2021/01/16 13:03

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


760 يىل بۇرۇنقى زالىمغا يانتاياق بولغان ئىسلام دۇنياسى باشلىرى ۋە بۈگۈنكى ۋارىسلىرى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/13 15:41

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

« بۈگۈن تۈنۈگۈنگە نېمىدىگەن ئوخشىغان ھە»

مىلادى 1257 - يىلى ھىلاكۇخان باغداتقا ئەسكەر تارتقاندا، بەزى مۇسۇلمان بەگلەر ھەمدەمدە بولۇپ، شەھەرنى ئىشغال قىلىشقا ياردەم بەرگەنىكەن. 1258 - يىلى باغداتنى ئىشغال قىلغاندا، بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەمىرلەر ھىلاكۇنىڭ داۋاملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىشىغا مەدەت بەرگەن ئىكەن. 1259 - يىلى ئىراق، تۈركىيە، سۈرىيە، ئەرمەنىيە ۋە گرۇزىيەدىكى مۇسۇلمان ئەمىرلەر تەرەپ - تەرەپتىن ھىلاكۇنىڭ ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى يوقاتقانلىقىنى تەبرىكلەپ، ماختىشىپ كەتكەن ئىكەن. بۇنىڭدىن تېخىمۇ غەيرەتكە كەلگەن ھىلاكۇ 1260 - يىلى 200 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن ئاتلىنىپ، بىر ئاي ئىچىدىلا ھازىرقى سۈرىيە، ئىئوردانىيە ۋە لىۋاننى ئىشغال قىلىپ، مىسىرغا ھۇجۇم قىلاي دەپ تۇرغاندا، 1259 - يىلى خىتايدا ئوق تېگىپ قازا قىلغان ئاكىسى بۈيۈك قاغان مۆڭكۈخاننىڭ ۋاپاتى تۈپەيلى، يېڭى قاغان سايلاش ئۈچۈن ئاساسلىق قوشۇننى باشلاپ موڭغۇلىيەگە قايتىپ كېتىپتىكەنتۇق. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دۇنياسى قۇتۇلۇپ قاپتىكەنتۇق .  ئارىدىن 760 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، 2017 - يىلى خەلقىمىز خىتايلار قولىدا قىرىلىشقا باشلىدى. ئىسلام دۇنياسى سۈكۈت قىلدى. 2018 - يىلى تۈرمىدىكىلەر كوللىكتىپ ئۆلتۈرۈلۈشكە باشلىدى، ئىسلام دۇنياسى چاۋاك چالدى. 2019 - يىلى خەلقىمىزنىڭ نەسلى قۇراي دېدى، ئىسلام دۇنياسى خىتاينىڭ بۇ قىرغىنچىلىقىنى قۇتلۇقلاپ، قوللاپ يېشىل چىراق يېقىپ بەردى.

ئاتالمىش ساختا مۇسۇلمان ئەللىرى باشلىقلىرى ئون مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتا تۇرۇپمۇ، بىزنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ، بارلىق ئىرق ۋە دىنلارنىڭ ئورتاق دۈشمىنى بولغان خىتايغا شۇنچە ياخشىچاق بولۇۋاتىدۇ. ناۋادا خىتايلار 2019 - يىلى ھىلاكۇدەك زور قوشۇن بىلەن ئوتتۇرا شەرققە كەلگەن بولسا، تۆۋەندىكى سۈرەتتىكى ۋاكالەتچىلەر ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالار بولغىيمىتى؟؟؟

2020 -يىلى يا خۇدادىن مەدەت كېلۇر، يا ئۆزىمىزگە تايىنىپ، ئەجەللىك بىر زەربە بېرىمىز، يا مۇشۇنداق ئۈمۈدسىزلىنىپ يۈرۈپ، پارغا ئايلىنىپ كېتىمىز ! ئۆزىمىزگە، ئەقلىمىزگە تايىنىشتىن ئۆزگە يوللار ھامان مۇشۇنداق بىزنى ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىدا سېسىتىپ تاشلايدۇ ! ھازىرقى ۋاقىتتا يەنە ئاقماس سەپسەتىلەر بىلەن ۋەتەندىكىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشىپ بېرىدىغانلار ئەقلىنى تاپسۇن ! يا ھەقنى سۆزلىسۇن، يا سەپسەتە بىلەن ئازدۇرماي، جىم تۇرۇۋالسۇن!

2019 - يىلى    13 -  ئىيۇل      شەنبە


بەش ئايلىق قايغۇرۇشتىن كېيىن  - : ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى !


خىتاي تەھدىتى ئەرەب قاناللىرىدا :

تارىخقا ئۇيغۇن ئېسىل چاقىرىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بوپتۇ :

« ناتو يېڭى موڭغۇللار( خىتايلار ) دىن ھەزەر ئەيلەشكە باشلىدى »

دەرۋەقە تارىختا فرانسىيە پادىشاھى لۇئىس ھىلاكۇخان بىلەن كۆپ قېتىم ئوتتۇرا شەرقنى تەڭ ئىشغال قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن . ھەتتا ئۇ 1248 - يىلى سىپرۇسقا كېلىپ ، ھىلاكۇخانغا :« سىز باغدات بىلەن دەمەشىقنى ( ئىراق ۋە سۈرىيە ) ئېلىڭ ، مەن قاھىرە بىلەن قۇددۇسنى (مىسىر ۋە پەلەستىن ) ئالاي ! » دەپ تەكلىپ ئەۋەتكەن . ئەمما باتۇخاننىڭ سۆزىنى يىرالمىغان ھىلاكۇ بۇنى رەت قىلغان . نەتىجىدە
1249 - يىلى قاھىرەگە تاجاۋۇز قىلغان لۇئىسنى خارەزەم مەلىكىسى شەجەرىدۇر مەغلۇپ قىلىپ ، ئەسىر ئالغان . شۇنىڭ بىلەن مىسىردا
1250 - يىلى ئەييۇبىلار دەۋرى ئاخىرلىشىپ ، مەملۇكىلار دەۋرى باشلانغان . مانا بۈگۈن فرانسىيە ئەلبېشى ماكرون زامانىمىزدىكى قانخور ھىلاكۇ شى بىلەن تارىخنى قايتىلىماقتا . ئۇلار ئىككىسىلا ئوتتۇرا شەرقنى تەڭ بۆلۈشمەكچى  . ئەىنى ۋاقىتتا ئاناتولىيە سالجۇقلىرى شاھى سۇلتان ئالائىددىن بىلەن سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ نەۋرىلىرى بىرلىشىپ موڭغۇللارغا قارشى قالقان خارەزمشاھ جالالىددىننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتى . نەتىجىدە تۈركىيە ( سالجۇقلار ) 1242 - يىلى ئەييۇبىلار 1250 - يىلى يەم بولدى . بۈگۈنمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ۋارىسلىرى يېڭى ھىلاكۇ بىلەن شۇنداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش كويىدا. ھىلاكۇنىڭ ئاناتولىيەنى قاپلىغان « تۇججار ئابدۇللا » ، « تۇججار ئافراسىياپ » ناملىق جاسۇسلىرى بۈگۈنكى كۈندە « خۇاۋېي » ۋە « خەيئېر » شەكلىدە ئالەمنى قاپلىماقتا . قىسقىسى تارىخ يەنە تەكرارلانماقتا . بىزنىڭ قىسمىتىمىزنى مۇقەددىمە ، يەنى موڭغۇللار خارەزم خەلقىنى قىرغاندا ئىسلام دۇنياسى قانداق سۈكۈت قىلغان بولسا ، بۈگۈنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى قىرغاندا شۇنداق سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ . بۇلارنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز دەپ ئوچۇق دەپتۇ .

سايرام ئوغلانى

مەنبە :

https://m.youtube.com/watch?v=pe-qQJ5S1k0&feature=youtu.be

2019 - يىلى 29 - دېكابىر يەكشەنبە