2019/09/20 23:55

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا ۋە تېڭىرقاۋاتقان ئۇيغۇرلار

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/14 13:04

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى







مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە تېڭىرقاۋاتقان ئۇيغۇرلار

كۆك ئەرۋاھ

1 - « مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ھالقىلىق پەيتتىكى تارىخىي سىياسىي خاتالىقى »

2018 - يىلدىكى « ئىدىئولوگىيىلىك ئۇرۇش يىلى » دا مەرھۇمنىڭ ئەينى ۋاقىتتا نېمە ئۈچۈن نە ئەلىخان تۆرەم دەۋرىدە ، نە 1947 - يىلى ئىيۇلدا ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت يىمىرىلگەندىن كېيىن ئەخمەتجان قاسىمىلار بىلەن بىللە غۇلجىغا قايتىپ كەتمىگەنلىكى تۇتقا قىلىنىپ، ئاز بولمىغان قېرىنداشلىرىمىزنى ئويغا سالدى. تەمتىرىتىپ قويدى. بەزى مەلۇماتى يۈزەكى نادان قېرىنداشلار ھەتتا تىل ئۇزىتىپمۇ ئۈلگۈردى. ئۇنداقتا « رۇس مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيە ۋە رۇس مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلالماسلىق مەلۇم بىر كىشىنىڭ خاتالىقىمۇ؟؟؟

تارىختىن ئازراق خەۋىرى بارلار ئىلگىرىكى ئەزىز ئەجداتلىرىمىزنىڭ 1870 - يىلدىن 1950 - يىلغىچە رۇس مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلالمىغانلىقىنى كۆرىدۇ. 80 يىل جەريانىدا بۇ ئېغىر مەسىلە بەدۆلەت، ئەلاخان سۇلتان، تۆمۈر سىجاڭ، خوجىنىياز ھاجى، مەھمۇد مۇھىتى، ئابدۇنىياز كامال، ئەلىخان تۆرەم ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە مەسلەكداشلىرىنىڭ ئالدىغا قويۇلدى. ئۇلار ھەممىسى دېگۈدەك ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى تەجرىبە - ساۋاقلىرى ۋە ئەتراپىدىكى بىلىملىك كىشىلەرنىڭ پىكىرلىرىگە تايىنىپ تۇرۇپ قارار بېرىشتى. ئەمما ئۇلارنىڭ تەدبىرى ھەر قېتىم تەقدىرگە توغرا كەلمەي، خەلقىمىز 150 يىلدىن بېرى كۈچلۈك رۇس ئامىلىنىڭ تەسىرىدە شۇ ۋاقىتتىكى تارىخىي خاتالىقلارنىڭ بەدىلىنى مىللەت سۈپىتىدە قورقۇچلۇق شەكىلدە ئۆتەپ كەلمەكتە.

شۇڭلاشقا، ئەزىز قېرىنداشلىرىم 2019 - يىلىدا تۇرۇۋېلىپ، 1870 - 1912 - 1933 - 1937 - 1945 - 1949 - يىلدىكى مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرگە باھا بەرمەيلى! ئەسلىدىغۇ ئۇلارغا باھا بېرىشكە سالاھىيىتىمىزمۇ توشمايتتى!!

ئويلاپ بېقىڭلار، ناۋادا مېنىڭ نەۋرەم 2049 - يىلىدا تۇرۇپ 1989 - 1999 - 2009 - 2019 - يىللارغا نەزەر سالسا، قانچىلىك دەرغەزەپكە كېلەر؟؟ شۇ چاغدا بىرەرسىمىز ھايات بولۇپ قالساق، ئۇلار بىزگە نېمىدەك زەردە قىلىشى مۇمكىن؟؟!

تارىختىكىلەر بىزگە يول ئاچتى. يول ئاچالمىغان تەقدىردىمۇ، خاتا قارارلىرى ۋە خاتا تاللاشلىرى تۈپەيلى قانلىرى بىلەن بەدەل تۆلىدى. ھايات قالغانلىرىمۇ تا ۋاپاتىغىچە پۈتۈن - بىلگەنلىرى ۋە قىلغانلىرىنى يېزىپ قالدۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىشنى بىزنىڭ ئەركىمىزگە قويۇپ كەتتى.

ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز بىر ھەدىسىدە :« سىلەر ئۆلۈكلەرنى تىللىماڭلار ! چۈنكى ئۇلار ئاللىبۇرۇن قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىپ بولدى » دەپ يوليورۇق بەرگەن . ئازماس ئىنسان يوق . پەقەت پەيغەمبەرلەرلا خاتالىقلاردىن مۇستەسنا. ئەمما پەيغەمبەرلەردىن باشقىلار ھەممىسى خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ھەتتا ئۆز ۋاختىدا ساھابىلەرنىڭ ئىچىدىمۇ سىياسىي خاتالىق سادىر قىلغانلار چىققان.

ئالايلۇق، ھەزىرىتى ئوسمان مەدىنىدە قەستلەپ
ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، مۇسۇلمانلار سىياسىي جەھەتتىن تۇنجى قېتىم ئىككىگە بۆلۈندى.

مۇسۇلمانلار ئۆز ئىچىدىن توغرا يولدىكى يېتەكچى بىر خەلىپىنىڭ دەرھال مەيدانغا كېلىپ، بۆلۈنۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۈمىد قىلىشاتتى. ئۇلار ھەرقايسى ساھابىلەرنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىپ، جۈملىدىن تەلھە، زۇبەير، ئەلىلەرنىڭ ئالدىغا بېرىپ خەلىپە بولۇشلىرىنى تەلەپ قىلىشتى. بۇلار بىردەك رەت قىلدى.
خەلىپە سايلانماستىن ۋاقىت ئۇزىراپ كەتتى. باشقا شەھەرلەردىكى قوشۇنلار كېلىۋاتاتتى. ئاسىي قوشۇنلارمۇ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچى بار ۋاقتىدا شۇ ئارقىلىق ئۆزىگە مايىل بىر خەلىپىنىڭ سايلىنىشىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئوسماننى ئۆلتۈرگەنلىك جىنايىتىنى ئامال بار تۆۋەنلىتىشىنى ئۈمىد قىلىشاتتى. ئارقىدىن ئۇلار مۇسۇلمانلارنى خەلىپە سايلاشقا مەجبۇرلاشقا باشلىدى. بولمىسا چوڭ ساھابىلەرنى بىر باشتىن قىرىپ تاشلايدىغانلىقىنى، ھەتتا مەدىنىدە قەتلىئام يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ۋەزىيەت ئىنتايىن خەتەرلىك ئەھۋال ئاستىدا، شۇنداقلا، مۇسۇلمانلارنىڭ قايتا-قايتا تەلەپ قىلىشى ئاستىدا ئاخىر ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ خەلىپە بولۇشقا، شۇنداقلا خەلقنىڭمۇ ھەق يولدا ئۇنى يالغۇز قويماستىن بىرلىكتە مېڭىشىغا رازىلىق بىلدۈردى.
ئەينى دەۋردە ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولۇش تەمەسىدە ئەمەس ئىدى. ھالبۇكى ئىسلام ئېمپىرىيىسىنىڭ ھال كۈنى قىيىن كۈنگە قالغان، ئىسلام مەركىزىدىكى خەلىپىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن ئاسىيلار ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا سەئد ئىبنى ئەبۇ ۋەققاس، ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەر قاتارلىقلاردىن باشقا چوڭ ساھابىلەرنىڭ ھەممىسى بەيئەت قىلدى. مۇئاۋىيە ئاسىي قوشۇنلار بىلەن ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئىپادىسىگە قاراپ، بەيئەت مەسىلىسىدە قۇلىقىنى يوپۇرۇۋالدى. ھەزرىتى ئەلى خەلىپە بولمىسا، بىرىنچى، ئاسىي بەدەۋىيلەر ھوقۇق ئىگىلىۋېلىشى؛ ئىككىنچى، مۇسۇلمانلار بۆلۈنۈپ كېتىشى؛ ئۈچىنچى، مەشھۇر چوڭ ساھابىلەر ۋە خەلق قەتلىئام قىلىنىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاخىر خەلىپە بولۇشنى قارار قىلغان. بۇ ھىجرىيە 35-يىلى ئىدى.

شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلار سىياسىي جەھەتتە تۇنجى قېتىم ئىككىگە بۆلۈندى.
بىر تەرەپ پايتەختنى مەركەز قىلغان ئومۇمىي كۆپ سانلىق مۇسۇلمانلار بولۇپ، ئۇلار كۆز ئالدىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، پاجىئەلەرنى ئەڭ تۆۋەنكى چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ۋاقىتلىق مەدىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان توپىلاڭچىلار بىلەن مادارا قىلىپ، پايتەختتە زور قەتلىئام يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، بىردەك ھالدا ھەزرىتى ئەلىنى خەلىپە قىلىپ سايلىدى. بىراق يەنە بىر تەرەپ، يەنى يىراق دەمەشىقتە ھاكىملىق قىلىۋاتقان ھەزىرىتى مۇئاۋىيە ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئوسماننىڭ تۇققىنى ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ تۇرۇپ، يېڭى خەلىپىنى قاتىللارنى تېزدىن جازالاپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئەلۋەتتە مۇمكىن ئەمەس ئىدى. چۈنكى يېڭى خەلىپىدە تېخى كۈچ يوق ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئاسىيلارنى قوغلاپ چىقىرىش كېرەكلىكىنى، ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەلۇم شەرتىگە كۆنۈش كېرەكلىكىنى بىلىپ، خەلىپىلىككە چىقىپلا، بىر قىسىم ۋالىيلارنى(بەزى ساھابىلەر ئۇنىمىسىمۇ) ئالماشتۇردى. بىر قىسىم ئىشلارنى تەرتىپكە سالدى. كۇفە، بەسرە، يەمەن ۋالىيلىرى ئالماشتۇرۇلدى. مەككىگىمۇ مۇھىم ئادىمىنى ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ شامدىن باشقا ئىسلام ئېمپىرىيىسىنىڭ بارلىق ۋىلايەت-ئۆلكىلىرى ۋە ۋالىيلىرى ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشتى. شام ۋالىيسى مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سۇفيان ھەزرىتى ئەلىگە بەيئەت قىلمىدى. ھەزرىتى ئەلى ئۇنىڭ بەيئەت قىلىشى ئۈچۈن ئادەم ئەۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ ئەھۋالغا قاراپ بېقىشنى باھانە قىلىپ، ئىپادىسىز بولۇۋالدى.

دەرھەقىقەت، مەسىلىلەر كۆپ ئىدى، پىتنىلەر جىق ئىدى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتقان ۋالىي مۇئاۋىيە ئىبنى ئەبۇ سوفيان ۋە بىر تۈركۈم ئادەملەر بار ئىدى. ئاسىي قوشۇنلار ئۇنى ھېچ ئىش قىلدۇرمايۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ كۈچى ئاجىز تۇرۇقلۇق، خەلق ئۇنىڭ ئاسىي قوشۇنلارنى جازالىشىنى، ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشنى تولىمۇ ئۈمىد قىلاتتى. ئاقىۋەت ئۇ شامغا جازا يۈرۈشى قىلىشى ئۈچۈن خەلقنى پىدائىي بولۇشقا چاقىردى، بەزىلەرنىڭ رەت قىلغانلىقىنى كۆرۈپ يەتسىمۇ، ئۇ ھېچكىمنى مەجبۇرلىمىدى. بىر تۈركۈم پىدائىيلار يىغىلدى. قوشۇننىڭ تۇغىنى ئۆز ئوغلى مۇھەممەد ئەل ئەكبەر ئىبنى ئەل ھەنەفىيگە تۇتقۇزدى. ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنى ئوڭ قاناتقا، ئۆمەر ئىبنى سەلەمەنى سول قاناتقا قويدى. ئەبۇ لەئلا ئىبنى ئامىر ئىبنى ئەل جەرراھنى تۇرشاۋۇل بېگى قىلىپ تەيىنلەپ، شامغا يۈرۈش قىلدى(ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە»، 7-جىلد، 371-بەت). ئۇ بەسرە، كۇفە، مىسىر ۋالىيلىرىغا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۆزىنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى ھەرىكىتىگە
ماسلىشىشقا چاقىردى.

بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ھەزرىتى ئەلى ھەزرىتى ئوسماننىڭ قاتىللىرىنى ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمىگەن، ئۇلارغا بىرمۇ ۋەزىپە تاپشۇرمىغان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن تەسىر دائىرىسى بار ئادەملەر بولۇپ، ئۇ بىر باش ئاغرىقى سۈپىتىدە يوشۇرۇن تەھدىت بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى. دەل شۇ ۋاقىتتا مەككىدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئۇ ئەۋەتكەن ۋالىينى قايتۇرۇۋېتىپ، مەككىدىن بەسرەگە كۆچكەنلىكى(ئارىسىدا ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھامۇ بار ئىدى) خەۋىرى يېتىپ كەلدى. ئۇ دەرھال قوشۇننى باشلاپ، شامغا ماڭماي بەسرەگە ئاتلانغان بولسىمۇ، ئۇلارغا يېتىشەلمىگەنىدى.

ھەزرىتى ئوسمان ئىبنى ئەففاننىڭ قاتىللىرى بولمىش ئاسىيلارنىڭ مەدىنىنى كونتىرول قىلىۋېلىشى، ئاسىي قوشۇنلارنىڭ دەرھاللا جازالىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ ۋە پىتنىدىن قېچىپ بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭ مەدىنىدىن مەككىگە كېتىشى، ئاندىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ساھابىلەرنىڭ مەككىدىن بەسرەگە كۆچىشى، شامغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ نىشاننى ئۆزگەرتىپ بەسرەگە قاراپ مېڭىشى، ئابدۇللا ئىبنى سەبەئ باشچىلىقىدىكى « مۇسۇلمان تېرىسىگە ئورىنىۋالغان سۇيقەستچى» لەرنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا بىلەن ھەزرىتى ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن "جەمەل ۋەقەسى"(بۇ ئۇرۇش مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن تۇنجى ئىچكى ئۇرۇش) قاتارلىق بىرقاتار ئىشلار كۆڭۈلنى مەلۇم دەرىجىدە غەش قىلسىمۇ، بىراق ھەزرىتى ئەلىنىڭ بۇ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتىسىيىسى، يەنى ئۇرۇشتا ئۇچرىشىپ قالغان زۇبەير ئىبنى ئەۋۋامغا رەسۇلۇللاھنىڭ: "ئى زۇبەير! شۈبھىسىزكى، سەن ئەلى بىلەن ھەقسىز تۇرۇپ، جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشىپ قالىسەن!" دېگەن گېپىنى ئەسلىتىپ ھەقىقەتكە قايتۇرىشى ۋە ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى، خاتالىققا يول قويۇپ ئۇرۇشماقچى بولغانلارنى ئەپۇ قىلىپ، بەسرەگە ئابدۇللا ئىبنى ئابباسنى ۋالىي قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرىشى بىزنى خۇرسەن قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭ ھەق يولدىكى ئىزباسار خەلىپە ئىكەنلىكىگە ئىشارە قىلىدۇ.
شام بىلەن مەدىنىنىڭ ئارىلىقىنىڭ يىراقلىقى ۋە يۇقىرىدىكى ۋەقەلەر مۇئاۋىيەنىڭ بەيئەتنى كېچىكتۈرۈشىگە ئوبدانلا بىر باھانە بولغان ئىدى. ئەمما ھەزرىتى ئەلىنىڭ نەزىرىدە مەسىلە ئۇنداق ئەمەس ئىدى، مەدىنىنى دۈشمەن كونتىرول قىلىۋالغان ئىكەن، ھەرقانداق ئۈممەت بۇنى ئاڭلاپلا كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈشى، خەلىپىگە بەيئەت قىلىشى كېرەك ئىدى. يەنى خەلىپە خەلىپە، ۋالىي ۋالىي بولۇشى كېرەك ئىدى.

ھەزرىتى ئەلى ئۆزى مۇئاۋىيەگە قارشى شامغا يۈرۈش قىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدى. ھىجرىيە 36-يىلى بۇ ئۇرۇشقا تۆت ئاي تەييارلىق قىلدى.

ھەزرىتى ئەلى ئالدى بىلەن جەرىر ئىبنى ئابدۇللا ئەلبۇجەلنى ئەلچى قىلىپ مۇئاۋىيەگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە بەيئەت قىلىشىنى ۋە ھەممەيلەن قوبۇل قىلغان خەلىپىلىكىنى ئۇنىڭمۇ قۇبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئەمما مۇئاۋىيە جاۋاب بەرمىدى. جەرىر ئۇنىڭ يېنىدىن نەتىجىسىز قايتتى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھەمراھلىرىدىن بەزىلىرى مۇئاۋىيەنىڭ دەرھال جاۋاب بېرىشىنى كۈتكەنىدى. كۆپ ئۆتمەي مۇئاۋىيەمۇ ئەلچى ئەۋەتتى. بۇمۇ نەتىجىسىز بولدى. ئاقىۋەت ھەزرىتى ئەلى مۇئاۋىيەگە جازا يۈرۈشى قىلدى. شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ تۇرشاۋۇل قىسىملىرى شامغا كىردى.
ئەمما ھەزرىتى ئەلى قوشۇنغا ئۆزلىرىگە قورال تەڭلىنىشتىن بۇرۇن ھەرىكەت قىلماسلىققا ئەمىر قىلدى. مۇئاۋىيەمۇ ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىنىڭ ھەرىكەتلەنگەنلىكىنى تۇيۇپ، شام قوشۇنىنى باشلاپ، سىففىن دېگەن يەرگە باردى. ئۇ قوشۇنىنى فۇرات دەرياسىنىڭ سۈيىدىن پايدىلىنالايدىغان بىر يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنلىرى بۇ يەرگە يېتىپ كەلگەندە سۈيىمۇ قالمىغانىدى. ھەزرىتى ئەلى سۇدىن ئورتاق پايدىلىنىشنى تەلەپ قىلسىمۇ، مۇئاۋىيەدىن جاۋاب كەلمىدى. ئۇنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى سۈركىلىش پەيدا قىلدى ۋە ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئىراق قوشۇنى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، مۇئاۋىيە قوشۇنىنى چېكىندۈردى. ئەمما ھەزرىتى ئەلى بولسا ھەر ئىككىلا قوشۇننىڭ سۇدىن ئورتاق پايدىلىنىشىغا رۇخسەت قىلدى.
بۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ھەر ئىككىلا تەرەپ مۇسۇلمان بولغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئۇرۇشمىغان، سۇنىمۇ ئورتاق ئىشلەتكەن، سۆھبەتتىنمۇ بىرەر نەتىجە چىقمىغان، بىر مەزگىل شۇنداق داۋاملاشقاندىن كېيىن، ئاخىرى چوڭ ئۇرۇش قىلغان...ھەر ئىككىلا تەرەپتىن كۆپ ئادەم ئۆلگەن. ئاقىۋەت مۇئاۋىيە قوشۇنى يېمىرىلىشكە باشلاپ، قوشۇنلىرى نەيزىسىنىڭ ئۇچلىرىغا «قۇرئان كەرىم» پارچىلىرىنى ئېسىپ، ئىراق قوشۇنىنىڭ ھۇجۇم قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئاقىۋەت ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ، ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ قايتىشقان(ئىبنى كەسىر: «ئەلبىدايە»، 409-447 بەتلەر).

كېلىشىم مۇئاۋىيەگە پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن بىر تۈركۈم كىشىلەر ھەزرىتى ئەلىگە نارازى بولغان، ئۇرۇش قىلايلى دېسىمۇ جەڭگىۋارلىقى سۇسلاپ كەتكەن. نارازىلىق كەيپىياتىدىكى كىشىلەر بىلەن ھەزرىتى ئەلى ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش بولغان. ھەزرىتى ئەلى گەرچە بۇلارنى قايتا تەشكىللەپ شامغا يۈرۈش قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئويىدىن ۋاز كەچكەن. مۇئاۋىيە سىففىن دېگەن جەڭ مەيدانىغا قايتا كېلىپ، ھەزرىتى ئەلىنىڭ قوشۇنىنى تاپالمىغان. ھەزرىتى ئەلى بولسا كۆپ قېتىم ئۇرۇشنى بېشىدىن كەچۈرگەن خەلقنىڭ چارچىغانلىقىنى كۆرۈپ، دەم ئېلىشىنى خالاپ قالغانىدى.
بۇ ۋاقتىلاردا بىر قىسىم ئادەملەر ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشمىغان، ۋەزىپىسىنى ئورۇندىمىغان(خاۋارىجلار گورۇھى مۇشۇ ۋاقىتتا مەيدانغا كەلگەن). چېگرا رايونلاردىمۇ مەلۇم سۈركىلىشىشلەر بولۇپ تۇرغان. مۇئاۋىيە قۇتراۋاتقان ۋىزانتىيىلىكلەرنىڭ ئاغزىنى ۋاقىتلىق پۇل بىلەن تۇۋاقلاپ، شامنى تۇتۇپ تۇرغان. شەرقىي چېگرادا ۋالىيلار قىيىن ئەھۋالدا قالغان. گەپ-سۆز، پىتنە -پاساتلار ئاۋۇپ كەتكەن. قىيىن ئەھۋالدا قالغان ھەزرىتى ئەلى بولسا ئۆزىنىڭ ھامان شېھىت قىلىنىدىغانلىقىنى بىلەتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭ ئۈممەتنىڭ ئەڭ بەتبەخ ئادىمى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنىدىغانلىقىنى دېگەن ئىدى. بەسرەگە قويۇلغان ۋالىي ئابدۇللا ئىبنى ئابباسقىمۇ كىشىلەر شۇنداق مۇئامىلە قىلىشقان. بۇ ئىككىيلەن ھەقىقەتەن جاپادا قالغانىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا شام تەرەپ تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىغان. مەسىلەن، ھىجرىيە 38-يىلى مۇئاۋىيە ئەمرۇ ئىبنى ئاسنى مىسىرغا ئەۋەتىپ، مىسىر ۋالىيسى مۇھەممەد ئىبنى ئەبۇ بەكرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ مىسىرنى ئېلىۋالغان. ھەزرىتى ئەلىنىڭ مۇھىم ئادىمى ئەلئەشتەر ئۇلار تەرىپىدىن جىزرە دېگەن يەردە زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ھەتتا ھىجرىيە 39-يىلى مۇئاۋىيە ھەزرىتى ئەلى ھۆكۈمىرانلىقىدىكى بەزى يەرلەرگە قوشۇن ئەۋەتىپ، شۇ يىلى ئۆز ئادىمىدىن بىرىنى ھەج مەۋسۇمىنى باھانە قىلىپ مەككىگە قوشۇن بىلەن كىرگۈزگەن. ھەزرىتى ئەلى ئادەم ئەۋەتمەكچى بولسىمۇ، بىراق خەلق ئۇنىڭ چاقىرىقىغا پىسەنت قىلمىغان. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن پارىس، كىرمان خەلقلىرىمۇ جىزيەنى رەت قىلىپ، ۋالىي سەھل ئىبنى ھۇنەيفنى ھەيدىۋەتكەن. ھەزرىتى ئەلى زىياد ئىبنى ئەبىھنى ئەۋەتىپ ئۇلارنى قايتا باش ئەگدۈرگەن.
ھىجرىيە 40-يىلى مۇئاۋىيە بۇسرى باشچىلىقىدىكى ئۈچ مىڭ كىشىلىك قوشۇننى ھىجاز رايونىغا كىرگۈزگەن. ھىجاز رايونىدىكى ۋالىيلار ئەل بولغان. ھەزرىتى ئەلى خەلقنى ئۇلارغا قارشى ھەرىكەتلەندۈرمەكچى بولغاندا مەغلۇب بولغان. كېيىن بۇسرى يەمەنگە ھۇجۇم قىلغاندا ھەزرىتى ئەلى جارىيەنى ئۇنىڭغا قارشى ئەۋەتكەن، جارىيە يەمەنگە كەلگەندە ھەزرىتى ئەلىنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپ، خەلقنى كىمنى خالىسا شۇنىڭغا بەيئەت قىلىشقا بۇيرۇغان.

خۇلاسە :

ھەزرىتى مۇئاۋىيە يېڭى خەلىپىنىڭ تېخى ۋەزىيەتنى تولۇق تىزگىنلەپ بولالمىغىنىنى ھېس قىلىپ، ئىستىپا بېرىپ، مەدىنىگە قايتىشنى رەت قىلىپ تۈگۈلۈۋالدى. نەتىجىدە بۇلار ئارىسىدا ئۇرۇش چىقىپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. غەلىبە ھەزرىتى ئەلى تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەن ھالقىلىق پەيتتە، مۇئاۋىيە تەرەپ « ئۇلۇغ قۇرئاننى ئارىغا سېلىپ، مەينەت سىياسىي مەقسىتىگە يەتتى».

بۇ جەرياندا ھەزرىتى ئەمرى ئىبنى ئاسنىڭ مەينەت سىياسەت ئويناپ، ھىلە - مىكىر بىلەن قۇرئاننى سىياسىي سۇيقەستىنىڭ خېمىر تۇرۇچى قىلىۋېلىپ،  ۋەزىيەتنى بىراقلا قاتتىق مۇرەككەپلەشتۈرۈشى ئوت ئۈستىگە ماي چاچتى. ئاقىۋەت ۋەزىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ، قالايمىقانلىشىپ، ھەزرىتى ئەلى قوشۇنىدىن ئۇنى كاپىر، پاسىق دەپ ئاتايدىغان « خاۋارىجلار » پەيدا بولدى.
ئىسلام دۇنياسى سىياسىي جەھەتتىن ئۈچكە پارچىلىنىپ كەتتى. مىلادى 661 - يىلى 27 - يانۋار بامدات ۋاختىدا ئىراقتىكى يېڭى پايتەختى كۇفەدە ھەزرىتى ئەلى شۇ ئاتالمىش خاۋارىجلار قولىدا شېھىت بولدى. ئۇ 599 - يىلى 21 - مارت تۇغۇلغان بولۇپ، 624 - يىلى مايدا ھەزرىتى پاتىمە بىلەن توي قىلغانىدى. 656 - يىلى 26 - ئىيۇن جۈمە ھەزرىتى ئوسماننىڭ ئورنىغا خەلىپە بولغانىدى. بەش يىلغا يېقىن خەلىپە بولۇپ، 62 يېشىدا شېھىت قىلىنغان .

ئارىدىن 350 يىل ئۆتكەندىن كېيىن يۇقىرىقى ئەھۋاللار قاراخانىلار ۋە غەزنەۋىلەر ئارىسىدىكى توقۇنۇشلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. يۈسۈپ قادىرخان بەئەينى ھەزرىتى ئەلى كەبى دانا، بىلىملىك، ئىستىداتلىق، قەلەمدىمۇ - ئەلەمدىمۇ يېتىشكەن ئالىم قاغان ئىدى. مەھمۇد غەزنەۋى بولسا، خۇددى ھەزرىتى مۇئاۋىيە كەبى مەينەت سىياسەت ئويناشقا ئۇستا، ھەزرىتى ئەمرى ئىبنى ئاس كەبى كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان نادىر سىياسىي سۇيقەستلەرنى ئويلاپ چىقالايدىغان بىر پادىشاھ ئىدى. ئاقىۋەت ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتالىقلىرىنىڭ بەدىلىنى ئوغلى سۇلتان مەسئۇد جېنى ۋە دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالى بىلەن تۆلىدى. نىزامۇلمۇلكنىڭ « سىياسەتنامە » ناملىق ئەسىرىگە مۇراجىئەت قىلىنسۇن!

ئارىدىن 1263 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئوخشاش پاجىئە قەشقەر شەھىرىدە يۈز بەردى. 300 يىللىق ئەسھابۇلكەھپى ئۇيقۇسىدا ئۇخلاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئويغىتىپ، ئۈچ جاھانگىر تەرىپىدىن يوق قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئىسلاھات ۋە ئاقارتىش ھەرىكىتى قوزغاپ، مىللىتىمىزنىڭ 20 - ئەسىردىكى مىللىي ، دىنىي ۋە سىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالغان، يۈز يىلدا بىر چىقىدىغان مەنىۋى داھىيمىز ئابدۇقادىر داموللاممۇ دەل يۇقىرىقى خاۋارىجلارنىڭ داۋامى بولغان جاھالەت پىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ھامىيلىرى تەرىپىدىن سۇيقەست بىلەن 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست پەيشەنبە كېچە قەشقەر شەھىرىدىكى كۇتۇپخانىسىدا شېھىت قىلىندى.


2 - مەرھۇم م . بۇغرا قالدۇرۇپ كەتكەن مىللىي تەۋەلىك ۋە مىللىي كىملىك مەسىلىسى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلاردىكى خەتەرلىك تېڭىرقاش

مەرھۇم م . بۇغرا 1954 - يىلى تۈركىيەگە كۆچكەندىن كېيىن، تۈركىيەدە تۈرك مىللەتچىلىكى ھەرىكىتى قوزغىلىپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ھازىرقى مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى قۇرۇلدى. بىراق ۋەتىنىمىزدىكى ھېچنىمىدىن خەۋەرسىز بىگۇناھ خەلقىمىز « يېمىگەن مانتا بولغان پانتۈركىزىم ۋە پانئىسلامىزىم سەۋەپلىك كۆپلەپ ئۆلتۈرۈلدى.

گەرچە تۇرانچىلىقنى ئەنۋەر پاشا 1921 - 1922 - يىللىرى بۇخارادا تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئەڭ ئېغىر بەدىلىنى قەشقەردە ئۆتىدۇق. ۋەھالەنكى 1933 - يىلى تۇرپاندا  ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلۇقنى تەشەببۇس قىلغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن 1937 - يىلى قەشقەردە ئۆلتۈرۈلگەن تۈركچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان مەمتىلى ئەپەندىنىڭ پەقەتلا پەرقى يوق ئىدى. چۈنكى دۈشمەنلەرنىڭ نەزىرىدە مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن مەيلى تۈرك بولسۇن ئوخشاشلا بىر جاڭگالنىڭ بۆرىلىرى ئىدى. بۇ ئىككى نام قەشقەردىن قۇمۇلغىچە ئىككى مىڭ يىل جاھان سوراپ، 260 يىل دۆلىتى يوق تۇرۇپمۇ، گېرمانىيىدەك بەش ھەسسە چىقىدىغان بىپايان ۋەتەننى تۇتۇپ تۇرغان باتۇر ۋە قەيسەر مىللەتنىڭ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئوخشىمىغان نامى ئىدى خالاس!

ھالا بۈگۈن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قالدۇرۇپ كەتكەن سىياسىي خاتالىق بىلەن شەرقىي تۈركىستان تارىخى دېگەن كىتابىدا قالدۇرۇپ كەتكەن « مىللىي كىملىك توغرىسىدىكى كونا دەۋردىكى ئىلغار، ھازىرقى دەۋردىكى كونا قاراشلىرى » يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ، كاللىسىنى قايدۇرماقتا، ئېغىر كىرىزىسكە پاتۇرۇپ قويماقتا ، تېڭىرقاش پاتقىقىغا قايتا چۆكتۈرمەكتە.

بىزنىڭ دىنىي ئالىملىرىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىلمىي سەۋىيىسى « پەقەت ئەرەبچە كۆز قاراشلارنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بېرىش بىلەن چەكلىنىپ قالغاندەك، تارىخشۇناس، جەمئىيەتشۇناس ۋە مائارىپشۇناس ئالىملارمۇ تارىخىمىزدىكى يىغىلىپ قالغان مەسىلىلەرنىمۇ شۇ پېتى كۆچۈرۈپ ئەكىلىپ بېرىش بىلەن چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ». نەتىجىدە دىنغا قارىتا ئۈچ خىل ئېقىم مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. مىللىي كىملىك ۋە تارىخىمىز توغرىلىقمۇ بۇرۇنقى ئىككى پىرقىدىن ھازىرقى ئۈچ پىرقىغا كۆپىيىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىمىز!

شۇڭا مەن 2 - تېمىدا كۆپ توختىلىشنى توغرا كۆرمىدىم ! چۈنكى بۇ ھازىر كۆز ئالدىمىزدىلا بولۇۋاتقان نازۇك بىر مەسىلە ! ھېچكىمنىڭ ئۆزى ئىجاد قىلىۋالغان فورمۇلاسى بويىچە زورلاپ ھۆكۈم چىقىرىپ ، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ئىنكار قىلىشىغا، چەتكە قېقىشىغا، بۇرمىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ ! ئوخشاشلا، نۆۋەتتىكى ھالقىلىق پەيتتە « مەۋجۇت مەسىلىلەرنى ۋاختىدا ھەل قىلالمىغاننى ئاز دەپ ، ئەڭ تەخىرسىز  ، جىددىي مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، يەنە ئەللىك يىلدىن كېيىن ئويلاشسىمۇ بولىدىغان تەخىرسىز ئىشلارغا ئاۋامنىڭ دىققىتىنى قارىتىپ، يېڭى مەسىلە پەيدا قىلىدىغان، جۈملىدىن« تىل - يېزىقىمىزنى ئۆزگەرتىمىز » دەيدىغان كىشىلەر لەنەتكە قالىدۇ! « لەنەتكە قېلىپلا قالماي، ھازىرقىدەك ئاران - ئاران  مىدىرلاپ مېڭىۋاتقان مىللەتنى ئىدىئولوگىيىلىك ۋە سوتسوئولوگىيىلىك نەشە بىلەن زەھەرلەپ ، دۈشمەنگە قاراتقان زېھنىنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىپ، كىندىككىچە تېڭىرقاش پاتقىقىغا پاتۇرۇۋېتىپ،ھىممەتلىرىنى بوشاشتۇرۋەتكەنلىك جىنايىتى ئۈچۈن تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ !». « پەۋقۇلئاددە تارىخىي شارائىتتىكى ئېغىر جىنايەتنىڭ جازاسىمۇ ئېغىر ۋە تەخىرسىز بولۇشى كېرەك!»

يۇقىرىقى ئىككى مەسىلە ھەر قانچە قالپاقلىق ئالىم بولۇپ كەتسىمۇ بىر ، ئىككى ئادەمنىڭ گېپى بىلەن ھەل بولىدىغان ئىشلار ئەمەس ! بۇنداق ئىشلارنى پەقەت شۇ ئىشلارغا لايىق سالاھىيەت، ساپا ۋە سەۋىيە ھازىرلىغان ھىممەتلىك ۋە كەسكىن يولباشچىلارلا ھەل قىلالايدۇ !

مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، مەشمۇر تارىخشۇناس، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئاكتىپ تەشەببۇسچىسى مەرھۇم تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى مۇھەممەد ئىمىن بۇغراغا باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ :« 20 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇيغۇرلارغا داھىي بولغىدەك ساپا ۋە سالاھىيەت ھازىرلىغان ئىككى كىشى ئۆتتى. ئۇنىڭ بىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، يەنە بىرى ئەخمەتجان قاسىمىدۇر».

دېمەك مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ سىياسىي جەھەتتىكى تېڭىرقىشى ۋە جاڭ جىجۇڭنىڭ ئويۇنىغا چۈشۈپ قېلىشى ئۇنىڭ بويىدىن چوڭ مەسىلە. چۈنكى « رۇس مەسىلىسى » شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىمۇ ئامالسىز قويغان چوڭ مەسىلە. شۇڭا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانى بۇ جەھەتتە ئەيىپلەپ ئۆزىمىزنى ئالدىغاندىن كۆرە، نوچى بولساق ئۆزىمىز شۇ قەدەمنى بېسىپ، بۇندىن كېيىنكى مەۋجۇتلۇقىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك ! مەرھۇمنىڭ شۇ چاغدىكى تېڭىرقاشلىرى ، ساددىلىقى ۋە خاتالىقى بولمىغان بولسا، بىزمۇ دەل شۇ خاتالىقلارنى تەكرار سادىر قىلىپ، يەنە يۈز يىل خەلقىمىزنى بالاغا قويغان بولاتتۇق! شۇڭلاشقا مەرھۇمغا بۇ نۇقتىدىن رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك! ئۇنىڭ ئورنىدا بىز بولغان بولساقمۇ، يەنىلا ئۇنىڭدىن ياخشى قىلالمىغان بولاتتۇق.
ئەگەر مەن توغرا قىلالايتتىم دەيدىغان نوچىلار بولسا، 2019 - يىلدىن 1949 - يىلغا نەزەر سېلىپ گەپ تاپماي، بۇندىن كېيىنكى قەدەمنى قانداق بېسىش توغرىلىق كۆپ ئىزدەنسۇن ! ئەنە موسكۋا يولى تېخى تۇرۇپتۇ! باشقا كونا يوللارمۇ توپا بېسىپ تۇرۇپتۇ ! ھەقىقىي نوچىلار ئەمەلىي ئىش قىلىدىغانلاردۇر! ھەقىقىي نوچىلار رېئاللىقنى چىقىش قىلىدىغانلاردۇر! ھەقىقىي نوچىلار تۈنۈگۈنكى سەلتەنەت بىلەن ئۆزىنى ئالداپ، بۈگۈنكى ئاچچىق رېئاللىقتىن قاچىدىغانلار ئەمەس، ئۆتمۈشنى بۈگۈنگە شۇ پېتى سۆرەپ كىرىپ، يېڭى مەسىلە پەيدا قىلىپ قۇرۇق ئاتاق قوغلىشىدىغانلار تېخىمۇ ئەمەس، شۇنداقتا ئەتىكى تۇغۇلمىغان موزاي ئۈچۈن قوزۇق قېقىش ۋە ئالدىن ئات قويۇش بىلەن ئۆزىنى ۋە خەلقنى ئالدايدىغانلار ئەمەس؛ بەلكى، ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر ۋە خەلقپەرۋەر ئاقساقال « ئۆتمۈشتىن كۈچ ئېلىپ، بۈگۈنكى چۈشكۈنلۈكنى جاسارەتكە ئايلاندۇرالايدىغان، ئەتىكى موزاينىڭ تىرىك ۋە ساق تۇغۇلۇشى ئۈچۈن بۈگۈن ياخشى پەرۋىش قىلىپ، خېيىم - خەتەرلەردىن قوغدىيالايدىغان، مەسىلە پەيدا قىلماي، بىر تالاي دۆۋىلىنىپ تۇرغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدىغان » دانا، يىراقنى كۆرەر ۋە كەسكىن داھىيدۇر !

ئاخىرىدا سۆزۈمنى « ئالاش ئوردا نەسلىدىن بولغان قازاق قېرىندىشىمنىڭ مۇنۇ رېتسىپلىق تەۋسىيىسى» بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن :

‎«  خىتايلار ساۋساۋدەك ھىلىگەر ،ئۇيغۇرلار ليۇبېيدەك  ئالدام خالتىغا چۇشۇدىغان ،ھەر ۋاقىت مەغلۇپ بولسىمۇ بوي ئەگمەيدىغان ئەخمەق. ليۇبېي ھەر قېتىم ئوز كۇچۇمگە تايىنىپ دۇشمەننى مەغلۇپ قىلىمەن دەيدۇ ۋە يىنىدا باتۇر ،جەسۇر پالۋانلار تولا جىق،بىراق ساۋساۋنىڭ ھىلىگەرلىكىدىن قۇتۇلالمايدۇ . دۇنيانى كۇچ بىلەن بويسۇندۇرغىلى بولسا شىر پادىشاھ بولاتتى ،ئەگەر ۋاقىراپ جاقىراپ مەغلۇپ قىلىدىغان بولسا ئىشەك يەڭگەن بولاتتى. ئەمما بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزدە جۇگېلياڭدەك خىتاينى بەش قولدەك بىلىدىغان پاراسەتلىك بىر ئەقىلچى كىرەك. بۇنداق ئەقىلچى با ،بىراق ئۇنى ئىزدەپ تاپىدىغان ليۇبېي يوق.

‎سەن بىرسىنى بەش قولدەك بىلگەندە ئۇنى بەش قولدەك باشقۇرالايسەن. خالىساڭ كۇلدىرىسەن ،چۇنكى سەن ئۇنىڭ نىمىگە كۇلىدىغانلىقىنى بىلىسەن. خالىساڭ يىغلاتالايسەن ،چۇنكى سەن ئۇنىڭ نىمىگە يىغلايدىغانلىقىنى بىلىسەن.
‎شۇڭلاشقا......... »

بۇنىڭ ئاخىرىنى سىلىقراق چۈشۈرسەك، بىز ھازىر ھەممىمىز ئۆزىمىزنى جۇگېلياڭ چاغلايمىز، ئەمما دۈشمەن ئالدىدا بىر پەشۋاغا يارىمايلا قالماستىن ، بەلكى ئون مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى دۈشمەندىن قورقۇپ كېچىسى قارا بېسىپ ئۇخلىيالمايمىز. شۇڭلاشقا ھەممىمىز ليۇبېي بولۇپ، ھەقىقىي جۇگېلياڭدىن بىرنى تېپىپ بېشىمىزدا كۆتۈرەيلى ! خەلقى ئۈچۈن جېنىدىن كەچكەن ئەزىمەتنى خەلقىمىز ئەبەدىي ئۇنۇتمايدۇ ! نام - شۆھرەت، كىبىر ۋە نەپسى - خاھىشىنى مىللەت ۋە دىن نامى بىلەن پەردازلاپ، بۇ مىللەتنى ئەڭ قىيىن پەيتلىرىدە پارچىلاپ تاشلىغان، يا ئالدىغا ، يا كەينىگە ماڭالمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانلارنى خەلقىمىز تا قىيامەتكىچە ئۇنتۇپ قالمايدۇ!

ئەنۋەر پاشا 1919 - يىلى كاۋكازدا جامال پاشاغا شۇنداق دەيدۇ  : « جامال، بىز دۈشمەنلەرنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپتۇق. تۇران قۇرماقچى ئىدۇق، ۋۇران/ ۋەيران / بولدۇق ! ئابدۇلھەمىتخاننى ئاغدۇرۇپ خاتا قىپتۇق ! ئەسلى ئۇنىڭ بىتەرەپ تۇرۇپ ئەسلىگە كېلىش ئىستراتېگىيىسى توغرا ئىكەنتۇق!».  مانا بۇ سۆزلىرى ھەمدە ئۇنىڭ
1921 - يىلدىن تاكى شېھىت بولغىچە ئۆز ئالدىغا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بىلەن سوقۇش قىلىپ، غەرپتە سادىر قىلغان ئەجەللىك تارىخىي خاتالىقىنىڭ بەدىلىنى قانلىرى بىلەن يۇيىدۇ. گەرچە ئەنۋەر پاشا ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئازات دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقىشقا قادىر بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى قېرىنداش خەقلەر بىلەن 1933 - يىلى ۋە 1944 - يىلى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، ئەنۋەر پاشانىڭ ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

نەتىجىدە تۈركىيە نەجمىدىن ئارباقان ھۆكۈمىتى 1996 - يىلى يازدا ئەنۋەر پاشانىڭ جەسىتىنى تاجىكىستاندىكى پامىر ئېتىكىدىن ئىستانبۇلغا ئېلىپ كېلىپ، 4 - ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى، يەنى شېھىت بولغانلىقىنىڭ 74 يىللىق خاتىرە كۈنىدە / 1922 - يىلى 4 - ئاۋغۇست شېھىت بولغان/ « ۋەتەن ئۇرۇشىدا شېھىت بولغان غازىلار قەبرىستانلىقى » غا دەپنە قىلغان. چۈنكى ئەنۋەر پاشانىڭ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ بېشىدىكى تۇرانچىلىق، تۈركىستانچىلىق يولى ئۆز دەۋرىدە توغرا ۋە مەدھىيىلەشكە تېگىشلىك يول ئىدى . 

بىزمۇ ئاللاھ خالىسا، ئارمانسىز كەتكەن، ئۆلۈكى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تاشلىنىپ قالغان ۋەتەنسىز ئاتامانلارنىڭ، مىللىي قەھرىمانلارنىڭ مۇبارەك جەسەتلىرىنى ئۆز ۋەتىنىگە ئاپىرىپ قايتا دەپنە قىلىپ، روھىنى شاد قىلىمىز !

ئەلۋەتتە، كېيىنچە « شەيتانلار قەبرىستانلىقى» بىلەن « ۋەتەن خائىنلىرى - مىللىي مۇناپىقلار قەبرىستانلىقى » بەرپا قىلىپ، 1949 - يىلدىن 2019 - يىلغىچە بولغان 70 يىل ۋاقىتتىكى ھەر قايسى « مىللىي تونغا، دىنىي تونغا، ۋە سىياسەت تونىغا ئورۇنۇۋېلىپ، ئاسترتتىن دۈشمەنلەر بىلەن پاراللېل ھەرىكەت قىلغان، تۈزىمىسىمۇ بۇزۇشتىن قول يىغمىغان، خاتالىقى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىلسىمۇ يەنىلا جاھىللىق بىلەن قىلمىشلىرىنى داۋام قىلغان، ئىدىئولوگىيە، پىسخولوگىيە، سوتسوئولوگىيە ۋە باشقا جانغا زامىن ساھەلەردە خەلقىمىزنى تەمرىتىپ، روھىنى سۇندۇرغان، چۈشكۈنلەشتۈرگەن، دۈشمەنگە قاراتقان دىققىتىنى بۇرۇۋەتكەن، تەخىرسىز ئىشتىن قېچىپ، تەخىرلىك ئىشلارنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، تارىخىي پۇرسەتنى تارىخىي پاجىئەگە ئايلاندۇرۇۋەتمەكچى بولغان،  مەسىلە ھەل قىلماستىن، يېڭى مەسىلە پەيدا قىلىپ، ئاران مىدىرلاپ كېتىۋاتقان نىمجان مىللىتىمىزنى ئايىغى چىقماس تالاش - تارتىشقا سۆرەپ كىرىپ، خورىتىپ يوق قىلىش قەستىدە بولۇۋاتقان ھەر قانداق ئۇنسۇرلار » نى يا تىرىك يا ئۆلۈك ھالدا يۆتكەپ ئاپىرىپ، خەلقئالەمگە ئىبرەت قىلىمىز ! ئۇلۇغ ئاللاھ مەزلۇم ۋە مەسۇم خەلقى ئۈچۈن بارلىقىدىن كەچكەن، ئاللاھ بەرگەن ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن قۇربانلىق بېرىۋاتقان، قۇتلۇق ۋە ھەققانىي نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن قاتتىق ۋاستە قوللىنىشتىن يالتايمايدىغان ئەزىمەتلىرىمىزنى كۆپلەپ چىقىرىپ بەرسۇن ! ئارىمىزدىكى كالۋا، نادان قېرىنداشلار ۋە ئاشكارا - يوشۇرۇن تېخىچە دۈشمەنگە ئىشلەۋاتقان، ھەمكارلىشىۋاتقان، ياكى بىلمەستىن پەدىسىگە ئۇسسۇل ئويناپ قويغانلارغا گۇناھىنى يۇيۇش پۇرسىتى ئاتا قىلسۇن ! ئەڭ ئەشەددىي ۋەتەن خائىنلىرى ۋە جاھالەت پىرلىرىنى بىزگە ساق تاپشۇرسۇن! ئۇلارنى ئىبرەت قىلىشىمىز ئۈچۈن ئۆمرىنى ئۇزۇن، زىيىنىنى ئازراق قىلىپ بەرسۇن ! ئامىن !


بۇ يازما مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتىنىڭ 54 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ، شۇنداقلا يېڭىدىن تۇخۇمدىن چىققان مىللىي كىملىكنى ئىنكار قىلىش، مىللەتنىڭ نامىدىن تاكى تىل - يېزىقىغىچە ئۆزگەرتىش شوئارى توۋلاپ چىققان پەۋقۇلئاددە شارائىت ۋە نادىر شەخسلەر سايراۋاتقان ئالاھىدە بىر مۇناسىۋەتتە يېزىلدى .

ھازىر چىقىۋاتقان ئىككى خىل قىيىن مەسىلە دەل م . بۇغرادىن باشلانغان. شۇڭلاشقا ياخشىسى بۇ ئىشنى م . بۇغرانىڭ ھەقىقىي ۋارىسىغا قويايلى ! ھەر كىم ھەددىنى بىلسۇن! بويىدىن ئاشقان ئىشلارغا پەتىۋا پىچمىسۇن!


ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن مۇنبەرگە ۋاكالىتەن يوللاندى.

2019 - يىلى 6 - 14 - كۈنى   قۇتلۇق جۈمە

ئۇرال