستانبۇلنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن پۈتۈن بالقاندىن  ۋاز كەچكەن.

1914 - يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئافرىقىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن.

1920 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئاناتولىيەدىن باشقا بارلىق زېمىنىدىن ۋاز كەچكەن.

1924 - يىلى تۈرك مىللىتىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەڭ ئاخىرقى تۈرك دۆلىتىنى ساقلاپ قېلىش، دۇنياغا ئېتىراپ قىلغۇزۇش ئۈچۈن  ئەڭ قىممەتلىك دىنىي ۋە سىياسىي ئامانەت بولغان « ئىسلام دىنى» ۋە « خەلىپىلىك تۈزۈم» دىن ۋاز كەچكەن. 

تۈركلەر مىللىتى ۋە دۆلىتى ئۈچۈن دىنى ۋە ئېتىقادىدىن ۋاقىتلىق  ۋاز  كېچەلىگەچكە بۈگۈنكى تۈركىيە ھازىرقىدەك  قايتا باش كۆتۈرەلىگەن.

ئۇيغۇرلار دىنىي ئېتىقادى ئۈچۈن دۆلىتى، مىللىتى، دۆلىتى، ۋەتىنى، ئىقتىسادى، مىللىي مەدەنىيىتى، ئاتا - ئانىلىرى، قەۋمۇ - قېرىنداشلىرى، نام - ئاتاق، ئىززەت - ئابرۇيلىرى،.. جۈملىدىن بارلىقىدىن ۋاز كەچكەچكە ھازىرقىدەك  ۋەتەنسىز، دۆلەتسىز، قىسقىسى ھېچنىمىسىز ھالدا« ئۆز يۇرتىدا تۇتقۇن، يات ئەلدە قاچقۇن » بولۇپ ياشاۋاتماقتا.

تۈركلەر يېقىنقى 300 يىلدىن بېرى، / 1689 دىن 1989غىچە/ ئۆزىنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ۋە دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن باشقا دىنداش ۋە قانداش قېرىنداشلىرىنى تاشلاپ قويدى ياكى قۇربان قىلدى. نەتىجىدە دۆلىتى ھازىرغىچە قولىدا ساق قالدى.

ئۇيغۇرلار 1649 - يىلدىن 1949 -يىلغىچە موڭغۇللارنىڭ بېشىنى سىلاپ، مانجۇلارغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. تاتار  - قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق قىپچاقلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، چاررۇسىيىگە دۈشمەن بولۇپ قالدى. بارلىق مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا قۇچاق ئېچىپ ئەنگلىيىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى. ئوسمان ئىمپىرىيىسى جېنىدا ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان پان ئىسلامىزىم ۋە پانتۈركىزىم يۈكى لەيلەپ يۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ دولىسىغا چۈشتى.
 
نەتىجىدە بۇ ئىككى ئىزىمدىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان چاررۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە مەنچىڭ دۆلىتى قاتارلىق ئۈچ جاھانگىر خوشنىسىنىڭ قولىدا تولىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا مۇنقەرز بوپكەتتى.

مېنى يىللارچە ئويغا سالغان بىر ھەدىس بار. بەلكىم بۇنى بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز - ئالىملىرىمىز، سىياسىيونلىرىمىز تېخى كۆرمىگەندۇ!؟
كۆرسىمۇ تېخى مەنىسىگە يەتمىگەندۇ:
 
:« مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تۇنجى بولۇپ ئاجراپ كېتىدىغان ھالقا ھاكىمىيەتتۇر. ئەڭ ئاخىرىدا قولدىن چىقىپ كېتىدىغان ھالقا نامازدۇر».
تولىمۇ ئەپسۇس، ھازىر ھاكىمىيەت، بارلىق دىنىي ئىبادەتلەر ۋە مىللىي ئۆرپ - ئادەتلەر ئاجراپ كەتكەننى ئاز دەپ، ئەمدى مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشمۇ قاش - بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىسىدا قالدى.

دېمەك 1759 - يىلى تۇنجى قېتىم ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغاندىن 1949 - يىلى ئاخىرقى قېتىم ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغانغا قەدەر ھەدىستىكى بىرىنچى ھالقا ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئىپادىسىنى  تاپقان بولسا ، 1949 - يىلدىن 1989 - يىلغىچە قىسمەن كىشىلىرىمىز مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئىبادەت ناماز 2017 - يىلدىن ئېتىبارەن تولۇق مەنئى قىلىنىشى بىلەن ئاخىرقى ھالقا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى.
ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى، ئۇيغۇرلار دىنىي ۋە مىللىي كىمىكىدىن كەچسىمۇ يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىپ قالالمىغانلىقى، ماڭا بۇ ھەدىسنى پەيغەمبىرىمىز خۇددى ئۇيغۇرلارغىلا نەسىھەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تەرىقىسىدە تەقدىم قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ!» .

« يۇقىرىقى ھەدىس ماڭا بەئەينى 1759 -  يىلدىن 2019 - يىلغىچە بولغان ئۇلۇغ  ئۇيغۇر پاجىئەسىدىن  1100 يىللار ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ».

دېمەك دۆلىتىڭ بولسا ھەممە نەرسەڭ بولىدۇ. دۆلىتىڭ بولۇشى ئۈچۈن سەن باشقا مىللەتتىن پەرقلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشۇڭ كېرەك!
بولمىسا شۇ يەنىلا « خىتاينىڭ ئايرىلماس بىرقىسمى، تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قۇشخانىسى بولۇپ ئۆتۈپ كېتىدىغان گەپ»!

ئاخىرقى خۇلاسىنى سىلەرگە قويۇپ بېرەي ! ئۈمۈدۈم :
« ھەر قانداق مەسىلىدە مىللىي مەنپەئەتىمىزنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا قويۇپ پىكىر قىلساق، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىم، تۈركلەرنىڭ باشقا يېرىدىن ئەمەس ۋەتەن، مىللەت ۋە ئۆز مەنپەتىنى تۈپ ئاساس قىلىپ ھەرىكەت قىلىشىدىن ئۆگىنىڭلار!»

2019 - 23 - مارت شەنبە

2019 - 5 - 4 - ماي شەنبە   قايتا تەھرىرلەندى