2020/06/04 22:16

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يولۋاس بىلەن پاقلان،سىرتلان بىلەن قاپلان ھەققىدە تېڭىرقاۋاتقانلارغا ئوچۇق جاۋاپ

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/10 10:39

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى








« يولۋاس بىلەن پاقلاننى ، سىرتلان بىلەن قاپلاننى پەرق ئېتەلمىگەن يارانلارغا سەمىمىي تەۋسىيە ۋە تەخىرسىز مۇراجىئەت  »**



ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﺮ ﺩﻭﺋﯩﻠﻐﺎ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ھەر ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﯞەبىنى ھەر تەرەپتىن ﺗﯘﺭﯗﭖ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﻗﺘﻰ: ﺷﯩﺮ ﺋﺎﺩەتتە ﻛﯜﻧﺪە 16 ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ 20 ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺋﯘﺧﻼﻳﺪﯗ، ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯚﺕ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻛﯘﭘﺎﻳﻪ. ﺑﯩﺰ  ئۇيغۇرلارمۇ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﺘﻪﻙ ﺑﻪﺳﺘﻰ، ﺳﯜﺭﻯ ﺑﺎﺭ ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﻰ ﻛﯚﺭۈش ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺷﯩﺮﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ. ئۈرۈمچىدە ھايۋاناتلار باغچىسىدا بار. يېقىن ئەتراپتىكى سىبىرىيە يولۋاسلارنىڭ ماكانىدۇر. مانجۇرىيەمۇ يولۋاسلار ياشايدىغان كونا جاي. تولىمۇ ئەپسۇس، ۋەتىنىمىزدىكى يولۋاسلارنى دۈشمەن خۇددى بىزنىڭ نەسلىمىزنى قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن 70 يىلدىن بېرى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالدا سۇيقەست ھازىرلاپ كەلگىنىدەك، تارىم يولۋىسىنىڭمۇ نەسلىنى قۇرۇتىۋەتتى. جەنۇپتا ئەڭ ئاخىرقى يولۋاسنى 1970 - يىللىرى بىر كېرىيەلىك ئاشپەز ئۇقۇشماي ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئەڭ ئاخىرقى تەڭرىتاغ يولۋىسى 1976 - يىلى دۈشمەن باندىتلىرىنىڭ ئوقىدا قازا قىلغان. ئاللاھ خالىسا، خەلقىمىزنى، ۋەتىنىمىزنى ئىشغالىيەتتىن، ئاسارەتتىن ۋە ھالاكەتتىن قۇتقۇزغاندىن كېيىن، تارىم ۋە تەڭرىتاغلاردا ياشىغان يولۋاسلارنىڭ يېقىن تۇققانلىرىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كېلىپ، قايتا نەسلىنى كۆپەيتىپ، بىللە خۇشال ياشايمىز. چۈنكى يولۋاس ئۇيغۇرلارنىڭ قۇت ھايۋىنى ۋە قەھرىمانلىق سىمۋولى. ئەڭ سەلتەنەتلىك ۋە پاراۋان دەۋرلەردە قاغانلىرىمىز « ئارسلانخان » دەپ ئاتالغان. مۇسا بۇغراخان ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنى قايتا بويسۇندۇرغاندا، ئىدىقۇتنى « ئارسلان تۇتۇق» دەپ ئاتاپ ھۆرمەتلىگەن. ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ بايرىقىمۇ يولۋاس بېشى چۈشۈرۈلگەن بايراق ئىدى. يىغىپ ئېيتقاندا بىز تارىختىن بۇيان تاكى 1970 - يىللارغىچە يولۋاس بىلەن بىللە ياشاپ، ئۇنىڭ جاپاغا چىدايدىغان، يالغۇز قالسىمۇ تەبىئىتى ئۆزگەرمەي خاراكتېرىنى ساقلاپ قالالايدىغان، تىز پۈكمەيدىغان ۋە دۈشمىنىدىن قورقمايدىغان  روھى ئەجداتلىرىمىز تەرىپىدىن سۆيۈلۈپ،بىزگە ئۇدۇم بولۇپ قالغان. ئەمما ﺷﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﻰ. بەلكىم يىراق قەدىمكى دەۋرلەردە شىر - ئارسلانلارمۇ ياۋرو - ئاسىيا دالاسىدا ياشىغان بولغىيتى. ئۇنداق بولمىغان تەقدىردىمۇ ئات چاپتۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيانى كېزىپ چىققان باتۇر ئەجداتلىرىمىزنىڭ شىر ۋە ئارسلانلارنى ھىندىستان، ئىران ۋە ئافرىقا ئەللىرىدىن ئېلىپ كېلىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى.

ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪھەﺗﺘﯩﻦ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭغا  ﺋﯧﺮﺳﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ، ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ھاﻳﯟﺍﻧﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭەپ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺑﺎﻳﺘﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھاﯕﮕﺎ ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﻐﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﺩﺍ ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ، ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﺷﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺸﻰ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺸﻰ ﺷﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪﯞﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﺑﯘﻣﯘ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﻤﯘ-ﻳﻪﻙ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮەلەيدۇ.« شۇڭلاشقا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ تاللىشى يۇقىرىقى چىشى يولۋاسلار بولسۇنكى، ھەرگىزمۇ كۈندە 16 سائەتتىن 20 سائەتكىچە ئۇخلايدىغان شىرنىڭ ئەركە ئاسلىنى بولۇپ قالمىسۇن! ئاياللىرىمىزمۇ يولۋاس روھى ئاساسىدا قىزلىرىنى بەئەينى شۇنداق يولۋاس كەبى غەيرەتلىك ۋە ئىرادىلىك قىلىپ قاتارغا قوشسۇن»! چۈنكى ھازىر شىرلاردەك راھەت سۈرۈدىغان ۋاقىت ئەمەس، ناۋادا كېلەچەك نەسىللىرىمىزنىڭ شىر - ئارسلانلاردەك پاراۋان ۋە توقچىلىق ئىچىدە خاتىرجەم ۋە ئەركىن - ئازادە ياشىشىنى ئارزۇ قىلساق، بىز بىر ئەۋلاد يولۋاسلاردەك چىدامچان ۋە تەۋەككۈلچى بولۇشىمىز كېرەك ! تارىختىكى تۇمارس خاتۇن، باغداتتىكى تۈركان خاتۇن، خارەزىمدىكى تۈركان خاتۇن، مىسىردىكى مارجان خاتۇن شەجەرىدۇر، ئۆگۈدەينىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نەچچە يىل بۈيۈك موڭغۇل دۆلىتىنى ئىدارە قىلالىغان تۈركىنا خاتۇن، باباچاق سۇلتاننىڭ قىزى مەلىكە مۆھتەرەم خېنىم، ئىپارخېنىم، يەتتە قىزلىرىم، نۇزۇگۇم ۋە سەكىنە بانۇ خانىم، رىزۋانگۈل، ئايشەمخان قاتارلىقلار ھەممىسى يولۋاستەك قەھرىمان، تىز پۈكمەس ۋە قىساسكار روھقا ئىگە ئىدى. ئۇلار بۇ روھنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىپ، قانلىرى بىلەن داستان يېزىپ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنىنى ياراتقان ئىدى. ئەمما شىر ئارسلانلىرىدەك راھەت - پاراغەتتە ياشىغان ھېچبىر خاتۇنغا بۇنداق شەرەپ نېسىپ بولمىغان. تارىختا « ئارسلانخان » دەپ ئاتالغان قاغان - سۇلتانلىرىمىزمۇ يولۋاستەك تاۋلىنىپ، يولۋاستەك پارتىزانلىق ئۇرۇشى قىلىپ، يولۋاستەك قىساس ئېلىپ، يولۋاستەك بىر يىل ياشىغانيۇ، شىردەك ھۇزۇر سۈرۈپ ئون يىل ياشاشقا، توشقاندەك ئېھتىيات قىلىپ يۈز يىل ياشاشقا رازى بولمىغان. مەسلىنى قىلىچ ئارقىلىق ئادىل ھەل قىلغانكى، پىتنە - پاسات ۋە غەيۋەت - شىكايەت ئارقىلىق ھېچكىمگە ئازار بەرگەن ئەمەس.

شۇڭا ئەجداتلار « توشقاندەك يۈز يىل ياشىغۇچە، يولۋاستەك بىر يىل ياشا!».

« تىغ يارىسى ساقىيار، دىل يارىسى ساقايماس»

« بەندە ئازار، خۇدا بىزار ! » دېگەن قىممەتلىك پەلسەپىۋىي ئۆگۈتلەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن.

ﺷﯩﺮ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺵ مۇھىتىغا ﻛﯚﻧﮕﻪﻥ يىرتقۇچ ھايۋان . يولۋاس بولسا يالغۇز ياشاش مۇھىتىغا پىشىپ كەتكەن تەجرىبىلىك يىرتقۇچ ھايۋان . ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺷﺎﺵ مۇھىتىغا ﻛﯚﻧﯜﺵ ﺟﻪھەتتە ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ تارىختىن بۇيان تاغلار ۋە ئورمانلاردا ياشىغان بولغاچقا، ھەم ئادەملەرنىڭ ھەم تەبىئەتنىڭ سىناقلىرى ۋە تەھدىتلىرى تۈپەيلى ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ھايات ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ بۇرۇنلا ﻛﯚﻧﮕﻪﻥ، ﺑﯘ جەھەتتىكى ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻤﯘ ﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﻮﯓ. شىر بولسا يايلاق پادىشاھى. بىپايان يايلاقتا ئۇنىڭغا تەھدىت ئېلىپ كەلگىدەك ئامىللار يوقنىڭ ئورنىدا . ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ مۇھىتىدا ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﻤﯘ-ﻳﻪﻙ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ.

« ئەگەر ئۇيغۇرلار قايتا باش كۆتۈرىمە دەيدىكەن، يولۋاسقا ئوخشاش پارتىزانلىق ئۆتكۈنچى مەزگىلدىن چۈشكۈنلەشمەي، قورقماي ۋە ھودۇقماي غالىپ ھالدا ئۆتۈپ كېتىشى كېرەك! ئاللاھقا چەكسىز شۈكرىكى ، نۆۋەتتىكى ھالقىلىق پەيتلەر بىزگە زادى كىم ھەقىقىي يولۋاس، كىم ئوت تۇتىشىپ كەتسە، ياكى يامغۇر يېغىپ كەتسە تۈگىشىپ كېتىدىغان قەغەز يولۋاس، كىم يولۋاس سىياقىغا كىرىۋالغان مۈشۈك، كىم يولۋاسنىڭ يوقلىقىدىن پايدىلىنىپ باش بولۇۋالغان مايمۇن، كىم يولۋاسنىڭ نامىنى ۋە قىياپىتىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ئاۋامنى ئالداۋاتقان سىرتلانلار ئىكەنلىكىنى ئوبدان تونۇۋېلىش پۇرسىتى ئاتا قىلدى. شۇڭا ھازىر ئەھمىيەتسىز نەرسىلەرنى تالاشماي، نەخ ئىشلارنى ئۈن - تىنىسز قىلايلى! دۈشمەنلەر جېنىدا، « ئىش باشلىغاندا بەك داغدۇغا قوزغىماسلىق، ئەمما ماھىيەتتىن يىغىشتۇرۇش» تاكتىكىسى بويىچە داۋراڭ سالماي مەقسىتىگە يەتمەكتە. لېكىن بىز تېخى كېڭەشتىن ئۆتمىگەن ئويلىرىمىز، ھەتتا كاللىمىزدا پەيدا بولغان تاتلىق خىياللىرىمىزدىن باشلاپ، تور دۇنياسىدا دەرھال ئورتاقلىشىمىز، نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىمىزنى ئالدىراپ دەۋېتىپ قالىمىز. نەتىجىدە دۈشمەن بىزنىڭ ئەھۋالىمىزغا ماس ھالدا تەدبىر تۈزۈپ ، بىزنى تولۇق مات قىلىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالىدۇ. قاچانغىچە «دۈشمەن قۇم سانىسا، بىز تاش ساناپ » ئۆتۈپ كېتىمىز؟؟؟!

ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﯩﺰ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﺮﻧﯩﯔ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺯﯨﻞ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ھېس ﻗﯩﻼﻻﻳﺴﯩﺰ. ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەر ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻕ، ﻣﯧﯖﻪ ﺳﯚﯕﻪﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ھەجىمى ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەر ﭼﻮﯓ. ﺑﯘﻣﯘ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯔ ﻣﯧﯖﻪ ﺳﯩﻐﯩﻤﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ. ﭼﻮﯓ ﻣﯧﯖﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﯕﺪﯨﻦ ﺗﻮﻻ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻪﺩەننىڭ ھەﺭﯨﻜﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ مۇھىم  ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ. ﺑﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ھالەتتە ھەر ﺧﯩﻞ ﻣﯘرەككەپ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻣﯘھىتىغا  ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك . ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﻰ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺋﯧﯖﻪﻙ ﺳﯚﯕﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﯘﭼﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯘﺯﯗﻥ. ﺷﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئەكسىچە، ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﻼﻱ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﻗﻘﺎ ﺳﯚﯕﯩﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮﻗﻘﺎ ﻣﺎﯕﻼﻱ ﻳﯧﺮﯨﻘﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ (ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻣﯧﯖﻪ ﺳﯩﻐﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯓ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﯞﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ). ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﺵ مۇھىتىغا ﻛﯚﻧﮕﻪﻥ ھايۋان ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ كېرەك ، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﺎﺷﺎﺵ مۇھىتىغا ﻛﯚﻧﯜﺵ ﺟﻪھەتتە ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ھايات ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻛﯚﻧﮕﻪﻥ، ﺑﯘ جەھەتتىكى ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻤﯘ ﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﭼﻮﯓ.

ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ مۇھىتىدا ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﻤﯘ-ﻳﻪﻙ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺭﻭﺑﯩﺮﻭ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ھايۋانلار  ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ھەر ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھۇجۇمىنى ھەرگىز ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺮ ﺗﻮﭘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﻳﻮﻟﯟﺍﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ دەيسىز!؟؟


خۇلاسە ئورنىدا :

بوۋام يۈسۈپ خاس ھاجىپ داھىيلار ۋە قوماندانلارنىڭ ئاقساقاللىق ئوبرازى بولسا، سەركەردە - سەرۋازلار، ئاۋام - پۇقرالارنىڭ خاراكتېرىنىڭمۇ شۇنداق بولۇپ قالىدىغانلىقى توغرىلىق ئىزدىنىپ، ھاياتى بىلەن يەكۈن چىقىرىپ، مۇنۇ قۇرلار بىلەن قۇتادغۇبىلىگنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ:

كۆر، ئارسلان بۇلۇ بىرسە ئىتقا باشى،
بۇ ئىت بارچا ئارسلان بۇلۇر ئۆز تۈشى.
قالى بولسا ئارسلانغا ئىت باشچىسى،
ئول ئارسلان بولۇر بارچە ئىت ساقشى.

(بولىۋەرسە ئىتقا، كۆر، باش ئارسلان،
بولۇر ئىتلار ھەممە ئارسلانسىمان.
ئەگەر بولسا ئىت ئۇ ئارسلانغا باش،
بولۇر ئارسلانلار ھەم ئىتتەك ھامان.)

***  يولۋاس : ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم بولۇپ،
ئەسلىسى « بارس » ، كېيىنچە « يولبارس »،
ئاخىرىدا تېخىمۇ سىلىقلىنىپ « يولۋاس » بولۇپ قالغان. بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ ئاتىسى، يەنى 1048 - يىلدىن 1058 - يىلغىچە ھاكىم بولغان ھۈسەيىن چاغرى تېكىن دەل يولۋاس شەھىرى بولغان « بارسخان» شەھىرىدە دۇنياغا كېلىپ، دادىسى مۇھەممەد بۇغراخان تەرىپىدىن بۇ شەھەرگە ئون يىل ھاكىم بولغان. بۇنىڭغا قارىغاندا ئالىمنىڭ بوۋىسى، يەنى يۈسۈپ قادىرخان ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخانمۇ بۇ شەھەر بىلەن زىچ باغلىنىشلىق. ئالىممۇ دىۋاندا « بارسخان » توغرىلىق توختالغاندا ئالاھىدە ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ بۇ شەھەر بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى يازىدۇ. ئاللاھ خالىسا ئۇيغۇرلار ھەقىقىي يولۋاسقا ئايلىنىپ، ھۆرلۈككە چىققان كۈنى، بۇ يولۋاس شەھىرىنىڭ سىرلىرىمۇ ئېچىلغۇسى!

بۇ ھەقىقەتتىن دۈشمىنىمىزنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە پەسلىشىپ كەتكىنىنى كۆرگىلى بولۇپلا قالماي، بەلكى بىزنىڭ كېلەچەكتىكى تەقدىرىمىزدىن ئەنسىرەش ۋە مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى ھەققىدە جىددىي ئويلانمىساق بولمايدىغان يەرگە كەلگىنىمىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ!

بودۇم ئوقتەگ ئەردى، كۆڭۈل ئەردى يا،
كۆڭۈل قىلغۇ ئوقتەگ بودۇم بولدى يا.
(بويۇم ئىدى ئوقتەك، كۆڭۈل ئىدى يا،
كۆڭۈل قىلغۇ ئوقتەك، بويۇم بولدى يا.)**

بۇ مىسرالار بىزگە ئۆمۈرنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكى، ئارزۇغا لايىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمىگەندە، مانا مۇشۇنداق ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، ھەسرەت چېكىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

بوۋام بۇ مىسرالار بىلەن ئۆزىنىڭ مۇشۇ تەۋەرۈك كىتاپنى يېزىپ چىققاندىكى 50 ياشلىق ھالىتىنى ئوبرازلىق ئوخشىتىۋاتىدۇ. ئۇنداقتا بىزچۇ؟ 15 ياشتا نېمىش قىلدۇق؟ 20 ياشتىچۇ؟ 26 ياشتىچۇ؟ 30 ياشتىچۇ؟ 40 ياشتىچۇ؟ 50 ياشتا قايسى نىشانغا يەتمەكچى!؟؟


ﺭﻭﺑﯩﺮﻭ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ھايۋانلار  ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺟﻪﯓ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ، ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ، ھەر ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺑﯚﺭﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھۇجۇمىنى ھەرگىز ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ .

« يامان يولۋاس يولدا يېتىپ شىرغا يول بەرمەس».

ھازىرقى ئۇيغۇرلار ھەر بىرى بىر يولۋاس، ئۇلارنىڭ شارائىتى بىر - بىرىدىن پەرقلىق. شۇڭا ھەر كىم ئۆز مەۋجۇتلۇقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن يەككە ھالەتتە كۈرەش قىلىشتىن سىرت، بىر مەزگىل شارائىت ھازىرلانغۇچە يەككە ھالدا قارشىلىق قىلىپ، ئۆزىنى كۈچەيتىپ تۇرۇشى كېرەك!

ھەرىكەتلەر مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەندە، ئاندىن توپلىشىپ ھەرىكەت قىلىدىغان بۆرىنى قۇت نىشانى قىلىپ، بۈيۈك ئىشلاردا ھەمكارلىشىپ، دۈشمەنگە مۇشتنى بىراقلا تەڭ ئاتقۇلۇق!

ئەمما ھازىر بىر قىسىم پارنىكتا ئۆسكەن، ھاياتى بويى دۈشمەندىن بىر تەستەك يەپ باقمىغان
« يولۋاس سىياقىدىكى مۈشۈك ئەپەندىملەر» يولۋاسنى ئىنكار قىلىپ،**بۆرە توپى بولۇپ ئۇيۇشۇشنى تەشەببۇس قىلماقتا ! يولۋاس بولۇپ، بارلىق سىناقلاردىن غالىپ كەلگەن چېغىمىزدا،  ئاندىن بۆرىلەردك توپ بولۇپ، ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ مەقسەتلەر يولىدا بۈيۈك ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولىدۇ. ئەمما بۈگۈن نىمجان بولغان يولۋاسنى سەل چاغلاپ، يالغۇز كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچسەك، بىزگە كىم ئىشىنىدۇ؟ ئۆز مىللىتىنى، مىللىي كىملىك ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى ئىنكار قىلغان كىشىگە ئۆزگىلەر قانچىلىك ئىشەنمەكچى؟
« يارىلانغان يولۋاس بولغان ئەزىز مىللىتىمىز ئۇيغۇرنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇپ، بۆرە توپى بولغان غايىۋى تۈركىستان چۈشى كۆرۈپ يۈرسەك، بۇ « ۋاپادارلىقىمىز»پەقەت نامى ۋە نىشانى ئېنىق بولمىغانلار ياكى تارىخىنى ئۇنتۇپ كەتكەن بىچارىلەر تەرىپىدىنلا ئالقىشلىنىشى مۇمكىن! بىراق ئۇنتۇپ قالمايلى! بەرىبىر شۇ بۆرە توپىغا بىر يولۋاس، بىر ئارسلان باش بولىدۇ! يەنى ھەر جەھەتتە مۇكەممەل يېتىشكەن بىر ئۇيغۇرلا بۇ مۇقەددەس سىياسىي ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ. ھەرگىزمۇ ئاز ساندىكى  باشقىلارنىڭ كەتمىنىنى چېپىپ،« ئۆزگىلەرنىڭ چاپىنىدا تەرلەپ ، جان ساقلايدىغانلار » ئەمەس!


ئىزاھات :

مەن يولۋاسنى ئىنكار قىلىپ، بۆرە توپى شەكلىدە غايىۋى دەۋا قىلىدىغانلارغا قارشى ئەمەس. ئەمما بۇنداق دەۋانى قىلىدىغانلار ئەتە ئوتتۇرىغا چىقىشى كېرەك! چۈنكى بۈگۈن چوڭ دەۋانىڭ ۋاختى ئەمەس! پەقەت بىز بۈگۈن تىرىشىپ، نىمجان يولۋاسلارغا ئايلانغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىنى داۋالاپ،ئوزۇق بېرىپ سەللىمازا ساقايتالىساق، دەل مۇشۇ يولۋاسلار ئەتىكى بۆرە توپى غايىسى ۋە ئۆتمۈشتىكى قۇتلۇق سەلتەنەتلىك چاغلارنى قايتۇرۇپ كېلىشتىكى،
مەۋجۇتلۇقى تۈپتىن يوقىلاي دېگەن خەلقىمىزنى قۇتقۇزۇپ، 700يىللىق ئاسارەتتە قالغان ۋەتەننى ئازات قىلىشتىكى ھەقىقىي ۋە بىردىنبىر دەسمايىمىز بولۇپ قالىدۇ  ! پارنىكتا ئۆسكەن يۇمشاق كۆچەتلەر مەڭگۈ سەھرالاردا ئۆسكەن يانتاقنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ. شۇڭا قانچىلىك بۈيۈك چۈش كۆرسەك مەيلى! ئەمما ئۇنى باھانە قىلىپ، يولۋاسقا، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە ھاقارەت قىلغۇچى بولمايلى ! ئەگەر ئۇيغۇرلۇقتىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا مىللەتكە قوشۇلۇپ كەتسەك، ئۇ چاغدا بۇنداق جۆيلۈشنى توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.

ئۇيغۇرلار غەرپنىڭ نەزىرىدە بىر تىپىك شەرق خەلقى. شەرقنىڭ ھۆكۈمدارلار دەستۇرى بىلەن غەرپنىڭ ھۆكۈمدارلار دەستۇرى ئارىسىدا چوڭ پەرق بار ! شۇڭا بىز ھازىر يا بىراقلا غەرپچە كۆز بىلەن قاراپ، ئىشىمىزنى نوقۇل غەرپچە تەپەككۇر بىلەن مۇكەممەل ھەل قىلالمايمىز. شۇنداقلا بىراقلا ئەنئەنە بويىچە تەپەككۇر قىلىپ، ئەھۋالىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيمىز! بىز ماھىيەتلىك خاراكتېرىمىزنى ساقلاپ قالغان ئاساستا، زامانىۋى بىلىملەر ۋە غەرپنىڭ ئەقلىدىن تېگىشلىك پايدىلىنىپ، ھەقىقىي يېڭى ئەسىرگە لايىق ئۇيغۇر مىللىتىنى قايتا ئاپىرىدە قىلمىساق بولمايدۇ. ھەم ئەنئەنىنى ھەم غەرپنىڭ زامانىۋى ۋە پەلسەپىۋى بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ قەد كۆتۈرۈشتە ۋە مىللىي خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشتا ياپونلار بىزگە ئۈلگە بولايدۇ. « ساماۋى پادىشاھ » نى ھازىرغىچە ساقلاپ قېلىپ، يولۋاس روھىنى ۋە ساموراي روھىنى ساقلاپ قېلىشتىمۇ ياپونلار بىزگە ئۈلگە بولالايدۇ! / 1945 - يىلى ياپونلار ئامېرىكىنى ياپونىيە تەڭرىخانىنى ساقلاپ قېلىش شەرتىگە كۆندۈرگەندىن كېيىن، ئاندىن 14 - ئاۋغۇست رەسمىي تەسلىم بولغان. بىر مىللەتكە بىر مەنىۋىي داھىينىڭ قانچىلىك زۆزۈرلىكىنى ياپونلار ياخشى بىلسە كېرەك!/.

ۋەتىنىمىزنىڭ دەۋاسى بىر چوڭ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دەۋا ! بۇ دەۋا يالغۇز ئۇيغۇرلارنىڭلا دەۋاسى ئەمەس. بەلكى شۇ جايدا قەدىمدىن بىللە ياشاپ كەلگەن تەقدىرداش مىللەتلەرنىڭ ئورتاق دەۋاسى. ئەمما بۇ دەۋانىڭ يادرولۇق كۈچى يەنىلا ئۇيغۇرلار ! تارىختىن بۇيان ئىككى مىليون كۋادرات كىلومېتر بىپايان ۋەتىنىنى دۈشمەنگە تاشلاپ، باشقا قېرىنداشلىرىغا ئوخشاش غەرپكە قاچقمىغان، ئەكسىچە ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى ئۇدا تاجاۋۇز قىلغان كۈچلۈك ۋە ئەشەددىي دۈشمەنلىرىگە قارشى ئىزچىل كۈرەش قىلىپ، دۈشمەننى تەكرار قوغلاپ چىقارغان، يېقىنقى 260 يىلدىن بېرى مىللىي قارشىلىقنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويماي، غايەت زور قۇربانلىق بېرىپ كەلگەن، سىبىرىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيانى مانجۇرلار ۋە خىتتايلارنىڭ ھەربىي تەھدىتىدىن قوغداپ كەلگەنلەر يەنىلا ئاشۇ ئاقكۆڭۈل ۋە چىدامچان ئۇيغۇر خەلقىدۇر! يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەپ كەلگەنمۇ يەنە شۇ ساددا ۋە مەسۇم ئۇيغۇر مىللىتىدۇر!

« ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىپ، دۇنيانىڭ تارىخي يۈزلىنىشىگە قارشى مۇقام توۋلاپ، ئافغانىستان مىللىتى دېگەنگە ئوخشاش يېڭى سىياسىي مىللەت نامى ئىجات قىلىش يالغۇز بىزنى پايلاپ تۇرۇۋاتقان ئۈچ جاھانگىرنى نارازى قىلىپلا قالماي، بەلكى ۋەتىنىمىزدىكى بىر ئوبدان ياشاپ كېلىۋاتقان قېرىنداش مىللەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭمۇ ئورتاق قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. خەخنى دۆت كۆرمەڭلار، ھەممە ئادەمنى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش يۇمشاقباش دەپ ئويلاپ قالماڭلار ! بىز نېمە دېسە ماقۇل دېگەن بىلەن خەخ ئۇنىمايدۇ. چۈنكى دۇنيادا بىزدىن باشقا ھېچقانداق مىللەت ئۆز مىللىي كىملىكىدىن نومۇس ھېس قىلمايدۇ. ئەكسىچە جان تىكىپ قوغدايدۇ. ئىپتىخارلىق ھېس قىلىدۇ».
/ مەن ئافغانىستاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن پاراڭلاشتىم. ئافغانىستان مىللىتى، ئافغانلار دېگەن ئاتالغۇ دەل ھازىر ئافغانىستانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان پاشتۇ مىللىتىنىڭ باشقا مىللەتلەرنىڭ ئۆي ئايرىپ چىقىپ كېتىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشەببۇس قىلىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقاتى ئىكەن. ئەمما ئافغانىستاندىكى تاجىكلار ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى تاجىكلاردىنمۇ كۆپ، بىزگە نامەلۇم بولغان ھازارا ناملىق بىر مىللەت بار. نوپۇسى 3 مىليون. ئۇلار ھىلاكۇ دەۋرىدە ۋەتىنىمىز ۋە موڭغۇلىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەرنىڭ ئەۋلادىكەن. شۇڭا ھەممە مىللەت تەرىپىدىن كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماقتا. ئۇندىن باشقا ئافغانىستاننىڭ شىمالىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇپ، كېلەچەكتە ھازىرقى ئافغان زېمىنىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى دەۋا قىلىۋاتقان ئۆزبېكلەر بار. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ ئەجداتلىرى دەپ قارايدىكەن. باشقا ئۇششاق مىللەتلەرمۇ شۇنداق ئەھۋالدا ئىكەن. كالۋا ھۆكۈمەت مائارىپ ۋە ئەمەلىي ئادالەت بىلەن ئىش كۆرمەي، بۇ نامنى زورلاپ تاڭسىمۇ، ئەمما پاشتۇلاردىن باشقىلار بۇ نامنى ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلمىغان. ئۇلار پەقەت دۆلىتى ئىچىدە قورقۇپلا، مىللىي كىملىكىنى يوشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى/.

« شۇڭا مائارىپ ئارقىلىق، ئاقارتىش ئارقىلىق ھەل قىلىدىغان ئىشلارغا ئالدىراپ سىياسىي شەمشەر ئىشلەتمەسلىك كېرەك! بولمىسا، چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ ! بىزگە ھازىر يېڭى مەسىلە پەيدا قىلىدىغان ئەمەس، بەلكى ئەسلىدە بار بولغان بىر تالاي مەسىلىلەرنى لايىقىدا ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلالايدىغان يولباشچىلار كېرەك ! » .

بۈگۈن چوقۇم بۈگۈنگە لايىق ئىشنى قىلىش كېرەك! تۈنۈگۈنكى ئىشلارنى بۈگۈن يېڭىلىق ياكى ئىسلاھات دەپ سۇنۇپ نام چىقارماقچى بولغانلىق، ياكى ئەتىكى شىرىن خىياللار بىلەن ئاۋامنى مەست قىلىپ، بۈگۈنكى تەخىرسىز ئىشلاردىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش ئېغىر جىنايەت. قەستەن قىلغانلار ۋەتەن خائىنلىرى، مىللىتىدىن تانغانلار كەلگۈندىلەر دەپ ئاتالسا،
بىلمەي قىلىش نادانلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى.
ئەمما ئۇستىلىق بىلەن يولۋاس ئۇيغۇرنىڭ ئەزاسى بولۇۋېلىپ، ئاسترتتىن ئۇنىڭ تېرىسىنى سويۇپ، پەلتۇ تىكىپ كىيىۋالماقچى بولغانلىق ئاشنا شىر، ئافاق خوجا، نىياز ھېكىمبەگ ۋە قادىر ھاجىلارنىڭ قىلمىشىلىرى كەبى مەڭگۈ كەچۈرۈلمەس ئەبەدىي مىللىي مۇناپىقلىقتىن ئىبارەتتۇر !

ئۆزئارا ھەر قانچە ئۆچىمىز بولسىمۇ، بارلىق خەلقىمىزنى، جۈملىدىن مېنى ۋە بىزنى تۈپتىن يوق قىلىۋېتىمە دەپ 70 يىلدىن بېرى يەڭنى تۈرۈپ كەلگەن بىر دۈشمەننىڭ قارشىسىدا يالغۇز تۇرۇۋاتىمىز. شۇڭلاشقا تۈنۈگۈنكى ئۆپكىنى، ئەتىكى لوق گۆشنى تولا پەش قىلماي، بۈگۈنكى ئاچچىق ئۈچەينى يەپ بولسىمۇ، بىر نىيەت ، بىر مەقسەتتە دۈشمەننىڭ قارنىنى يېرىپ تاشلايلى ! خەتەر يوقالغاندىن كېيىن، ھەر كىم خالىغىنىنى يېسۇن. خالىغىنىنى دېسۇن، خالىغىنىنى كىيسۇن ۋە خالىغان پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويسۇن! ئەمما ئىدىئولوگىيە ياكى ئېتىقاد جەھەتتىن ئىككىگە بۆلىدىغان جىنايەتنى سادىر قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەيلى ! 

ئېتىقاد يالغۇز دىندىلا بولمايدۇ. دىنىي ئېتىقادتىن باشقا يەنە ، سىياسىي ئېتىقاد، مىللى ئېتىقاد ۋە دۆلەت ئېتىقادى بولىدۇ. ھازىرقى تېڭىرقاشمۇ دەل 260 يىلدىن بېرى ئۇنتۇلۇپ كەتكەن « ۋەتەن، مىللەت ۋە دۆلەت ئېتىقادى » سەۋەپلىك كېلىپ چىقىۋاتىدۇ ! ئۇ نەرسىلەر بىزدە بارمۇ؟ ئەلۋەتتە بار ! بىراق قازغۇچىلار ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ساغرىسىنى تېپىپ چىقىپ، ئالدىراپلا بۇ بىزنىڭ بۇرۇنقى چىرايىمىز مۇشۇ دەپ جۆيلۈپ، خۇددى خىتايلاردىكى مەشھۇر ھېكايە بولغان « چىپار بۇغىنى ئايغىر ئات دەپ جار سېلىپ، ئاۋامنى زورلۇق كۈچ بىلەن ئېتىراپ قىلدۇرغان» شەرمەندە ھېكايىنىڭ داۋامىنى توقۇۋاتىدۇ!

دۈشمەننىڭ سۇيقەستلىرى ۋە نادانلارنىڭ تەڭكەش قىلىشلىرى بەكلا كېچىكىپ قالدى ! چۈنكى خەلق ھازىر بۇرۇنقىدەك نەگە يېتىلىسە، نېمىلا دەپ ئالدىسا ماقۇل دەيدىغان قوزىچاق ئەمەس، بەلكى ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقان بىر يولۋاس !

يولۋاس كېلىۋاتىدۇ ! ئەمدى ۋاقىتلىق يولۋاس سىياقىدا خەلقىمىزنى يېتەكلەپ كېلىۋاتقان، تەلىم بېرىۋاتقان بۈيۈك ئاقساقاللار دەم ئېلىشقا چىقىشقا تەييارلىق قىلىپ قويۇڭلار! ئەمدى سىلەردىكى ئېھتىياتچانلىق ۋە ئاچچىق تەجرىبە - ساۋاقلار بىلەن ياشلاردىكى ئىسيانكارلىق ۋە قاراملىقنى يۇغۇرۇپ، يېڭىچە مىللىي قارشىلىق ھەرىكىتى قوزغايدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.
« ئۈزۈكچىلىك دەۋردە خەلقىمىزنى باشسىز ۋە يېتەكچىسىز قويمىغىنىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت! ئەمما بۇندىن كېيىنكى خاتالىقلار ئارقىلىق ئىلگىرىكى تۆھپەڭلارنى پۈتۈنلەي يوققا چىقىرىپ، يۈزۈڭلارنى تۆكۈۋالماسلىقىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز ! » .

*** بۇ يازمىغا تۈرتكە بولغان ئىككى ئىشنىڭ بىرى تۆۋەندىكى رەسىمدىكى سەپسەتىگە ئايلىنىپ قالاي دېگەن پەلسەپە ۋە بۈگۈن كېچە كۆرگەن « يولۋاس بىلەن پاقلاننى، سىرتلان بىلەن قاپلاننى ئايرىيالمىغان قېرىنداشلار » نىڭ باياناتىدۇر ! خۇددى يۈسۈپ خاس ھاجىپ يۇقىرىقى جەڭگىۋار مىسرالىرىنى يىراق 21 - ئەسىردىكى ئەۋلادلىرىغا ۋەسىيەت سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويغاندەكلا تۇيغۇغا كېلىپ قالدىم!

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 6 - 10 - ئىيۇن   دۈشەنبە