2021/01/17 19:58

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 13 - ئىيۇل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/13 12:58

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 13 - ئىيۇل» :

678 - يىلى ھەزرىتى ئائىشە ۋاپات بولغان.
ھەزرىتى ئائىشە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئايالى بولۇپ، 604 - يىلى تۇغۇلغان. 678 - يىلى رامىزاننىڭ 17 - كۈنى سەيشەنبە ۋاپات بولغان.

1837 - يىلى ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە بۇگنھام سارىيىغا يۆتكىلىپ، بۇ سارايدا تۇرغان تۇنجى ئەنگلىيە پادىشاھى بولۇپ قالغان. ھازىرغىچە بۇ ساراي خان جەمەتىنىڭ تۇرالغۇسى بولماقتا.

1854 - يىلى مىسىر ھۆكۈمدارى ئابباس قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

1934 - يىلى سوۋېت كونسۇلى مىڭ تەستە خوجىنىياز ھاجىنى ئۈرۈمچىگە بېرىشقا كۆندۈرۈپ، قىزىل ئارمىيىنى چېكىندۈرۈشكە باشلىغان. كېلىشىم بويىچە مەھمۇد مۇھىتى 15 - ئىيۇل قەشقەر شەھىرىگە كىرىپ، يۇمىلاق شەھەرگە جايلاشقان تۇڭگانلار بولسا، يەكەن دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدىن تاكى چارقىلىققىچە بولغان ئەسلىدە خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق بارلىق جايلارغا ئىگە بولغان. يولۋاس قۇمۇلغا ئىگە بولغان. بۇ خىل ھەربىي تەڭپۇڭلۇق تاكى 1937 - يىلى ئاپرىلغىچە ساقلانغان.

1989 - يىلى ئىران ئىستىخباراتى كۇردىستان دېموكراتىك پارتىيسى سېكرىتارى ئابدۇراخمان قاسىمنى ۋېنادا قەستلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن.

1995 - يىلى ئىراقلىق داڭلىق جەمئىيەتشۇناس ۋە تارىخشۇناس ئەلى ۋەردى ۋاپات بولغان.

2016 - يىلى تېرىسسا مېي كامېروننىڭ ئورنىغا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بولغان.

2019 - دىكتاتور دىكتاتورنىڭ قاياشى دەپ، دۇنيادىكى بارلىق دىكتاتور دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ شوركىلىرى خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاۋاتىدۇ، ھەتتا قوللاۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلارغا قارشى قايتۇرما ھۇجۇم قىلىش بىلەن بىرگە ئىتتىپاقداشنى ياخشى تاللايلى ! ئەمدى يەنە بىر قېتىم خاتا ھالدا چۆكۈۋاتقان كېمىگە چىقىپ قالساق، ئەبەدىي غەرق بولۇپ كېتىمىز.


2019 - يىلى 7 - 13 - ئىيۇل       شەنبە