2021/01/17 19:27

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 11 - ئىيۇل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/13 11:17

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى






تارىختىكى بۈگۈن « 11 - ئىيۇل » :


1759 - يىلى ۋەتىنىمىزدە مانجۇرلارنىڭ قانلىق ھەربىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقى باشلانغان.
1759 - يىلى 11 - ئىيۇلدا ۋەتىنىمىز مانجۇر ئىشغالىيىتىگە چۈشۈپ قالدى. ھازىرغا قەدەر قۇللۇق ۋە خارلىقتا ياشاۋاتقىلى ساق 260 يىل بوپقالدى. ئەڭ كېيىن دېگەندىمۇ قىزىل خىتاي قولىدا قان يىغلاۋاتقىلى ساق 70 يىل بولدى. ئەمدى ھېساپ - كىتاپ قىلىدىغان چاغ كەلدى. ئۆزئارا ئورۇنسىز تالاش - تارتىش ۋە ھاقارەتلەش پۈتۈنلەي توختىسۇن! « ئوخشىمىغان پىكىرلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، ئورتاق نىشان ئۈچۈن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ ئاتلىنايلى !

1882 - يىلى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيىسى مىسىر ئىسكەندەرىيە شەھىرىنى توپقا تۇتۇپ، شەھەر قەلئەلىرى ۋە زەمبىرەك سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلغان. توپقا تۇتۇش 12 - ئىيۇل كەچكىچە داۋام قىلغان. نەتىجىدە شەھەر تەسلىم بولۇپ، ئاق بايراق چىقارغان.« ئۇزۇن ئۆتمەي ئەنگلىيە ئارمىيىسى قۇرۇقلۇققا چىقىپ، يىل ئاخىرىغىچە مىسىرنى ئىشغال قىلغان. مىسىر ئەنگلىيىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، چاررۇسىيە ھىندىستان تەرەپكە يۈرۈش قىلىشتىن ۋاز كەچكەن».

1905 - يىلى 19 - ئەسىردىكى داڭلىق دىنىي ئىسلاھاتچى جامالىدىن ئافغانىنىڭ مەشھۇر شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد ئابدۇ ۋاپات بولغان. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام بۇخارادىكى چاغدا بۇ ئىككەيلەننىڭ ئىسلاھات پىكىرلىرىدىن ۋە ئۆزگىچە كۆز قاراشلىرىدىن كۆپ پايدىلانغان. كېيىنچە سابىت داموللام 1931 - يىلى مىسىرغا كېلىپ، يۇقىرىقى ئىككى مۇتەپەككۇرنىڭ يېتۈك شاگىرتى ئىمام مۇھەممەد رەشىد رىزا بىلەن كۆرۈشۈپ، سىياسىي جەھەتتىن كۆپلەپ تەلىم ئالغان.ھەتتا 1933 - دېكابىردا مانار ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، سابىت داموللامنىڭ تەلىپى بويىچە « ئاساسى قانۇن » تۈزۈپ بەرمەكچى بولغان. بىراق ئۇ ۋاقىتقىچە جۇمھۇرىيىتىمىز مۇنقەرز بولغان.

1921 - يىلى موڭغۇلىيە تولۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغان. « تاشقى موڭغۇل مىلادى 1690 - يىلدىكى غالدان VS كاڭشى ئۇرۇشىدىن كېيىن، رەسمىي مەنچىڭ خانلىقىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتكەن. تەلىيىگە مانجۇرلار بۇ جاينى خىتاي مەمۇر ئارقىلىق باشقۇرماي، لاما دىنىنىڭ سەردارى « گېگەن » ئارقىلىق باشقۇرغان.شۇڭا 1912 - يىلى 12 - فېۋرال مەنچىڭ خانلىقى يىقىلغان زامان، گېگەن دورجى چاررۇسىيىنىڭ قوللىشىدا تاشقى موڭغۇلنى تولۇق تىزگىنلەپ، 1921 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 1924 - يىلى موڭغۇلىيە خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ، سوۋېتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. 1939 - يىلى موڭغۇلىيە / مانجۇرىيە چېگرىسىدا، ياپونىيە ۋە رۇسىيە ئارىسىدا « نومىنكان ئۇرۇشى » پارتلاپ، تۆت ئاي داۋام قىلغان. بىراق جاڭ كەيشى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلماي، ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا، 1943 - يىلى شېڭ شىسەينىڭ ياردىمىدە ۋەتىنىمىزنى تارتىۋالغان. 1945 - يىلى يالتا يىغىنىدا سىتالىن روزۋېلتقا موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىل پېتى قېلىشىنى شەرت قىلىپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا كىرىشكە ۋەدە بەرگەن. بىراق جاڭ كەيشى سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە مانجۇرىيىدىكى مەنپەئەتلىرى ھەققىدە ئىپادە بىلدۈرمىگەچكە، سىتالىن 1945 - يىلى 5 - فېۋرالدىن بېرى توختىتىپ قويغان مىللىي ئارمىيىنى 5 - ئىيۇل ئۈچ سەپ بويىچە گومىنداڭغا قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلدۇرغان. نەتىجىدە ئىككى ئاي ئىچىدىلا مىللىي ئارمىيە پۈتۈن شىمالنى ئازات قىلىپ، ئالتايدىكى ئوسمان باتۇر قىسىملىرى بىلەن ئۇچراشقان. جەنۇپتا سوپاخۇننىڭ 125 كىشىنى ئاساس قىلغان فرونت مۇزئارت داۋىنىدىن ئېشىپ، سېنتەبىرنىڭ ئوتتۇرىغىچە ئاقسۇنىڭ مۇھىم جايلىرىنى ئازات قىلىپ، ئاقسۇ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغان. 1 - سېنتەبىر كېچە خىتايلار « ياپونغا قارشى زەپەر كۈنى غەرق مەست بولۇپ قالغاندا» تاشقورغاندىن چىققان باتۇرلىرىمىز ئۈچ ئاي ئىچىدىلا قەشقەرنىڭ ئاساسلىق يېزىلىرىنى ئازات قىلىپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئالغان.« موڭغۇلىيەنى تاشلاپ بەرمىسەڭ، شەرقىي تۈركىستاننىمۇ قوشۇپ ئېلىۋالىمەن » دېگەن سېگنالنى چۈشەنگەن جاڭ كەيشى دەرھال 14 - ئاۋغۇست تۈزگەن دوستلۇق كېلىشىمى بويىچە، بىر ئاي ئىچىدە سىتالىنغا نەچچە قېتىم كاپالەت بەرگەن. ئاقىۋەت كۆزلىگىنىگە يەتكەن سىتالىن، شۇ يىلى 11 - سېنتەبىر بىر بۇيرۇق بىلەنلا مىللىي ئارمىيىنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويغان. ئاقسۇدىكى سوپاخۇننى 10 - ئايدا ئىلىغا چېكىنىشكە مەجبۇرلىغان. تاشقورغان باتۇرلىرىنىمۇ قورال تاشلاتقان. نەتىجىدە 11 بىتىم ئىمزالىنىپ، 1947 - يىلى يازغىچە بىر يىل ئۆتۈپ كەتكەن. شۇ يىلى ئىيۇلدا گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيە ماماتلىق ئۇرۇش باشلىغان. سىتالىن بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن، يەنى 5 - ئايدا موڭغۇلىيىنى قايتا بىر قېتىم مۇستەقىللىق ئېلان قىلدۇرۇپ، ھامىيلىقى ئاستىغا ئالغان. چۈنكى ئۇ چاغدا كومپارتىيىنىڭ يېڭىپ چىقىشىغا ئانچە ئىشەنچىسى يوقتى. بىراق 1949 - يىلى ماۋنىڭ غەلىبە قىلىشى مۇقىملىشىپ قالغاندا سىتالىن ئۆزى بىۋاستە ياردەم قىلىپ، شۇ يىلى 11 - ئايدا ۋەتىنىمىزنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا بەش ما فامىلىلىك تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە چېكىندۈرۈپ، ئۇيغۇر/ تۇڭگان ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ بەرمەكچى بولغان ئىكەن. شۇڭا سىتالىن دۆلىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۆزىگە سادىق بولغان مەرھۇم رەھبەرلەرنىمۇ كۆزدىن يوقىتىپ، بىزنى قىزىل خىتايغا ئۆز قولى بىلەن سوۋغا قىلغان ».

1924 - يىلى دېھلىدا مۇسۇلمانلار ۋە ھىندىلار بىرلىشىپ، ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكە تۈزۈمىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.

1987 - يىلى ب د ت دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەش مىلياردقا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

1995 - يىلى سېربىيە ئارمىيىسى بالقان جاللىتى راتكو مىلادىچنىڭ قوماندانلىقىدا بوسنىيەدىكى سېربىنېتسا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، ب د ت قىسىملىرىنىڭ پاناھلىقىدا تۇرۇۋاتقان 8372 بوشناقنى قىرىپ تاشلىغان.

2019 - يىلى  بوسنىيەدە « 1995 - يىلدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قۇربانلىرى» دىن كىملىكى ئېنىقلانغان 33 مەرھۇمنىڭ نامىزى ئوقۇلدى. بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنا دىيانەت ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن كاۋازوۋىچ سرېبرېنىتسادا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئىككىنچى قېتىم ھېچقانداق يەردە يۈز بەرمەسلىكىنى ۋە ھېچكىمنىڭ بېشىغا كەلمەسلىكىنى تېلەپ دۇئا قىلدى. دۇئا-تېلاۋەتتىن كېيىن، 33 قۇرباننىڭ ئىسىم-شەرىپى بىرمۇ بىر ئوقۇلدى ۋە مېيىتلار ياخشى كۆرىدىغان يېقىنلىرى تەرىپىدىن يەرلىككە قويۇلدى.
پوتوچارى خاتىرە قەبرىستانلىقىغا دەپنە قىلىنغان قۇربانلارنىڭ سانى بۈگۈن يەرلىككە قويۇلغانلار بىلەن 6 مىڭ 643 كە چىققان بولدى.
بۈگۈن مېيىتى يەرلىككە قويۇلغان 33 قۇرباننىڭ ئىچىدىكى ئەڭ كىچىك ئوسمان جىۋرىك 16 ياش، ئەڭ چوڭى ساھا جىۋرىك 82 ياش .
«تولىمۇ ئەپسۇس شۇ تاپتا ۋەتىنىمىزدە يۇقىرىقى قىرغىنچىلىقتىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن مەخپىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق تېز سۈرئەتتە ۋاستە تاللىماي يۈرگۈزۈلمەكتە ».

« بۇلارنىڭ ھەر ھالدا جەسەتلىرى بولسىمۇ ساقلىنىپ قاپتىكەن. ئەمما ۋەتىنىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ جەسىتىمۇ يوق قىلىنماقتا. ھەممە ئادەمنىڭ چەتئەلدە بالىسى يوق ! بىراق ئۇلار بىزنىڭ خوشنىلىرىمىز، قۇدىلىرىمىز، دوستلىرىمىز يۇرتداشلىرىمىز، ساۋاقداشلىرىمىز، ئۇستازلىرىمىز يۇرتداشلىرىمىز ئىدى. ئالاقە دائىرىمىز قانچىلىك بولسا، ئۆمرىمىزدە بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ ئىچىشكەن بىر پىيالە چاينىڭ ھەققى ئۈچۈن بولسىمۇ، ھەر بىرىمىز بىلىدىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئالدىمىزغا ئارخىپلاشتۇرۇپ تەييار قىلايلى ! سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ئۇچۇرلىرىنى بىلىش كېرەك ! ».

2019 - يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو تۈنۈگۈن « بوسنىيە سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 24 - يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ياۋروپا تارىخىدىكى بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقەنى قەتئىي ئىنكار قىلماسلىق ۋە ئەسلا ئۇنتۇپ قالماسلىق لازىم» دېدى.

سۈيۈملۈك پومپيو ئەپەندى ئاخىرى بايانات ئېلان قىپتۇ. 28 - ئىيۇل بىز ئۈچۈنمۇ مۇشۇنداق بىر بايانات ئېلان قىلىشى ئۈچۈن كۈچەيلى!
http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=250.0

 1982 - يىلى 8 - ئىيۇل ئىراق كۇردىستاندا،« دۇجەيل ۋەقەسى » يۈز بەرگەن بولۇپ، سادام ھۈسەيىننى قەستلىدى دېگەن ئەيىپلەش بىلەن پۈتۈن كەنت ئوققا تۇتۇلغان. 140 ئادەم قازا قىلغان بۇ ۋەقە « قىرغىنچلىق » دەپ ئېتىراپ قىلىنغان. « تولىمۇ ئەپسۇس، 2014 - يىلى 28 - ئىيۇل يەكەندىكى ئۈچ كەنت ئېغىر تىپلىق قوراللار بىلەن ھەم ھاۋادىن، ھەم قۇرۇقلۇقتىن ئوققا تۇتۇلۇپ، خەرىتىدىن تولۇق غايىپ قىلىۋېتىلدى. قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئېنىق بولمىسىمۇ، بىر مىليون ئۇيغۇر ياشايدىغان يەكەندىكى ئەڭ ئاۋات ئۈچ كەنتتە قىرىپ تاشلانغانلار ئەڭ ئاز دېگەندە ئون مىڭدىن ئاشىدۇ. بۇ ۋەقە 1989 - يىلدىكى ساماۋى مەيدان قىرغىنچىلىقىدىنمۇ ۋەھشىي شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان. كۆلىمى دۇجەيل كەنتىدىن ئوتتۇز ھەسسە چوڭ بولغان، تالاپەت تارتقانلار يۈز ھەسسە كۆپ بولغان « ئېلىشقۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» تېخىچە خەلقئارا تەرىپىدىن ئەيىپلەنگىنى يوق . 1995 - يىلى 7 - ئىيۇلدىن 23 - ئىيۇلغىچە بولغان بوسنىيە قىرغىنچىلىقىدا ئون مىڭغا يېقىن بوشناق قىرغىن قىلىنغان بولۇپ، ب د ت تەرىپىدىن 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئەيىپلەنگەن. ئەمما يەكەن ئېلىشقۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھېلىھەم دۇنيادىن سىر پېتى تۇرماقتا.

پەرق :
« ئۇلار ئاشكارا قىسمەن قىرىلدى. بىز يوشۇرۇن  ئومۇميۈزلۈك قىرىلىۋاتىمىز»

بۇلارنىڭ ھەر ھالدا جەسەتلىرى بولسىمۇ ساقلىنىپ قاپتىكەن. ھەر يىلى دۇئا قىلغاچ، بۇنداق قىلمىشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن دۇنيانى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرماقتا. ئەمما ۋەتىنىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ  تىرىكى ئەمەس، جەسىتىمۇ كۆيدۈرۈپ، يوق قىلىندى . كېيىنچە دۇنياغا ئىسپات بولغۇدەك ئىز قالمىدى. ئۆزىمىزنىڭ سۈرۈشتىسىنى ئۆزىمىز قىلمىساق، باشقىلار ھېچ ئىلاج قىلالمايدۇ.
ھەممە ئادەمنىڭ چەتئەلدە بالىسى يوق ! بىراق ئۇلار بىزنىڭ خوشنىلىرىمىز، قۇدىلىرىمىز، دوستلىرىمىز يۇرتداشلىرىمىز، ساۋاقداشلىرىمىز، يۇرتداشلىرىمىز ئىدى. ئالاقە دائىرىمىز قانچىلىك بولسا، ئۆمرىمىزدە بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ ئىچىشكەن چاينىڭ ھەققى ئۈچۈن بولسىمۇ، ھەر بىرىمىز بىلىدىغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئۆز ئالدىمىزغا ئارخىپلاشتۇرۇپ تەييار قىلايلى ! سۈرۈشتە قىلىش ئۈچۈن ئۇچۇرلىرىنى بىلىش كېرەك !

 يەنە دەيمە « دەۋاگەر بوش كەلسە، قازى مۇتتەھەم، جاۋاپكار يۈزى قېلىن بولۇر ! ». زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تۇرۇپ، تېخىچە دۈشمەننىڭ ساختا زىيانلانغۇچى نىقابىنى يىرتالماي يۈرۈۋاتىمىز. بىز ئابرۇينى تۆكۈشتە دۇنيانىڭ ئالدىغۇ ! نېمىشقا ئۆزىمىزنىڭ يۈزىنى تۆككەنچىلىك ئەجىر قىلىپ، دۈشمەننىڭ ساختا ئابرۇيىنى يەر بىلەن يەكسان قىلمايمىز؟...   

 2019 - يىلى 11 - ئىيۇل پەيشەنبە


« ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدە تولۇقلىما »:

بوشناقلار يۇقىرىقى دەھشەتلىك قەتلىئامنى مەڭگۈ ئۇنۇتماسلىق ئۈچۈن بىر مۇزېي قۇرغان :
« سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى » ئۇرۇش ۋاقتىدا بوسنىيە-گېرتسېگوۋىنادىكى ب د ت تىنچلىق ساقلاش قىسمىنىڭ بىر پارچىسى بولغان گوللاندىيە بىرىگادىسى تۇرغان بىر زاۋۇت بىناسىغا جايلاشقان. 900 كىۋادرات مېتىر، 26 بۆلۈملۈك مۇزېيىدا،  شۇ قېتىمقى پاجىئەگە شاھىت بولىدىغان ھەممە نەرسە دېگىدەك تېپىلىدۇ!

ئۇنداقتا بىزچۇ ؟ بىزدە بۇنداق مۇزېيغا قويغىدەك نېمە بار ؟ خەلقىمىزنى قۇتقۇزالمىدۇق . ياكى  سۈرۈشتە قىلالمىدۇق . يا كاللىدىن كېتىشتىن بۇرۇن بىلىدىغان ھەممە تونۇشلارنىڭ مىكرو ئۇچۇرىنى خاتىرىلەپ قويالمىدۇق. ھالىمىز شۇنچىلىك تۇرۇپ، يەنە نېمە چوڭ سۆزلەش، نېمە ئۆزئارا غاجاش، نېمە ئايىغى چىقماس قۇرۇق تالاش -  تارتىش بىزگە؟

ب د ت ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان زوراۋانلىق قىلمىشىنى «ئېتنىك تازىلاش»ياكى «ئىرقىي قىرغىنچلىق»دەپ ئاتاپ كەلمەكتە.

ھەر ھالدا ئاراكان مۇسۇلمانلىرى يېقىندىكى خوشنا دۆلەتلەرگە قېچىپ چىقالايدىكەن. بۇنى قانداقمۇ ئىككى مىليون كۇۋادرات كېلومېتىر ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەرگە ۋە ئادەم ئۆلتۈرۈش قۇشخانىلىرىغا قامالغان 10 مىليوندەك جان ھەلقۇمىغا كېلىپ قالغان خەلقىمىز، ئۇندىن باشقا 24 سائەتلىك قاتتىق نازارەت ئاستىدا ماشىنا ئادەمدەك ياشاۋاتقان يىگىرمە نەچچە مىليون خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرغىلى بولسۇن !

ئۇنداقتا نېمىشقا پۈتۈن دۇنيا ئاراكان ئۈچۈن ئورتاق قوزغىلالىدى. يۈرەكلىك ھالدا بېرما ھۆكۈمىتىنى « ئىرقىي قىرغىنچى »دەپ سۈپەتلىيەلىدى؟  نېمىشقا خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن بىرەر قورقۇنچلۇق قەتلىئام تېخىچە « ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىپلەنمىدى؟ مەسىلە يالغۇزلا دۈشمەننىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىدە ئەمەس، بەلكى دەۋاگەرلەرنىڭ « زۇلۇمغا كۆنۈپ قالغانلىقى، يېتەرلىك  قارشىلىق ۋە ئۇنۋېرسال يۇمشاق - قاتتىق قارشىلىقلارنى لايىقىدا كۆرسىتەلمىگەنلىكىدۇر».


يۇقىرىقى « 1982 دۇجەيل قىرغىنچىلىقى» ، «2017 - يىلدىكى ئاراكان قىرغىنچىلىقى» ۋە « 1995 بوسنىيە ئىرقىي قىرغىچىلىقى » بىلەن بىزنىڭ ۋەتەندە يۈز بەرگەن « 2014 ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى» نى سېلىشتۇرۇپ بېقىڭلار . ھەر قايسى جەھەتلەردىن ئېشىپ كېتىدۇكى، ھەرگىز كەينىدە قالمايدۇ. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، نېمىشقا ئۆزئارا قوڭ كولاپ، يۈز - ئابرۇيىمىزنى يوق قىلىشقا كۈچىگەنچىلىك، مۇشۇ پاجىئەلىك قىرغىنچىلىقنى « ئىرقىي قىرغىنچلىق » دەپ ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئۈچۈن، دۈشمەننىڭ ساختا ئابرۇيىنى ئېچىپ تاشلاشقا كۈچىمەيمىز؟
« ئۈرۈمچى ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئون يىللىقى ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنىغۇ بەرىبىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ ئېتىراپ قىلدۇرالمىدۇق. مانا ئەمدى ئالدىمىزدا « يەكەن قىرغىنچلىقى» نىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى كېلىۋاتىدۇ. نېمىشقا پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ۋاختىدا ھەرىكەتكە ئۆتمەيمىز ؟؟؟

ئەڭ ئاخىرقى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش :

ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئون باسقۇچى قايسىلار ؟
1-2-3-باسقۇچلار : تۈرگە ئايرىش، سىمۋوللاشتۇرۇش، كەمسىتىش
4-باسقۇچ : ئىنسانى غۇرۇرىنى يوقىتىش ياكى ھايۋانلارچە مۇئامىلە قىلىش
5-باسقۇچ : تەشكىللەش / پىلان
6-باسقۇچ : (پروپاگاندا بىلەن)قۇتۇپلاشتۇرۇش/ چەتكە قېقىش
7-باسقۇچ: تەييارلىق
8-باسقۇچ : زىيانكەشلىك (ئاۋانگارتلار،داڭلىقلار، زىيالىلارغا ئەڭ ئالدىدا زىيانكەشلىك قىلىش)
9-باسقۇچ : قىرىش
10-باسقۇچ : (قىرغىنچىلىق پاكىتلىرىنى يوقىتىپ)ئىنكار قىلىش.

ھەر قانداق كاللىسى بار ئۇيغۇر شۇنى ئىنكار قىلالمايدۇكى، دۈشمەن ئاللىبۇرۇن 10 - باسقۇچلۇق نىشانغا يېتىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت باشلاپ بولدى. ئەسلىدە بار بولغان مازارلارنى يوقىتىپ، ئۆتمۈشىمىزنىڭ پاكىتلىرىنى يوقاتقان يەردە ھازىرقى ۋەھشىي ۋە پەس جىنايەتلىرىنىڭ ئىزىنى قالدۇرۇپ قويامتى ؟؟؟
ئەمدى قىلىدىغان ئىشىنى تاپالمىغان، ياكى ئىش قىلىۋاتقانلارنى پۇتلايدىغان، قارىلايدىغان، قارا چاپلايدىغانلارنى تاشلاپ قويايلى ! ھازىرغىچە دۈشمەننى تونۇماي، ۋەزىپىسىنى تاپالمىغان نادانلاردا ئۈمۈد يوق. ۋاختىمىز بەكلا قىس. پۈتۈن زېھنىمىزنى يىغىپ، قانچىلىك ئەسلەپ چىقالىساق، شۇنچىلىك تونۇشلىرىمىزنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلايلى ! ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلەپ، قۇرۇلغۇسى « يوقالغان ئۇيغۇرلار » ئارخىپ ئامبىرىغا تەقدىم قىلىشقا ھازىرلىنايلى!

2019 - يىلى 7 - 11 -   ئىيۇل     پەيشەنبە