2021/01/17 19:04

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 22 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/22 15:41

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 22 - ماي »  :


337 - يىلى ئىمپىراتور كونستانتىن ۋاپات بولغان. « ئۇ 310 - يىلى ھازىرقى ئىستانبۇلنى ئىنشا قىلىپ، رىمنىڭ يېڭى پايتەختى قىلغان. رىم 395 - يىلى پارچىلانغاندا، ئۇ شەرقىي رىمنىڭ پايتەختى بولغان .شەھەر 1453 - يىلغىچە ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ».

1176 - يىلى ھاششاشۇنلار سالاھىددىننى ھەلەپكە يېقىن بىر جايدا قەستلەشكە ئۇرۇنغان.

1177 - يىلى خوتەن خەلقى قاراخىتايلارغا قارشى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.

1840 - يىلى ئەنگلىيە جىنايەتچىلەرنى ئاۋسترالىيەگە پالاشنى توختاتقان. بۇ جاي ئىلگىرى بۈيۈك بېرىتانىيىنىڭ تۈرمىسى ئىدى.

1844 - يىلى باھائىيە دىنىنىڭ ئىجاتچىسى باھائۇللانىڭ  ئوغلى ئابدۇلباھا تۇغۇلغان.

1888 - يىلى ۋىكتور ھيوگو ۋاپات بولغان.

1927 - يىلى خىتايدا يەر تەۋرەپ ئىككى يۈزمىڭ خىتاي ئۆلگەن.

1939 - يىلى گېتلىر بىلەن موسسۇلىنى ھەربىي ئىتتىپاق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ياپونىيە بۇ ئىتتىپاققا قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن توكيو - رىم - بېرلىندىن ئىبارەت ئوق مەركىزى دۆلەتلىرى شەكىللەنگەن.

1945 - يىلى ترۇمېن كوممۇنىزىمغا قارشى ئىستراتېگىيىلىك سىياسىتىنى جاكارلىغان. ئەمدى تەختكە چىققىلى 50 كۈنمۇ بولمىغان ترۇمېننىڭ بۇ سىياسىتى سوۋېت بىلەن بولغان سوغۇق ئۇرۇشنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان.« تۈركىيەنىڭ 1950 - يىلى ناتوغا ئەزا بولۇشىمۇ ترۇمېننىڭ مۇشۇ سىياسىتى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن».

1948 - يىلى خەۋپسىزلىك كېڭىشى 49 - نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، ئەرەبلەر ۋە يەھۇدىلارنى تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان.

1972 - يىلى ئامېرىكا بىلەن سوۋېت يادرو قوراللىرىغا چەك قويۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. « ترامپ تېخى يېقىندىلا بۇ كېلىشىمدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىقتى».

1972 - يىلى سەيلان ئاساسى قانۇننى يېڭىلاپ، نامىنى سىرىلانكىغا ئۆزگەرتكەن.

1982 - يىلى تۈركىيە رەئىسى جەۋدەت سوناي ئۆلگەن.

1990 - يىلى ئىككى يەمەن بىرلەشكەن.

1992 - يىلى سىلوۋېنىيە، كرۇدىيە، بوسنىيەلەر  ب د ت غا ئەزا بولغان.

2014 - يىلى 22 - ماي سەھەر 50: 7 ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدە ۋەقە يۈز بەرگەن.پۈتۈن دۇنيا بۇ ۋەقەنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىپلىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ پاجىئەسى مانا شۇ كۈندىن كېيىن باشلىنىپ كەتكەنىدى.
« گەرچە ئابدۇۋەلى ئايۇپ ۋەقەنى سادىر قىلغانلار بىلەن كامېرداش بولۇپ، بۇ ۋەقەدە قارا دائىش بايرىقى ئىشلىتىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ قارا بايراق 2014 - يىلى 6 - ئىيۇن جۈمە ، دائىش كاتتىۋېشى باغدادى موسۇل جامىدا ئۆزىنى خەلىپە دەپ جاكارلىغاندا ئاندىن بۇ بايراقنى رەسمىي دائىش باندىتلىرىنىڭ خەلىپىلىك بايرىقى قىلىپ  بەلگىلىگەن. تەكلىماكاندىن چىققان ئاددىي بىر ئۇيغۇرنىڭ دۇنياۋى تېررورست تېخى ئېلان قىلمىغان دائىش بايرىقىنى 12 كۈن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە كۆتۈرۈپ چىقىشى ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. 2013 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر ساماۋى مەيدان ۋەقەسىدە بۇ بايراقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ئادەمنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ ! شۇنىسى ئېنىقكى ۋەقە سادىر قىلغانلار ئاددىي - ساددا كىشىلەردىن كېلىپ چىققان. ئەمما كېلىپ چىقىشى سىرلىق كۈچلەر بۇلاردىن پايدىلىنىپ كەتكىنى كەتكەن. سەگەك بولايلى! دۆتلۈك قىلىپ، دۈشمەنگە خەلقىمىزنى تېزراق كۆزدىن يوقىتىدىغان باھانە ۋە ئاساس يارىتىپ بەرمەيلى! گەپ ئاڭلىمىغان ھارامزادىلەرنى قانچىلىك بەدەل تۆلىسەكمۇ يىغىشتۇرايلى! ئۇلارنى يىغىشتۇرۇش، خەلقىمىزنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىشقا ماسلاشقاندىن مىليون ھەسسە شەرەپلىك تاللاش! »

2014 - يىلى تايلاندتا ھەربىيلەر سىياسىي ئۆزگىرىش قىلغان.

2016 - يىلى خىتاينىڭ مالىيى يىلدىرىم داۋۇت ئوغلىنىڭ ئورنىغا تۈركىيە باش مىنىستىرى بولغان.

2019 - يىلى خىتاي باش ئەلچىسى سۈي تىيەنكەي : بىز ھەر ۋاقىت سۆھبەتكە ھازىر. ئىكقى تەرەپ تېنچ ئۇسۇلدا بۇ يىرىكلىكنى ھەل قىلىشى كېرەك!» . « 23 - مارت :  بىز سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايمىز، بىراق قورقمايمىز! ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرىمىز».

2019 - يىلى ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەر كۈنى دېگۈدەك خۇش خەۋەرلەر كەلمەكتە ! خۇشاللىقنىڭ كەينىدىكى قورقۇنچلۇق ئەھۋاللارغا قارىتا تەييارلىق قىلىشنى ئۇنۇتمايلى . بولۇپمۇ خەلقىمىزنى بۇ مەينەت سودا ئۇرۇشىنىڭ قۇربانلىقى قىلىۋەتمەيلى ! « ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى !» دېگەن گەپ بار . ئامېرىكىغا كۈچى يەتمىگەن خىتاينىڭ خەلقىمىزگە كۈچى يېتىدۇ ! شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىگىسى بارلىقىنى ھەر ۋاقىت ئېسىگە سېلىپ، خىتايلارنىڭ خەلقىمىزگە يەنىمۇ تالاپەت يەتكۈزىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى ! ناۋادا يەنە يوتقاندىن ياكى تامنىڭ كەينىدىن چىقمايدىغان قورقۇنچاقلار بار بولسا، ئۇنداقلار ئەمدى ئاۋارە بولۇپ يۈرمىسۇن! نومۇسنى ، گۇناھنى ۋە خاتالىقنى يۇيۇش پۇرسىتى مۇشۇ قېتىملا كېلىدۇ! ئەمدى كېچىككەنلەر بىر ئۆمۈر ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ!


2019 - يىلى 5 - 22 - ماي  چارشەنبە