2021/01/17 20:53

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 12 - ئىيۇل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/13 12:37

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/07/13 12:37 2019/07/13 13:53 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى
تارىختىكى بۈگۈن « 12 - ئىيۇل » :


1109 - يىلى ئەھلى سەلپ قوشۇنى سۈرىيە ساھىلىدىكى مۇھىم دېڭىز قاتنىشى تۈگۈنى تىرىپولى/ ھازىر لىۋاندا/  پورتىنى ئىشغال قىلغان.

1191 - يىلى ئەنگلىيە پادىشاھى رېچارد ئاككانى ئىشغال قىلغان. 1192 - يىلى ئۇ سالاھىددىن ئەييۇبى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، 100 يىللىق 1 - ئەھلى سەلپ ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

1596 - يىلى چارپادىشاھ مىخائىل رومانوف تۇغۇلغان.

1645 - يىلى چارپادىشاھ مىخائىل رومانوف ئۆلگەن. شۇندىن بېرى تەختكە چىققان چارپادىشاھلار رومانوف جەمەتىدىن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى رومانوف ئاقلار تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇپ قالاي دېگەندە، 1918 - يىلى ئىيۇلدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن يېكاتىنبۇرگتا ئائىلىسى بويىچە قىرىپ تاشلانغان.ئاندىن جەسەتلەر بېنزىن چېچىپ كۆيدۈرۋېتىلگەن.

1912 - يىلى فرانسىيە ماراكەشنى ئۆز  ھامىيلىقىدىكى دۆلەت دەپ ئېلان قىلغان.

1917 - يىلى گېرمانلار تۇنجى قېتىم ئادەم ئۆلتۈرەلەيدىغان قىچا گازىنى ئۇرۇشتا ئىشلەتكەن. بۇ 1 - دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلى ئىدى.

1921 - يىلى ماراكەشتە خەتتابى باشچىلىقىدا فرانسىيە ۋە ئىسپانىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە قارشى خەلق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلگەن.

1924 - يىلى 12 - ئىيۇل قۇربان ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى شەنبە قەشقەردىكى سوۋېت كونسۇلى يۈسۈپ قەشقەر شەھىرىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى مۆتىۋەرلەرگە قۇربان ھېيتلىق زىياپەت بەرگەن. زىياپەتكە ئازراق كېچىكىپ كەلگەن ئابدۇقادىر داموللام كونسۇلخانىغا كىرىپ، كونسۇلنى كۆرۈپلا زىياپەتكە قاتناشماي قايتىپ چىقىپ كەتكەن. « شۇ كۈنكى قۇربان ھېيتلىق زىياپەتكە قاتناشقانلار ئىچىدىكى ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم ۋە بىر قىسىم بايلارنىڭ ئەسلىشىچە، كونسۇل ئۆمەر بايدىن بايىقى كىشىنىڭ كىملىكىنى سورىغان. ئۆمەر باي ئۇنىڭ 1914 - 1917 - يىللاردىكى قەشقەر مۇپتىسى، ھازىر ئەزىزانە قەشقەرنىڭ ئىناۋەتتە ۋە بىلىمدا ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان بۈيۈك ئالىمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. كونسۇل زىياپەتتىن كېيىن، ئۆمەر بايغا ئابدۇقادىر داموللامنىڭ سوۋېتقا قارشى ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ھەققىدە جېكىلىگەندىن كېيىن، قەشقەر دوتىيى جۇرۈيچىنى چاقىرىپ، قەشقەردە بولشېۋىكلارغا قارشى ئەڭ چوڭ خەۋپ بولغان ئابدۇقادىر داموللامنى بىر ئاماللار بىلەن كۆزدىن يوقىتىشقا بۇيرىغان. ئەگەر ئىتائەت قىلمىسا ، سوۋېتپەرەس ياڭ زېڭشىنغا مەلۇم قىلىپ، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتقان. ماتىتەيدىن يۈز ئۆرۈپ، مادوتەينىڭ قۇچىقىغا ئۆزىنى ئاتقان بۇ خائىن جۇ دەرھال ئۆمەر باينى قىستاشقا باشلىغان. نەتىجىدە ئۆمەر باي ئابدۇقادىر داموللامنى نازارەت قىلىپ، خەۋپلىك بىرەر ئىشنى بايقاپ مەلۇم قىلىدىغان بولغان. ئۇنداقتا  بۇ كونسۇل كىم ؟ قەشقەردە 1924 - يىلى نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟
ياڭ زېڭشىن بىلەن ماتىتەي ئاقلار ۋە قىزىللار مەسىلىسى تۈپەيلى 1917 - يىلدىن باشلاپ يامانلىشىپ كەتكەن بولۇپ، 1919 - يىلى زىددىيەت ۋايىغا يەتكەن. ئابدۇقادىر داموللام كەم تېپىلىدىغان بۇ قىسقا تارىخىي
پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، شۇ يىلى ھاجى قۇتلۇق شەۋقىي، شەمسىدىن داموللام ۋە سابىت داموللاملار بىلەن بىللە قەشقەردە مىللىي ئويغىنىش ۋە دىنىي ئىسلاھات ھەرىكىتىنى باشلىغان. ماتىتەي چارپادىشاھ قالدۇقلىرىنى قوللاپ، ئەنجان تەرەپكە مۇداخىلە قىلماقچى بولغاندا، ياڭ ئۇنى توسۇپ قالغان. 1922 - يىلى 4 - ئاۋغۇست 200 مىڭ سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى پامىر ئېتىكىدە ئەنۋەر پاشانى يوق قىلغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا سوۋېتنىڭ مۇتلەق نوپۇزى تىكلەنگەن. ماتىتەيمۇ نائىلاج 1924 - يىلى 14 - ماي قەشقەردە سوۋېت كونسۇلىنىڭ ئېچىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئۇ دەل بۇرۇنقى چاررۇسىيە كونسۇلخانىسى ئىدى. بىراق سوۋېت ئۆزىگە قارشى ماتىتەينى يوقىتىش ئۈچۈن ياڭ زېڭشىنغا ياردەم بەرگەن. شۇڭا ماتىتەيمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئابدۇقادىر داموللام قوزغىغان ئىسلاھات ھەرىكىتىگە ئانچە چوڭ توسقۇنلۇق قىلمىغان. 1924 - يىلى 19 - ماي قەشقەر دىنىي ئوقۇغۇچىلىرى مىللىتىمىز تارىخىدىكى، جۈملىدىن قەشقەر تارىخىدىكى تۇنجى نارازىلىق نامايىشىنى قوزغاپ، شېۋىت مېسسىيونىرلىرى تۇرۇۋاتقان جاينى ئىگىلەپ، جاھانگىرلىككە، ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن چەتنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرغان. نەتىجىدە سوۋېت كونسۇلى، ئەنگلىيە كونسۇلى ۋە شېۋىتسىيە خادىملىرى بۇ ھەرىكەتتىن چۆچۈپ كەتكەن.
بولۇپمۇ يېڭىلا ئېچىلغان بولسىمۇ، قەشقەردە كوممۇنىزىم پىكرىنى ئاكتىپ تارقىتىۋاتقان سوۋېتلەر قاتتىق غەزەپلەنگەن.گەرچە كونسۇلخانا كېيىن ئېچىلغان بولسىمۇ، بىراق بولشېۋىكلار سودىگەرلەر ئارقىلىق 1920 - يىلدىن بېرى قەشقەردە بولشېۋىك پىكرىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان ئىدى. ئەنگلىيە تەرەپ بولسا، نارازىلىقنىڭ سوۋېتقا ئەمەس، ھىمايىسى ئاستىدىكى مىسسىيونىرلارغا قارىتىلغانلىقىدىن رەنجىگەن. تېخىمۇ ئەلەم بولغىنى، قەشقەر مۆتىۋەرلىرىدىن داموللامغا ھەسەت قىلىدىغان شاپتۇل داموللا كەبى ئىچى قوتۇرلار، ھەر قايسى كونسۇللار بىلەن قويۇق ئارىلىشىدىغان ئۆمەر باي قاتارلىق ئىچكى كۈچلەرمۇ دۈشمەن تەرەپتە تۇرۇپ، داموللامنى يېتىم قالدۇرغان.
ماتىتەي بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا يەنىلا مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ياردىمىگە تايانغان. ۋەقە بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىن، ئابدۇقادىر داموللام باشلىق ئۆلىمالار ۋە بايلار بولۇپ 50 كىشى تۈرمىگە سولانغان. قەشقەر ۋەزىيىتىنىڭ بىراقلا جىددىيلىشىپ كېتىشى پۇرسەت كۈتۈۋاتقان ياڭ زېنشىنغا ئامەت ئېلىپ كەلگەن. ئۇچتۇرپان تەۋەسىدە بۇيرۇق كۈتۈۋاتقان ما دوتەي تېز يۈرۈش قىلىپ، 31 - ماي قەشقەرگە ئىككى يولدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلغان. نەچچە سائەت جەڭ قىلىپلا، بىر ھەپتىدىن بېرى ئەنگلىيە بىلەن سوۋېتنى رازى قىلىپ بولالماي چارچاپ كېتىپ، ئارام ئېلىۋاتقان ماتىتەينى تۇتۇپ، 2 - ئىيۇن خەلق ئالدىدا ھېيتگاھ مەيدانىدا ئېتىپ تاشلاپ، كونا رەقىبى ، 1914 - يىلدىن 1924 - يىلغىچە قەشقەرنى « خىتاينىڭ سىبىرىيىسى» قىلىۋالغان ماتىتەينى يوقىتىپ، ئورنىغا ئۆزى چىققان. ۋەقەدىن كېيىن سوۋېت باش كونسۇلى « يۈسۈپ » قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. كېيىن، مادوتەي 40 كۈندىن بېرى تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئابدۇقادىر داموللام قاتارلىق كىشىلەرنى قۇربان ھېيتقا ئۈلگۈرتۈپ قويۇپ بەرگەن. تۈرمىدىن چىققىلى ئەمدىلا بىر ھەپتە بولغان ئابدۇقادىر داموللام سوۋېت كونسۇلىنىڭ ھېيتلىق باغىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. بارغىنىدا، ئەسلىدە كونسۇل يۈسۈپ تونۇش چىقىپ قالغان./ شۇڭلاشقا ئالدىراپ ياتلارغا سىر بەرمە، قوقاندا داموللامغا خىزمەت قىلىپ، بىللە سەپەرگە چىقىپ، سوۋېتقا قارشى نامايىشقا بىللە قاتناشقان يۈسۈپنىڭ بەش يىلدىن كېيىن، سوۋېت كونسۇلى بولۇپ ئالدىغا چىققىنىنى كۆرۈپ، ئابدۇقادىر داموللام بىر قىسىم يېقىنلىرىغا بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىكەن*. مانا مۇشۇ چايان يۈسۈپ خىتاي مەمۇرىلىرى ۋە مىللىي مۇناپىقلار بىلەن پىلان تۈزۈپ، 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست پەيشەنبە كېچىسى داموللامنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن . ھازىرغىچە سوۋېت ۋە ئىنگلىز تەرەپ ئارخىپلارنى ئاشكارىلىمىغاچقا، ھەقىقىي ئەھۋالنى شۇنچىلىك بىلەلىدۇق. ئاللاھ خالىسا ئۇلارمۇ ئارخىپنى ئاچىدۇ. ئاز قالدى».* خائىن يۈسۈپنىڭ ئارخىپى موسكۋا كېرملىن سارىيىدا ساقلانماقتا. مانا بۇلار سۇيقەستنىڭ بېشى ئىدى.

1960 - يىلى فرانسىيە چاد، نېگىر، پىل چىشى قىرغىقى ۋە ئوتتۇرا ئافرىقىنىڭ ئۆزىدىن ئايرىلىپ، مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشىغا قوشۇلغان.

2018 - يىلى 1911 - 1931 - يىللاردىكى لىۋىيە خەلقىنىڭ « سادىر پالۋىنى ۋە ئېلىخان تۆرىسى» ئۆمەر مۇختارنىڭ بىردىنبىر ئوغلى مۇھەممەد ئۆمەر ۋاپات بولغان. « 2008 -يىلى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىتالىيە باش ۋەزىرى بېرلىسكونى لىۋىيە زىيارىتىدە كازاپىنىڭ ۋاستىسى بىلەن مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىتالىيە خەلقى نامىدىن ئۇنىڭدىن ۋە لىۋىيە خەلقىدىن ئىتالىيىنىڭ لىۋىيەدە 1911 - 1941 - يىللىرى ئۆتكۈزگەن ئۇرۇش جىنايەتلىرىدىن كەچۈرۈم سورىغانىدى. شۇڭلاشقا بۇنىڭ نېمىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىزدىن بالدۇر بىلىۋالغان دۈشمەن ۋەتىنىمىزدىكى دۆلەت ئەركانلىرىنىڭ ئەۋلادلىرىنى قىزىللاشتۇرۇش ۋە ساداقەتمەن قىلىش ئۈچۈن، قولىدىن كەلگەن ھەممە چارىنى قىلىپ، مانا ئەمدى شۇلارنى خەلقئارا يىغىنلارغا قاتناشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئاغزى ۋە باھاسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى غەمخورلۇق قىلىپ كۆرسەتمەكتە. ئىبرەت ئالايلى ! ».

2018 - يىلى ۋەتىنىمىزدىكى داڭلىق ئىسيانكار ۋە مىللەتسۆيەر شائىر غوجىمۇھەممەد مۇھەممەد خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدە 47 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. « ئۇ 1971- يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى گۇما ناھىيەسىنىڭ قوشتاغ يېزىسىدا تۇغۇلغان. 1988- يىلى قوشتاغ يېزىسىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن. 1990- يىلىدىن 2002- يىلغىچە خوتەن پاختا توقۇمىچىلىق فابرىكىسىدا ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2004- يىلدىن باشلاپ ۋاپات بولغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك يولۇچىلار توشۇش باش بېكىتىدە ئىشلەپ كەلمەكتە ئىدى. ئەمما ۋەتىنىمىزدىكى 2017 - يىلى باشلانغان قىزىل قىيامەت ئۇنى قىران يېشىدا بىزدىن ئايرىۋەتتى. قىساسىڭ يەردە قالماس!

2019 - يىلى 10 - ئىيۇل ب د ت دا ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 22 غەرپ دېموكراتىك دۆلىتى ۋەتىنىمىزدىكى جازا لاگىرلىرىنى تاقاش توغرىلىق خىتايغا بېسىم چۈشۈرگەنىدى. بۈگۈن سەئۇدى ، ئىران ، مىسىر قاتارلىق بۇزۇلۇپ كەتكەن ئەرەب مۇستەبىت ھاكىمىيەتلىرى، خىتاينىڭ يالىقىنى يالاپ سەمرىۋاتقان شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئاجىز ئەللەر، پاسكىنستان ھەمدە رۇسىيە قاتارلىق 37 شەرق مۇستەبىت دۆلىتى خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغان خەۋىرى تارقالدى. تۈركىيە ھازىرچە ئوتتۇرىدا جىم تۇرۇشنى تاللىۋاپتۇ. قارىغاندا ئەمدى ئىسرائىلىيەمۇ جازا لاگىرى قۇرۇپ، خىتايدىكىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئەرەبلەرگە كۆرسىتىپ قويسا بولىدىغان ئوخشايدۇ. شۇندىلا چۈشىنىپ قالار بۇ كالۋا ئەرەبلەر.

« بۈگۈن تۈنۈگۈنگە نېمىدىگەن ئوخشىغان ھە»

مىلادى 1257 - يىلى ھىلاكۇخان باغداتقا ئەسكەر تارتقاندا، بەزى مۇسۇلمان بەگلەر ھەمدەمدە بولۇپ، شەھەرنى ئىشغال قىلىشقا ياردەم بەرگەنىكەن. 1258 - يىلى باغداتنى ئىشغال قىلغاندا، بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەمىرلەر ھىلاكۇنىڭ داۋاملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىشىغا مەدەت بەرگەن ئىكەن. 1259 - يىلى ئىراق، تۈركىيە، سۈرىيە، ئەرمەنىيە ۋە گرۇزىيەدىكى مۇسۇلمان ئەمىرلەر تەرەپ - تەرەپتىن ھىلاكۇنىڭ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى يوقاتقانلىقىنى تەبرىكلەپ، ماختىشىپ كەتكەن ئىكەن. بۇنىڭدىن تېخىمۇ غەيرەتكە كەلگەن ھىلاكۇ 1260 - يىلى 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئاتلىنىپ، بىر ئاي ئىچىدىلا ھازىرقى سۈرىيە، ئىئوردانىيە ۋە لىۋاننى ئىشغال قىلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلاي دەپ تۇرغاندا، 1258 - يىلى خىتايدا ئوق تېگىپ قازا قىلغان بۈيۈك قاغان مۆڭكۈخاننىڭ ۋاپاتى تۈپەيلى، يېڭى قاغان سايلاش ئۈچۈن موڭغۇلىيەگە قايتىپ كېتىپتىكەنتۇق. ئارىدىن 760 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2017 - يىلى خەلقىمىز خىتايلار قولىدا قىرىلىشقا باشلىدى. ئىسلام دۇنياسى سۈكۈت قىلدى. 2018 - يىلى تۈرمىدىكىلەر كوللىكتىپ ئۆلتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئىسلام دۇنياسى چاۋاك چالدى. 2019 - يىلى خەلقىمىزنىڭ نەسلى قۇراي دېدى، ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىنى قۇتلۇقلاپ، قوللاپ يېشىل چىراق يېقىپ بەردى. 2020 -يىلى يا خۇدادىن مەدەت كېلۇر، يا ئۆزىمىز ئەجەللىك بىر زەربە بېرىمىز، يا مۇشۇنداق ئۈمۈدسىزلىنىپ يۈرۈپ، پارغا ئايلىنىپ كېتىمىز ! ئۆزىمىزگە، ئەقلىمىزگە تايىنىشتىن ئۆزگە يوللار ھامان مۇشۇنداق بىزنى ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىدا سېسىتىپ تاشلايدۇ!

2019 - يىلى ئامېرىكا، ياۋروپا، تۈركىيە ۋە باشقا ئاز ساندىكى دېموكراتىك ئەللەر بەس - بەستە 1995 - يىلى 11 - ئىيۇلدىكى بوسنىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئەيىپلىمەكتە ۋە خاتىرىلىمەكتە.


2019 - يىلى 7 - 12 - ئىيۇل    قۇتلۇق جۈمە