2021/03/03 10:25

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 8 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/08 15:22

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/05/08 15:22 2019/05/08 15:33 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ئىملا خاتالىقى
تارىختىكى بۈگۈن « 8 - ماي » :


1773 - يىلى مىسىر مەملۇكىي ۋالىيسى ئەلى بەگ چوڭ ۋاپات بولغان.

1828 - يىلى قىزىل كېرست جەمئىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شىۋېتسارىيىلىك جان ھېنرى تۇغۇلغان. ئۇ 1901 - يىلى نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1871 - يىلى مەنچىڭ خانلىقى گۆدەك خان گۇاڭشۈنىڭ نامىدا چاررۇسىيەگە مەكتۇپ يوللاپ، ئىلىنى ۋاكالىتەن ئىشغال قىلىپ، مانجۇلارغا ئېلىپ بېرىش توغرىلىق تەلەپ سۇنغان.

1884 - يىلى ئامېرىكىنىڭ 33 - نۆۋەتلىك رەھبىرى ھاررى ترۇمېن تۇغۇلغان.

1918 - يىلى نىكاراگو ئاۋسترىيە - ۋېنگىرىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان.

1921 - يىلى شىۋېتسىيىدە ئۆلۈم جازاسى بىكار قىلىنغان.

1936 - يىلى فرانسىيە قارار ماقۇللاپ، ئالجىرىيىدە ئەرەب تىلىنى چەتئەل تىلى دەپ قانۇنلاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ ئانا تىلى مانا مۇشۇنداق ئوچۇق چەتكە قېقىلغان. ئەمما ئۇلار يەنىلا تەلەيلىك! 1962 - يىلى مۇستەقىل بولدى. ئەمما بىزنىڭ ھالىمىز بەك ئېچىنىشلىق!

1945 - يىلى ئالجىرىيىلىكلەر فرانسىيىنىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلمىغانلىقىغا قارشى نامايىش قىلغان. ئەمما فرانسىيە 45 مىڭ ئالجىرىيىلىكنى قىرىپ تاشلاپ، 8 - ماي پاجىئەسىنى پەيدا قىلغان. « ئەسلىدە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ھالاك بولاي دېگەن فرانسىيە پەقەت مۇستەملىكىسى بولغان سۈرىيە ۋە ئالجىرىيىدىلا ساقلىنىپ قالغان. ئۇلار ئالجىرىيە خەلقىگە دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن مۇستەقىللىق بېرىش ۋەدىسى بىلەن ئۇ يەرلەرنى بازا قىلىپ، گېرمانىيە بىلەن تىركەشكەنىدى. بىراق ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش تۈگۈل، قەتلىئام پەيدا قىلىپ، ئالجىرىيە خەلقىگە مۇستەقىللىقتىن باشقا يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرغان».

1951 - يىلى ياپونىيە ئولىمپىك كومىتېتىغا قايتا ئەزا بولغان.

1967 - يىلى بوكسچى مۇھەممەد ئەلى ۋېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەشتىن قاچتى دېگەن گۇمان بىلەن سوتقا چىقىرىلغان.

1984 - يىلى كازاپى قەستلەنگەن. لېكىن ساق قالغان.

1989 - يىلى خىتايدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي قىممەت قاراشلىرى ۋە مىللىي ئىززەت - ئابرۇيى، غۇرۇرى دەپسەندە قىلىنغان بىر كىتاپ نەشىر قىلىنغان. نەتىجىدە، 19 - ماي ئىسلام ئىنىستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى، ئىيۇندا پەننىي ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى كەڭ كۆلەمدە قارشىلىق  نامايىشى قىلغان.

1999 - يىلى ئۈرۈمچى ۋاختى شەنبە يېرىم كېچە، بېلگرات ۋاختى جۈمە كەچ ناتو خىتاينىڭ بېلگراتتىكى باش ئەلچىخانىسىنى بومباردىمان قىلغان.

2008 - يىلى رۇسىيە پارلامېنتى دۇماسى سابىق رەئىس پۇتىننىڭ باش ۋەزىر بولۇشىغا قوشۇلغان.

2018 - يىلى ماھاتىر ئىتتىپاقى غەلىبە قىلىپ، خىتايپەرەس نەجىپ ئاغدۇرۇلغان.

2018 - يىلى ترامپ ئىران بىلەن 2015 - يىلى 2 - ئاپرىل ئىمزالىغان يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان.

2019 - يىلى ئامېرىكىدا بەھرام قۇربان، قۇززات ئالتاي ۋە تۇمارىس ئالماس باشچىلىقىدا ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنى قوغداش، ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش توغرىلىق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىككە چاقىرىق قىلىنغان. بۇنىڭغا تۈرتكە بولغان ۋەقە بولسا، 7 - ماي تاراتقۇلاردا تارقالغان، ۋەتىنىمىزنىڭ گۇما ناھىيىسىدە كوللىكتىپ ھالدا ئوچۇق - ئاشكارا خىتايلارغا زورلاپ ياتلىق قىلىنغان پاك - غۇرۇرلۇق ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتى ئىدى.
« 8 - ماي : ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىغا ئىگە چىقىش، ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش كۈنى بولۇپ قالدى»! ھەممەيلەن تېزدىن كەسكىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى تاپايلى! ئۇلار دەل بىزنىڭ ئانىلىرىمىز، ئاچىلىرىمىز، ھاممىلىرىمىز، خوتۇنلىرىمىز، سىڭىللىرىمىز، كېلىنلىرىمىز، قىزلىرىمىز ۋە نومۇسىمىزدۇر!


بايراملار :

خەلقئارالىق 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان بارلىق كىشىلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرۈش كۈنى.

ياۋروپادا :

غالىبىيەت ۋە زەپەر كۈنى .

ئۇيغۇرلاردا :

ئۇيغۇر خانىم - قىزلىرىنى قوغداش كۈنى.

جەنۇبىي كورىيەدە :

دادىلار بايرىمى.

2019  - يىلى 5 - 8 - ماي چارشەنبە