2020/11/28 00:30

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


« ئۇيغۇر VS ئۇلۇس » تارتىشلىرىنى توغرا ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/28 11:34

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/06/28 11:34 2019/06/28 12:22 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى
« ئۇيغۇر » ۋە « ئۇلۇس » تارتىشلىرىنى توغرا ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە


كۆك ئەرۋاھ

1 - ياۋروپادىكى بېرلىن تېمى ۋە تارىمدىكى بېرلىن تېمى

ئالدى بىلەن "بېرلىن تېمى" ھەققىدە قىسقىچە ئىزاھات بېرىپ ئۆتەيلى :

1945 - يىلى گىتلېر گېرمانىيىسىنىڭ پايتەختى بېرلىن شەھىرى، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيىدىن تەركىپ تاپقان ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى بېرلىن شەھىرىنى قاپ ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلۈۋالدى، ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تەرىپى بولسا كاپىتالىزم ۋە دېموكراتىيىنىڭ سىمۋولى، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ بولسا كوممۇنىزمنىڭ سىمۋولى ئىدى.

1961 - يىلى گېرمانىيە، شەرقىي گېرمانىيە ۋە غەربىى گېرمانىيە دەپ ئىككى دۆلەتكە ئايرىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 8 - ئاينىڭ 13 - كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشغالىدىكى شەرقىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن، پايتەخت بېرلىننى ئىككىگە ئايرىپ تۇرىدىغان بېرلىن تېمى قۇرۇلۇشقا باشلاندى.

بېرلىن تېمى ئەينى چاغدا غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن، ' نومۇس تېمى دەپ ئاتالدى، چۈنكى بۇ تام، بىر دۆلەت خەلقىنى ئىككىگە ئايرىغان، بىر مىللەتنى بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى بولغان ئىككى خىل ئىدېئولوگىيىگە ئايرىغان ئىدى. تاكى 1989 - يىلىغا قەدەر بېرلىن تېمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى خەلق قارشى تەرەپكە ئۆتۈشكە جۈرئەت قىلالمىدى، ئۆتۈشكە ئۇرۇنغان مىڭلىغان ئىنسان بېرلىن تېمىنى ساقلاۋاتقان سوۋېت ئىتتىپاقى ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، 1989 - يىلى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى بېرلىن تېمىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى گېرمان خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى بويىچە بېرلىن تېمى چېقىپ تاشلاندى، ئارىدىن بىر قانچە ئاي ئۆتمەيلا غەربىي گېرمانىيە بىلەن شەرقىي گېرمانىيە بىرلەشتى، بېرلىن تېمىنىڭ يىقىلىپ، ئىككى گېرمانىيىنىڭ بىرلىشىشى، ماھىيەتتە دۇنيادىكى ئەڭ زور كوممۇنىزم لاگىرى ھېسابلانغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گۇمران بولۇشى ۋە پارچىلىنىشى ھېسابلىناتتى.

ھازىرغا قەدەر ' بېرلىن تېمى ' دېگەن بۇ ئۇقۇم، مىللەتلەر ياكى خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى قۇتۇپلىشىش، دۈشمەنلىشىش ۋە بۆلۈنۈشنى ئىپادىلەيدىغان سىمۋول خاراكتېرلىك ئۇقۇم بولۇپ كەلمەكتە.

ئەمدى تارىمدىكى بېرلىن تېمىغا كەلسەك، بۇنى شەرھىلەش ھاجەتسىز. ۋەتىنىمىزدە ياشاپ باققان ھەر قانداق بىر قېرىندىشىمىز بۇنى ياخشى چۈشىنىدۇ. قىسقىچە ئەسلەتكەندە، دەل گېرمانىيە ئىشغال قىلىنغان ۋاقىتلاردا، يەنى 1949 - يىلى ۋەتىنىمىز ئىشغال قىلىندى. شۇ يىلدىن بېرى تاكى 1979 - يىلغىچە ساق 30 يىل مەسىلىمىز ۋە تەقدىرىمىز قاتتىق مەخپىي تۇتۇلۇپ، ئافرىقىدىكى ئەڭ بەدەۋى خەقلەرمۇ مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل دۆلىتىگە ئىگە بولغاندا، بىز ئاران نەپەس ئالغۇدەك قىسقا پۇرسەتكە ئېرىشەلىگەن ئىدۇق. ئەمما كېيىنكى 40 يىلدا ھە دېگەندە خەلقئارا ۋەزىيەت تەتۈر كېلىپ، ياكى ئۆزىمىز دۈشمەننىڭ ئۇيۇنلىرىغا ماسلىشىپ قويۇپ، نەچچە قېتىملىق تارىخىي پۇرسەت ئۆتۈپ كەتتى. گېرمانىيىدىكى بېرلىن تېمى 30 يىل بولمايلا چېقىلدى. بىراق ئەزىز ۋەتىنىمىزدىكى خىتاينىڭ بېرلىن تېمى 70 يىل بولدى. نېپىزلىمەكتە يوق، تېخىمۇ قېلىنلىشىپ ۋە تورلىشىپ، نۆۋەتتە ۋەتىنىمىزنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدىن پانىي ئالەمدىكى دوزاخقا ئايلاندۇرۇپ قويدى. مانا ئەمدى نەچچە ئون مىليون مەسۇم كىشىلەرنىڭ قانلىرى بەدىلىگە ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەت كېلىۋاتقان نازۇك بىر پەيتتە، 1946 - 1949 - يىللاردا مىراس قالغان كونا تالاش - تارتىش يەنە قايتا باشلىنىپ كەتتى.

ئىككى دەۋرنىڭ پەرقى شۇكى، ئەينى ۋاقىتتا كوممۇنىزم ئارقىلىق خەلقچىللىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان غۇلجا تەرەپنىڭ قولىدا گېرمانىيە چوڭلۇقىدا بىر دۆلەت بار ئىدى. تۈركچىلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئۈچ ئەپەندىنىڭ قولىدا ۋەتىنىمىزدىكى يەتتە ئاساسلىق ۋىلايەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. ئەمما ھىلىگەر گومىنداڭ 1947 - يىلى مايدا ھوقۇقنى يۇقىرىقى ئىككى تەرەپكە تاشلاپ بېرىپ، ياندا تاماشا كۆردى. چۈنكى ئۇلار شۇ ئارقىلىق سىتالىنغا ھەر جەھەتتىن بېسىم قىلىشتا تۈركچىلىكنىڭ رولىنىڭ بەك زور ئىكەنلىكىنى ياخشى ھېس قىلىپ يەتكەنىدى. شۇ يىلدىن تاكى ۋەتىنىمىز مۇنقەرز بولغىچە بولغان ھالقىلىق ئىككى يىلدا ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئىدىئولوگىيىسىنى قوغداش ۋە زورايتىش ئۈچۈن قارشى تەرەپ بىلەن قەلەم كۈرىشى قىلىپ، ئەسلىدىكى بۇرچى ئۇنتۇلدى. يەنى ، ھەقىقىي دۈشمەنگە بولغان ئۆچمەنلىك ئىچكى زىددىيەتكە ئايلىنىپ كەتتى. نەتىجىدە، زىياننى يەنىلا شۇلار تارتتى. سىتالىن پايدا ئالدى. چۈنكى، خەلقىمىزنىڭ كۈچى بىلەن گومىنداڭنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك سەرخىل قوشۇنىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، ماۋنىڭ تېزراق غەلىبە قىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالدى. گومىنداڭمۇ پايدا ئالدى. چۈنكى، سۇيقەست ئارقىلىق تېخى تولۇق ھۆرلۈككە ئېرىشىپ بولالمىغان خەلىقىمىزنى ئىچكى جەھەتتىن بۆلۈپ تاشلاپ، بىپايان ۋەتىنىمىزنىڭ داۋاملىق خىتاي تېررىتورىيىسى ئىچىدە قېلىشىغا ئاساس سالدى. 1949 - يىلى بىر دومىلاپلا تەسلىم بولۇپ، كومپارتىيە ئارمىيىسى تەركىبىدە ئەينى ۋاقىتتا زەربە بەرگەن خەلقىمىزدىن قاتتىق ئۆچ ئېلىۋالدى. كوممۇنىستلار ئەڭ چوڭ پايدىغا ئېرىشتى. چۈنكى ترۇمېنىڭ 1945 - يىلى يازدىن  باشلاپ، كوممۇنىزىم لاگىرىغا قاتتىق قول بولۇپ، گومىنداڭنى قوللىشى، گومىنداڭنىڭ پانتۈركىزىم قارتىنى ئىشقا سېلىپ، غۇلجىدىكى جۇمھۇرىيەتنى قوللاۋاتقان سىتالىننىڭ يېغىرىنى تاتىلىشى ، سىتالىننىڭ غۇلجىدىكى جۇمھۇرىيەتكە يەنە ئارقا تېرەك بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالدى. نەتىجىدە سىتالىن 1949 - يىلى ئۆزى مەجبۇرلاپ دېگىدەك خىتاي باندىتلىرىنى ۋەتىنىمىزگە تېزدىن قوشۇن تارتىشقا بۇيرۇق قىلدى. دۆلەت رەھبەرلىرىنى سىرلىق ھالدا يوق قىلىۋەتتى. سۇيقەستلەرنى ۋە دۈشمەننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كېچىكىپ ھېس قىلغان ئۈچ ئەپەندىنىڭ ئالدىدا پەقەت چەتئەلگە قېچىش يولىلا قالدى.

ئەمدى ھازىرقى « زامانىۋى تۈركچىلىك ياكى ئۇلۇسچىلىق ئېقىمى » بىلەن « ئۇيغۇرلۇق ئېقىمى » تەشەببۇسچىلىرى يۇقىرىقىنىڭ دەل ئەكسىچە ئەزىز ۋەتەندىن تۈمەن چاقىرىم يىراقلىقتا تۇرۇپ، قولىدا نە ئالقانچىلىك زېمىنى نە بىرەر مۇنتىزىم ئارمىيىسى يوق تۇرۇپ، ئاخىرقى پۇرسىتىمىز يېقىنلاپ قېلىۋاتقان نازۇك بىر پەيتتە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنى قايتا ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈپ تاشلاش خەۋپىنى كۈچەيتىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ھەر ئىككى تەرەپكە سەمىمىي تەۋسىيە : « 1949 - يىلى ئەمدى قايتىلانمىسۇن ! 70 يىللىق ئاچچىق تەجرىبىمىز يېتىپ ئاشىدۇ!».
شۇڭا بۇ مەسىلىنى يەنىمۇ مۇنازىرە قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى ئىدىيە خۇددى سۇنى ھاسىل قىلغۇچى ئىككى ئېلىمېنتقا ئوخشايدۇ. يەنى، سۇ ئوكسىگېن ۋە ھىدروگېن ئېلمىنىتىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىر سۇ مولىكۇلىسى ئىككى ھىدروگېن ئاتومى بىلەن بىر ئوكسىگېن ئاتومىدىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ.
ھىدروگېن يېقىلغۇ بولسا، ئوكسىگېن كۆيۈشكە ياردەم بېرىدىغان ماددا. قۇدرەتلىك ئاللاھ ئىككى ئوتتىن ئوتنى ئۆچۈرىدىغان سۇنى يارىتىپتۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ تەركىبىمۇ دەل شۇنداق مۆجىزىلىك. يەنى، ئۇنىڭ ئۇستىخىنى بولغان ئۇيغۇرلۇق ئۇنى بۈگۈنگىچە تىز چۆكتۈرمەي كەلدى. ئۇنىڭ روھى بولغان ئىسلامىيەت ئۇنى تارىخ بەتلىرىگە دەپنە قىلىۋەتمەستىن، مىڭ يىلدىن بېرى مەنىۋىيىتىنى بېيىتىپ، ئاسارەتتە ۋە جاھالەتتە قالسىمۇ ئېتىقاد كۈچى بىلەن تەسەللىي بېرىپ قوغداپ، يېڭى ئەسىرگە ساق ئەكىردى.
ئۇنىڭ لوق گۆشى بولغان تۈركلۈك جىسمى تالاي قاغا - قۇزغۇنلارنى جەلپ قىلىپ، خوشنا مىللەتلەرنىڭ يەم بولۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەلدى.ھېساپتا تۈركىي كىملىكىمىز ئۈچ جاھانگىرنىڭ تارىختىن ئىنتىقام ئالىدىغان نىشانىغا، ۋاپاسىز قانداشلىرىمىزنىڭ بىزنى سېتىپ خەجلەيدىغان تاۋىرىغا ئايلىنىپ قالدى.  تۈركلۈك بىلەن مۇسۇلمانلىق خۇددى سۇنى تۈزگۈچى ئېلىمېنتلار ئىچىدىكى ئىككى ھىدروگېن ئاتومىغا ئوخشايدۇ. ئۇيغۇرلۇق بولسا دەل يەنە بىر ئېلىمېنت ئوكسىگېنغا ئوخشايدۇ. بۇ ئۈچ نەرسىنى بىر - بىرىدىن ئايرىپ تاشلاش، بىرىنى چىڭ تۇتۇپ، يەنە بىرىنى ئىنكار قىلىش، چەتكە قېقىش پەقەت دۈشمەنگە پايدا يارىتىدۇ. چۈنكى ئوتنى ئۆچۈرۈش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە سۇ پارچىلىنىپ، ئىككى كۆيۈشچان گازغا ئايلانسا، ئەلۋەتتە بۇ گازدىن ئىسسىنىش، ئوت قويۇش قاتارلىق ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئەتراپىمىزدىكى كۈشەندىلىرىمىزنى جەلپ قىلىدۇ.  ھەتتا بومبا ياساش ئۈچۈن ھەر تەرەپتىن باستۇرۇپ كەلگەن قاراقچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، قىممەتلىك ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ.ھېلىمۇ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتە ياتلارنىڭ بىكارلىق بومبىسى بولۇپ، ئۆزىمىزنى يوق قىلغانغا چۇشلۇق ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىدۇق. يىللاردى بېرى داھىي ئىزدەپ ئاشمىغان تاغ - داۋانلار، كىرمىگەن تار كامارلار قالمىدى. مانا سىناق دېگەن، كىم ھازىرقى « ئۇيغۇر ۋە ئۇلۇس » مەسىلىسىنى يۇغۇرۇپ، بىر ئانا مەپكۇرە يارىتالىسا، شۇ داھىي بولۇشقا سالاھىيەتلىك بولغان بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا چارىسى يوق. چۈنكى قايسىسىنى ئىنكار قىلسا، يەنە بىرىمۇ قارشى تەرەپنى ئىنكار قىلىپ، ئاخىرىدا خۇددى ئوكسىگېن بىلەن ھىدروگېن بىر - بىرىنى كۆيدۈرۈپ تۈگىگەندەك تۈگەپ كېتىمىز. ھېلىمۇ دۈشمەننىڭ كاللىسى قېتىۋاتىدۇ، قانداق قىلسام ھەم تېز ھەم قانۇنلۇق يوقىتىپ بولارمە ؟ دەپ. شۇڭا ئۆزىمىزنى ھالاك قىلىشنى تاللىۋالمايلى! بەرىبىر ئۇمۇ بىزگە ئاشمايدۇ ھازىرقى ۋاقىتتا.

ئەمدى سوۋېت ۋە ئامېرىكىنى مەركەز قىلغان شەرق بىلەن غەرپنىڭ 50 يىللىق تىركىشىش تارىخىنى قىسقىچە ئەسلەپ چىقايلى:

2  - كاپىتالىزىم ۋە سوتسيالىزىم لاگىرىنىڭ 45 يىللىق تىركىشىشى

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ۋاقىت جەدۋىلى
(1945-1991)


http://news.okyan.com/admin/upload/20110820074550.jpg


1945

11-ئاپرېل: يالتا يىغىنى. سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي شەرقىي ياۋروپادا مۇستەملىكىگە ئېرىشتى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلاندى.
8-ماي: ياۋروپانىڭ غەلىبىسى. گېرمانىيە ئارمىيىسى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە قورال تاپشۇرۇپ تەسلىم بولدى.
ئىيۇن: پوتسدام يىغىنى. گېرمانىيە رەسمىي ھالدا تۆت پارچىگە بۆلۈۋېتىلدى.
6-ئاۋغۇست: تۇنجى ئاتوم بومبىسى. ئامېرىكا خروشىما ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى تاشلىدى.
8-ئاۋغۇست. رۇسىيە ياپونىيىگە رەسمىي ئۇرۇش ئېلان قىلدى.
9-ئاۋغۇست: ئامېرىكا ناگاساكىغا ئىككىنچى ئاتوم بومبىسىنى تاشلىدى.
14-ئاۋغۇست: ياپونىيە تەسلىم بولدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.
15-ئاۋغۇست: تېننو ياپونىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1946

9-فېۋرال: سىتالىننىڭ نۇتۇقى. "كوممۇنىزىم بىلەن كاپىتالىزىم چىقىشالمايدۇ!"
5-مارت: "تۆمۈر پەردە نۇتۇقى". چېرچىل مەشھۇر "تۆمۈر پەردە نۇتۇقى"نى سۆزلىدى.
10-مارت: ترۇمېن رۇسىيىدىن ئىراندىن چېكىنىپ چىقىشنى تەلەپ قىلدى.
1-ئىيۇل: ئامېرىكا ئاتوم بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى.
25-ئىيۇل: ئامېرىكا سۇ ئاستى يادرو بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى.

1947

12-مارت: ترۇمېن گرېتسىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا ئامېرىكىنىڭ ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئىيۇل: "مارشال پىلانى" ئېلان قىلىندى.
2-سىنتەبىر: "رىيو كېلىشىمى". ئامېرىكا 19 لاتىن ئامېرىكىسى دۆلىتى بىلەن ھەمكارلىق ئالاقىسى ئورنىتىپ، بىخەتەرلىك بەلبېغى قۇردى


http://news.okyan.com/admin/upload/20110820074607.jpg

1948

25-فېۋرال: كوممۇنىستلار چېخوسلوۋاكىيىدە ھاكىمىيەتنى قولغا ئالدى.
2-مارت: ئامېرىكا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى جاسۇسلىرىغا قارشى ئورگان قۇردى.
17-مارت: ياۋروپانى كوممۇنىزىمدىن قوغداش مەقسەت قىلىنغان "بىريۇسسېل كېلىشىمى" ئىمزالاندى.
24-ئيۇن: "بېرلىن قامىلى" باشلاندى.


1949

4-ئاپرېل: ناتو قۇرۇلدى.
12-ماي: "بېرلىن قامىلى" ئاخىرلاشتى.
29-ئاۋغۇست: رۇسىيە تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى سىناق قىلدى.
1-ئۆكتەبىر: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.
1-دېكابىر: جياڭ جيېشى تەيۋەنگە بېرىپ ھۆكۈمەت قۇردى.


1950

30-يانۋار: ترۇمېن ھىدروگېن بومبىسى پىلانىنى تەستىقلىدى.
24-ئىيۇن: كورىيە ئىچكى ئۇرۇشى. سىتالىن شىمالى كورىيىنى قوللىدى. شىمالى كورىيە ئارمىيىسى سوۋېت قوراللىرى بىلەن قوراللاندى.

1951

12-يانۋار: فېدىراتىسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى (FCDA) قۇرۇلدى.
11-ئاپرېل: ترۇمېن قاتتىق قول ماك ئارتۇرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىدى.

1952

ئەنگلىيە ئاتوم بومبىسى ياسىدى.

1953

17-مارتتىن 4-ئىيۇنغىچە: يادرو ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى. 11 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىلدى.
ئىيۇل: كورىيە ئىچكى ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.
8-دېكابىر: "تىنچلىق ئۈچۈن ئاتوم" نۇتۇقى. ئېيسىنخوۋېر بۇ مەشھۇر نۇتۇقنى ئېلان قىلدى.


1954

1-مارت: ھىدروگېن بومبىسى. تۇنجى ھىدروگېن بومبىسى سىناق قىلىندى.
مارت: KGB قۇرۇلدى.
مارت: CIA ئىران ۋە گۋاتېمالادىكى ھەربىي ئۆزگىرىشكە قوراللىق ئارىلاشتى.
ئىيۇل: ۋېيتنام 17-پاراللېل سىزىقىدىن ئۆتتى.

1955

ماي: "ۋاراشاۋا كېلىشىمى تەشكىلاتى" قۇرۇلدى.


1956

29-ئىيۇن: سوۋېت ئىتتىپاقى تانكىلىرى پولشىغا بېسىپ كىرىپ، نامايىشچى ئىشچىلارنى باستۇردى.
4-سىنتەبىر: سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا ھەربىي ياردەم بەردى.

ئۆكتەبىر، نويابىر: ۋېنگىرىيىدىكى كوممۇنىزىمغا قارشى قوزغىلاڭلار باستۇرۇلدى.
29-ئۆكتەبىر: سۇۋەيش كىرىزىسى. ئىسرائىلىيە قىسىملىرى مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىغا ھۇجۇم قىلدى.
مىسىر سۇۋەيش قانىلىنى كونترول قىلدى.


1957

26-ئاۋغۇست: سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ باردى.
4-ئۆكتەبىر: سوۋېت ئىتتىپاقى تۇنجى سۈنئىي ھەمراھى ئوربېتىغا كىردى.
3-نويابىر: سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككىنچى سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بەردى.

1958

31-يانۋار: ئامېرىكا تۇنجى سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بەردى.
ئىيۇل: NASA مېركۇرېي پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا كىرىشتى. پىلان ئادەملىك ئالەم كېمىسى تەتقىقاتىنى ئاساس قىلاتتى.
نويابىر: خرۇشېۋ بېرلىندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

1959

يانۋار: فېدىل كاسترو كۇبادا ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالدى.
سىنتەبىر: خرۇشېۋ ئامېرىكىغا زىيارەتكە باردى.


1960

فرانسىيە ئاتوم بومبىسى ياسىدى.
ماي: سوۋېت ئىتتىپاقى ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
نويابىر: كېننىدى پرېزىدېنت بولدى.
19-دېكابىر: كۇبا ئاشكارا ھالدا سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىر ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.


http://news.okyan.com/admin/upload/20110820081629.jpg

1961

13-ئاۋغۇست: بېرلىن چېگرىسى قامال قىلىندى.
17-ئاۋغۇست: بېرلىن تېمى قۇرۇلۇشى باشلاندى.

1962

ئامېرىكا ۋېيتنام ئۇرۇشىغا ئارىلىشىشنى باشلىدى.
ئۆكتەبىر: كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسى پارتىلىدى.

1963

ئىيۇل: يادرو سىنىقىنى چەكلەش كېلىشىمى ئىمزالاندى.
نويابىر: كېننىدى قەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى.


1964

ئاۋغۇست: ۋېيتنام "بونكىت قولتۇقى ۋەقەسى".
ئۆكتەبىر: جۇڭگو ئاتوم بومبىسى ياسىدى.


1965

ئاپرېل: ئامېرىكا دومىنىكا جۇمھۇرىيىتىگە ئەسكەر ئەۋەتىپ كوممۇنىستلارنى باستۇردى.
ئىيۇل: ئامېرىكا ۋېيتنامغا ئىككى يۈز مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


1966

ئامېرىكا شىمالى ۋېيتنامنى بومباردىمان قىلدى.


1967

ئامېىركا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى ۋېيتنامدا پۇقرالارنى خاتا بومباردىمان قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

1968

يانۋار: پۇبلو كېمە ۋەقەسى. شىمالى كورىيە ئامېرىكىنىڭ پۇبلو ناملىق ھەربىي كېمىسىنى تۇتۇپ قالدى.
نىكسون پرېزىدېنت بولدى.
ئاۋغۇست: سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى چېخوسلوۋاكىيە توپىلىڭىنى باستۇردى.

1969

20-ئىيۇل: ئاپوللو ئالەم كېمىسى ئاي شارىغا قوندى.

1970


ئاپرېل: نىكسون ۋېيتنام ئۇرۇشىنى كامبودژىغا كېڭەيتتى.


1971

پېنتاگون كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1972

فېۋرال: نىكسون جۇڭگوغا زىيارەتكە باردى.
ئىيۇل: "ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمى 1" ئىمزالاندى.


1973

سىنتەبىر: ئامېرىكا چىلى ئۆكتىچىلىرىنى قوللىدى.
ئۆكتەبىر: مىسىر ۋە سۈرىيە ئىسرائىلىيىگە ھۇجۇم قىلدى. مىسىر سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ياردەم تەلەپ قىلدى.


1974

ئاۋغۇست: نىكسون تەختتىن چۈشتى.


1975

17-ئاپرېل: شىمالىي ۋېيتنام ئارمىيىسى جەنۇبىي ۋېيتنامغا بېسىپ كىردى.


1976

فېۋرال: سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە كۇبا بىرلىكتە ئانگولادا كوممۇنىست ھاكىمىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

1979

يانۋار: ئامېرىكا ۋە جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى.
ئىيۇل: "ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي قوراللارنى قىسقارتىش كېلىشىمى 2" ئىمزالاندى.
نويابىر: ئىران پەھلەۋى شاھى تەختتىن چۈشتى.
نويابىر: ئىران ئوقۇغۇچىلىرى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىكىلەرنى تۇتقۇن قىلدى.
دېكابىر: سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى ئافغانىستانغا بېسىپ كىردى.


1980


ئاۋغۇست: پولشا ئىشچىلىرى ئىش تاشلاپ نامايىش قىلدى. ئىش تاشلاش رەھبىرى ۋاۋېسا ئىشچىلار ئىتتىپاقى رەھبەرلىكىگە سايلاندى.


1983

مارت: پرېزىدېنت رېگان "ئىستېراتىگىيىىك قوغدىنىش تورى" پىكىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆكتەبىر: ئامېرىكا گرېناداغا ئەسكەر چىقاردى.


1985

گورباچېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى بولدى.


1986

ئۆكتەبىر: رېگان ۋە گورباچېۋ ياۋروپادىكى بارلىق ئىلغار يادرو ئوق بېشىنى يوقىتىش ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.


1987

ئۆكتەبىر: رېگان ۋە گورباچېۋ بارلىق ئوتتۇرا-ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى يوقىتىشقا قوشۇلدى.

1989

يانۋار: سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈردى.
ئىيۇن: پولشا مۇستەقىل بولدى.
سىنتەبىر: ۋېنگىرىيە مۇستەقىل بولدى.
نويابىر: بېرلىن تېمى ئۆرۈۋېتىلدى. شەرقىي گېرمانىيە ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ غەربىي گېرمانىيىگە ئەركىن كۆچۈشىگە ئىجازەت قىلدى.
دېكابىر: چېخوسلوۋاكىيە، بۇلغارىيە ۋە رۇمىنىيىدە كوممۇنىستلار تەختتىن چۈشتى.


1990

مارت: لىتۋا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولدى.
29-ماي: يېلتسىن رۇسىيە پرېزىدېنتلىقىغا سايلاندى.
3-ئۆكتەبىر: گېرمانىيە بىرلىككە كەلدى.

1991

ئاۋغۇست: سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلاندى.
سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

بۇ ۋاقىت جەدۋىلىدىكى 45 يىللىق ئۆزگىرىشكە دىققەت قىلغانلار ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ 50 يىلدىن بېرى قانداق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ. ئەگەر بۇنى تولۇق چۈشەنسىڭىز، ئەتە ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى ھەققىدىكى ئاخىرقى قارارىدىن ھەيران قالمايسىز. ھازىر پۈتۈن دۇنيا، بولۇپمۇ خىتايلار، ئامېرىكانلار ۋە ئۇيغۇرلار ئوساكادىكى دوللار ترامپنىڭ ئەتە قانداق قارار چىقىرىدىغانلىقىغا قارىتا ئەندىشىلىك پوزىتسىيىدە بولماقتا.

ئەمدى 50 يىللىق خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى قىسقىچە ئەسلەپ چىقايلى :

1949 - يىلى ئامېرىكا قوللاۋاتقان گومىنداڭ مەغلۇپ بولۇپ، سوۋېت قوللاۋاتقان كومپارتىيە خىتايدا دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن، ئامېرىكا بۇ دۆلەتكە قاپاق تۈرۈپ كەلدى. بولۇپمۇ 1950 - يىلى كورىيە ئۇرۇشى باشلىنىپ، خىتايلار سوۋېتقا ۋاكالىتەن ئۇرۇشقا كىرىپ، 1953 - يىلغىچە ئامېرىكىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقاچقا، ئامېرىكا ھەر جەھەتتىن خىتايغا ئۆچ بوپكەتتى.
بىراق 1969 - مارتتىكى مەرۋايىت ئارىلى ئۇرۇشى ۋە شۇ يىلى يازدىكى يادرو ئۇرۇشى تەھدىتىدىن كېيىن، ماۋ بىر ئۆرۈلۈپلا ئامېرىكا بىلەن يارىشىپ، سوۋېتقا قارشى تۇردى. ئاندىن 1972 - يىلى نېكسون كەلدى. 1973 - يىلى ب د ت  دىكى دائىمىي ئورۇن تەيۋەندىن ئېلىنىپ، كومپارتىيىگە بېرىلدى. 1979 - يىلى خىتايلار ئەسكەر چىقىرىپ، ۋېيتنامغا زەربە بەرگەندىن كېيىن، ئون يىللىق شىرىن ئاي باشلاندى. 1989 - يىلى قىرغىنچىلىق پەيدا قىلىپ، ئامېرىكا بىلەن قايتىدىن يىرىكلىشىپ قالدى. 1991 - يىلى سوۋېتنى يىقىتقان ئامېرىكا، 1999 - يىلى يۇگۇسلاۋىيىنى يىقىتىپ، ئەمدىكى نىشاننى خىتايغا قاراتتى. بىراق 2001 - يىلى ئامېرىكا دىققىتىنى ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرققە يۆتكەپ كەتكەچكە، خىتايلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئون يىل ئىچىدىلا ئامېرىكىدىن كېيىنكى ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندى. يېقىنقى ئون يىلدا خۇددى ھالاك بولۇشىنى ئالدىن بىلىۋالغاندەك غالجىرلىق بىلەن ئەزىز خەلقىمىزنى يوقىتىش قەدىمىنى تېزلەتتى. 2009 - يىلى 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن تاكى 2019 - يىلى 28 - ئىيۇنغىچە ۋەزىيىتىمىز كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىپ كەتتى. 1969 - يىلدىن 2019 - يىلغىچە بولغان ئەللىك يىللىق مۇناسىۋەتكە قارىساقلا، بىزگە نەچچە قېتىم تارىخىي پۇرسەت كەلگىنىنى بايقايمىز. بىراق شۇ ۋاقىتتىكى يېتەكچىلەر خاتا ۋاقىتتا، خاتا كۈچلەر بىلەن خاتا مەيدانلاردا ئىتتىپاقلىشىپ قالغاچقا، تەقدىرىمىز پاجىئەلىك بولۇپ كەتتى.
شۇڭا 1946 - 1949 - يىللاردىكى ئۇيغۇرلۇق ۋە ئۇلۇسلۇق تالاش - تارتىشىنى تاشلايلى!

ئەسلى شۇنداق قۇۋ ئىدىغۇ بۇ خىتايلار، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، جياڭ جېشى دىپلوماتىيە جەھەتتە ئامېرىكا تەرەپكە قىڭغىيىپ، ماۋ زېدۇڭ ئامېرىكا تەرەپنى ئالداپ قويۇپ، سابىق سوۋېتلار تەرەپكە قىڭغىيىپ، موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە، ئۇيغۇرىستان ۋە تىبەت قاتارلىق زېمىنلارنى ستالىننىڭ قولى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگەن ئەمەسمىدى؟
زامان 1970‏-يىللارغا يىتىپ كەلگەندە، ماۋزېدۇڭ ئەمدى بۇ قېتىم سابىق سوۋېتلەردىن يۈز ئۆرۈپ، ئامېرىكىنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىپ، ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسەدىكى « ئاجىز بىلەن بىرلىشىپ، كۈچلۈكنى يوقىتىش تاكتىكىسى » نى ئىشلەتتى. بۈگۈنچۇ ؟ ئەينى چاغدا ئۇماچقا قورسىقى تويمايدىغان ماۋ زېدۇڭنىڭ ئەۋلادى ئەمدى دوللار خەجلەيدىغان بايۋەچچىلەرگە ئايلانغاندا شۇنچە ئاسان پىلانلىرىدىن ۋاز كېچەرمۇ؟؟؟
مىڭبىر كېچە رىۋايەتلىرىدەك خىياللارنى كۆپ قىلماي، رېئاللىقنى چىقىش قىلايلى! بىزدىن ئەجەللىك زەربە يېمەي تۇرۇپ، ھېچكىم ئەجدىھاغا بىر چالما ئېتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. « چۈنكى پۈتۈن دۇنيا خىتايدىن قورقىدۇ. ئەمما خىتايلار ھەقىقىي ئۇيغۇردىن قورقىدۇ».
ئەمدىكى پاس چىقىرىش ئوساكادا قالدى.


خۇلاسە :

سىياسەت بىلەن كارى يوق مۇسۇلماننى مۇسۇلمان بىلەن كارى يوق سىياسەتچى باشقۇرىدۇ.

تېررورلۇق ئاتالغۇسى بولۇپ قېلىپلىشىپ قالغان
« الارھاب» دېگەن ئاتالغۇ قۇرئاندا بار ئىدى. بىراق ئەينى ۋاقىتتا ھېچكىم ئۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەچكە، « تېررورچىلىق قۇرئاندا ئوچۇق كەلگەنىكەن» دېگەن سەپسەتە دۇنياغا تارالدى.
گەرچە ئەزھەر شەيخى بىز بۇ ئاتالغۇنى خاتا ھالدا قوبۇل قىلىۋاپتۇق دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئىسلام جۇغراپىيىسىنىڭ سىرتىدىكى باشقا ئىنسانلار توپى ئارىسىدا « تېررورلۇق ئىسلامغا خاس بولغان جىنايەت،ئۇنىڭ مەنىۋى ئاساسى قۇرئان،
ۋاستىسى جىھاد، نىشانى پۈتۈن دۇنيانى قىلىچ بىلەن بويسۇندۇرۇش!» دېگەن ئۇقۇم يىلتىز تارتىپ كەتتى.

خىتايلار جىھاد ياكى غازاتنى 圣战 يەنى « مۇقەددەس ئۇرۇش » دەپ تەرجىمە قىلدى.
چۈنكى مەيلى غەرب ئەللىرى ياكى خىتايلار بولسۇن، جىھاتنى ئەھلى سەلپنىڭ 1097 - يىلدىن 1277 - يىلغىچە ئىسلام دۇنياسىغا ئېلىپ بارغان ئىستىلاچىلىق ئۇرۇشلىرىدىن پەرقسىز دەپ قارايدۇ.
/ قىزىق يېرى يېقىنقى 20 يىلدىن بېرى ئۆزىنى غازاتچى دەپ ئاتايدىغان قوراللىقلارنىڭ قىلىقلىرى راسلا بۇ غازاتنىڭ خاراكتېرىنى ئەھلى سەلپنىڭ مۇقەددەس ئۇرۇشىدىن پەرقسىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى.ئەمدى ھەر قانچە ئاقلىغان بىلەن ئاقمايدۇ.
چۈنكى دۇنيادىكى ئاخباراتنى كونترول قىلغان قارا قول بۇ ئۇقۇمنى ئاللىبۇرۇن ئاقلىغىلى بولمايدىغان ھالغا ئەكىلىپ بولدى. ياۋروپا تۇنجى قېتىم ئەسكەرسىز ئىسلاملىشىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئىراق ۋە سۈرىيەدە ياساپ چىققان دائىش ئارقىلىق « غازات، جىھاد، خەلىپىلىك، ئىسلام دۆلىتى » دېگەن ئۇقۇملارنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنىشلىك نەرسىلەر ئىكەنلىكىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە نامايەن قىلدى. بارلىق تاراتقۇلار بەس - بەستە نىقاپلىق ۋە ساقاللىق قوراللىقلارنىڭ ۋەھشىيلىك بىلەن ئەسىرگە چۈشكەن ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈۋاتقان كۆرۈنۈشلەرنى كۈچەپ تارقىتىپ، مۇۋەپىقىيەتلىك ھالدا ئىسلام دىنى ۋە مۇسۇلمانلارنى غەربنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى قىلىشتا بىر قاتار ئۇتۇقلارغا ئېرىشتى.

« جامال خاشقىچىنىڭ ئۆلۈمى نېمە ئۈچۈن پۈتۈن دۇنيانى قوزغىتالىدى؟ بىر مىليون ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگىرىدا ئۆلتۈرۈلگىنى نېمە ئۈچۈن ئۇنچىلىك زىلزىلە قوزغىيالمىدى؟ ئۇمۇ ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاشلا ئىنسانلار ئىدىغۇ؟
دۇنياۋى تاراتقۇلار خاشقىچى ۋەقەسى ئارقىلىق كەم دېگەندە بىر چالمىدا ئۈچ پاختەك سوقتى. 1 - ئۇتۇقلۇق ھالدا ئىسلام دۆلەتلىرنىڭ نەقەدەر مۇستەبىت ئىكەنلىكى، ئىنساننىڭ قىلچە ھوقۇقى، جېنىنى قوغداش كاپالىتى يوقلۇقىنى پەش قىلىش ئارقىلىق، غەرب ئاھالىسىنى ھازىرقى دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ قەدرىگە يېتىش، ئىسلامچە دۆلەتلەر ۋە تۈزۈملەردىن يىرگەندۈرۈش مەقسىتىگە قىسمەن يەتتى.
2 - ئىزچىل دېموكراتلىشش بېسىمىغا دۇچ كەلگەن سەئۇدىنى بۇ ۋەقە ئارقىلىق تېخىمۇ سىقىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلىدى.
3 - ھەر قايسى دۆلەتلەر بەس - بەستە بۇ ۋەقەنى تۇتقا قىلىپ، سەئۇدىنى بىر قىسىم مەسىلىلەردە يول قويۇشقا مەجبۇرلىدى.
سەئۇدى بىر تەرەپتىن ئامېرىكىغا پۇل ئۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تاراتقۇلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇش ئۈچۈن كۆپلەپ پۇل خەجلىۋەتتى. تۈركىيە بۇ ۋەقە تۈپەيلى سەئۇدىغا بەكرەك بېسىم قىلىۋەتكەچكە، ھارامزادە شاھزادە مەمەت سالمان ئاخىرى ئاتالمىش ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، بۇ يىل مارتتىكى خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنلا، بىراقلا غەربتىن شەرققە ئاغدى. شۇ قاتاردا جازا لاگىرلىرىنى ماختاشنى ئۇنتۇپ قالمىدى».

خىتاي يالغۇز دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقلاردىن سىرت تەشۋىقات ۋە ئاخباراتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىنى سۈرىيەدىكى دائىش كەبى قان ئىچەر ياۋۇز مەخلۇقلار دەپ قارىلاپ غەلىبە قىلغاچقا / ئەلۋەتتە ئۆزىمىز تەڭكەش قىلىشىپ بېرىپ، ۋەتەندىكى قىرغىنغا بىلمەي ھەمكارلاشقىنىمىز راس/ خىتاي نېمە دەپ قارىلىسا شۇ ئىشقا چىڭ ئېسىلىش ئارقىلىق نەقەدەر دۆت ۋە كالۋا گۆشباشلار ئىكەنلىكىمىزنى 6 يىلدىن بېرى تولۇق ئىسپاتلاۋاتىمىز! /.

گېرمانىيە گېزىتى 2014 - يىلى 24 - ئىيۇل
ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى تەشۋىقاتتا خىتايلارنىڭ غەلىبە قىلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ، 4 كۈن ئۆتمەيلا يەكەندە ئېغىر قەتلىئام پەيدا قىلدى. نېمىگە بۇنچە يۈرەكلىك پاجىئە پەيدا قىلالىدى؟ ئەلۋەتتە تەشۋىقاتتىكى غەلىبىسى سەۋەپلىك، ئۆزى زىيانلانغۇچى، ئۇيغۇرلارنى بولسا زىيان سالغۇچى دەپ جاكارلاپ، كۆزىنى مىت قىلماي ئېغىر قوراللار بىلەن ئۈچ يېزىنى يوق قىلىۋەتتى.

ھەزرىتى ئۆمەر :« ئەگەر بىر شەھەر ئاھالىسى بىرلىشىپ، بىر كىشىنى ئۆلتۈرۋەتكەن بولسا، ياكى بىر ئېغىز گەپ بىلەن بولسىمۇ كۈشكۈرتۈپ پاي قوشقان بولسا، قىساسى ئۈچۈن ھەممىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇيمەن!» دېگەن. ئەمدى  قاراپ باقايلى! مىللەتنى يېتەكلەيمە دېگەن ئىنسانلار مىللەتنى قەيەرگە باشلاپ قويۇپ، ئۆزى يىراق جايلاردا بەخىرامان يەپ - ئىچىپ يۈرۈۋاتىدۇ؟!

نېمىشقا بىزنىڭ قانلىرىمىز بۇنچە قەدىرسىز!؟
يەنىلا يېمىگەن مانتىنىڭ پۇلىنى تۆلەۋاتقان بىز.
غەربنىڭ 634 - يىلدىن 734 - يىلغىچە بولغان 1 - قېتىملىق ئىسلام قورقۇنچى، 765 - يىلدىن 1405 - يىلغىچە بولغان 2 - قېتىملىق تۈرك - ئىسلام قورقۇنچى ۋە 1453 - يىلدىن 1909 - يىلغىچە بولغان ئوسمان تۈركلىرى قورقۇنچى سەۋەبىدىن، ھەر ئىككى كىملىكنىڭ ئەسلى ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار گەرچە ياۋروپادىن تۈمەن چاقىرىم يىراقتا شەھەرلىشىپ ياشىغان بولسىمۇ، بىراق دىنىي ۋە مىللىي قانداشلىرىنىڭ ياۋروپالىققا قىلغان مۇئامىلىسىنىڭ بەدىلىنى ئىزچىل تۆلەپ كەلدى.
رۇسلار بىزنى ئوسمان تۈركلىرى بىلەن ئوخشاش قاراپ، قانداق زىيان سالغان بولسا، ئەنگىلىيەمۇ بىزنى مىڭ بۇرۇنقى ئەرەبلەر ۋە ئىستىلاچى تۈرك - تاتار ئەللىرى كەبى خەتەرلىك ھېساپلاپ، ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنىمىز خىتايلارغا قۇل قىلىپ بەردى.

ئارىدىن ساق ئاتمىش يىل ئۆتۈپ، ئەمدى مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى باشلىنىشىغىلا، دەھشەتلىك باستۇرۇلدى. 2010 - يىلى ھازىر بولۇۋاتقان پاجىئەلەر توغرىلىق پىلان تۈزۈلدى.
2011 - يىلى ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېگەن خەت چۈشۈرۈلگەن بايراقلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى.
2012 - يىلى« بىر يول ، بىر بەلۋاغ پىلانى» ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇندىن بېرى ھەر خىل تەبىئىي ۋە سۈنئىي ۋەقەلەر كۆپىيىپ كەتتى.
2013 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر ساماۋى مەيداندا
تۇنجى قېتىم دائىش ئىشلەتكەن قارا بايراقلار ئوتتۇرىغا چىقتى. ۋەتىنىمىزدە بىردىنلا ئوتتۇرا شەرققە بېرىپ، جىھاد قىلىش چاقىرىقى باشلىنىپ كەتتى. 2014 - يىلى ئىيۇندا دائىش موسۇل جامىدە ئىسلام دۆلىتىنى قۇردى. قىزىق يېرى نۇر تورى قورقماي بۇ خەۋەرنى شۇ كۈنىلا يۈرەكلىك چىقىرىپ تارقاتتى.لېكىن ھېچكىم كاللىسىنى ئىشلىتىپ ئويلىنىپ باقمىدى.  ئارقىدىنلا 800 دائىشنىڭ 30 مىڭ ئىراق ئارمىيىسىنى تارمار قىلىپ، نۇرغۇن ئولجا ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.كېيىنچە بۇنىڭ « دائىشقا قورال يەتكۈزۈپ بېرىش مانىۋېرى » ئۇيۇنى ئىكەنلىكى ئوچۇق جاكارلاندى. 2014 - يىلى 29 - ماي باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش ۋە 2015 - يىلى مايدىن باشلاپ، ساق بىر يىل پاسپورت بېجىرىشنى قويۇپ بېرىش دولقۇنى نەتىجىسىدە زور بىر تۈركۈم ياشلار قېچىپ چىقتى. « خۇددى چىۋىن نىجاسەتكە، ھەسەل ھەرىسى گۈللەرگە قونغاندەك ئۇيغۇرلارمۇ ئۆزى كۆڭلىگە پۈككەن نەرسىلەرگە قوندى. بۇنىڭدىن ئەتراپلىق خۇلاسە چىقارغان خىتايلار 2016 - يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ، تورنى يىغىشقا باشلىدى. نەتىجىدە 2017 - يىلدىن 2019 - يىلغىچە ئالدىنئالا پىلانلانغان نەسلىنى قۇرۇتۇش ھەرىكىتى تېز سۈرئەتتە ئىشقا كىرىشتى. تەييارلىقسىز ۋە پىلانسىز ئۇيغۇرلار پىتىراپ كەتتى. ھازىرمۇ تېخىچە يولىنى تاپالماي، يەنە خىتاي نېمە دەپ قارىلىسا، شۇنىڭغا چىڭ ئېسىلىپ يۈرۈشىدۇ!
ئەجەبا بۇنداق كىشىلەرنىڭ بولغىنى مىللەت ئۈچۈن بالا بولسا، 50 مىليونغا يېقىن خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن، بۇ قاپاق كاللا گۆشۋاشلارنى بىر تەرەپ قىلىش نۆۋەتتىكى بىردىنبىر ئۈنۈملۈك چارە بولسا كېرەك!!

چۈنكى بۇلارغا 40 يىلدىن بېرى گەپ ئاڭلىتىپ ئۆتكۈزگىلى بولمىدى. ئەگەر قىرىق يىل بۇرۇن بۇلارنى تاشلاپ قويۇپ، يېڭى بىر ئەۋلاد يېتىشتۈرۈپ چىققان بولساق بەلكىم بۇنچە ئېغىر ئەھۋالدا قالماستۇق!؟

دۇنيانى توغرا دەڭسىيەلمىسەكمۇ ئۆزىمىزنى توغرا دەڭسەيلى ! يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنايلى ! ھالىمىزغا بېقىپ ھال تارتايلى ! ئەمما كۆتۈرەلمەيدىغان نەرسىنى يۈك قىلىپ ئارتىۋالماي تۇرايلى ! چۈنكى ئۇنى كۆتۈرگىدەك ياكى ساڭگىلىتىۋالغۇدەك مادارىمىز يوق ھازىر.

ئوخشاشلا ھازىرمۇ خۇددى 1947 - 1949 - يىللاردىكى خاتالىقنى ئەينەن سادىر قىلماقچى بولۇۋاتىمىز. بىزدە خاتا ئىدىيە يوق. ئەمما ئورنىنى تاپالمىغان ئىدىيەلەر بار . مۇشۇ ئىدىيەلەرنى دەل جايىغا كەلتۈرۈپ تەتبىقلاپ بولالمىغاچقا، تېخىچە بىر ئانا مەپكۇرە يارىتىپ بولالمىغاننى ئاز دەپ، ھەر كىم ئۆزى مايىل بولغان ئىدىيە بىلەن باشقا ئىدىيەلەرگە ھۇجۇم قىلماقتا. ھەتتا تۈپتىن ئىنكار قىلماقتا .


تىنىقى توختاپ قالاي دېگەن ئۇيغۇر مىللىتىگە ئوكسىگېن كېرەك. بۇ دەل « ئۇيغۇرلۇق». ئۇنىڭ نەزەرىيىسى « ئۇيغۇرىزىم». شۇڭلاشقا بۇ ئىدىيە بىلەن ئۇيغۇر مىللىتىنى تېزدىن تولۇق قوراللاندۇرۇش كېرەك ! بىراق بۇ ئىدىيەنىڭ ئاشقۇنلۇققا ياكى ئىرقچىلىققا ئايلىنىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن، دىنىي ۋە كۈلتۈرال قىممەت قاراشلىرىمىز بىلەن چاتاپ، پەرۋىش قىلىپ تۇرۇش كېرەك! بۇ ئىدىيىنى پەقەت ئۇيغۇرلاردىلا ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك! شۇنداق قىلغاندا، يېڭىدىن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ئۇيغۇرلار قۇتۇلۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلىپ، بىللە ياشاپ كەلگەن تەقدىرداش مىللەتلەر بىلەن بىرگە خەلقىمىزنى ياۋدىن قۇتۇلدۇرالايدۇ.

دۈشمەندىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، تەقدىرداش مىللەتلەر بىلەن بىر ئائىلە بولۇپ، ئىناق - ئىجىل ياشاش ئۈچۈن « ئۇلۇس ياكى شەرقىي تۈركىستانلىق كىملىكى » كېرەك. ئۇنىڭ نەزەرىيىسى دەل « تۇرانچىلىقتۇر!» .

زىياكۆكئالپ تۈركىيەنى مەركەز قىلىپ، بۈيۈك تۇرانچىلىقنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلگەن :
1 -  تۈركچىلىك  2 - ئوغۇزچىلىق 3 - تۇرانچىلىق .
بىراق تۈركىيە 100 يىلدىن بېرى تېخىچە تۇنجى باسقۇچتىن ھالقىيالماي ئاۋارە.

شۇڭلاشقا بىزدىنمۇ بىر زىياكۆكئالپ چىقىپ، بىر - بىرىگە قارشى شىلتىلىۋاتقان ئىدىيە نەيزىلىرى ۋە پىكىر قىلىچلىرىنىڭ ئۇچىنى دۈشمەنگە قارىتىدىغان بىر ئانا مەپكۇرە يارىتىشى كېرەك.
زىياكۆكئالپچە بولغاندا، بىزنىڭ پىلانىمىز:
1 - ئۇيغۇرچىلىق 2 - تۈركىستانچىلىق 3 - تۇرانچىلىق

بىراق شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ھازىر پەقەت ئۇيغۇرلۇقلا چوڭ كۈچلەرنى بىئارام قىلمايدۇ. ئەمما كېيىنكى ئىككى باسقۇچلۇق پىلان ئورۇسلار، خىتايلار ۋە ھىندىلارنى بىئارام قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئورۇسلار 150 يىلدىن بېرى دەل شۇ سەۋەپتىن بىزگە زىيان سېلىپ كەلدى.
ئەمدىغۇ ھازىر زادى نېمىنى ئاۋۋال تەشۋىق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىۋالغانسىلەر؟؟؟!

ھازىر بىزدە بار بولغان، نىسبەتەن تەسىرى زور بولغان ئۈچ ئېقىمنى مۇنۇ شەكىلدە تەرتىپكە تىزساق، بىر ئانا مەپكۇرىگە ئايلىنىشى مۇمكىن :

1 - باسقۇچ : ئۇيغۇرلۇق ، ئاچقۇچى ئۇيغۇرىزىم.

2 - باسقۇچ : تۈركىستانچىلىق، يەنى ئۇلۇسچىلىق ، قورالى مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ پىكىرلىرى.

3 - باسقۇچ : تۇرانچىلىق ، قورالى پانتۈركىزىم. بۇ باسقۇچ بەلكىم ئۈممەتچىلىكنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى مىڭ يىلدىن بېرى تۈركىي مىللەتلەر ئىسلام دۇنياسىغا ھامىيلىق قىلىپ كەلدى. بۇندىن كېيىنمۇ شۇنداق بولغۇسى. تارىخ ئىسپاتلىدىكى، ئىسلام دۇنياسىغا ئۇيغۇرلار باشچىلىق قىلسا، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىرقىي ۋە دىنىي توقۇنۇشلار ئاسانلا ئاخىرلىشىشى مۇمكىن.

شۇڭلاشقا، بۈگۈن چوقۇم بۈگۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلايلى! قولىمىزدا بار ئىدىيە ئارقىلىق يەنە بىر ئىدىيەنى ئىنكار قىلمايلى !
مىللىي كىملىكنى ئىنكار قىلغان، « ئۇيغۇر » نامىنى ئورۇسلار بىلەن خىتايلارغا باغلاپ قويۇپ، ئۆز خاھىشى بويىچە مىللىتىمىزنى ئىككى « مەنسۇبىيەت قۇتۇپى » غا زورلاپ ئاجراتقان، بۇ خاتالىقى تۈپەيلى ئالتە ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان بىر مەيدان ئاخىرى چىقماس « ئۇيغۇر ۋە ئۇلۇس »تالاش - تارتىشىنىڭ قوزغىلىشىغا سەۋەپ بولغان دانا ئەرباپ خەلقىمىزدىن كەچۈرۈم سورىسۇن! ھازىرقى ھالقىلىق پەيتلەردە دىققەتنى بۇراپ، زېھنىمىزنى ھەر تەرەپكە چېچىۋەتكەنلەر يا خاتالىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، تۈزىتىشى كېرەك ، ياكى قىلمىشىنىڭ بەدىلىنى تۆلەش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ قويۇشى كېرەك!


ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن مۇنبەرگە ۋاكالىتەن يوللاندى.


2019 - يىلى  28 - ئىيۇن  جۈمە    ئۇرال