2019/11/18 09:35

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 7 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/07 14:07

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




تارىختىكى بۈگۈن « 7 - ماي »:


م . ب 332 - يىلى ئىسكەندەر يېڭى قۇرغان ئىسكەندىرىيە شەھىرىدە ئاخمانىيلار سۇلالىسىغا ئەسكەر تارتىش تەييارلىقىنى باشلىغان.

685 - يىلى ئۇمەييەلەرنىڭ يەنە بىر ئۇرۇقىدىن چىققان خەلىپە مەرۋان ئىبنى ھەكەم ئۆلگەن.

1104 - يىلى سالجۇقىيلار ھەرران ئۇرۇشىدا ئەھلى سەلپ ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان.« بۇ ۋاقىتتا بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى ھەسەن بۇغراخاننىڭ ئەمدىلا تەختكە چىققىلى ئىككى يىل بولاي دېگەن ئوغلى ئەھمەد بۇغراخانغا ئاتابەگ بولۇپ، شەرقتىن كېلىۋاتقان قاراخىتاي كۆچمەنلىرىگە قارشى چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىۋاتاتتى. چۈنكى بۇ ۋاقىتتا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن توڭگۇسلارنىڭ نەسلى بولغان جۇرجىتلار  خىتاي / قىتان/ خانلىقىنىڭ باش ئاغرىقىغا ئايلىنىپ، قىتان قەبىلىلىرى غەرپكە قېچىپ كېلىشكە باشلىغان. 1125 - يىلى ئاگۇدا قىتان خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن، بۇ خىل ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتكەن. مەھمۇد قەشقىرىمۇ 1126 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . 1128 - يىلى قاراخانىيلار خانلىقىدىمۇ قەبىلىلەر ئارقا - ئارقىدىن ئىسيان كۆتۈرۈپ، ئاقىۋەت قىتان ئاقسۆڭىكى يوللۇغ تاشىن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، 1134 - يىلى مايدا غەربىي ئىلىكخانلىقنى ئىگىلىۋالغان. 1141 - يىلى يازدا قاراخانىيلار - سالجۇقىيلار بىرلەشمە ئارمىيىسى قاراخىتايلارغا يېڭىلىپ، بىپايان زېمىنىمىز قىتانلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن».

1250 - مارجان بۈۋى « ئايال پادىشاھ شەجەرىدۇر» فرانسىيە پادىشاھى 9 - لۇئىسنى مەنسۇرەدىكى قاماقتىن بوشاتقان.

1682 - يىلى چارپادىشاھ قازا قىلىپ، ئورنىغا گۆدەك ئوغلى پېتىر چارپادىشاھ بولغان. ئۇ بالاغەتكە يەتكىچە ھەدىسى نائىبلىق قىلغان.

1795 - يىلى فرانسىيىدە مېتىر ۋە كلوگرام قاتارلىق بىرلىكلەر قوللىنىلىشقا باشلىغان.ئاندىن تېزلا پۈتۈن دۇنياغا قاراپ كېڭەيگەن.

1861 - يىلى داڭلىق ئەدىب تاگور تۇغۇلغان.

1875 - يىلى چاررۇسىيە بىلەن ياپونىيە ساخالىن ئارىلىنى بۆلۈشۈش كېلىشمى ئىمزالىغان.

1914 - يىلى تۇنجى پاراخوت پاناما قانىلىدىن ئۆتكەن.

1920 - يىلى مىسىر بانكىسى قۇرۇلغان.

1937 - يىلى مامۇت سىجاڭ لاداققا يېتىپ كەلگەن.

1937 - يىلى قادىر ھاجى قەشقەر تەۋەسىدە كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغان.

1939  - يىلى ئىتالىيە ئالبانىيىگە تاجاۋۇز قىلغان.

1940 - يىلى فارۇقنىڭ قىزى، مىسىر مەلىكىسى فەۋزىيە تۇغۇلغان.

1945 - يىلى گېرمانىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپادىكى سەھنىسى يوقالغان.

1948 - يىلى خەلقئار سەھىيە تەشكىلاتى قۇرۇلغان.

1953 - يىلى شىۋېتسىيىلىك داغ ب د ت نىڭ باش كاتىپى بولغان.

1960 - يىلى بېرژىنېف سوۋېت رەھبىرى بولغان.

1963 - يىلى ئەسلىدىكى يۇگۇسلاۋىيە پادىشاھلىقى، يۇگۇسلاۋىيە فېدىراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە ئايلىنىپ، تىتو مەڭگۈلۈك دۆلەت رەئىسى دەپ جاكارلانغان.

1992 - يىلى سېربىيە مۇستەقىللىق جاكارلاپ، پارچىلانغان يۇگۇسلاۋىيىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

1994 - رىۋاندادا ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان.

2004 - يىلى پۇتىن قەسەم بېرىپ ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. ئۇ 1999 - يىلى 31 - دېكابىر يېلىتسىننىڭ ئورنىغا نائىب رەئىس بولۇپ،2000 - يىلدىكى سايلامدا مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن رۇسىيە چارپادىشاھى بولغان.

2005 - يىلى جەفەرى ئىراق باش ۋەزىرى بولغان.

2008 - يىلى دېمىترى مېدۋېدېف پۇتىننىڭ ئورنىغا رۇسىيە چارپادىشاھى بولغان. پۇتىن ئۇنىڭ ئورنىغا باش ۋەزىر بولغان.« رۇسىيە قانۇنى بويىچە، رەئىس ئارقىمۇ - ئارقا ئىككى نۆۋەتتىن ئارتۇق ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدۇ! پۇتىن ئۇستىلىق بىلەن ئىككى قارار تەخىتتە ئولتۇرۇپ، بىر قېتىم مېدۋېدېفنى ئورنىغا چىقىرىپ، بۇ ئويۇننى تەكرار ئويناش ئارقىلىق، 2018 - يىلى مارتتا قايتا چارپادىشاھ بولدى. ئەردوغانمۇ مۇشۇ يول ئارقىلىق، 2018 - يىلى ئىيۇندا قايتا سۇلتان بولدى. شۇڭا ئويۇننىمۇ قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالىغانلار ئوينىشى كېرەك!».

2010 - يىلى قىرغىزىستاندا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن داۋالغۇشلار ئاخىرى ھەيۋەتلىك خەلق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ، باقىيېۋنىڭ بېشكەكتىن قېچىپ كېتىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. باش ۋەزىر ئىستىپا بەرگەندىن كېيىن، ئوتونبايېۋ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىققان.

2010 - يىلى كامېرون ئۇتۇپ، باش ۋەزىر بولغان.

2012 - يىلى پۇتىن قەسەم بېرىپ، قايتا رۇسىيە چارپادىشاھى بولۇپ، مېدۋېدېف بىلەن ئالماشتى. 2018 - يىلى ئۇدا سايلاندى.
18 - مارت پۇتىن ئۈچۈن بايرام ! 23 - ئىيۇن، ھەزىران ئەردوغان ئۈچۈن بايرام! ئىستانبۇل سايلىمى دەل شۇ كۈنگە كېچىكتۈرۈلدى.

2017 - يىلى ماكرون 61% ئاۋاز بىلەن رەقىبىنى يېڭىپ، فرانسىيە پىرىزدېنتى بولغان.

بايراملار  :

رۇسىيەدە :

رادىئو بايرىمى .

2019 - يىلى 5 - 7 - ماي سەيشەنبە