2019/06/25 12:41

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 14 - ئىيۇن »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/14 17:33

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 14 - ئىيۇن » :


1800 - يىلى ناپولىئوننىڭ نائىبى گېنىرال كېلبىر قاھىرەدىكى يازلىق قەسىرىنىڭ باغچىسىدا ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان سۈرىيە ھەلەپلىك تالىپ سۇلايمان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۋېتىلگەن.« ئاقىۋەت فرانسىيە ئەسكەرلىرى ئەزھەرنى تاكى چىقىپ كەتكىچە تاقىۋەتكەن . كەڭ كۆلەمدە تالىپلار تۇتقۇن قىلىنىپ، سۇلايمان قولغا ئېلىنغان. ئۇنى ئېتىپ تاشلىغاندىن كېيىن جەسىتىنى سازايى قىلىپ، خەلققە ھەيۋە قىلغان. مەزكۇر سۇلايماننىڭ ئوق تەگكەن باش سۆڭىكى ھازىرغىچە مۇزېيخانىدا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، مۇستەملىكىگە قارشى روھنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان».« ۋەتىنىمىزدىمۇ دەل 27 يىل كېيىن ئوخشاش ۋەقە يۈز بەرگەن . يەنى 1827 - يىلى مەنچىڭ قوشۇنلىرى قەشقەرگە باستۇرۇپ كىرگەندىن كېيىن، ھېيتگاھ جامەسىنى تاقاپ قويغان. 1828 - يىلى جاھانگىر خوجىنى تۇتقاندىن كېيىن ئاندىن نامازغا ئېچىۋېتىلگەن.
بىراق ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، جاھانگىر خوجىنىڭ بېشى شۇ يىلى 22 - ئىيۇن ياكى سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرى كېسىلىپ، سازايى قىلىنغاندىن كېيىن، ئوردىنىڭ غالجىر ئىتلىرىغا تاشلاپ بېرىلگەن. ھازىر ئۇنىڭ سۆڭەكلىرىنىڭ قەيەرگە دەپنە قىلىنغىنى ئېنىق ئەمەس».

1830 - يىلى فرانسىيە ئالجىرىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقىپ، تاجاۋۇزنى باشلىغان. بىراق ئېغىر چىقىمغا ئۇچراپ چېكىنگەن. 1832 - يىلى قايتا ھۇجۇم قىلىپ، تاكى 1962 - يىلغىچە ئىشغال قىلىپ تۇرغان. ئاتوم سىناقلىرى ئورنى بولغان.

1846 - يىلى ئەسلىدە مېكسىكىغا قاراشلىق كالىفورنىيەدىكى ياۋروپالىقلار قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئامېرىكا شۇ پۇرسەتتە بۇ جايغا قوشۇن كىرگۈزگەن. 1848 - يىلى مېكسىكا بۇ جاينى ئۆتۈنۈپ بەرگەن.

1900 - يىلى ھاۋاي ئامېرىكىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان.

1902 - يىلى سۈرىيەلىك مۇتەپەككۇر ۋە ئەللامە ئابدۇراخمان كاۋاكىبى ۋاپات بولغان.

1928 - يىلى كۇبالىق ئىنقىلاپچى جىفارا تۇغۇلغان.

1934 - يىلى گېتلىر بىلەن موسسۇلىنى تۇنجى قېتىم جەم بولغان. شۇنىڭ بىلەن رىم / بېرلىن ئوق مەركىزى ئىتتىپاقىغا ئاساس سېلىنغان.

1946 - يىلى دوللار ترامپ تۇغۇلغان. « بۇ ۋاقىتتا ۋەتىنىمىز ئاتالمىش 11 بىتىم تۈزۈلۈپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلاي دەپقالغان نازۇك پەيتلەرگە قەدەم قويغانىدى».

1965 - يىلى ئۆتكەن ئەسىردىكى غوللۇق يولباشچىلاردىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەنقەرەدە ۋاپات بولغان. « ئۇ 1901 - يىلى 22 - ئاپرىل شەھىدانە خوتەننىڭ قاراقاش ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1922 - يىلدىن باشلاپ ئاخۇنلۇق ۋە مۇئەللىملىك قىلغان. 1928 - يىلدىن 1930 - يىلغىچە جاھان كېزىپ، 1933 - يىلى 24 - فېۋرال قاراقاشنى، ئەتىسى خوتەننى قولغا ئېلىپ، كېيىنكى بىر ئاي ئىچىدىلا يەكەندىن چارقىلىققىچە بولغان تۈركىيە چوڭلۇقىدىكى زېمىندا شۇ يىلى 5 - ئاپرىل خوتەن ئىسلام خانلىقىنى قۇرغان. 1933 - يىلى قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت تەركىبىدىكى ئالاھىدە رايون بولغان. 1934 - يىلى 13 - ئاپرىل پاجىئەسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان. شۇ يىلى ئىيۇندا ماخۇسەندىن مەغلۇپ بولۇپ، قاراڭغۇ تاغقا چېكىنگەن. ئىيۇلدا ئۇ يەردىمۇ تۇرالماي ئافغانىستانغا چىقىپ كەتكەن. ئون يىل ئۆتۈپ چۇڭچىڭغا كەلگەن. 1945 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، 1946 - يىلدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە تەمىرات نازىرى بولغان. 1947 - يىلى مەسئۇتبەگ رەئىس بولغاندا ، تەپتىش بولغان. 1948 - يىلى دېكابىردا مۇئاۋىن رەئىس بولغان. 1949 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمىلار پاجىئەگە يولۇققاندىن كېيىن، شۇ يىل ئاخىرىدا كەشمىرگە چىقىپ كەتكەن. 1954 - يىلى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن. 1965-  يىلى 14 -ئىيۇن ئەنقەرەدە ۋاپات بولغان».

1967 - يىلى روشەن ئابباس خانىم تۇغۇلغان.
« 1989 - يىلى چەتئەلگە چىققاندىن بېرى ھازىرغىچە ساق 30 يىل مىللىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلماقتا . دادىسى ئابباس بۇرھان ئەپەندى 2010 - يىلى 22 - ماي كەچ ۋاپات بولغان بولۇپ، 23 - ماي يەكشەنبە نوغاي جامىسىدە نامىزىنى چۈشۈرگەنىدۇق».

2017 - يىلى مىسىر پارلامېنتى ئىلكىدىكى ئىككى ئارالنى سەئۇدىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە قوشۇلغان.

2018 - يىلى رۇسىيە موسكۋادا دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسى باشلانغان.

2019 - يىلى نۆۋەتتە خىرىسلار قانچە چوڭ بولغانسىرى پۇرسەتلەرمۇ شۇنچە زور بولماقتا!
« ترامپنىڭ ھوڭكوڭدىكى نامايىشقا ئۈچ كۈن بولماستا ئالاھىدە ئىنكاس قايتۇرۇشى بىلەن ئۈچ يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار توغرىلىق ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەنلىكى زادى نېمە ئۈچۈن؟؟؟ بىز بۇ خىل تەڭسىز ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك؟ نېمىلەردىن ۋاقىتلىق ۋاز كېچىشىمز كېرەك؟ ھازىرقى قىيىن ئاپەتلەرنى قانداق قىلىپ تېپىلغۇسىز ئامەتكە ئايلاندۇرالايمىز؟  بۇ سوئاللار مۇتەخەسسىس ۋە سىياسىيونلىرىمىزنى كۈتمەكتە!


2019 - يىلى 6 - 14 - ئىيۇن   ئۇلۇغ جۈمە