2020/06/04 21:47

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


بۇ يوللار ئەركەكلەر، يىگىتلەر يولى

يوللىغۇچى: nurmuhammed, 2019/05/31 12:50

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

nurmuhammed

             شۈكرى

بۇ يوللار ھۆرىيەت، ئەركىنلىك يولى.
بۇ يوللار ھەق يولى،ھەقىقەت يولى.
بۇ يوللار مۈشكۈلدۇر،داۋانىڭ يولى .
بۇ يوللار ئەركەكلەر،يىگىتلەر يولى !

ئەركەك ئۇ ئەر بىلەن پەرىقلىق دائىم،
چاچ ساقال بۇرۇتلار نىشان ئەرلەرگە.
ۋە لىكىن ئەركەكلەر نىشانى باشقا ،
ۋىجدان ۋە جاسارەت خاستۇر ئەركەككە.

يىگىت ئۇ مەن ئۈچۈن پەرىقلىق ماقام،
يىگىت ئۇ ئاللاھنى تۇنۇغان ئەركەك.
يىگىت ئۇ رەببىگە ئىخلاسمەن ئابىد.
يىگىت ئۇ ھەق ئۈچۈن جېنىنى بەرگەك.

يىگىت ئۇ كۈرەشتە قورقماس باشلامچى،
يىگىت ئۇ باش ئەگمەس قۇللۇققا مەڭگۈ .
يىگىت ئۇ زالىمغا بىلەنگەن شەمشەر،
يىگىت ئۇ ھۆرلۈككە يۈرەكتە سۆيگۈ.

يىگىت ئۇ ھەرزامان ھۇشيار تۇرغۇچى،
يىگىت ئۇ قەلبىدە مىھىر مۇھەببەت.
يىگىت ئۇ دۈشمەنگە غەزەپ چاچقۇچى،
يىگىت ئۇ دوستلارغا تاغدەك مەرھەمەت.

بۇ يوللار قۇتلۇق يول ، يىگىت كېرەكتۇر.
بۇ يولدىن  جان باقار، ئاقماس يوقالسۇن!
تىل باشقا دىل باشقا «خائىن»يوقالسۇن!
پۇت قولى باغلانغان «قورچاق» يوقالسۇن!

تىزگىنى ياتلاردا «تۈلكە» يوقالسۇن!
تاسمىسى خىتايدا «ئىتلار» يوقالسۇن!
ئابرويچى،  مەنسەپخور كەتسۇن، يوقالسۇن !
قېنى ساپ يىگىتلەر بۇ يولغا تولسۇن!