2021/01/17 20:28

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 14 - ئىيۇل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/15 16:36

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 14 - ئىيۇل » :


1789 - يىلى باستىلىيە تۈرمىسى ئىشغال قىلىنىپ، جىنايەتچىلەر قويۇپ بېرىلگەن. بۇ فرانسىيە ئىنقىلابىدىكى مۇھىم بىر ۋەقەدۇر.

1934 - يىلى خوجىنىياز ھاجى بىلەن مالىكوۋ كاپالەتنامىگە ئىمزا قويۇپ، قەشقەر تەۋەسى مەھمۇد مۇھىتىغا، خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى تەۋەسى ماخۇسەنگە، قۇمۇل يولۋاسقا،شىمال  تەرەپتىكى جايلار شېڭ شىسەيگە تەۋە بولغان.

1937 - يىلى ئىران بىلەن ئىراق ئورتاق چېگرا كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ، ئىلگىرىكى چېگرا تالاش - تارتىشىنى ھەل قىلغان.

1958 - يىلى ئىراقتا ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، فايسال پادىشاھ ۋە خان جەمەتى قىرىپ تاشلانغان. شۇنىڭ بىلەن ئىراق پادىشاھلىق تۈزۈمدىن جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىگە كۆچكەن.

2002 - يىلى شىراك دۆلەت بايرىمىلىق پاراتقا قاتنىشىۋاتقاندا، قەستكە ئۇچرىغان. بىراق ئامان قالغان.

2008 - يىلى خەلقئارا جىنايى ئىشلار مەھكىمىسى دارفودا ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغان سۇدان رەھبىرى ئۆمەر بەشىرنى ئەيىپلەپ، دېلو تۇرغۇزغان.

2015 - يىلى ئىران بىلەن ئالتە چوڭ دۆلەت ئارىسىدا تارىخىي خاراكتېرلىق يادرو كېلىشىمى ئىمزالانغان. بىراق دوللار ترامپ يېقىندا بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىران ژاندارما ئەترىتىنى تېررورلۇق قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ، ئىككى ئاي ئىچىدىلا ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتكەن. ھازىرمۇ ۋەزىيەت قىل ئۈستىدە تۇرماقتا.

2019 - يىلى ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى داۋاملىق جىددىيلەشمەكتە.

2019 - يىلى نېتانىياخۇ لىۋاندىكى ئاللاھ پارتىيىسى رەھبىرى نەسرۇللانىڭ « قۇددۇستا ناماز ئوقۇيمىز !» دېگەن سۆزلىرىدىن كېيىن،
« قاراپ تۇر، سېنى قانداق قىلىمىزكىن » دەپ تەھدىت سالغان. بۇنىڭغا قارىتا لىبورمان مۇنداق دېگەن « قاۋىغان ئىت چىشلىمەيدۇ!».

توغرا « چىشلەيدىغان ئىت قاۋاپ ئولتۇرمايدۇ» شۇڭلاشقا، گەپنى ئاز ، ئىشنى جىق قىلغىنىمىز ئەۋزەل. دۈشمەنمۇ كۈندە كاپشىيدىغان ۋە ئاغزىدا شەھەر ئالىدىغان ئۇيغۇردىن بەكرەك داۋراڭ سالماي، نەخ ئىشنى قىلىدىغان، قىلغاندىمۇ مەخپىي ئىش قىلىدىغان ئۇيغۇردىن ئۆلگىدەك قورقىدۇ. « ئېغىز ئارقىلىق شەھەر ئالغىلى بولسا، قىلىچ سوقۇپ نېمە قىلاتتۇق؟».


2019 - يىلى 7 - 14 - ئىيۇل    يەكشەنبە