2021/03/03 09:30

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 4 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/04 12:20

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




تارىختىكى بۈگۈن « 4 - ماي » :


1493 - يىلى پاپا 6 - ئىسكەندەر « يېڭى زېمىن» ئاندۇلۇسنى ئىسپانىيە بىلەن پورتۇگالىيە ئارىسىدا تەقسىم قىلىپ، چېگرا بېكىتىپ بەرگەن.« 1492 - يىلى نويابىرنىڭ ئاخىردىدا ئىسپانىيىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئىسلام دۆلىتى مۇنقەرز بولۇپ، كاشتاللار قولغا ئالغانىدى».

1675 - يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى 2 - چارلىز پادىشاھلىق گېۋىنىچ رەسەتخانىسىنى قۇرۇشقا پەرمان چۈشۈرگەن.

1755 - يىلى مانجۇ قوشۇنى غۇلجىنى ئىشغال قىلغان.

1812 - يىلى ئىتالىيە 400 يىلدىن بېرى ئوسمانلىغا تەۋە بولۇپ كەلگەن رودۇس ئارىلىنى ئىشغال قىلغان.« بۇ ئارالنى دادىسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە سۇلتان سۇلايمان 1522 - يىلى قولغا كىرگۈزگەن. ۋەتىنىمىزدە 1914 - يىلى ئاقارتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئەھمەد كامالمۇ دەل مۇشۇ ئارالدا دۇنياغا كەلگەن».

1814 - يىلى ناپولىئون سۈرگۈن قىلىنغان ئېلبا ئارىلىغا يېتىپ كەلگەن.

1904 - يىلى پاناما قانىلى قېزىلىشقا باشلىغان.

1910 - يىلى كانادا خانلىق دېڭىز ئارمىيىسى قۇرۇلغان.

1924 - يىلى پارىژدا يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلانغان.

1928 - يىلى مىسىر رەھبىرى مۇبارەك تۇغۇلغان.

1945 - يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيە ئارمىيىسى مارشالى مونتىگومىرىگە تەسلىم بولغان. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپا بۆلىكى ئاخىرلاشقان.

1979 - يىلى « تۆمۈر خوتۇن» ساچېر خانىم ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەنگلىيە تارىخىدىكى تۇنجى ئايال باش ۋەزىر بولۇپ قالغان.

1980 - يىلى بالقاندىكى سىتالىن تىتو ئۆلگەن.

1994 - يىلى ئىسھاق رابىن بىلەن ياسىر ئاراپات پەلەستىننىڭ غەززەگە ئىگىلىك ھوقۇقى بەرگەن تېنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان.

2011 - يىلى خاماس بىلەن فاتاخ قاھىرەدە پەلەستىننىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن بىرلىك كېلىشىمى تۈزگەن.

2018 - يىلى شىۋېتسىيە خانلىق ئاكادېمىيىسى بۇ يىللىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنى 2019 - يىلغا كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىغان.


2019 - يىلى 5 - 4 - ماي شەنبە