2020/11/25 05:15

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


توۋا دەيمەن، توۋا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر

يوللىغۇچى: ئەبۇغۇفران, 2019/05/18 22:11

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

ئەبۇغۇفران

توۋا دەيمەن، توۋا
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
 
توۋا دەيمەن، توۋا...
ھەددىدىن ئېشىپ،
بۇلدۇقلاپ تېشىپ،
قازاننى قويۇپ ئېغىزدا
قاينايدىغان بوپتۇ شوۋا!
 
«سەھەت تىلىسەڭ ئاز يە،
ئىززەت تىلىسەڭ ئاز دە»_
دەيتتى ئاتا - بوۋىمىز،
لېكىن، بىزنىڭ بەزىمىز
پۇتتا ئەمەس، ئېغىزدا،
قۇرۇق مېڭىپ ئېڭىزدا،
شەر ئالىدىغان بولدۇق،
توۋا دەيمەن، توۋا...
 
كۆز ئىككى، قۇلاق ئىككى،
قول ئىككى، ئاياغ ئىككى،
ئېغىز، بۇرۇن بىر پەقەت،
شۇنىڭ ئۆزى بىر ھېكمەت...
شۇنداق تۇرۇقلۇق ئەمدى،
ئېغىزغا يۈكلەپ يۈكنى،
گەپ -سۆزدىن «سۇخەن» توقۇپ،
سىۋەت - سىۋەتتە ساتماقنىڭ
نىمە لازىمى توۋا!
 
ھەي چوكا، ھەي سەن چوكا،
(توۋا دەيمەن توۋا!)
ئاش يەيدىغان ئەسۋابنى
نېمە قىلىۋالدۇق ئەمدى؟
بۇنى ئېيتىشقا دوستلار،
تىلىم بارمايدۇ زادى.
ئاتىدىن قالغان ئۇدۇممۇ،
ياكى مىراس تۇلۇممۇ،
يا پەيلىمىزگە لايىق
بىر لەنىتى كۆرۈممۇ؟
نېمە بولسا بولسۇن،
توۋا دەيمەن، توۋا!
 
مۇندىن ئون نەچچە يىل بۇرۇن،
ھېلىقى ساراڭ قۇيۇن_
ئېچىۋەتكەن ئوخشايدۇ
بەزى كونا گۆرلەرنى.
تامدىن تارىشا چۈشكەندە،
ئەرۋا تىرىلىپ چىققاندەك،
بازارغا كىرىپ قاپتۇ
لەنەت تەگكۈر «لىق»ۋە«لىك»،
«سەن سەھرالىق، مەن شەھەرلىك،
ئاۋۇ ئاداش قەيەرلىك؟_
دەيدىغان ئۆتمەس ماتا،
(بەزىلەر زورلاپ ساتا،)
توۋا دەيمەن، توۋا!
 
بۇ گەپلەر تېخى ئازدەك،
ئۇچىغا چىققان مازدەك،
سۈرۈشتۈرۈپ ئۈستىخان،
«مەن پالانى، سەن پالان،
مېنىڭ ئەسلىم ئېسىلزات،
ئېسىللىقتا تاپقان ئات.
پالانچى ئۆزى كىمكەن،
ئۇ مېنىڭ تېڭىممىكەن؟»
دەيدىغان لاۋزىلىقلار
ئەدەپ قاپتۇ خېلىلا،
توۋا دەيمەن، توۋا!
 
يەنە قاراپ نەسەبكە،
مەرتىۋە ھەم مەنسەپكە،
تۆرمۇ تالىشىدىغان بولدۇق
سوزەڭگۈر خېنىملاردەك،
ئولتۇرۇشىمىزمۇ قالتىس،
غادايغاق بېگىملەردەك.
قايسىبىرسىنى ئېيتاي،
توۋا دەيمەن، توۋا!
[/b]