2021/01/17 21:01

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 11 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/11 06:50

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/05/11 06:50 2019/05/11 08:20 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: تولۇقسىز مەزمۇن!
تارىختىكى بۈگۈن « 11 - ماي » :


330 - يىلى كونستانتىنوپول شەھىرى ئاۋامغا ئېچىۋېتىلىپ، يېڭى رىم دەپ ئاتالغان. 395 - يىلدىن تاكى 1453 - يىلى 28 - مايغىچە شەرقىي رىمنىڭ پايتەختى بولغان. 1453 - يىلدىن 1922 - يىلغىچە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان.

1304 - يىلى ئىلخانىيلارنىڭ تۇنجى مۇسۇلمان بولغان خانى قازانخان ۋاپات بولغان. ئۇ 1295 - يىلى تەختكە چىققان بولۇپ، موڭغۇللارنىڭ خانلىقلىرى ئىچىدە، 2 - بولۇپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن موڭغۇل خانى بولۇپ قالغان.

1828 - يىلى جاھانگىر خوجا تۆمۈر قەپەسكە سولىنىپ، قەشقەردىن بېيجىنگە يالاپ ئېلىپ مېڭىلغان.« 1828 - يىلى 22 - ئىيۇن بېيجىنگە يېتىپ كېلىپ، 28 - ئىيۇن ئۆلتۈرۈلۈپ، جەسىتى لالما ئىتلارغا تاشلاپ بېرىلگەن» . بەزى مەنبەلەردە، « جاھانگىر خوجا 1828 - يىلى 22 - ئىيۇن قەشقەردىن يولغا چىقىپ، يولبويى ھەر بىر شەھەردە سازايى قىلىنىپ، سېنتەبىرنىڭ باشلىرى بېيجىنگە يېتىپ كېلىپ، 11 - سېنتەبىر ئۆلتۈرۈلگەن» دەپ خاتىرىلەنگەن.
جاھانگىر خوجا 1828 - يىلى فېۋرالدا ئاخىرقى قېتىم مەغلۇپ بولۇپ قاچقاندا، تاغلارنى قار قاپلاپ كەتكەچكە، چېگرادىن ئۆتەلمەي قەشقەر ئەتراپىدا پاناھلىنىپ يۈرگەن. ئاخىرىدا ئۇ خائىن ئىسھاق تەرىپىدىن شۇ يىلى مارتتا ھىيلە بىلەن تۇتۇلۇپ، مانجۇلارنىڭ ئەمىر لەشكىرى ياڭفاڭغا سوۋغا قىلىنغانىدى. بۇ خىزمىتى ئۈچۈن ئۇ خائىن خوتەنگە ھاكىمبەگ بولغان.

1874 - يىلى كوبى بىلەن ئوساكا ئارىسىدا 32 كېلومېتىرلىق تۆمۈر يول لىنىيىسى ئېچىلغان.

1949 - يىلى ئىسرائىلىيە ب د ت غا ئەزا بولغان.

1949 - يىلى سىيام ئىسمىنى تايلاندقا ئۆزگەرتكەن.

1953 - يىلى چېرچىل ئېزىنخاۋېرنىڭ دومىنو لايىھىسىنى تەنقىد قىلغان.

1960 - يىلى موسادنىڭ 4 خادىمى ئارگېنتېنا ئايروپورتىدىن ناتسسىتلار ئاتامانلىرىدىن ئادولف ئاخماننى بۇلاپ دۆلىتىگە ئېلىپ كەلگەن.

1998 - يىلى ھىندىستان يەر ئاستى يادرو سىنىقى قىلغان.

2010 - يىلى براۋېن ئىستىپا بەرگەن. ئايال پادىشاھ ئېلزابىت كامېروننى باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن. بۇ ئەنگلىيىدە چېرچىلدىن كېيىن مەيدانغا چىققان بىرلەشمە ھۆكۈمەت بوپقالغان.

2014 - يىلى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي ۋىلايىتى دونېتسىك سايلام ئۆتكۈزۈپ، 89% ئاۋاز بىلەن ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ، تولۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئارقىدىنلا يېڭى ھۆكۈمەت ئۆز ئالدىغا رۇسىيەگە قوشۇلۇش ئىلتىماسى سۇنغان.« شۇنداق قىلىپ، 2014 - يىلى 21 - مارت قىرىمنى يۇتۇۋالغان پۇتىن قايتا يېڭى مەسىلە پەيدا قىلىپ، خەلقئارانىڭ قىرىمغا بولغان دىققىتىنى باشقا جايغا بۇرۇۋەتكەن».

2016 - يىلى بېنگال تەرەپ، بېنگال ئىسلام جامائىتى رەھبىرىنى دارغا ئاسقان.


2019 - يىلى 5 - 11 - ماي شەنبە