2021/01/15 15:50

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 10 - ئىيۇل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/10 12:03

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/07/10 12:03 2019/07/10 12:05 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى
تارىختىكى بۈگۈن « 10 - ئىيۇل » :


1645 - يىلى ئەنگلىيىدە پادىشاھ چارلىزنىڭ قوللىغۇچىلىرى بىلەن پارلامېنتنى قوللىغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش پارتلىغان.

1778 - يىلى ئامېرىكا مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى قوللاۋاتقان فرانسىيە پادىشاھى 16 - لۇئىس ئامېرىكىلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، ئەنگلىيە ئىمپىرىيىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان.

1830 - يىلى ئالجىرىيە پايتەختى ئالجىر شەھىرى فرانسىيىگە تەسلىم بولغان.

1856 - يىلى ئەسلى سېربىيەلىك كۇرۋاتلاردىن بولغان نىكولا تىسلا تۇغۇلغان. ئۇ قىسقا توك ئېقىمىدە كەشپىيات يارىتىپ، پاتنېت ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. ئەگەر ۋاز كەچمىگەن بولسا، ھازىر ئۇنىڭ جەمەتى دۇنيادىكى ئەڭ باي جەمەت بولۇپ قالغان بولاتتى.

1882 - يىلى ئەنگلىيە فلوتى مىسىر تەرەپتىن ئىسكەندەرىيە ساھىلىغا سېپىل سوقۇش، توپ ئورنىتىش ۋە قەلئەلەرنى رېمونت قىلىشنى توختىتىش، شۇنداقلا تىكلەنگەن زەمبىرەكلەرنى ئېلىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەمما مىسىر تەرەپ بۇنى رەت قىلغان. ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنگلىيە بۇنى باھانە قىلىپ، مىسىرنى ئىشغال قىلىۋالغان.

1898 - يىلى تيودور ئېدىسون تۇغۇلغان. ئۇ كەشپىياتچى توماس ئېدىسوننىڭ 3 - ئوغلى.

1919 - يىلى ۋېلسون 1 - دۇنيا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان ۋېرسال كېلىشىمىنىڭ قائىدە - پىرىنسىپلىرىنى ئېلان قىلغان. « بۈگۈن ۋېرسال - ۋاشنگتون سېستىمىسى باشقۇرۇۋاتقان دۇنيا تەرتىپى يۈز يىللىق مۇساپىنى تۈگەتتى. ئەمدى دۇنيادا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش ئۈچۈن ئىشلار باشلىنىدۇ. بىزمۇ تېگىشلىك نېسىۋىمىزنى ئېلىش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ھەربىي ھالەتتە تۇرايلى!».

1923 - يىلى موسسۇلىنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، فاشستىك خارەكتېرى بولمىغان بارلىق پارتىيە - تەشكىلاتلارنى چەكلەپ، پارلامېنتنى زورلۇق كۈچ بىلەن تارقىتىۋەتكەن.

1924 - يىلى « تۈركىستان » نامىنى مەنئىي قىلىش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ بارلىق ئارخىپ - ماتېرىيال ۋە ئانكىتلەر يېڭىدىن لايىھىلىنىشكە باشلىغان. « 1923 - يىلى ئوسمانىلار نامىنى ئۆزگەرتىپ، تۈركىيە دەپ دۆلەت قۇرغاندىن كېيىن، لېنىن بىلەن سىتالىن بىر كېچىدىلا ئوتتۇرا ئاسىيا نامىنى تۈركىستان نامىنىڭ ئورنىغا تولۇق دەسسىتىپ، ئەسلىدىكى تۈركىستان ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتىنى بەش مىللىي جۇمھۇرىيەتكە بۆلۈپ تاشلاپ، 1924 - يىلى 5 - ئىيۇل قانۇن چىقىرىپ، تۈركىستان نامىنى چەكلىگەنىدى».

1925 - يىلى ھازىرقى مالايسىيا باش ۋەزىرى ماھاتىر مۇھەممەد تۇغۇلغان.

1925 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى مەيدانغا كەلگەن .

1937 - يىلى ياپونىيە پېكىننى /  بېيجىڭ/ تولۇق ئىشغال قىلغان. ياپونىيە ئارمىيىسى 7 - ئىيۇل خىتايغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلىغانىدى.

1937 - يىلى ئابدۇنىياز كامال قوشۇنى جاللات شېڭ شىسەينىڭ ئاساسلىق قوشۇنلىرىنى تارمار قىلغان. « نەتىجىدە سوۋېت ئىتتىپاقى يېقىنلا جايدىكى قىرغىزىستان چېگرىسىدا بىر ئايدىن بېرى مەشىق قىلدۇرۇۋاتقان قىزىل ئارمىيىنى ئاقسۇغا كىرگۈزۈپ، شېڭ شىسەينى قۇتقۇزۇپ قالغان. بۇ قوشۇن تەركىبىدە موسكۋادىن كەلگەن دېرژىنىسكىي ناملىق ماتورلاشقان تانكا ۋە بىرونېۋىك قىسمى،  ئىسھاقبەگ باشچىلىق قىلغان ئوشىسكىي ئاتلىق پولكى ۋە جاللات رازاق مەۋلانوفنىڭ نارىنىسكىي ئاتلىق قىسمىنىڭ يول باشلىشىدا ئۇرۇشقا كىرگەن».

1943 - يىلى ئىتتىپاقداش ئارمىيە سېتسىلىيە ئارىلىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، شىمالىي ئافرىقا ئۇرۇش مەيدانىنى ئىتالىيەگە كۆچۈرگەن.

1951 - يىلى ئىككى كورىيە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى باشلىغان. بىراق ئۇرۇش 1953 - يىلى 27 - ئىيۇلغا كەلگەندە ئاندىن توختىغان.

1973 - يىلى پاكىستان پارلامېنتى يېڭى قارار لايىھىسىنى ماقۇللاپ، ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن شەرقىي پاكىستان ، يەنى باڭلادېشنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

1991 - يىلى بورىس يېلىتسىن رۇسىيە فېدراتسىيىسى باش سېكرىتارى بولغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوۋېت پارچىلانغاندىن كېيىنكى تۇنجى رۇسىيە رەھبىرى بولۇپ قالغان.

2000 - يىلى بەششار ئەسەد 97% لىك ئاۋاز بىلەن بىر ئاي بۇرۇن ۋاپات بولغان دادىسى ھاپىز ئەسەدنىڭ ئورنىغا سۈرىيە رەئىسى بولغان.

2006 - يىلى چېچىنىيە مىللىي مۇستەقىللىق قوراللىقلىرىنىڭ باش قوماندانى « كافكاز بۆرىسى » گېنىرال شامىل باسايېف رۇسىيە KGB خادىملىرىنىڭ قولىدا بومبا سۇيقەستى بىلەن قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. «  شامىل باسايېف : 1965 - يىلى 14 - يانۋار تۇغۇلغان. 1991 - يىلدىن 1999 - يىلغىچە كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. 2000 - يىلدىن باشلاپ، « چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي ، كاۋكاز رايونىدا رۇسىيە ئارمىيىسىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. 2006  - يىلى 10 - ئىيۇل موسكۋاغا تېگىش قىلىش ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىدا كوزۇپتىكى ئېغىر تىپلىق بومبىلارنىڭ پارتلاپ كېتىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغان. ئۇ ئولتۇرغان ماشىنا كۇكۇم تالقان بولۇپ كەتكەن. ئەمما ئۇنىڭ جەسىتى ھېچنىمە بولمىغان. گەرچە بومبا يېرىم كېچىدە پارتلىغان بولسىمۇ، بىراق ئالاھىدە قىسىم ئۇنىڭغا تاكى تاڭ ئاتقۇچە يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. چۈنكى ئۇلار ئۈچۈن باسايېف دېمەك ئەزرائىل دېمەك ئىدى» .

2017 - يىلى ئابادى بايانات ئېلان قىلىپ، موسۇلنى تولۇق قولغا ئېلىپ، دائىشلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان.

2019 - يىلى ئامېرىكا - ئىران زىددىيىتى كۈنسىرى كۈچەيمەكتە. ئىران ئوتتۇرا شەرقتىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىمىز دەپ تەھدىت سالماقتا.

2019 - يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئالغا !
بوشىشىپ قالمايلى! ئون يىللىق قىرىقى توشقان ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنى نامايىش قىلىپلا ئۆتكۈزۈۋەتتۇق. ئالدىمىزدا يەكەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى كېلىۋاتىدۇ. نامايىش قىلىش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئوچۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى توغرىلىق پاكىتلىق ماتېرياللارنى توپلاپ، ئالاقىدار جايلارغا سۇنۇپ، ھەر قايسى كۈچلەرگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇشقا كۈچەيلى!

2019 - يىلى 7 - 10 - ئىيۇل      چارشەنبە