2019/06/25 12:40

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 12 - ئىيۇن »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/12 15:59

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى






تارىختىكى بۈگۈن « 12 - ئىيۇن »:


1812 - يىلى ناپولىئون رۇسىيەگە يۈرۈش قىلغان.

1871 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقىدىكى ساتقۇن ۋە تەسلىمچى بېشىربەگنىڭ ھەربىي مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغان چاررۇسىيە ئەسلىدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋاختىنى 16 - ئىيۇنغا سۈرۈۋېتىپ، تېزدىن قوقان ۋە بۇخارا چېگرىسىدىكى ئىلغار توپچى قىسىملىرىنى يۆتكەپ كېلىپ، ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىشقا ھازىرلانغان.

1898 - يىلى فىلىپپىن داھىيىسى ئامىلو ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئاۋامنى
تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا چاقىرغان.

1901 - يىلى فرانسىيىلىك ھېنرى بېكرىل رادىئوئاكتىپلىق ماددا ئۇراننى بايقىغان.

1916 - يىلى مەككە ئاقساقىلى شېرىف ھۈسەيىن ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى ھەر قايسى قەبىلىلەر ئۇنى ھىمايە قىلىپ، ئوسمانلىغا قارشى ئۇرۇشقا ئاتلانغان.

1924 - يىلى چوڭ بۇش تۇغۇلغان.

1926 - يىلى برازىلىيە خوشنىلىرى بىلەن بولغان چېگرا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمىغاچقا، خەلقئارا ئىتتىپاقتىن چېكىنىپ چىققان.

1960 - يىلى تۈركىيەدە ۋاقىتلىق ئاساسى قانۇن ئېلان قىلىنغان. « بۇ ھەربىيلەر شۇ يىلى 27 - ماي تۈركىيە دېموكراتىك ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ ئىككى ھەپتە كېيىنكى ئىش ئىدى».

1965 - يىلى جەنۇبىي ۋېيتنامدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن . « كېيىنچە بۇ ئۆزگىرىش ۋېيتنام ئۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان».

2005 - يىلى ئىراق كۇرد ئاپتونۇم رايونى مىللىي مەجلىسى مەسئۇت بارزانىنى رەئىس قىلىپ سايلىغان. « بۇ قېرى 2017 - يىلى سېنتەبىردە مۇستەقىللىقنى ئاۋازغا قويۇپ، كېلەچەك كۇرد دۆلىتى ئۈچۈن ئاساس سالدى».

2009 - يىلى ئىراندا رەئىسلىك سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن.« بۇ ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى ئۆتكۈزۈلگەن 10 - نۆۋەتلىك پىرىزدېنت سايلىمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ».

2018 - يىلى ترامپ بىلەن كىم بودەك سىنگاپوردا جەم بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش كېلىشمىگە ئىمزا قويغان. « شۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى شىمالىي كورىيە كوزىرى قولدىن چىقىپ كەتكەن. بىراق 2019 - يىلى خانويدىكى كۆڭۈلسىز ئۇچرىشىشتىن كېيىن، كىم بودەكمۇ خوجايىن يەڭگۈشلەپ، 2019 - يىلى پۇتىننىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى ».

2019 - يىلى ھوڭكوڭدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلار تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە مۇنتىزىم شەكىلگە كىردى. خىتتايلارنىڭ ئىنتېرنېتكە كاشىلا قىلىش ماشىنىلىرىمۇ بۇ يەرگە كىرىشكە باشلىدى. ئۇنداقتا بۇ يەردە 1989 -  يىلى 4 - ئىيۇن تەكرارلىنامدۇ ياكى 1991 - يىلى 26 - دېكابىر تەكرارلىنامدۇ؟

2019 - يىلى موسكۋادىن كۈتكەن نىشانىغا يېتەلمىگەن شى تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندا زىيارەت قىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان.
« كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ بۇ زىيارەت ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشى ۋە لاگېرلار مەسىلىسىدە بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىكەن. تاجىكىستان بىلەن قىرغىزىستان ئۇيغۇر رايونىغا قوشنا جۇمھۇرىيەتلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ مەزكۇر رايوندا ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەش ئېلىپ بېرىپ، 3 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى لاگېرلارغا قامىشى، ئۇلارنىڭ تىلى، مەدەنىيىتى دىنىي ئېتىقادىنى چەكلىشىگە كۆز يۇمۇپ كەلگەن ئىدى. قىرغىزىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقى AKIPres نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شى جىنپىڭ 12‏-ئىيۇندىن 14‏-ئىيۇنغىچە قىرغىزىستاننى، 14‏-ئىيۇندىن 16‏-ئىيۇنغىچە تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىدىكەن».

2019 - يىلى ترامپ كىم جوڭئۇندىن ئېسىل بىر مەكتۇپ تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى، پات ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېلان قىلغان. « ترامپ ئاقسارايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇندىن «ناھايىتى ياخشى بىر مەكتۇپ» تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «كىم جوڭئۇن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ناھايىتى ياخشى، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەر تېخىمۇ ئىجابىي بولىدۇ، دەپ قارايمەن. پات يېقىندا كىم جوڭئۇن بىلەن كۆرۈشۈشۈم مۇمكىن، ئۇنىڭ ماڭا يوللىغان سەمىمىي مەكتۇبى، شىمالىي كورېيەنىڭ ناھايىتى زور ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.» ئىككىسى بۇندىن ساق بىر يىل بۇرۇن، يەنى 2018 - يىلى 12 - ئىيۇن سىنگاپوردا ئۇچرىشىپ، خىتاينىڭ قىز قولداشلىق سالاھىيىتىنى يوق قىلغانىدى».

2019 - يىلى 12 - ئىيۇندىكى پەچەت خەۋەر: رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دونالد ترامپ 28-ئىيۇن كۈنى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئېچىلىدىغان G-20 يىغىنىغا قاتنىشىدىغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا ئامېرىكا قاتارلىق 19 دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رەھبەرلىرى قاتنىشىدىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «شى جىنپىڭ بىلەن كۆڭلىمىز يېقىن. ئەگەر ئۇ بۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلمىسە خىتاي ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ سانىنى ئاشۇرىمەن» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئامېرىكا ئىمپورت قىلىۋاتقان خىتاي ماللىرىغا 35-40 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويۇلۇۋاتقان بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئاخىرقى كېلىشىمگە كېلەلمىسە يەنە 60 پىرسەنت باجنىڭ قوشۇلۇشى ئېنىق ئىكەن. « ئەمدى ئويۇننىڭ قىزىقى چىقىدىغان بولدى. چوڭچىلىق قىلىپ كەلمىسىمۇ ئۆزىگە زىيان، كېلىپ ئاكا دېسىمۇ ئۆزىگە زىيان، كېلىپ كۆرۈشۈپمۇ كېلىشەلمىسە يەنىلا ئۆزىگە زىيان. قېنى كۆرۈپ باقايلى، زادى قانچىلىك پەمى باركىن بۇنىڭ ».

دۇنيا ۋەزىيىتى قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ.چوڭ دۆلەتلەردىن ئۇششاق دۆلەتلەرگىچە بىزنى دەسمايە ۋە پېشكا قىلىپ، خىتايلارغا خېلى بېسىم قىلىپ مەقسىتىگە يېتىۋاتىدۇ. بىزمۇ پېشكىلىق رولىمىزدىن ياخشى پايدىلىنىپ ، قۇتلۇق دەۋارىمىزنى تەيپىنەم زامانىسىدىن بىر بالداق يۇقىرى سەۋىيىگە كۆتۈرەيلى! بىزنىڭ ئازاتلىقىمىزنى قوللايدىغان ھەر قانداق كۈچلەر بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشايلى!


بايراملار :

رۇسىيەدە : ۋەتەنپەرۋەرلىك كۈنى.

فىلىپپىندا : مۇستەقىللىق كۈنى .


2019 - يىلى 6 - 12 - ئىيۇن   چارشەنبە