2021/01/15 15:41

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 21 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/21 14:25

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 21 - ماي » :

م .ب . 427 - يىلى ئەپلاتون تۇغۇلغان.

987 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى فرانك پادىشاھى 5 -لۇئىس ۋاپات بولغان.

1291 - يىلى مەملۇكىلار ئەككا شەھىرىدىن كېيىن، سايدا شەھىرىنى ئەھلى سەلىپتىن قايتۇرۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەھلى سەلپنىڭ ئىككى يۈز يىلدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئوتتۇرا شەرق مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي يوق بولدى.

1577 - يىلى پورتۇگالىيە خىرىستىئانلاشقان ئىسپانىيىلىك مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىلارنىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇستەملىكىسى برازىلىيىدە ئولتۇراقلىشىشىغا رۇخسەت قىلغان.

1671 - يىلى شاھانە پەرمان چۈشۈرۈلۈپ، يەھۇدىلارنىڭ بېرلىنگە كىرىشىگە ئىجازەت قىلىنغان. « ئوسمان ئىمپىرىيىسى يەھۇدىلارغا 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىلا قۇچاق ئاچقان».

1851 - يىلى كولۇمبىيە قۇللۇقنى چەكلىگەن.

1864 - يىلى چاررۇسىيە « رۇس - چېركەس» ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.
« شۇنىڭ بىلەن 100 يىلغا سوزۇلغان شىمالىي كاۋكازنى ئىشغال قىلىش ئۇرۇنۇشى تولۇق ئۇتۇقلۇق بولغان. چېركەسلەر ھازىرغىچە 21 - ماينى سۈرگۈن قىلىنغان ۋاقىتتا ئۆلۈپ كەتكەن مىليونلىغان قېرىنداشلىرىغا ماتەم تۇتۇش كۈنى قىلىپ جاكارلىغان. بۈگۈن ستافروپول ھەربىي رايونىغا چېگرىداش قاراچاي - چېركەسىيە جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت بويىچە يۇقىرىقى چوڭ سۈرگۈننىڭ 155 يىللىق چوڭ خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ماتەم تۇتۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. تولىمۇ ئەپسۇس ئۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋەتىنىمىزدە مۇشۇ دەقىقىلەردىمۇ تېز سۈرئەتتە، رەزىل ۋاستىلەر بىلەن داۋام قىلماقتا».

1881 - يىلى ئامېرىكا قىزىل كېرست جەمئىيىتى قۇرۇلغان.

1904 - يىلى پارىژدا دۇنيا پۇتبول بىرلەشمىسى « فىفا» قۇرۇلغان.

1927 - يىلى ئامېرىكىلىق چارلىز تۇنجى قېتىم ئايروپىلان بىلەن ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، پارىژدىن نيۇيوركقا ئۇچۇپ بارغان.

1932 - يىلى ئېرھارت ئۆزى يالغۇز ئايروپىلان ھەيدەپ، ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتكەن تۇنجى ئايال ئۇچقۇچى بولۇپ قالغان.

1933 - يىلى قەشقەردە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيىتى قۇرۇلغان. « ئابدۇقادىر داموللام، قۇتلۇق شەۋقىي باشچىلىقىدا 1920 - يىللىرى شىۋېت دىن تارقىتىش ئۆمىكىنىڭ ھەقسىز دوختۇرخانىلىرىغا قارشى ھىلال ئەھمەر جەمئىيىتى قۇرۇلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن چەكلەپ قويۇلغان».

1941 - يىلى گېرمانىيە سۇ ئاستى كېمىسى ئامېرىكىنىڭ تۇنجى پاراخوتىنى برازىلىيە ساھىلىغا 950 مىل كېلىدىغان جايدا ئۇتۇقلۇق چۆكتۈرۋەتكەن.

1950 - يىلى خوچىمىن باشچىلىقىدىكى ۋېيتنام كوممۇنست باندىتلىرى كومبودژاغا ھۇجۇم قىلغان.

1958 - يىلى ئامېرىكا ھاۋا بوشلۇقىدا يادرو سىنىقى قىلغان.

1968 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى قازاقىستاندا يەر ئاستى يادرو سىنىقى قىلغان.

1980 - يىلى خىتاي 2 - قېتىملىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى قويۇپ بەرگەن.

1991 - يىلى ھىندىستان باش ۋەزىرى راجىف گەندى تامىل يولۋاس تەشكىلاتى تەرىپىدىن قەستكە ئۇچراپ ئۆلگەن.

1993 - يىلى ئامېرىكا ئىسرائىلىيىدىن 12 دانە جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى 8 مىليون دوللارغا سېتىۋېلىش ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

2003 - يىلى ئالجىرىيەنىڭ شىمالىدا يەر تەۋرەپ، 2000 كىشى قازا قىلغان.

2006 - يىلى قاراتاغ / مونتېگورۇ / جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. شۇنىڭ بىلەن « سېربىيە - قاراتاغ بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى » يىمىرىلگەن. 2008 - يىلى كوسوۋۇنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلىشى بىلەن سېربىيە تېخىمۇ كىچىكلەپ كەتكەن.

2017 - يىلى ترامپ ۋە ئەرەب قورچاقلىرى ئوتتۇرىسىدا سەئۇدىدا ئۆتكۈزۈلگەن « رىياد قۇرۇلتىيى » ئاخىرلاشقان. بۇ قېتىملىق قۇرۇلتاينىڭ ئالاھىدە تەرىپى، ترامپ تارىختىكى بارلىق ئامېرىكا ئەلباشلىرىنىڭ رېكورتىنى بۇزۇپ، 
500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئېلىپ قايتقان.
ئادەتتە 10 مىليارد دوللارلىق قورال سېتىش ئۈچۈن ئىشلەتمىگەن سەتەڭ قالمايدىغان ئەنگلىيەمۇ بۇنىڭدىن ھەيران قالغان. ئىككى ھەپتە ئۆتمەيلا، ئەرەبلەر قاتارغا ئىمبارگو يۈرگۈزۈشكە باشلىغان».

2019 - يىلى پۈتۈن دۇميا تاراتقۇلىرى، جۈملىدىن ئەرەب ئەللىرىنىڭ زۇۋانلىرى بەس - بەستە ئامېرىكا - خىتاي سودا ئۇرۇشى توغرىلىق يېڭى خەۋەرلەرنى تارقاتماقتا ! تەشۋىقاتنىڭ ئالتۇن پۇرسىتىنى چىڭ تۇتايلى ! دۈشمەنمۇ چوڭ قىرغىننى باشلاشتىن ئاز دېگەندىمۇ 5 يىل توختىماي جامائەت پىكرى ھازىرلاش ئۈچۈن تەشۋىقاتقا كۆپ كۈچىگەن. بىزمۇ ھەققانىي مەسىلىمىز ئۈچۈن ئالدى بىلەن دۈشمەننىڭ خاتا تەشۋىقاتلىرىنى بىتچىت قىلىشىمىز، كەڭ كۆلەمدە ئەلرايىنى مايىل قىلىشىمىز كېرەك!

2019 - يىلى 5 - 21 - ماي   سەيشەنبە