2019/09/20 23:56

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 13 - ئىيۇن »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/13 15:55

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى






تارىختىكى بۈگۈن « 13 - ئىيۇن » :


1325 - يىلى داڭلىق سەيياھ ئىبنى باتۇتا يۇرتى تانجادىن شەرققە يۈرۈپ، ھەجگە ماڭغان. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ساياھىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

1930 - يىلى بېرىتانىيە - ئىراق كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، ئەنگلىيە ئىراقنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش بەدىلىگە ئىككى بازا قۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. « ئەنگلىيە ئىراقنى 1917 - يىلى جاھان ئۇرۇشىدا ئوسمانىلاردىن ئايرىپ چىقىپ مۇستەملىكە قىلىۋالغانىدى».

1933 - يىلى گېتلىر 20 - ئەسىردىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق مەخپىي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنىنى قۇرۇشقا بۇيرۇق قىلغان. « 1938 - يىلغىچە دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دۈشمەن كۈچلەرنى تازىلىغاندىن كېيىن، 1939 - يىلدىن باشلاپ ساق بەش يىل پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇرۇپ، ھەممە جاھانگىرغا ئۇرۇش ئاچتى. ھەتتا بىز ياراتمايدىغان كومپارتىيىمۇ 1938 - يىلى بۇ ئورگاننى قۇردى. دۆلىتىنى بولسا 1949 - يىلغا كەلگەندە ئاندىن قۇرالىدى. دېمەك بۇ ئورگان دۆلەتنىڭ پەرۋىشكار ئانىسى. دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ ئەزرائىلى. ئادالەت قىلىچى».

1951 - يىلى ب د ت ئارمىيىسىنىڭ تۇرشاۋۇل قىسمى ئۇرۇشقىلى پيوڭياڭغا يېتىپ كەلگەن.

1982 - يىلى پادىشاھ خالىد تۇغۇلغان.

1982 - يىلى فاھىد ئاكىسى خالىدنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولغان.

1993 - يىلى راپسانجانى قايتا سايلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىران رەھبىرى بولۇپ قالغان.

2009 - يىلى ئەھمەدى نىجاد قايتا سايلىنىپ، ئۆكتىچىلەر بىلەن ئارمىيە توقۇنۇشقان. سايلامدا كۆز بويامچىلىق بار دەپ قارىغان ئىدى ئۇلارمۇ.

2019 - يىلى 9 - ئىيۇن قازاقىستاندىمۇ سايلام ئادىل بولمىدى  دەپ  ھازىرغىچە نامايىشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.

2019  - يىلى شى بېشكەكتە ئۆزىگە ئورا كولىماقتا، ئابى شىنزۇ تېھراندا ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ۋاستىچى بولۇپ، ئېسىل نېفىتتىن بەھرىمەن بولۇش ئالدىدا ، پۇتىن موسكۋادا ،  ترامپ  ئاق سارايدا ئۆزگىچە خەرىتىدىن بىرنى ئېچىۋېلىپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى كېڭەشمەكتە.

ئۇنداقتا بىزچۇ ؟ شۇڭلاشقا پارچە پۇرات ئىشلارنى تاشلاپ، دۈشمەنگە قارشى بارلىق كۈچلەر بىلەن، جۈملىدىن ھەر قانداق ئۆزئارا پىكرى ئوخشىمىغان ئاقساقاللار بىلەن زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىپ، يېڭى دۇنيادىكى بىر كىشىلىك مۇھىم ئورنىمىزنى ۋە دۆلىتىمىزنى قولغا ئېلىشقا، ھەمدە دۈشمەندىن تەپسىلىي ھېساپ - كىتاپ ئېلىشقا تەييارلىنىپ قويۇشى  كېرەك ! ئاقماس ئىچكى زىدىيەتلەرنى چۆرۈپ تاشلايلى! بۇ پۇرسەت كەتسە، 100 يىلدىمۇ قايتا كەلمەيدۇ! ۋەتەندىكى مەۋجۇتلۇقىمىزمۇ 10يىل پايلىمايدۇ!


2019 - يىلى 6 - 13 - ئىيۇن      پەيشەنبە