2020/05/27 12:24

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


پىچاق سۆڭەكتىن ئۆتۈپ يۈرەككە يەتتى. زادى قانداق قىلىمىز!؟؟

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/28 11:29

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/05/28 11:29 2019/05/28 12:22 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: مەزمۇن بېيىتىلدى.
بىزنىڭ نۆۋەتتىكى تەخىرسىز ۋەزىپىمىز زادى نېمە !؟ بىز زادى نېمە ئىش قىلىۋاتىمىز !؟؟
بىزگە زادى نېمە بولدى !؟ بىز راستىنلا
كوللىكتىپ ساراڭ بولۇۋاتامدۇق !؟؟؟

تارىخىي تاسادىپىيلىق : تارىخىي خاتالىقلارنىڭ قايتىلىنىشى«كىمدىن ھېساپ سوراشنى بىلمىگەچكە،ئەجداتلارنىڭ روھلىرىنى ئەمىن تاپقۇزمىغاچقا،مۇشۇنداق ماماتلىق پەيتتىمۇ  ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمىنى! دەپ ئۆز ئارا قارىلىشىپ يۈرۈپ،بۇرچىمىزنى ئۇنۇتتۇق!!! زادى قاچان بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ نىشانغا ئورتاق ئىلگىرلەيمىز !؟؟؟

1877 ـ يىلى 18ـ دېكابىر(سەيشەنبە)قانخور زوزۇڭتاڭ قوشۇنى قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ قىرغىنچىلىقنى باشلىغان.ھېيتگاھ جامەسى
مەنچىڭ دەۋرىدە ئاخىرقى قېتىم قايتا تاقىلىپ قالغان .

ۋەتىنىمىزگە قايتا تاجاۋۇز قىلىش ياكى ۋاز كېچىش توغرىلىق قاتتىق تالاش ـ تارتىش  ئەسلىدە 1865 ـ يىلىدىن باشلاپ مانجۇ ئوردىسىدا ئىككى ئېقىمنى پەيدا قىلغان.
باش ۋەزىر لى خۇڭجاڭ تەرەپ ۋاز كېچىشنى تەشەببۇس قىلغان. شەنشى ـ گەنسۇ ۋالىيسى جاللات زوزۇڭتاڭ قايتا ئىشغال قىلىشتا چىڭ تۇرغان. بىراق ئۇ تاكى 1875 ـ يىلىغا قەدەر گېپىنى ئۆتكۈزەلمىگەن.ئەمما ئۇ بۇ 10 يىل ئىچىدە تۇڭگانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، تەييارلىق قىلىپ تۇرغان. زوزۇڭتاڭ ئىلگىرى
تەيپىڭ تيەنگو ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ شۆھرەت قازانغان،ياقۇپبەگكە قارشى ئات چاپتۇرۇپ مەيدانغا چۈشەلەيدىغان يالغۇز
سەركەردە شۇ ئىدى. ئاخىرى مەنچىڭ ئوردىسى ئۇنىڭ پۇختا ئىش قىلىدىغىنىدىن كۆڭلى ئەمىن تېپىپ،6يىل مۆھلەت بەرگەن.

ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى 200مىڭ كىشىلىك قوشۇننىڭ ئاشلىق مەسىلىسى ئىدى.
شۇڭا ئۇ رۇسلارغا 1871 ـ يىلى بېسىۋالغان ئىلى ۋادىسىغا قارىتا ھېچقانداق ھەربىي ھەرىكەت قوزغىمايدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بەردى.
نەتىجىدە 1875 ـ يىلى چاررۇسىيە سودىگىرى
كامېنسكىي ئۇنىڭغا 5مىليون جىڭ،كېيىنكى يىلى 10مىليون جىڭ ئاشلىق ساتتى.

ئۇنىڭ يەنە بىر باش ئاغرىقى ئۇزۇن سەپەرنىڭ مالىيە مەسىلىسى ئىدى.زوزۇڭتاڭ ئېھتىياجلىق 9مىيون فوند سېترلىڭنى ئوردا بېرەلمىگەچكە،
ئۇ ئەنگلىيەنىڭ شياڭگاڭ بانكىسىدىن يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز سورىدى.
بۇ جەرياندا ئەنگلىيە دىپلوماتلىرى بۇ مالىيە ئىشىغا ۋاستىلىق ئارىلىشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا،ياقۇپبەگنى قۇتۇلدۇرۋېلىشقا تىرىشتى.
ئۇلارنىڭ«رۇسىيەنىڭ ھىندىستانغا تۇتقان قارا نىيىتىگە بولغان قورقۇنچىسى ئۇلارنى يا قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ ئەنگلىيەگە بېقىندى بىر مۇستەقىل ئارىلىق دۆلەت بولۇش ياكى زوزۇڭتاڭ ئىشغال قىلىپ تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئىككى ئېھتىمال نەتىجىسىدە ئارقىغا يېنىشقا مەجبۇرلايتتى».

زوزۇڭتاڭ«ئاۋۋال شىمالنى،ئاندىن جەنۇپنى ئىشغال قىلىش»،«ئاستا ئىلگىرىلەپ،تېز ئۇرۇش قىلىش»قاتارلىق ئىستىراتېگىيىسى بويىچە توختىماي قايمۇقتۇرۇش ھىيلىسى ئىشلىتىپ يۈرۈپ،1877ـ يىلى 5ـ ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تۇرپاننى ئىشغال قىلىپ،قانداق قىلىپ كورلا تەرەپكە ئۆتۈش توغرىلىق كاللا قاتۇرۋاتقاندا تۇيۇقسىز ياقۇپبەگنىڭ 28ـ ماي (دۈشەنبە)كەچ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرى كەلگەن.ئەسلىدە يەنە 5 يىل مۆلچەرلەنگەن ئۇرۇش پىلانى تېزدىن قىسقارتىلغان. گەرچە
قاسىم پولگاندەك مەرگەنلەر بۇ زور قوشۇننى نەچچە ئاي ئايغىربۇلاق تېغىدا توسۇۋالغان بولسىمۇ،بىراق زوزۇڭتاڭ 1877ـ يىلى 10ـ ئايدا ئاقسۇنى ئېلىپ،12 ـ ئاينىڭ 18ـ كۈنى قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ،ئاي ئاخىرىغىچە ئىشغال قىلىپ،خوتەننى 1878ـ يىلى يانۋارنىڭ ئاخىرىدا ئىشغال قىلىپ،ئىشغالىيەتنى تاماملىدى.
ئۇنىڭ غەلىبە خەۋىرى 1877ـ يىلى 26ـ دېكابىردىكى«بېيجىڭ گېزىتى»دە مۇنداق ئېلان قىلىندى:« ئارمىيىمىز زىمىستان قىشتا چەكسىز قۇملۇقتا پەقەت بىر ئاي ئىچىدىلا مىڭ ئىنگلىز مىلى ئۇزاققا سوزۇلغان ھەربىي يۈرۈشنى غەلىبىلىك تاماملىدى».

« يېقىندا مەلۇم بولغان ئاخباراتلارغا قارىغاندا ، خىتايلار ئەمدى قەشقەرىيە ئاھالىسىغا يۇمشاق قوللۇق قىلىشنى توختاتقان.بۇنىڭ ئورنىغا ھەددى - ھېساپسىز ئالۋاڭ - ياساق، ھاشار - سەيسە، تۈرلۈك تۈمەن باج ، غەللە - پاراقلارنى خەلققە يۈكلىگەن . ئۆلۈم جازاسى بېرىش يەنە يېڭىۋاشتىن يولغا قويۇلغان. خەلق ئىچىدە خىتايلارغا قارشى نارازىلىق سادالىرى كۈندىن كۈنگە ئۇلغىيىشقا باشلىغان. نۇرغۇن كىشىلەر ياقۇپبەگنى ھەسرەت بىلەن ئەسلىگەن».

كروپاتكىننىڭ « قەشقەرىيە » ناملىق كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرلىرى.

جاۋخۇي: چيەنلۇڭنىڭ كاللا كېسەر ئىتى.ئۇ
ئىلىدا بىر مىليون ئۇيغۇر،تارىم ۋادىسىدا ئۈچ مىليون ئۇيغۇرنى قىرىپ تاشلىغان.ئاقسۇ خەلقى تارىم دەريا سۈيىنى ئۈچ يىلغىچە ئىچەلمىگەن.تارىخىمىزدىكى ھېسابى نېسىي قالغان تۇنجى ئەشەددىي جاللات.

زوزۇڭتاڭ(1812/11/10دىن 1885/9/5)كىچە ياشىغان،5مىليون مەسۇم جاننىڭ قاتىلى، ھېسابى نېسىي قالغان 2ـ ئەشەددىي جاللات.

زوزۇڭتاڭ ئارمىيىسى قەشقەرگە كىرىپ ساق بىر يىل ئۆتكەندە،يەنى 1878ـ يىلى 18ـ دېكابىردا
(چارشەنبە)ھازىرقى گرۇزىيەدە«ئۇيغۇرلارنى 20 ـ ئەسىردە قان يىغلاتقان»،ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنى يوقىتىپ،ئاخىرىدا «ئۇيغۇرلارنى قايتا قۇربانلىق قىلغان»يەنە بىر جاللات«جوزېف سىتالىن»تۇغۇلغان. سىتالىن 1953ـ يىلى 5ـ مارت ئۆلگەن.

سىتالىننىڭ شاگىرتى بولغان ئەشەددىي جاللات شېڭ شىسەي 1897 ـ يىلى 8ـ يانۋار(جۈمە)
ھازىرقى لىياۋنىڭ كەييۈئەندە تۇغۇلۇپ،
سىتالىننىڭ قوللىشىدا مىليونلىغان خەلقىمىزنى قىرىپ تاشلاپ،مەغرۇر ھالدا ۋەتىنىمىزدىن ئايرىلىپ،پاراغەتتە ياشاپ،1970ـ يىلى 13ـ ئىيۇل(دۈشەنبە)تەيبېيدا ئۆلدى.

ئۇندىن كېيىن 3 ئەۋلات خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىدە ساقايماس جاراھەت پەيدا قىلغان ساناقسىز كاللا كېسەر جاللاتلار ۋەتىنىمىزدە بارلىق ۋەھشىي جىنايەتلەرنى كۆزىنى مىت قىلماي قىلىپ،ئاخىرىدا ھېساپ ـ كىتاپسىز ھالدا مەغرۇرلارچە قايتىپ كېتىشتى !!!

«ئاقىلغا ئىشارەت»! تارىخنىڭ ئەڭ لەنەتلىك سەھىپىسىگە يېزىلىشقا لايىق ئەجەللىك خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتىمىز !! ھالىمىزغا بېقىپ ئىش قىلايلى ! 80 يىل ئىلگىرىكى ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولغان يەھۇدىي مىللىتى بىلەن ھازىرقى ئىسرائىلىيە ۋە موسادقا قاراپ باقايلى.ئاندىن ئۆزىمىزگە قارايلى !! ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان ئەقلىنى ئورنىغا قايتۇرۇپ،قاپاق كاللىسىنى مەنپەئەتلىك بىلىملەر بىلەن توشقۇزۇپ، تاش يۈرەك،قارا نىيەت،ھەسەتخورلۇق ئىللەتلىرىدىن پاكىزلاپ،ھالاكەت ھاڭى ئالدىدىكى مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۇلۇغ
ھەرىكىتىگە توغرا يوسۇندا باشلاپ قويسۇن!

سايرام ئوغلانى  2018/12/18 ـ دېكابىر كەچ
سائەت 19:19      ھالاكەت جىلغىسى

1871 - يىلى 28 - ماي « ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ھەر ئىككى ئۇرۇش سېپىدە چاررۇسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىمدار قىلىپ، ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنىڭ 148 يىللىق خاتىرە كۈنىنى ئىپتىخار بىلەن ئەسلەش، يەنە 1877 - يىلى 28 - ماي دۈشەنبە كورلىدا ۋاپات بولغان قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى ھۆكۈمدارى مۇھەممەد بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ سىرلىق ئۆلۈمىنىڭ 142 يىللىق خاتىرە كۈنىنى ئېغىر خورسىنىش ۋە قايغۇ بىلەن ياد ئېتىش مۇناسىۋىتى بىلەن قايتا يوللاندى».

2019 - يىلى 28 - ماي    سەيشەنبە