2021/02/28 10:36

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 2 - ئىيۇل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/06 12:49

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 2 - ئىيۇل » :

1690 - يىلى غالدان قالقالارنى قوغلاپ زەربە بېرىش باھانىسىدا مەنچىڭ خانلىقىغا ئەسكەر تارتقان.

1759 - يىلى مانجۇرلارنىڭ يەكەن سېپىلىغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشى ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويغان. « 1758 - يىلى يەكەن قاراسۇ بارگاھىدا قورشاۋغا چۈشۈپ قېلىپ، خەلقىمىز گۆشىنى يەپ جان ساقلىغان جاۋ خۇي ئۈچ ئايدىن كېيىن ئاقسۇغا قېچىپ كەتكەنىدى. ئەينى ۋاقىتتا ئاقسۇنىڭ ئەڭ مۇھىم قورغىنى بولغان ئۇچتۇرپاننى مانجۇرلارغا جۇڭغار خانى داباچىنى سوۋغا قىلغان خوجاسى بەگ ساقلايتتى. ئۇ جاۋخۇيغا مەسلىھەتچى بولۇپ، ئۈرۈمچىدىن ياردەمگە كەلگەن فۇدې بىلەن بىللە 1759 - يىلى مايدا 30 مىڭ قوشۇننى ئىككىگە بۆلۈپ، قەشقەر ۋە خوتەنگە تاجاۋۇز قىلغان. ئاخىرىدا ئىككى تەرەپتىن باستۇرۇپ كېلىپ، 1 - ئىيۇل يەكەننى قورشىۋالغانىدى».

1777 - يىلى ۋېرمونت شىتاتى ئا ق ش تارىخىدا قۇللۇقنى چەكلىگەن تۇنجى شىتاتقا ئايلانغان.

1819 - يىلى ئەنگلىيە قانۇن ماقۇللاپ، بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەرنىڭ خىزمەت قىلىشىنى چەكلىگەن.

1853 - يىلى چاررۇسىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى ئوسمانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، تاجاۋۇز قىلىپ كىردى. شۇنىڭ بىلەن قىرىم ئۇرۇشى رەسمىي باشلاندى.« دېڭىزدىكى تىركىشش مارتتا باشلانغان بولۇپ، چاررۇسىيە فلوتى سىنوپ پورتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئوسمانلى قارا دېڭىز فلوتىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىتىپ، پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويغانىدى»

1917 - يىلى يۇنان ئىسپانىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان.

1940 - يىلى گېتلىر قوماندانلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئەنگلىيە ئاراللىرىنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش لايىھىسى تۈزۈشكە بۇيرىغان.

1961 - يىلى ھېمىڭۋاي ۋاپات بولغان. ئۇ 1954 - يىلى نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.

1964 - يىلى جونسۇن ئىجتىمائىي ھوقۇق ۋە سىياسىي ھۇقۇق قانۇن لايىھىسىگە ئىمزا قويغان. شۇنىڭ بىلەن قارا تەنلىكلەرنىڭ تولۇق پۇخرالىق ھوقۇقى قانۇنىي جەھەتتىن قوغدالغان.

1966 - يىلى فرانسىيە تۇنجى رەسمىي يادرو سىنىقىنى تېنچ ئوكياندا ئېلىپ بارغان.

1976 - يىلى شىمالىي ۋە جەنۇبىي ۋېيتنام بىرلەشتۈرۈلۈپ، ۋېيتنام قىزىل سوتسيالستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. ئىككى تەرەپ 1954 - يىلدىن بېرى بۆلۈنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتاتتى.

1979 - يىلى قۇددۇس كومىتېتى تۇنجى قۇرۇلتىيىنى ماراكەشنىڭ فاستا ئاچقان.

1990 - يىلى ھەج پائالىيىتى داۋامىدا مەلۇم بىر تونېلدا دەسسىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 1426 ھاجى قازا قىلغان.

2013 - يىلى ئىران خانىشى فەۋزىيە ۋاپات بولغان. ئۇ ئەسلى مىسىر پادىشاھى فۇئادنىڭ قىزى بولۇپ، مىسىر مەلىكىسى ئىدى. كېيىن ، پەھلىۋى خانى شاھ مۇھەممەد رىزاغا ياتلىق قىلىنغانىدى. ئۇنىڭ ئېرى 1979 - يىلى ھۇمەينى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي مىسىردا قازا قىلغانىدى.


2019 - يىلى 7 - 2 - ئىيۇل     سەيشەنبە