2021/01/17 20:29

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 10 - ئىيۇن »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/10 11:18

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى






تارىختىكى بۈگۈن « 10 - ئىيۇن » :


مىلادىدىن بۇرۇنقى 323 - يىلى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ۋاپات بولغان.

754 - يىلى ئەرەب ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابۇ ئابدۇللا ساففاھ قازا قىلغان.

1826 - يىلى سۇلتان 2 - مەھمۇد ئوسمانلى ئارمىيىسىنىڭ ئاۋانگارت قوشۇنى بولغان « تۇتۇق تۇرشاۋۇللار» ئەترىتىنىڭ قوراللىق توپىلىڭىنى باستۇرۇپ، پۈتۈنلەي تارقىتىۋەتكەن.
« مەزكۇر قوشۇن خىرىستىئان بالىلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، 1330 - يىللاردا سۇلتان ئورخان دەۋرىدىن باشلاپ تەدرىجى زورايغان».

1882 - يىلى ئەنگلىيەنىڭ پىلانلىشى بىلەن ئىسكەندىرىيەدە كۈچلۈك زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن. « نەتىجىدە، تىنجىتىش نامىدا ئېنگلىزلار مىسىرنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئوخشاش ئەھۋال 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن بولسا، 2019 - يىلى 9 - ئىيۇن شياڭگاڭدا يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا!».
شۇڭا بىزمۇ دائىم سەزگۈر بولغىنىمىز ياخشى!

1907 - يىلى فرانسىيە بىلەن ياپونىيە خىتاينىڭ مانجۇرلاردىن مۇستەقىل بولۇشى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ قوغدىلىشى توغرىلىق ئورتاق تونۇشقا كەلگەن.

1916 - يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە شامدىكى ئەرەبلەر ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى كۈچلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.« ئەنگلىيە خەلىپىلىكنى تۈركلەردىن ئەرەبلەرگە ئېلىپ بېرىدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، بىراق 1918 - يىلى نويابىردا ئىستانبۇلنى ئىشغال قىلىپ بولۇپلا، دەرھال فرانسىيە بىلەن بىرلىكتە بۇ ئەرەب قوزغىلاڭچىلىرىنى باستۇرۇپ تاشلاپ، بارلىق ئەرەب ئەللىرىنى مۇستەملىكە قىلغان».

1963 - يىلى كېننىدى ئوخشاش ئىش قىلغان ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئوخشاش مائاش ئېلىش قانۇن لايىھىسىگە قوشۇلغان.

1967 - يىلى ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، ئىسرائىلىيە گولاننى، قۇددۇسنى، غەربىي قىرغاق ۋە سىنا يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلغان.

2000 - يىلى ھازىرقى باشار ئەسەدنىڭ دادىسى ھاپىز ئەسەد ئۆلگەن.

2000 - يىلى سۈرىيە پارلامېنتى ئاساسى قانۇن ئۆزگەرتىشنى ئاۋازغا قويۇپ، بەشار ئەسەدنىڭ تەختكە چىقىشىنى ئاسانلاشتۇرماقچى بولغان. چۈنكى ئەسەدنىڭ يېشى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياشتىن كىچىك ئىدى. ئەمما قېرى دىكتاتور ھاپىز ئەسەد ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ لەنىتى 2011 - يىلى ئەرەب باھارىدا يىقىلماي قېلىپ، تا ھازىرغىچە يەنىلا تەختتە تۇرۇۋاتىدۇ. شۇ سەۋەپتىن نەچچە مىڭ قوراللىق ئۇيغۇرلار شۇ يەردە دۇنياۋى چوڭ ئويۇنلارنىڭ قۇربانلىقى بولۇپ كەتكەن بولسا، ۋەتەندىكى خەلقىمىز تېررۇرلۇق قالپىقى بىلەن ھالاكەتلىك تەقدىرگە دۇچار بولماقتا!

2008 - يىلى داڭلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭگىز ئايتماتوف ۋاپات بولغان.

2010 - يىلى 10 - ئىيۇن ئوش قىرغىنچىلىقى باشلانغان. بۇ ۋاقىت دەل ئاتالمىش شاڭخەي ھەمكارلىق ئەللىرى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلىۋاتقان ۋاقىت بولۇپ، رۇسىيە رەھبىرى مېدۋېدېۋ :« بۇ قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ئىشى. رۇسىيە باش بولغان م د ب پەقەت سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىلا ئاندىن قوراللىق مۇداخىلە قىلىدۇ. مەن قىرغىزىستاننىڭ بۇ مەسىلىنى ئۆزى بىر تەرەپ قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمە!» دېگەن.
14 - ئىيۇن ۋەزىيەت مىڭ تەستە تىزگىنلەنگەن.

2014 - يىلى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل شەھىرى پۈتۈنلەي دائىشنىڭ قولىغا ئۆتكەن.
« دائىش كاتتىۋېشى باغدادى 2014 - يىلى 6 - ئىيۇن جۈمە موسۇل جامەسىدە ئۆزىنى خەلىپە دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن،بۇ خەۋەر خىتايلار ۋە نادان ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن شۇ ھامان ئەل ئىچىگە تارقىتىلىپ، ھېسسىياتچان ياشلاردا ھىجرەت داغدۇغىسى پەيدا قىلالىغان. ھەتتا مۇشۇ كۈنكى خەۋەر شۇنداق تەپسىلىي ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، ئۇزاق ئۆتمەيلا دەل شۇ موسۇلدا 800 دائىش ئەسكىرىنىڭ 30 مىڭ ئىراق دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ ۋەتىۋەرىكىنى چىقىرىۋېتىپ، ئامېرىكا بەرگەن نۇرغۇن ھەربىي قوراللارنى ئولجا ئالغانلىقى جاھاننى بىر ئالغان.
/ ھەرقانچە كالۋا ۋە دۆت ئۇيغۇرمۇ، ھەتتا ۋەتەندىكى كىچىك بالىمۇ  2014 - يىلى 22 - ماي نېمىش بولغانلىقىنى، 29 - مايدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزدە قاتتىق زەربە بېرىش تېررۇرلۇقىنىڭ باشلانغانلىقىنى، تۇنجى ھەپتىسىلا نۇرغۇن مىللەتپەرۋەرلەر تۇتۇلۇپ، چوڭ ئوچۇق سوت ئېچىلىشقا باشلىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ. دائىش خەلىپىسىنىڭ خەۋىرى مۇشۇنداق قاتتىق زەربە بېرىلىۋاتقان ۋەتىنىمىزدە خۇددى غەرپكە ساياھەت فىلىمىدەك ھەممە تاراتقۇلاردا، ھەتتا نۇر تورىدا داغدۇغا بىلەن تارقىتىلىشى ئەقلى - ھوشى جايىدا ئىنساننى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ. ئۇلارغا بۇنچىلىك يۈرەك ۋە جاسارەت نەدىن كەلدى؟؟! جاۋابى تولىمۇ ئوچۇق! ئاھ نادانلىق!

ئەسلىدە شەرقىي جەنۇپتىن قېچىپ چىقىدىغان يوللارنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ قولاي يوللار ئېچىلىپ، 2015 - يىلى پاسپورت قويۇپ بېرىلگەن. چەتئەلدە ھەر بىر ئادەم بېدىكى، بىر ئۇيغۇرنى 5 مىڭ دوللارغا تۈركىيەگە يەتكۈزگەن. ئۇ يەردىن بىرى مىڭ دوللار ئېلىپ، دۆلەت چېگرىسىدىن ئۆتكۈزىدىغان قويمىچى باندىتلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن. ئىككى يىل بىمالال چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ، ئەمدى 2 مىڭ ئايالنىڭ گېپى چىقماقتا ».

2018 - يىلى ئاتالمىش شاڭخەي ھەمكارلىق تەشقىلاتى يىغىنى ئاخىرلاشقان. دۈشمەن 30 مىليارد دوللار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا قورچاق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ 2019 - يىللىق ساداقىتى ۋەسۈكۈتىنى سېتىۋالغان.

2019 - يىلى سۇيقەستلەر داۋاملاشماقتا! ئەمدى بولسىمۇ ئۇيقۇمىزنى ئاچايلى! قاراڭلار مۇشۇ 20 يىلدىن بېرىقى 10 - ئىيۇنغا، دۈشمەن قانچىلىك پۇختا ئىكەن ئىشلارغا!؟


2019 - يىلى 6 - 10 - ئىيۇن     دۈشەنبە