2019/11/18 09:02

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 6 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/06 16:20

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




تارىختىكى بۈگۈن « 6 - ماي » :


636 - يىلى مۇسۇلمانلار قوشۇنى كېلىشىم بويىچە « بەئلەبەككە شەھىرى» گە كىرگەن. قوماندانلار ئەبۇ ئۇبەيدە بىلەن خالىد ئىدى.

680 - يىلى ھەزرىتى مۇئاۋىيە ۋاپات بولغان.

1250 - يىلى 7 - قېتىملىق ئەھلى سەلپ قوشۇنى ئۈزۈل كېسىل مەغلۇپ بولۇپ، باش قوماندان فرانسىيە ئىمپىراتورى مىسىر نائىپ سۇلتانى شەجەرىددۇر« مارجان خېنىم» نىڭ قوشۇنى تەرىپىدىن تىرىك تۇلۇپ، زىندانغا تاشلانغان.

1483 - يىلى ئىتالىيىلىك رەسسام ۋە نەققاش رافائىل تۇغۇلغان.

1520 - يىلى يۇقىرىقى رافائىل ۋاپات بولغان.

1528 - گېرمانىيە رەسسامى ئالبرت دور ۋاپات بولغان.

1727 - يىلى چارپادىشاھ 1 - يېكاتىرىنا ۋاپات بولغان.

1755 - يىلى ئامۇرسانا باشلاپ ماڭغان مانجۇ قوشۇنى موڭغۇلكۈرەگە قېچىپ كەتكەن قالماق خانى داباچىنى ئۈچ يولغا بۆلۈنۈپ قوغلىغان.

1757 - يىلى مانجۇلارنىڭ زور قوشۇنى كۇچارنى مۇھاسىرىگە ئېلىشقا باشلىغان.

1814 - يىلى ناپولىئون ئاغدۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىدىكى ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان.

1889 - يىلى ئېفىل تۆمۈر مۇنارى ئاۋامغا ئېچىۋېتىلگەن.

1890 - يىلى فرانسىيە ئارمىيىسى غەربىي سۇدانغا ھۇجۇم قىلىپ، سىيجو تەۋەسىنى ئىشغال قىلغان. نەتىجىدە ئەنگلىيە - مىسىر بىرلەشمە ئارمىيىسى 1895 - يىلى سۇداندىكى مەھدى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرالىغان.

1909 - يىلى ئامېرىكىلىق تەۋەككۈلچى روبېرت بېررى شىمالىي قۇتۇپتىكى مۇز ئوكيانغا بارغان.

1913 - يىلى سەئۇدى جەمەتى نەجىتتىكى ئەھسا رايونىنى ئوسمانلىدىن تارتىۋالغان.

1916 - يىلى جامال پاشا دەمەشىق مەيدانىدا 21 ئەرەبنى مۇستەقىلچى دەپ دارغا ئاسقان.
« بۇ ۋەقە 1916 - يىلى 10 - ئىيۇندا ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ئەرەب قەۋملىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئوسمانلىغا قارشى قوزغىلىشىغا پىلتە بولۇپ بەرگەن».

1919 - يىلى ھىندىستاندا گەندى قوزغىلىڭى باشلانغان. گەرچە ئېنگلىزلار ھەر خىل چارە قوللىنىپ، ھىندىستاننى تۇتۇپ تۇرغان بولسىمۇ، 1947 - يىلى ئاخىرى ئاز كەم 200 يىل مۇستەملىكە قىلغان بۇ يەردىن چىقىپ كەتكەن. گەندى 1948 - يىلى قەستلەنگەن.

1936 - يىلى فارۇق پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ئەنگلىيىدىن مىسىرغا يېتىپ كەلگەن. « ناسىر ئىخۋانلارنىڭ كۈچى بىلەن ئۇنى 1952 - يىلى ئاغدۇرۋەتكەن».

1937 - يىلى گېرمانىيىنىڭ « ھېندىنبۇرگ »* ناملىق دىرىژابىلى نيۇيورك ھاۋا بوشلۇقىدا پارتلاپ كەتكەن. * ھېندىنبۇرگ سابىق پىرۇسسىيە گېنىرالى بولۇپ، 1860 - 1930 - يىللىرىدا گېرمانىيە تارىخىدىكى تەسىرى زور تۆھپىكار مارشال بولۇپ قالغان. گېتلىر ئۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەيمىنەتتى. ئۇ 1933 - يىلى باھاردا ۋاپات بولدى. شۇندىلا گېتلىر يۈرەكلىك ئۆزى خالىغانچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە باشلىدى.

1937 - يىلى مەمتىلى ئەپەندى قادىر ھاجى ئەۋەتكەن سوۋېت ئاپشاركىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. « 1937 - يىلى 2 - ئاپرىل مامۇت سىجاڭ ھىندىستانغا قاچقاندىن كېيىن، ۋەزىيەت جىددىيلىشىپ كەتكەن بولسا، 5 - ماي ئابدۇنىياز كامالنىڭ قەشقەرگە قوشۇن تارتىپ كېلىشى توغرىسىدىكى كوچا پاراڭلىرى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۋەتتى. ئاقىۋەت قادىر ھاجى دېگەن KGB جاسۇسى، قوشۇمچە قەشقەر ساقچى باشلىقى 6 - مايدىن باشلاپ، مەمتىلى ئەپەندى، يۈسۈپ زىيا باشلىق 200 دىن ئوشۇق زىيالىي، قۇتلۇق شەۋقىي قاتارلىق 100 گە يېقىن ئەللامە - ئۆلىمالارنى تۇتقۇن قىلىپ، ياۋاغ تۈرمىسىگە سولىۋەتكەن».

1941 - يىلى سىتالىن باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنىمۇ ئىگىلىۋالغان. شۇنداق قىلىپ، سىتالىن ھەم سوۋېتنىڭ رەئىسى ھەم باش ۋەزىرى بولۇپ، 1933 - يىلدىكى گېتلىرغا ئوخشاش مۇتلەق ھۆكۈمرانغا ئايلانغان.

1946 - يىلى ئامېرىكىنىڭ بېسىمى بىلەن سىتالىن « ئىراندىكى غەربىي ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى » دىن چېكىنىپ چىققان. ئەسلى سىتالىن 1943 - يىلى قۇرۇپ چىققان بۇ يېڭى ھاكىمىيەت تارىخىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىپ بولغاندىن كېيىن، سىتالىن بۇ دۆلەتنىمۇ قۇربان قىلىۋەتكەن. سىتالىن بۇ دۆلەتنى قوللاشنى توختىتىپ، قوشۇنىنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىران 1946 - يىلى 11 - نويابىر قوشۇن چىقىرىپ، تەبرىزنى ئىشغال قىلدى. بىتەلەي جۇمھۇرىيەت مۇنقەرز بولدى. ئوخشاش تارىخ ۋەتىنىمىزدىمۇ تەكرارلاندى. 1944 - يىلى سىتالىننىڭ قوللىشىدا قەد كۆتۈرگەن كېيىنكى جۇمھۇرىيىتىمىز، 1945 - يىلى 10 - ئايدىن ئېتىبارەن قەغەزدە قۇربان قىلىنغان بولسا، 1949 - يىلى 10 - ئايدا تولۇق قۇربان قىلىندى.

1953 - يىلى ئەنگلىيە سابىق باش ۋەزىرى بلايىر تۇغۇلغان.

1985 - يىلى سۇداندىكى ھاكىمىيەتنى ۋاقىتلىق  چاڭگىلىغا ئېلىۋالغان گېنىرال جەئفەر نەمىرى نەچچە كۈنلۈك داۋالغۇشتا ئاغدۇرۇلغان. « مانا ھازىرمۇ شۇنداق تارىخ تەكرارلىنىۋاتىدۇ. سۇدان خەلقى ھەربىيلەرنى ئاغدۇرالامدۇ؟ ياكى ھەربىيلەر خەلقنى مىسىرغا ئوخشاش باستۇرامدۇ؟ ياكى سۇدان سۈرىيەگە ئايلىنامدۇ»

1998 - يىلى پاكىستان ئېتلىش مۇساپىسى پۈتۈن ھىندىستاننى قاپلىيالايدىغان ئوتتۇرا مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلغان.

2007 - يىلى ساركوزى شىراكنىڭ ئورنىغا فرانسىيە پىرىزدېنتى بولۇپ سايلانغان.

2008 - يىلى مىسىردا چىرىكلىك ۋە قىممەتچىلىككە قارشى ئومۇميۈزلۈك ئىش تاشلاش ھەرىكىتى باشلىنىپ، نۇرغۇن كىشى قولغان ئېلىنغان. ۋەزىيەت داۋالغۇپ كەتكەن.
2011 - يىلى ئاخىرى مىسىر خەلقى غەلىبىلىك ھالدا مۇبارەكنى ئاغدۇرغان. بىراق غەلىبە مېۋىسىنى  تارىختىكى ئەڭ ناچار سىرتلان تارتىۋالدى.

2010 - يىلى ئوباما ئامېرىكىنىڭ يېڭى يادرو قورالى قانۇنى توغرىلىق توختىلىپ، يادرو قورالى يوق دۆلەتلەرگە بۇ قورالنى قەتئىي ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى، يادرو قوراللىرىنىڭ يامراپ كەتمەسلىكى توغرىسىدىكى قانۇننىڭ ماددىلىرىغا رىئايە قىلىدىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ۋەدە ئىران بىلەن شىمالىي كورىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

2012 - يىلى فرانسو ھوللاند ساركوزىنى يېڭىپ چىقىپ، تۇنجى دېھقان پىرىزدېنت بولۇپ قالغان.

2019 - يىلى خىتاينىڭ پاي كۆرسەتكۈچى بىر كۈن ئىچىدىلا تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ كەتكەن. دونالد ترامپنىڭ بۈگۈن،يەنى 6 - ماي سەھەر تىۋىتتېرغا يوللىغان بىر پارچە تەھدىت خېتى بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەن.

2019 - يىلى سەئۇدىدا بىر باھاسى چۈشۈرۈلگەن چوڭ تاللا بازىرىدا خەلق مال تالىشىپ، جېدەل - ماجىراغا ئايلىنىپ كەتكەن.
« سەنلەرنىڭمۇ كۈنى ئاز قالدى مۇسەيلەمە كاززاپنىڭ ئەۋلاتلىرى. ئىككى ھەرەمنى پاكلايلى»!

2019 - يىلى ھافتار ترىپولىنى قورشاپ بولدى. بىراق ئۇ نېمىنى كۈتۈۋاتىدۇ. 1933 - يىلى جاللات شېڭ شىسەي ئۇلانبايدا تۇرۇۋېلىپ ھەيۋە بىلەن ھوقۇق تارتىۋېلىشنىمۇ ياكى ئۇنىڭدىنمۇ ئۆتەر قارانىيىتى بارمۇ!؟

2019 - يىلى سۇداندا ھەربىيلەردىن ھوقۇقنى تەلەپ قىلىش نامايىشلىرى داۋام قىلماقتا!

2019 - يىلى تۈركىيە ئىستانبۇل سايلىمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان. 23 - چېسلا قايتا سايلام ئۆتكۈزمەكچى بولغان.

بايراملار :

سۈرىيە ۋە لىۋاندا : شېھىتلەر بايرىمى .

2019 - يىلى 5  - 6 - ماي دۈشەنبە