2020/11/25 05:30

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


مۇھەببەتتە ئارىلىق يوق

يوللىغۇچى: Tahir Imin, 2019/02/13 16:22

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Tahir Imin

1968 - يىلى ئېرىم تۇرۇشلۇق قىسىم ۋىيېتنامغا يۈرۈش قىلدى. شۇ چاغدا ئوغلىمىز بوللارد سەككىز ياشتا ئىدى. گەرچە ئۇ ھېچنېمىنى ئويلىمىغاندەك يۈرسىمۇ، بىراق دادىسى يېنىدا بولمىسا، ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەكس تەسىرى بولامدىكىن دەپ ئەندىشىگە چۆمەتتىم. بىز ھەر كۈنى دادىسىغا خەت يازاتتۇق، ھەر كۈنى ۋىيېتنامدىن جاۋاب خەت كېلىشىنى كۈتەتتۇق. بوللارد ئىككىمىزنىڭ ئىسمى يېزىلغان كونۋېرتنى ئاچقان چېغىمىز بىزنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ بەختلىك كۈنىمىز بولۇپ ھېسابلىناتتى.

  بىزنىڭ تۇنجى قېتىملىق مىلاد بايرىمىمىز يالغۇزلۇق ئىچىدە جىمجىتلا ئۆتۈپ كەتتى. مەن بوللاردنىڭ غەرەز ئۇقىدىغان، گەپ ئاڭلايدىغان بولۇپ يېتىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلدىم. كېيىن بۇ يەردىكى چېركاۋ كىيىم ۋە ئويۇنچۇقلارنى يىغىپ، ۋىيېتنامدىكى ئۇرۇشتا يېتىم قالغان بالىلارغا ئىئانە قىلىشنى باشلىدى. بوللارد بۇ ھەرىكەتكە بۆلەكچىلا قىزىقىپ قالدى. يېڭى يىلدىن كېيىن، بىز بوللاردنىڭ كىچىك كېلىپ قالغان كىيىملىرى ۋە كىچىك ۋاقتىدىكى ئويۇنچۇقلىرىنى بىر قەغەز يەشىككە سالدۇق.

  مەن قەغەز يەشىكنىڭ ئاغزىنى ياپاي دەپ تۇراتتىم، ئۇ «ئاپا، توختاپ تۇرۇڭ!» دەپ چاقىردى، قارىسام ئۇ ئىشكاپىدىن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان خۇسۇسىي مۈلكى −− يۇمشاق كۆك كۆڭلەكنى ئالدى. ئۇ بۇ كۆڭلەكنى نەگىلا بارسا كىيىۋالاتتى. گەرچە كۆڭلەكنىڭ سول مۈرىسىدە بىر تامچە سىياھ ئىزى بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ كۆڭلەكنى ئەتىدىن كەچكىچە ئۇچىسىدىن سالمايتتى.

  مەن ئۇنىڭدىن «مۇشۇ كۆڭلەكنى چوقۇم ئىئانە قىلىمەن دەپ ئويلىدىڭمۇ قوزام؟» دەپ سورىدىم. بوللارد كۆڭلەكنى كىيىم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە «مەن بۇ كىيىمنى بىر ۋىيېتناملىق بالا كىيسە دەپ ئويلايمەن»، دېدى، ئۇ يەنە كۆڭلەكنى تۈزلەپ «دادامغا يېقىنراق بالىلاردىن بىرسى كىيسىكەن»، دەپ قوشۇپ قويدى.

  بىز ئىئانە قىلغان كىيىملەرنى ئەۋەتىۋەتتۇق. بىرنەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. 1969 - يىلىدىكى بىر ياز كۈنى، بىز ۋىيېتنامدىن كەلگەن بىر پارچە خەتنى تاپشۇرىۋالدۇق. بۇ خەت بوللاردقا يېزىلغانىدى:

  − سۆيۈملۈك ئوغلۇم، − بوللارد ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ خەتنى ماڭا ئوقۇپ بەردى، − بۈگۈن مەن بىرنەچچە سەپدىشىم بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى دارىلئېتامغا بارغانىدىم. ئۇ يەردە مەن سەن دېمەتلىك بىر بالىنى كۆردۈم. ئۇ بالا ئۇچىسىغا كۆك كۆڭلەك كىيىۋاپتۇ، ئۇ سېنىڭ ھېلىقى كۆڭلىكىڭگە قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن، سول مۈرىسىدە بىر تامچە داغ تۇرىدۇ، بۇ بەلكىم سىياھ دېغىدۇر ياكى ماي دېغىدۇر. مەن ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ خوشلاشقان ۋاقتىمدا، ئۇ كۆڭلەكنىڭ شۇنچىلىك يۇمشاق، شۇنچىلىك يېقىملىقلىقىنى ھېس قىلدىم، خۇددى سېنىڭ كۆڭلىكىڭنى سىلاۋاتقاندەك تۇيۇلدى. بۈگۈن ئاشۇ كۆڭلەك مېنى سەن بىلەن ناھايىتى يېقىندەك ھېس قىلدۇردى. مەن ئاپاڭ ئىككىڭلارنى بەكمۇ سېغىندىم.

  بوللارد خەتنى ئوقۇپ بولدى، ۋىيېتنام بىزگە يىراق ئەمەستەك، دادىسىمۇ بىزگە يېقىنلا يەردىكىدەك تۇيۇلدى.