2021/01/17 20:19

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 1 - ئىيۇن »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/01 13:58

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 1 - ئىيۇن » :


636 - يىلى مۇسۇلمانلار ھەزرىتى ئەبۇ ئۇبەيدە جارراھنىڭ قوماندانلىقىدا رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ شامدىكى ھۇمۇس شەھىرىنى فەتھى قىلغان.

1223 - يىلى ۋەتىنىمىزنى قاراخىتايلاردىن ئازات قىلغان جەبە نويان بىلەن نىلقىدا ئىزى قالغان سۇبوتاي باشچىلىقىدىكى قوشۇن قىپچاق دالاسىدىكى كالكا دەرياسى بويىدا كىيېۋ رۇس ئىمپىرىيىسى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلغان.« ئەسلىدە خارەزىمشاھنىڭ قىپچاق قەبىلىلىرىگە قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقان موڭغۇللار تۇيۇقسىز ئالدىن ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان رۇس - قىپچاق بىرلەشمە قوشۇنىغا دۇچ كەلگەن. تۇنجى ئۇرۇش 31 - ماي باشلىنىپ، نەچچە كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن، موڭغۇللار رۇسلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاپ، ئەتراپتىكى شەھەرلەرنى تۈزلىۋەتكەن. 1236 - يىلى باتۇخان ئېتىل بويىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، تارىختىكى تۇنجى رۇس دۆلىتىنى 1241 - يىلى يوقىتىپ، ياۋروپاغا ئىچكىرىلەپ كىرگەن. لېكىن قاغان ئۆگۈدەينىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلى، 1242 - يىلى چېكىنىپ كەتكەن».

1514 - يىلى سەئىدخان قوشۇنى بىلەن قەشقەر ھۆكۈمدارى مىرزا ئابابەكرىنىڭ قوشۇنلىرى ئارىسىدا تۇنجى قېتىملىق ئۇرۇش يۈز بەرگەن.

1671 - يىلى ئوسمانىلار پولشاغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان.

1812 - يىلى پىرىزېنت جىمىس مادىسون كونگرستىن ئەنگلىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىشنى قانۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلغان.

1922 - يىلى ئويراتىيە ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغان. « مەزكۇر ئويراتلار ئەينى ۋاقىتتا مانجۇلارنىڭ قىرغىنىدىن ئامان قالغان شىمالىي ئالتاي تۈركلىرى بولۇپ،ئەينى ۋاقىتتىكى ئالتاي تۈركلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ،تىل جەھەتتىن ئۇيغۇرلارغا ئەڭ يېقىن. چاررۇسىيە بۇلارنى مەقسەتلىك ھالدا ئويرات دەپ ئاتىۋالغان. 1932 - يىلدىن باشلاپ ئاپتونومىيە ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 1948 - يىلدىن باشلاپ ئاپتونوم ھوقۇقى ئاجىزلاپ، تاغ - تۇرادىلا چەكلەنگەن.
1990 - يىلى 25 - ئۆكتەبىر ئالتاي چېگرا جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، رۇسىيە فېدراتسىيىسى  تەركىبىدە راۋاجلىنىپ كېلىۋاتىدۇ».

1949 - يىلى ئىتالىيە قوغلاپ چىقىرىلىپ، لىۋىيە پادىشاھى مۇھەممەد ئىدرىس سەنۇسى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان.

1955 - يىلى تۇنىس مۇستەقىل بولغان.

1958 - يىلى كانادا بارلىق شىتاتلىرىغا ئومۇميۈزلۈك رادىئو  - تېلېۋىزىيە ئاڭلىتىشنى باشلىغان.

1959 - يىلى تۇنىستا تۇنجى ئاساسى قانۇن چىقىرىلغان.

1966 - يىلى داڭلىق يازغۇچى ھېلىن كېللىر ۋاپات بولغان.

2016 - يىلى شېۋىتسارىيىنىڭ ئالپ تېغىنى تېشىپ ئۆتكەن تونىلى رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ چوڭقۇر تۆمۈر يول تونىلى بولۇپ قالغان.

2017 - يىلى ترامپ بىر يىل بۇرۇن پارىژدا ئىمزالانغان ھاۋارايى كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى جاكارلىغان.

2019 - يىلى ترامپ ھۆكۈمىتى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى سوممىلىق جازا بېجى ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايتىدىن ئالاقزادە قىلغان.


2019 - يىلى 6 - 1 - ئىيۇن     شەنبە