2019/06/25 12:41

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 11 - ئىيۇن »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/11 12:33

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 11 - ئىيۇن » :


786 - يىلى ئابباسىيلار بىلەن ئەلەۋىلەر قاتتىق توقۇنۇشقان .

1859 - يىلى ئاۋستىرىيە سىياسىيونى مېتتېرنىخ ۋاپات بولغان.

1871 - يىلى چاررۇسىيە تۈركىستان ۋالىيلىقى جىددىي ھەربىي يىغىن ئېچىپ، ئەتە سەھەردە ئىلى سۇلتانلىقىغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلىش قارارىنى ماقۇللىغان. كولپاكوۋىسكىي دەرھال قوشۇننى تەرتىپكە سالغان.

1930 - يىلى تۈركىيە ۋە پېرسىيە قوراللىق قىسىملىرى بىرلىكتە چېگرا رايوندىكى كۇرد خەلقىنىڭ قوزغىلىڭىنى قانلىق باستۇرغان.
1925 - يىلى دىيار باقىرلىق ئاقساقال شەيخ سەئىدى مۇستاپا كامالنىڭ دەھرى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ مەغلۇپ بولۇپ، شۇ يىلى 30 - ئىيۇن سوتلىنىپ دارغا ئېسىلغانىدى.

1937 - يىلى ئابدۇنىياز قوشۇنى ئاقسۇنى قولغا ئېلىپ، شېڭ شىسەينى كۇچاغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان.

1937 - يىلى سىتالىن سەككىز داڭلىق سوۋېت گېنىرالىنى ۋەتەن خائىنى دەپ قارىلاپ قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ يوقاتقان. « ئۇنىڭ غالچىسى شېڭ شىسەيمۇ سىتالىننىڭ ياردىمىدە شۇ يىلى سېنتەبىردە ئابدۇنىياز كامال ۋە ماخۇسەننى يوقاتقاندىن كېيىن، ئۆكتەبىردە كەڭ كۆلەمدە چوڭ تازىلاش باشلاپ، 1938 - يىل ئاخىرىدىلا خوجىنىياز ھاجى باشلىق يۈزدىن ئارتۇق مەشھۇر شەخسلەرنى ئۆلتۈرۋەتكەن».

1964 - يىلى ماندېلا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

1971 - يىلى ئامېرىكا 1950 - يىلدىن بېرى خىتايغا يۈرگۈزۈۋاتقان 21 يىللىق ئىقتىسادىي ئىمبارگونى ئەمەلدىن قالدۇرغان. « 1972 - يىلدىن باشلاپ يارىشىپ، 1979 - يىلدىن 1989 - يىلى قىرغىنغىچە شىرىن ئاي مەزگىلىگە قەدەم قويغان».

2018 - يىلى كىم بودەك سىنگاپورغا يېتىپ كەلگەن.

2018 - يىلى تېخى بىر كۈن بۇرۇن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدىن قايتىۋاتقان پۇتىن تۇيۇقسىزلا 10 - ئىيۇن كەچتىن 11 - ئىيۇن چۈشكىچە ئالمۇتادا بەش ئىنىسىنى توپلاپ يېپىق يىغىن ئاچقان. بىر ھەپتىدىن كېيىن قازاقلارنىڭ خىتايلارغا قارشى ھەرىكەتلىرى باشلىنىپ كەتكەن.

2018 - يىلى رۇسىيەدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر مۇسابىقە كەيپىياتىغا چۆمگەن. بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەن.

2019 - يىلى دۇنيا ۋەزىيىتى كەسكىن بۇرۇلۇش پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بىزمۇ ماس ھالدا تەدبىرلىك بولۇپ، ئۆز نېسىۋىمىزنى ئالايلى! پۈتۈن دۇنيا دىققەت قىلىۋاتقان پېتىربۇرگ ئىقتىسادىي مۇنبىرىدە شى ئەكەلگەن 60 مىليارد دوللارنى سوقۇۋەتكەن پۇتىن مۇخپىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، « نۆۋەتتىكى سودا ئۇرۇشىغا قانداق قارايسىز ؟» دەپ سورىسا، پۇتىن تەكەللۇپ قىلمايلا « ئىككى يولۋاس سوقۇشسا، مايمۇن بىر چەتتە تاماشا كۆرۈپ، بانان يەيدۇ!» دەپ جاۋاپ بەرگەن. سىلەرچە ئۇ مايمۇن زادى كىمدۇ!؟ شى مەقسىتىگە يېتەلىدىمۇ؟


2019 - يىلى 6 - 11 - ئىيۇن      سەيشەنبە