2021/01/17 20:16

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 10 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/10 07:12

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




تارىختىكى بۈگۈن « 10 - ماي » :

884 - يىلى مىسىردىكى تۇنجى مۇستەقىل تۈرك - ئىسلام دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تولۇن ئوغلى ئەھمەد قاراخانىي ۋاپات بولغان. « ئۇ بۇخارادا تۇغۇلغان بولۇپ، ئاتىسى سامانىلار ئەمىرى نۇھ ئەسەد تەرىپىدىن يېڭى قۇرۇلغان قاراخانىيلار تەۋەسىدىن مەجبۇرىي بۇخاراغا كۆچۈرۈلگەن ئىسپىجاپلىق ئىكەن».

1497 - يىلى ئامېرىگو ھىندىستاننى كۆزلەپ دېڭىز سەپىرىگە ئاتلانغان. ئۇزاق ئۆتمەي ئۇ قۇرۇقلۇققا چىققان. ئەمما بۇ جاي ھازىرقى جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى بولۇپ، ھىندىستان ئەمەس ئىدى. شۇڭلاشقا كېيىنچە ياۋروپالىقلار بۇ جاينى لاتىن ئامېرىكىسى دەپ ئاتىۋالغان.

1526 - يىلى بابۇر شاھ ھىندىستان خانى ئىبراھىم لودىنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى بىتچىت قىلىپ، زەپەر قۇچقان ھالدا ئاگرا شەھىرىگە كىرگەن. ئاندىن مۇشۇ شەھەرنى پايتەخت قىلىپ، بۈيۈك موغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرۇپ چىققان. سەئىدىيە بىلەن بابۇرىيلار بىر جەمەت قوشماق خانلىقلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا نە چېگرا توقۇنىشى، نە يىرىكچىلىك بولغان ئەمەس. ئۆزئارا يات دەپ قارىمىغان».

1529 - يىلى سۇلتان سۇلايمان ۋېنانى قورشاش ئۇرۇشى ئۈچۈن ئىستانبۇلدىن ئەسكەر تارتقان.
« بىراق قوشۇن ۋېنا سېپىللىرىگە يېتىپ كەلگەندە، ھاۋا سوۋۇشقا باشلىغانىدى. شۇڭا شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئاۋستىرىيىنىڭ ئۆتۈنىشى بىلەن چېكىنىپ كەتكەن. شۇندىن بېرى بۇ جايغا قايتا كېلىش 1683 - يىلى نېسىپ بولغان بولسىمۇ، بىراق 1689 - يىلى مەغلۇبىيەت بىلەن چېكىنگەن. شۇ كۈندىن بېرى ئوسمانىلار ھەر يىلى دېگۈدەك چېكىنىپ، 1912 - يىلى بالقاندىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن»

1774 - يىلى 15 - لۇئىس ئۆلۈپ كەتكەن.

1774 - يىلى 16 - لۇئىس فرانسىيە پادىشاھى بولغان. 1789 - يىلدىكى ئىنقىلاپتا ئاغدۇرۇلۇپ ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن.

1862 - يىلى چارپادىشاھ 2 - ئالېكساندىر چېركەسلەرنى ئوسمانىلار تەۋەسىگە سۈرگۈن قىلىش لايىھىسىنى تەستىقلىغان. نەتىجىدە رۇسلار 1862 - يىلدىن 1864 - يىلغىچە كاۋكازدا ئۇچرىغانلا چېركەسنى قىرىپ تاشلاپ، ئۇلارنى ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، ئاناتولىيەگە كېتىشكە مەجبۇرلىغان. 1864 - يىلى پۈتۈن كاۋكاز بويسۇندۇرۇلغاندىن كېيىن، 1865 - يىلى قوقان خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان. 1867 - يىلى تۈركىستان گوبىرناتورلۇقى/ مانجۇلارنىڭ ئىلى سانغۇن مەھكىمىسىگە ئوخشاش مۇستەملىكە ئاپاراتى/ نى قۇرۇپ، 1871 - يىلى ئىلىنى، 1876 - يىلى قوقاننى، 1877 - يىلى خارەزمنى 1878 - يىلى بۇخارا خانلىقىنى يۇتۇۋالغان. كاۋكازلىقلار 100 يىل بەرداشلىق بەرگەن بولسا، تۆت ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىقى 10 يىل پايلىمىغان.

1865 - يىلى قوقان خانلىقىنىڭ 2 - دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى نىياز بەگ قازا قىلغان. « نىياز بەگ چېرنىيايېف باشچىلىقىدىكى رۇس تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇتۇقلۇق جەڭلەرنى ئېلىپ بارغان قەھرىمان ئىدى. ئۇ قازا قىلغاندىن كېيىن، باش ۋەزىر قىپچاق موللا ئالىمقۇل شۇ يىلى ئۆكتەبىردە چاررۇسىيە قوشۇنى بىلەن چىمكەنت ئەتراپىدا ئۇرۇشقان . ئۆكتەبىردە ئۇ ياقۇپبەگنى ئاللىبۇرۇن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىققان جاھانگىر خوجا ئوغلى بۇزرۇكخان تۆرەمگە قوش بېگى قىلىپ ئەۋەتكەنىدى».

1869 - يىلى ئامېرىكىدا تۇنجى قىتئە ھالقىغان تۆمۈر يول قۇرۇلۇشى ئىش باشلىغان.

1923 - يىلى ئەزەربەيجان پىرىزدېنتى ھەيدەر ئەلىيېف تۇغۇلغان. ئۇ ھازىرقى ئىلھام ئەلىيېفنىڭ دادىسى ئىدى.

1940 - يىلى گېرمانىيە، بېلگىيە ۋە گوللاندىيىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.

1940 - يىلى چېرچىل ئەنلگلىيە باش ۋەزىرى بولغان.

1960 - يىلى كامېروندا جۇمھۇرىيەت جاكارلانغان.

1997 - يىلى ئىراننىڭ شەرقىي شىمالىدا ئېغىر يەر تەۋرەپ، 2400 كىشى قازا قىلغان.

2004 - يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن ئىراق شىئە قوراللىق كۈچى - مەھدى جەڭچىلىرى باغداتتا توقۇنۇشۇپ، 16 كىشى قازا قىلغان.


2019 - يىلى 5 - 10 - ماي جۈمە