2020/10/29 13:37

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


شۇم خەۋەرگە خۇمار بولۇش كېسىلى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارە ـ تەدبىرلىرى

يوللىغۇچى: فاتىمە سەيياھ, 2019/05/20 00:18

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

فاتىمە سەيياھ

شۇم خەۋەرگە خۇمار بولۇش كېسىلى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارە ـ تەدبىرلىرى- 2018

(فاتىمە سەيياھ)

كىشىنىڭ بېشىغا دەرد ـ ئەلەملەر يېغىپ، ئەتراپىنى پۈتۈنلەي ئۈمىدسىز خەۋەرلەر قاپلىغان، مەيلى قايسى تەرەپكە قارىسۇن ياكى ماڭسۇن ھەممىلا ئىشىك تاقاقتەك بىلىنىدىغان كۈنلەردە ئادەملەر ھەقىقەتەنمۇ چۈشكۈنلىشىپ قالىدۇ.

گەرچە مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر ئۆزىدىكى چۈشكۈنلۈكنى مەيلى كىبىر، مەيلى چۈشكۈنلۈك ھەققىدە ساۋاتقا ئىگە بولماسلىق ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەردىن ئېتىراپ قىلىشقا ئۇنىمايدۇ. بۇ پىسخولوگىيەدە ئىنتايىن نورمال ھادىسە بولۇپ قايغۇ باسقان كىشىلەرنىڭ قايغۇغا تۇتىدىغان تۇنجى پوزىتسىيە ۋە ئىنكاسىدىن ئىبارەت.

بۇ خىل ئىتىراپ قىلماسلىق ئەمەلىيەتتە ئىنساننىڭ ئۆزىنى قوغداشتىكى ئىپتىدائى تەدبىرلىرىدىن بولۇپ، كىشىلەر قايغۇلارنى يوق قىلىش ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئامال تاپالمىغانلىقتىن، مەسىلىنى يوققا چىقىرىش ئارقىلىق ئۆزىدە بىر مۇداپىئە تېمى ھازىرلايدۇ. بۇ تام دەماللىققا ھۇجۇم قىلىدىغان ئۈمىدسىزلىك، مەجھۇللۇق ۋە تايانچىسىزلىقنى مەلۇم دەرىجىدە توسۇپ، ئادەملەرنىڭ پىسخىك بېسىمىنى مۇئەييەن دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.

بىراق، دەرد ـ ئەلەملەر ئىنسانلارنىڭ ئىنكار قىلىشى بىلەن يوقاپ كەتمەيدۇ، بەلكى ئۇ مەۋجۈت بولۇپ تۇرغان بىر شەيئى بولۇش سۈپىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىشنى، ئۇلارنى ھەل قىلىش ئارقىلىق قايغۇ ـ ئەلەملەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئۆگىنىشىنى ۋە ئۇلاردىن مەلۇم دەرىجىدە تەجرىبە ـ ساۋاق ھاسىل قىلىپ كەلگۈسىگە تەييارلىق كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئازابلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئىككىنچى قەدىمى بولسا ئاچچىقلاش بولۇپ، كىشىلەر ھاياتىدىكى ئازابلار بىلەن روبىرو ئولتۇرۇپ يۈزلەشكەندە ئۆزىنىڭ ھاياتقا، ئىنسانلارغا، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىغا، ھەتتا ئۆزىگە قانچىلىك ئۆچ ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە كەلگەن بۇ ئەلەملەرنىڭ نېمىشقا قەستەن مۇشۇ كىشىنىڭ بېشىغا كەلگەنلىكىنى ۋە نېمىشقا باشقىلارنىڭ خۇشال ـ خۇرام ياشايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئازاب بىلەن زوكۇنلىشىشقا باشلايدۇ. بۇ جەرياندا كىشىلەر ئۇرۇشقاق، ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، دۇنيادىن زارلايدىغان، كىشىلەر بىلەن پېتىشمايدىغان ئەڭ مۇھىمى ئازابلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى ئىستەپ توختىماي شۇم خەۋەر ئىزلەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.

ئەسلىدە نورمال ئەقلى نۇقتىدىن ۋە ساغلام بەدەن ۋە پىسخىكىلىق ھالەتتىن قارىغان چاغدا ئادەملەر ئۆزىگە زورلاپ شۇم خەۋەر ئارتماسلىقى، ئۆزىنى تېخىمۇ قايغۇرتىدىغان شۇم خەۋەر ۋە ئىنسانلاردىن يىراق تۇرىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، ئازاب ھۇجۇم قىلغان كىشىلەرگە نىسبەتەن ئاچچىقلىنىش ۋە شۇم خەۋەر ئىزلەش بولسا ئۇلارنىڭ شۇ ھالىتىدىكى نورماللىققا ئايلىنىپ قالىدۇ. بۇ يېڭى «نورما » ئۇلارنىڭ ئەقلىنى ۋە ساغلام بولغان ھىسسىي تۇيغۇلىرىنى زەھەرلەيدۇ ۋە تېخىمۇ كۆپ ئازاب، تېخىمۇ كۆپ زەھەرلەر بىلەن ئۆزىگە زۇلۇم قىلىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. مانا بۇ بولسا دەرد ـ ئەلەملىك كىشىلەرنىڭ توختىماي دەردلىك كىشىلەر بىلەن مۇڭدىشىپ يىغا ـ زارە قىلىشى، پەلەكنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ ئازابلارنى بېرىشىنى يوشۇرۇن ھالدا تىلەشلىرى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ.

بۇ خىل پىسخىكىلىق ھادىسىنى «ئازابقا خۇمار بولۇش كېسىلى« دەپ ئاتايمەن. بۇ بىزنىڭ ھازىرقى پىسخىك ھالىتىمىزنىڭ ئەڭ تىپىك ئالاھىدىلىكىدۇر. بىز تۈركۈم ـ تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان شۇم خەۋەرلەرنىڭ كۆپلۈكىدىن كۈندە بىرەر ياخشى خەۋەرگە ئېرىشىش ياكى ئىزلەش ئەمەس، ھەر كۈنى « بۈگۈن قانداق شۇم خەۋەرلەرنى كۆرەرمىز» دەيدىغان ئۈمىدسىزلىك بىلەن باشلىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

بۇ يەردە ئېنىقلاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ئىنتايىن نازۇك ۋە مۇھىم بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ «شۇم خەۋەرگە خۇمار بولۇش » ۋە ئەمەلىيەتچىل بولۇشنىڭ پەرقى. توغرا، ھازىر بىزگە كېلىۋاتقان خەۋەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى شۇم خەۋەرلەر، شۇ ۋەجىدىن بىز ئۇلارنى مەيلى كۈتەيلى كۈتمەيلى ھامان كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ، مانا بۇ ئەمەلىيەتچىللىك، يەنى ئەمەلىيەتنى ئېتىراپ قىلىش. ئەمما، بۇ ئەمەلىيەتچىللىك بىزنى پەقەت توختىماي قايغۇلۇق خەۋەر ئىزلەيدىغان، زاغرىچە قىلىپ ئېيتقاندا يىغىنى پۇراپ تاپىدىغان ھالەتكە ئەپكېلىپ قويغان بولسا، بۇ بىر كېسەللىك، روھتىكى ساقسىزلىق بولىدۇ.

قايغۇغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ يەنە ئۈچ باسقۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنى يەنە يېزىشقا تىرىشىمەن. بۈگۈنكى بۇ يازمىدا ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغان ئاساسلىق مەقسەت بولسا، ئاچچىقلاش باسقۇچىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئاماللىرىدىن بىرنى تونۇشتۇرۇش: شۇم خەۋەرگە خۇمار بولۇش كېسىلىدىن قۇتۇلۇش.

ئەگەر تەپەككۈر يولىمىز مۇشۇ خىل خۇمارلىققا ئادەتلىنىپ قالغان بولسا تۆۋەنكىدەك ئۇسۇللارنى سىناپ باقايلى:

1. ھەركۈنى ئۆزىمىزگە ۋە ئائىلىمىز، مىللىتىمىز ۋە ۋەتىنىمىزگە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم ياخشى خەۋەر تىلەپ تۇرۇشنى ئادەت قىلىش. ھەر قېتىمدا ئاز دېگەندە بەش مىنۇت بۇرۇنقى ياخشى چاغلارنى ئەسلەش بىلەن كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق ياخشى كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ئۈمىد قىلىپ جىمجىت خىيال قىلىش. كاللىمىزغا كەلگەن پاسسىپ خەۋەرلەرنى مۇشۇ بەش مىنۇتتا ئۆزىمىزنى كونتىرول قىلىپ پىسىخىكىمىزغا تەسىر قىلدۇرماسلىق.

2. ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئۇرۇش ـ جىدەل ۋە زىددىيەت بار بولغان سورۇنلاردىن، توپلاردىن ، تورلاردىن ۋاقتىنچە چېكىنىش ۋە بۇ ھەقتە خىجىللىق ھىس قىلماسلىق. بۇ ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئاچچىقلىرىنىڭ بىزدە بار بولغان ئاچچىقلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز.

3. شۇم خەۋەرلەرنى كۆرگەندە ئالدىراپ ھىسسىي ئىپادە بىلدۈرمەسلىك ، ئىككى مىنۇت چوڭقۇر نەپەس ئالغاندىن كىيىن بۇ خەۋەردە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا دۇئا قىلىش ۋە زالىملارنىڭ جاجىسىنىڭ بېرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنچ قىلىش. بۇ ئىككى مىنۇت ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بۇ دەل مەسىلىگە قارىتا «رېئاكسىيە» قايتۇرۇش ياكى «ئىنكاس » قايتۇرۇشنى ئايرىپ بېرىدۇ. رېئاكسىيە قايتۇرۇش ھسسىي ۋە ئەقىلدىن ئۆتمىگەن ئىتتىكلىك بولسا ئىنكاس قايتۇرۇش مېڭىنىڭ سۈزگۈچىدىن ئۆتكەن ئەقلى سەزگۈرلۈك. بۇنى بىر مەھەل مەشىق قىلغاندىن كىيىن مېڭىمىزنىڭ ئاستا ـ ئاستا جايىغا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز.

ھازىرچە مۇشۇ ئۈچ خىل ئاسان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ئۆزىمىزگە كېلىۋالساق، ئۇنىڭدىن كىيىنكى قەدەملەرنى مۇۋەپپىقىيەتلىك بېسىشىمىز ئۈچۈن ئۇل ھازىرلىيالايمىز.

ھەممەيلەنگە ساغلام پىسخىكا ۋە بەدەن ئاتا قىلىنغاي.

فاتىمە سەيياھ

شۇم خەۋەرگە خۇمارلىق كېسىلىگە قارشى تۇرۇشنىڭ يېڭى ئاماللىرى-2019-يىللىق ئويلار
(فاتىمە سەيياھ)
1. شۇم خەۋەرلەردىن ئاكتىپ پايدىلىنىپ، ئۆزىمىز بىلىدىغان تىللاردا تىۋىتىر، ئىنستىگىرام ۋە فەيسبۇك قاتارلىق تورلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە ئاكتىپ تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش. ئۆتكەن بىر يىلى ئوخشىمىغان قېرىنداشلارغا پىسخىك مەسلىھەت بېرىشتىن خۇلاسە شۇكى، ئۆتكەن يىلى شۇم خەۋەرگە خۇمار بولۇپ قالغان قېرىنداشلار خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈنلەر ھەققىدە ئاكتىپ تەشۋىقات ئېلىپ بارغاندىن كىيىن روھى ھالىتىدە كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان، بۇ ياخشىلىنىش ئۇلارنىڭ تەن سالامەتلىكىگىمۇ ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتكەن.
2. شارائىتى يار بېرىدىغان قېرىنداشلار پىسخىك مەسلىھەتچىلىرىگە كۆرۈنۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرنىڭ تارىخ بېتىگە يېزىلىشى ۋە كەسىپى كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىلىشىغا بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇش. ئۆتكەن يىلىدىكى پىسىخىك مەسلىھەتلەرنىڭ خۇلاسىسى شۇ بولدىكى، بەزى قېرىنداشلىرىمىز پىسىخىك مەسلىھەتچىلىرىگە كۆرۈنۈشكە ۋە ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى خەلقىمىزنىڭ ئازابلىرىغا باغلاپ سۆزلەپ چۈشەندۈرۈشكە باشلىغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلاردا ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولۇشقا باشلىغان، بەزى پىسىخىك مەسىلىھەت ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى پىسىخىك ساغلاملىقى ھەققىدە كوللىكتىپ دوكلات يېزىپ بېرىشنىمۇ ئويلىشىۋېتپتۇ.
3. ھازىر پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى ئۇيغۇردا (شەرقىي تۈركىستاندا ھەقسىز قامالغان مۇسۇلمان قېرىنداشلاردا)، بۇ ۋاقىتتا بىز ئەڭ كۈچلىنەلەيمىز ۋە ياكى ئەڭ ئاجىزلىشىپ كېتەلەيمىز. ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيانقى ئازاب باسقۇچى ئەمدى بىزنى ئەمەلىي ھەرىكەت باسقۇچىغا ئېلىپ كىرىدۇ. بىز كۈچلىنىشنى تاللىشىمىز ۋە دۇنيانىڭ كۆزىدىكى ئۆزىمىزنىڭ قانداق رول ئېلىشىمىز كېرەكلىكىنى توغرا تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. دۇنيا بىزدىن ئەقىل، ئىشەنچ، غەيرەت ۋە مۇھەببەت كۈتىدۇ، بىزمۇ دۇنيادىن چۈشىنىش، قوللاش ۋە مۇھەببەت تەلەپ قىلىمىز. ھەر بىر ئۇيغۇر (شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان) ھازىرقى مىنۇتلارنى شۇنداق چىڭ تۇتۇپ قەدىرلىشى كېرەك. شۇم خەۋەرگە خۇمارلىق كېسىلىنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتى كەلدى: دۇنيانىڭ مەتبۇئاتلىرى بىزگە ئېچىلدى، شۇم خەۋەرلىرىڭىزنى مىدىيالارغا چىقىپ يىغلاپ، قاقشاپ تۇرۇپ سۆزلەڭ، ئائىلىڭىزنى ئىزدەڭ، ئۆزىڭىزنىڭ بىر ئىنسانلىقىڭىزنى دۇنياغا بىلدۈرۈڭ ئۇيغۇر قېرىندىشىم!
ئۆتكەن يىلىدىكى كۆزىتىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، مەتبۇئاتلاردا ئاكتىپ بولغان قېرىنداشلارنىڭ روھىي كەيپىياتى لام-جىم دېمەي شۇم خەۋەرگە داۋاملىق خۇمار بولغان ۋە ئۇيغۇرغا تېخىمۇ كۆپ شۇم خەۋەر چاچىدىغان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىدىن كۆپ ياخشى بولغان.
4. يۇقارقىلارنى قىلسىڭىزمۇ يەنىلا شۇم خەۋەرگە خۇمارلىقىڭىز پەسەيمىسە، ئۇنداقتا ئىبادىتىڭىزنى كۈچەيتىڭ. ھەر قېتىم شۇم خەۋەر سىزنى يەيمەن دېگەندە بۇ ئالەمنىڭ قىسقا ۋە ۋاقىتلىق ئالەم ئىكەنلىكىنى، ئىىشلارنىڭ ئاخىرى نەتىجىسى بۇ ئەمەسلىكىنى ئەسكە ئېلىڭ. سىزنى شۇم خەۋەرگە خۇمار قىلغۇچى ئىلمىنتلاردىن شەيتاننىڭمۇ بارلىقىنى ئۇنۇتماڭ. ناماز ئوقۇڭ، ئاللاھنى ئەسلەڭ، ھاياتىڭىزدىكى ياخشىلىقلارغا رەھمەت ئېيتىڭ.