2020/05/27 12:00

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 12 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/12 14:00

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 12 - ماي » :

922 - يىلى ۋولگا بۇلغار خانلىقى دۆلەت بويىچە ئىسلامغا كىرگەن. « 922 - يىلى 12 - ماي يەكشەنبە كۈنى ، ئايلاپ يولىغا تەلمۈرگەن ئابباسىيلار ئەلچىلەر ئۆمىكى خەلىپىنىڭ تەبرىك مەكتۇپىنى ئېلىپ كەلگەن. بۇلغار خانى ئاي تەڭرىدە بولمىش خان سۇيۇرغاتمىش بارلىق قەۋمىگە باش بولۇپ شۇ كۈنىلا ئىسلام دىنىغا كىرگەن».

1641 - يىلى گوللاندىيىلىك تەۋەككۈلچى تاسمان يېڭى زېللاندىيىنى بايقىغان.

1881 - يىلى پېتىربۇرگدا ئىمزالانغان « ئىلى كېلىشىمى» نىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىلىدىن يەتتىسۇغا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈش باشلىنىپ كەتكەن. بۇندىن بۇرۇن كىچىك كۆلەمدە ئىدى.

1894 - يىلى ياپونىيە كورىيەگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن. كېينىچە ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھاكاۋۇر مانجۇلارنى كورىيىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، 1895 - يىلى سېرىق دېڭىزدا مەنچىڭ شىمالىي دېڭىز فلوتىنى يوقىتىپ، كورىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلغان.

1910 - يىلى ئەزھەر شەيخى ئابدىلىم مامۇت تۇغۇلغان.

1919 - يىلى مىسىر رەھبەرلىرى ۋېرسال كېلىشىمى كومىتېتىغا نارازىلىق مەكتۇپى ئەۋەتىپ، ئەرەب دۆلەتلىرىنى ئەنگلىيە ۋە فرانسىيىنىڭ تىزگىنىدە قالدۇرغانلىقىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.« خىتايدىمۇ ياشلار 1919 - يىلى 4 - ماي گېرمانىيىگە تەۋە شەندۇڭ بىلەن چىڭداۋنى ياپونىيىگە بۆلۈپ بەرگەن كېلىشىمگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلغانىدى». ۋېرسال كېلىشىمى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاچقا، دۇنيا 1939 - يىلى قايتا ئۇرۇش قاينىمىغا كىردى.

1936 - يىلى ئابدۇغۇپۇر شاپتۇل داموللا مامۇت سىجاڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قەشقەر تۈمەن دەريا كۆۋرۈكى بويىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن.

1937 - يىلى نەجەفتە ئىراق ھۆكۈمىتىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ پارتلىغان.

1937 - يىلى 5 - جورجى تاج كىيىپ، بۈيۈك بېرىتانىيىنىڭ پادىشاھى بولغان.

1939 - يىلى سوۋېت - ياپونىيە ئارىسىدا مانجۇرىيە ۋە موڭغۇلىيە چېگرىسىدا خالقىنغول / خالىشېن، نومىنكان/ ئۇرۇشى باشلانغان.

1947 - يىلى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى قايتا جاكارلانغان. « 1912 - يىلى 12 - فېۋرال مەنچىڭ خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تاشقى موڭغۇل گېگەنى چاررۇسىيىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بىراق قوللىغۇچىسى چاررۇسىيە 1917 - يىلى يوقالغاچقا، ئارقا تېرىكى يوق پۇرسەت كۈتۈپ، 1924 - يىلى ئىيۇلدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدا قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. 1945 - يىلى سىتالىن ئۇيغۇرىستاننى قۇربان قىلىپ، جاڭ كەيشىگە موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزغان. 1947 - يىلى سىتالىن، كۈنسىرى كۈچىيىپ گومىنداڭنى جەنۇپقا سۈرۈۋەتكەن ماۋزىدۇڭغا تەكلىپ بېرىپ، موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلغۇزغان. ۋەتىنىمىزدە بولسا، گومىنداڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، موڭغۇلىيە مۇستەقىل بولۇپ 10 كۈن ئۆتۈپلا مەسئۇت بايقۇزىنى باشلىق قىلىپ، سوۋېت ۋە ئىلى تەرەپكە پانتۈركىزىم قارتى بىلەن قارشى تۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئويۇننىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالمىغان رەھبەرلىرىمىز ئىككى يىل ئۆز ئارا « قىزىل پاچاق كوممۇنستلار، ئەشەددىي سوۋېتپەرەسلەر»، « ئاپتونومىيەچىلەر، سادىق خىتايپەرەسلەر» دەپ قالپاق ئىجاد قىلىپ، تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا ماۋنىڭ ئىستىقبالى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بىراق 1949 - يىلى كىرىشى بىلەن ماۋ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. تۈلكە جاڭ جىجۇڭمۇ سىتالىننىڭ خاھىشى بويىچە مەسئۇتنى ئېلىپ تاشلاپ، سىتالىنچى ۋە ماۋچى بۇرھان شەھىدىنى باشلىق قىلدى. دەل شۇ مىنۇتلاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. كېيىنكى ئايدا سۇيقەست باشلىنىپ، ئەخماتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى تەرەپ ئېچىنىشلىق يوقىتىلدى. ئۈچ ئەپەندى باشلىق مىللەتچىلەر لاداق يولى ئارقىلىق كەشمىرگە قاچتى. خەلقىمىز 70 يىللىق قىزىل قىيامەتنى باشلىدى».

1951 - يىلى ئامېرىكا تېنچ ئوكياندا ھىدروگېن بومبىسىنى سىناق قىلىپ ئۇتۇقلۇق پارتلاتقان.

1965 - يىلى غەربىي گېرمانىيە ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىش توغرىلىق ھۆججەتكە قاراپ چىققان.

1997 - يىلى رۇسىيە بىلەن چېچىنىيە قوراللىقلىرى رۇسىيە بىلەن تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. بۇ 400 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان رۇسلارنىڭ تۇنجى قېتىم كاۋكازلىقلار بىلەن تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىشى بولۇپ ھېساپلانغان.« بىراق كاۋكاز بۆرىسى شامىل باسايېف بىلەن ئەرەب قوراللىقلىرى كاتتىۋېشى خەتتاب ئەمەلىي مۇستەقىللىقا رازى بولماي، 1999 - يىلى كۈزدە رۇسلارغا جىھاد ئېلان قىلغان. پۇتىن مۇشۇ پۇرسەتتە زور قوللاشقا ئېرىشىپ، شۇ يىلىلا 2 - قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشىنى باشلىغان. تەلىيىگە ئامېرىكا 2001 - يىلى تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى باشلىغاندىن كېيىن، رۇسلارنىڭ كاۋكازدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دۈشمەنلىرى مۇشۇ خاتالىقنى يەنە تەكرارلىتىپ، تېخىمۇ ئېغىر پاجىئە پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ».

2002 - يىلى جىمى كارتېر كۇبادا بەش كۈن زىيارەتتە بولغان. بۇ ئامېرىكا ئەلباشلىرىنىڭ 1959 - يىلدىن بېرى تۇنجى زىيارىتى ئىدى.

2008 - يىلى خىتاينىڭ سىچۇەندە 7.8 بال يەر تەۋرىگەن.

2017 - يىلى بىر خاككېرلار توپى ھۇجۇم قوزغاپ، پۈتۈن دۇنيادىكى 230 دىن كۆپرەك كومپيۇتېرنى كاردىن چىقارغان.

2019 - يىلى ئاز دېگەندە ئۈچ يىلدىن بېرى ئانىلىرىدىن جۇدا بولغان، ئالاقىسى ئۈزۈلگەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار سېغىنىش، ئەندىشە، قايغۇ، ئۈمۈتۋارلىق ۋە ئۆزىگە تەسەللىي بەرگەن ھالدا « 12 - ئاي ئانىلار بايرىمى» نى تەبرىكلىمەكتە.

مۇھاجىرەتتىكى بارلىق جاپاكەش ئانىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن! ۋەتەندىكى ئەڭ سۈيۈملۈك، قەيسەر، تىز پۈكمەس، نامسىز قەھرىمان بولغان بارلىق ئانىلىرىمىزنىڭ بايرىمىغا  مۇبارەك بولسۇن ! ئۇلۇغ ئاللاھ پەرىشتە كەبى ئانىلىرىمىزنى ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن! يۈرەك پارىلىرى بىلەن قايتا سالامەت جەم بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن ! ئۇلارغا كۈننىڭ سېرىقىنى قايتا كۆرسەتسۇن ! چىرايلىرىدىن كۈلكە ياغدۇرسۇن!

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 5 - 12 - ماي يەكشەنبە  قالماقىيە