2020/10/21 09:08

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئۇيغۇرلار پىسخئولوگىيىلىك ئۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/27 02:36

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



«  ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا »

بىز ھازىر بۇ ئۇرۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە :

جان قىينىلامدۇ، ياكى تەن ئازابلىنامدۇ؟

ھەر بىر ئادەم ئۆز ئۆمرىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى بىلسىمۇ، چەكسىز ئارزۇ - ئارمانلارغا ئەگىشىدۇ . بىر مەندىن ئېيتقاندا ھاياتلىق دېمەك - ئارزۇ - ئارمان دېمەكتۇر . ئادەم ھەممە نەرسىدىن ئايرىلىپ، ھاياتلىقتىن ئۈمىت ئۈزۈلگەندىمۇ، تەندىن جان چىقىپ كەتمىگەن مۇددەتتە ئارزۇ - ئارمان ئاخىرلاشقان بولمايدۇ . ئۈمىت رېئاللىقنى ئاساس قىلىدۇ . ئەگەر يەتمەكچى بولغان نىشان رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋالدا ئۈمىت ئۈزۈلگەن بولىدۇ . ئەمما ئارزۇ - ئارمان رېئاللىق بىلەن ئەمەس بەلكى شىرىن خىياللار بىلەن بېزەلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز يولىنى داۋام ئەتتۈرىدۇ . ئىنسان تەن قۇرۇلمىسى جەھەتتىن جانلىقلار ئارىسىدىكى ئاجىزلارنىڭ بىرى . ئۇنى كۈچلۈك قىلغان ئامىل ئەقىل، ئىدراك، ئۈمىت، خىيال، ئارزۇ- ئارمانلاردۇر. ئەگەر بىر ئادەم مۇشۇ ئامىللاردىن تولۇق ئايرىلىپ قالسا، ئۇ قاراڭغۇ ئۆڭكۈردىن بەتتەر قورقۇنچ ئىچىدە قالىدۇ . قورقۇنچلۇق بولغىنى ئادەمنىڭ قارشىسىدىكى ھەيۋەت ئەمەس . ئەكسىچە ئادەمنىڭ ئىچىدىكى قاراڭغۇ ئۆڭكۈردۇر . قورقۇنچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى، چەكتىن ئاشقان يېرى ئۆلۈمدۇر . ئۆلۈمنىڭ بۇ تەرىپىدىكى بارلىق قورقۇتقۇچى ۋاسىتە ئىنسان بىلەن ئۆلۈمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەلەمپەيدۇر . ھاياتىدا قورقمايدىغان، قورقۇپ باقمىغان ئادەم بولمايدۇ . ئابرويلۇقلار يۈزىنىڭ تۆكۈلۈپ كېتىشىدىن قورقىدۇ . مەنسەپدارلار ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدۇ . پۇلدارلار پېقىر بولۇپ قېلىشتىن قورقىدۇ . ئادەملا بولىدىكەن قورقۇنچتىن خالى ياشىيالمايدۇ . ئىنساننىڭ بارلىق قورقۇنچلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆتۈپ كېتىدۇ. ياكى ئۇنىڭ تەسىرى يوقايدۇ، يېنىكلەيدۇ . لېكىن ئۆلۈم قورقۇنچىسى ئۇدۇللاپ كېلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ۋەھىمىسى پەقەت ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىدۇ . ئۆلۈمدىن قورقۇش دېگەنلىك - جاننىڭ قانداق چىقىشىدىن قورقۇش دېگەنلىك ئەمەس بەلكى بارلىق ئارزۇ - ئارمانلارنىڭ، شىرىن خىياللارنىڭ، قىلماقچى بولغان، قىلالماي قالغان ئىش ھەرىكەت، پىلانلىرىنىڭ بىراقلا يوقىلىشىدىن ئۆكۈنۈش دېمەكتۇر . ئىنسان ئۆلۈم بىلەنلا بۇ دۇنيادىن يوقىلىپ كېتىدۇ . ئۆزى قىلالمىغان ئىشلىرى، قىلىۋاتقان ئىشلىرى نىشانغا يەتمەيلا توزۇپ كەتكەن بولىدۇ . شۇڭا ئىنسان ئۆلۈشنى خالىمايدۇ، ئارزۇ قىلمايدۇ . بۇخىل خاھىش - ئۆلۈمدىن قورقۇش دەپ ئاتىلىپ كەلگەن .« ئۇنى مەن ئۆلتۈرمىسەم ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ ھاياتىم ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە باغلىق - دەپ، دۈشمەن بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشىپ تۇرۇپ ئۆلۈش بولسا، مۇرادىغا يەتكەن، ئارمانسىز ئۆلۈشتۇر » .

كاپىتان ئابدۇرەھىمجان .

« ئۇنى مەن ئۆلتۈرمىسەم ئۇ مېنى ئۆلتۈرىدۇ، مېنىڭ ھاياتىم ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە باغلىق - دەپ، دۈشمەن بىلەن تىغمۇ تىغ ئېلىشىپ تۇرۇپ ئۆلۈش بولسا، مۇرادىغا يەتكەن، ئارمانسىز ئۆلۈشتۇر » .

دۈشمەن دەل مۇشۇ خىلدىكى قارشىلىق روھىدىن قورقۇپ كەتتى . 1814 - يىلى ئاق ۋە قارا تاغلىق بوپكەتكەن قەشقەر خەلقىنى ئورتاق ئېتىقاد، ئورتاق قىسمەت، ئورتاق تەقدىر ۋە ئورتاق دۈشمەن ئاساسىدا بىرلەشتۈرمەكچى بولغان زىياۋۇدۇننىڭ بالاغەتكە يەتمىگەن ئوغلى نېمە ئۈچۈن خانبالىقتا بالاغەتكە يەتكىچە بېقىلىپ 1819 - يىلى چېپىپ ئۆلتۈرۈلدى ؟ نېمە ئۈچۈن 1828 -يىلى كۈزدە جاھانگىر خوجا چېپىلىپ، جەسىتى ئىتقا تاشلاپ بېرىلدى؟ نېمىشقا بەدۆلەتنىڭ مېيتى 1878 - يىلى قېزىلىپ، كاللىسى ئېلىندى، ئاندىن جەسىتى كۆيدۈرۈلۈپ، جەسەت كۈلى خانبالىققا ئېلىپ كېتىلدى؟ نېمىشقا ئىلى مىللىي ئارمىيىسى « ئالتە ئوغرى » « باندىتلار » دەپ تەشۋىق قىلىندى؟ نېمە ئۈچۈن ۋەتىنىمىزدىكى بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئىزچىل « بۇ مىللىي مەسىلىمۇ ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، بەلكى بىر ئوچۇم ئاز ساندىكى يامان نىيەتلىك ئۇنسۇرلار » دېگەن سەپسەتىلەر خەلقىمىزنىڭ مېڭىسىگە قۇيۇلۇپ كەتتى ؟ 
تەپەككۇر كۆزى بىلەن قارىغاندا پەس دۈشمەن ئىزچىل  « يۈرىكىمىزدىكى كۈچلۈك يورۇقلۇقنى ئۆچۈرۈپ، زۇلمەتتە قالدۇرۇش » ، مېڭىمىزنى كاللىمىزنىڭ ئىچىگە قاماپ قويۇش » ئۇسۇلى،
« توخۇنى ئۆلتۈرۈپ كالىغا ئىبرەت قىلىش، مايمۇننى ئۆلتۈرۈپ ، يولۋاسقا ئىبرەت قىلىش » تاكتىكىسى ئارقىلىق، خەلقىمىزنى ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق، يۈرىكى مۇجۇۋېتىلگەن، قورقۇنچاق، قەلبى جاھالەت قاراڭغۇلىقى ۋە دۈشمەننىڭ ھەيۋىتى بىلەن توشۇپ كەتكەن توخۇ يۈرەك قەۋمگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن كۆپ كۈچىدى. تەپەككۇرىمىزنى ئۆز قىممەت قاراشلىرىمىز ئىچىدىكى سەلبىي ئامىللارغا باغلاپ تۇرۇپ، دىن نامىدىن، ئۆرپ - ئادەت نامىدىن تەدرىجىي ئۆزلەشتۈرۈپ، تەپەككۇر قىلمايدىغان، پەقەت ئەگىشىدىغان، قەلبلىرى ھەقىقەتچى ئاقساقاللىرى بىلەن بىللە، ئەمما قىلىچلىرى زالىملار بىلەن بىللە بىر خەلقنى ئىجاد قىلىپ چىقتى . ئەمما ھەدېسىلا ئۇلار قايتا ئويغىنىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھىلىگەر دۈشمەننىڭ بارلىق سۇيقەستلىرىنى بىتچىت قىلىپ ئۈلگۈرگەچكە، دۈشمەن ئەڭ ئاخىرقى چارىسى بولغان « پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىش » ھەرىكىتىنى باشلىۋەتتى. ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى.

2014 - يىلى 20 - ئىيۇل فرانكفۇرت گېزىتىدە :
« ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان دۇنياۋى تەشۋىقات ئۇرۇشىدا خىتاي ئۈزۈل - كېسىل غەلىبە قىلدى» ناملىق خەۋەر بېسىلىپ، ھازىرقى تۈرك - ئىسلام ئەللىرىنىڭ رەسۋالارچە پوزىتسىيىسىنى  بەش يىل بۇرۇنلا ئالدىن پاش قىلغان ئىدى. ئۇ خەۋەر بېسىلىپ ھەپتە توشۇپلا، خىتايلار يەكەن تەۋەسىدىكى ئاۋام زىچ توپلىشىپ ياشايدىغان  ئېلىشقۇ بازىرىدا «  ئېلىشقۇ قىرغىنچىلىقى »نى پەيدا قىلىپ، چوڭ ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئېغىر تىپتىكى زامانىۋى قوراللار بىلەن ئۈچ كۆجۈم كەنتنى خەلقى بىلەن قوشۇپ، يەر يۈزىدىن غايىپ قىلىۋەتتى. خەلقئارادىكى مېدىيا ۋە تەشۋىقاتتا مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن خىتايلار تەشۋىقاتنىڭ مۇھىملىقىنى يەنىمۇ ھېس قىلدى. چۈنكى سادام 1982 - يىلى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرد يېزىسىدا 150 كە يېقىن ئادەمنى قىرىپ تاشلىغاندا، دۇنيا بۇنى
« ئىرقىي قىرغىنچىلىق » دەپ ئەيىپلىگەن. 1995 - يىلى سېربلار بوشناقلاردىن ئون مىڭغا يېقىن كىشىنى قىرىۋېتىپ، « ياۋروپادا ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى » دېگەن ئەيىپلەشكە ئۇچرىغان. ئەمما كۆلەم جەھەتتە يۇقىرىقىلاردىن قېلىشمايدىغان « يەكەن قىرغىنچىلىقى» پەقەت ئادەتتىكى بىر ۋەقە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىندى. بولۇپمۇ ئىككى كۈن ئۆتۈپلا، يەنى 30 - ئىيۇل ھېيتگاھ ئىمامى جۈمە تاھىر داموللا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، قۇۋ خىتايلار دەرھال ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ دىققىتىنى بۇ كىچىك ۋەقەگە بۇراپ، « تېررورچىلارنى غەزەپ بىلەن سۆكۈپ، جۈمە داموللا ئۈچۈن قىساس ئالىدىغانلىقى » نى جاكارلىدى . دېمەك « قاتىل بىر دومىلاپلا قازى بولۇۋالدى. ئارقىدىن ئۆز پايدىسىغا ھۆكۈم چىقىرىپ، قانۇنلۇق قاتىللىق قىلىشقا يول ئاچتى» .

مانا ئارىدىن يىللار ئۆتۈپ بۇ پاجىئەلەرنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىغا كەلگەندە، بىرلا ۋاقىتتا مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغان ، ئۈمۈدسىز ۋە چۈشكۈنلۈككە باشلايدىغان ئىشلار بىراقلا سادىر بولماقتا.

ئالدى بىلەن ئامېرىكا لوس ئانجىلىستا 26 - ئىيۇل « ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ناملىق بىر يىغىن ئېچىلغان. تېمىنى كۆرۈپلا چۈشىنىپ بولدۇڭلار ھەقىچان.
بۇ يىغىندا تۆۋەندىكى گەپلەر بولۇنغان :
غەرب قانۇنشۇناس ۋە ئادۋوكاتلارنىڭ ئىنكاسى : « ئامالىمىز يوق . ئىسپات ئەمەلىي تەلەپ قىلىنىدىغان دۇنيادا سىلەر دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى پەقەت مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى دەرىجىسىگە كۆتۈرەلەيمىز ». دېمەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگىچە خەلقىمىز ئاللىبۇرۇن قىرىلىپ تۈگىگەن بولىدۇ .

خارلىقنىڭ يۇقىرى پەللىسى : « جاللات ۋاڭ جېننىڭ ئوغلى لوس ئانجىلىستا بەخىرامان كېرىلىپ ياشىماقتا . / بۇنى بىر خىتاي ئادۋوكات دەپ بېرىپتۇ ئۇيغۇرلارغا/. ئالتاي - ئىلى چېگرىسىدا قازاقلار ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان پادىچى كىشىلەرنى خۇددى ياۋايى ھايۋانلارنى ئوۋلىغاندەك خالىغانچە ئېتىپ كۆڭلىنى ئاچقان قېرى جاللات خىتاي ئىتالىيىدە بۇ ئىشلىرىنى ئوچۇق داۋراڭ سېلىپ ، پەس جىنايىتىدىن پەخىرلىنىپ بەھۇزۇر ياشىماقتا » . ئۇلارغا بۇ جاسارەت نەدىن كەلدى ؟ جىنايىتىنى يوشۇرماق تۈگۈل ئوچۇق جاكارلاپ پەخىرلەنگىدەك يۈرەك نەدىن كەلدى؟
ئۇيغۇرنىڭ ئاجىزلىقىدىن، چارىسىزلىقىدىن، دۆلىتى، ۋەتىنى يوقلىقىدىن، موساد قا ئوخشىغان قىساسكارلار ئەترىتى يوقلىقىدىن، قىسقىسى 260 يىللىق تارىختىن بېرى قان ئىچەر جاللاتلارنىڭ ھېسابىنى سورالماي، قاچۇرۇپ قويغانلىقىدىن كەلدى. « خەلقى جان تالىشىۋاتسا، يۈزگە يەتمىگەن پائالىيەتچىسىگە مىڭ ئوبزورچى، بەش مىڭ تەپتىش ۋە ئون مىڭ قارىلىغۇچى قالپاقچىلار توغرا كېلىدىغان بىتەلەي توپلۇمنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولماقچى؟

بەزىدە ئويلاپ قالىمەن، ئەسلىدە ئۆزىمىز كىشىلىرىمىزگە قالپاق كەيدۈرۈپ قويىدىكەنمىز. بىرىمىزنى قارىم دەيدىكەنمىز، يەنە بىرنى ئالىم دەيدىكەنمىز،بىرسىنى ۋەتەنپەرۋەر دەيدىكەنمىز، بىرسىنى ئىنقىلابچى دەيدىكەنمىز،  يەنە بىرىنى موللام دەيدىكەنمىز،بىرسىنى جاسوس دەيدىكەنمىز،  يەنە بىرسىنى خائىن دەيدىكەنمىز، يەنە بىرلىرىنى كاپىر دەيدىكەنمىز.....ئاقىۋەت ئۆز ئادەملىرىمىزگە ئۆزىمىز ئەنە شۇنداق قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ قويۇپ، ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇش، يوقىلىش، ئۆلتۈرۈلۈش ۋە ئىز دېرەكسىز غايىپ بولۇشلىرىغا سەۋەبچى بولىدىكەنمىز ياكى ئارىمىزدا ئىناقسىزلىق، ئۆملەشمەسلىكتەك ئەھۋاللارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولىدىكەنمىز. بىز مۇشۇ ئىشلىرىمىز بىلەن خىتاينىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، خىتاينىڭ بىزدىن پايدىلىنىشىغا يول ئېچىپ بېرىۋاتىمىز، بىزنى يوقىتىشىغا سورۇن ھازىرلاپ بېرىۋاتىمىز! مانا ھازىر تۈركىيىدەك بىر دۆلەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنى تۈرمىلەرگە ئىنقىلاپچى دېگەن قالپاق سەۋەبلىك قامىلىشى، ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولۇشلىرى يۈز بېرىۋېتىپتۇ. بىز بۇلارنى كىمدىن كۆرۈشىمىز كېرەك؟ شۇڭا ئۆزئارا قالپاق كىيدۈرمەيلى.

يەنە شۇ كۈنى تۈركىيەدە « زىننەتگۈل » ئاتلىق بىر ئايال ئىككى بالىسى بىلەن « تاجىك» نامى ئاستىدا تاجىكىستانغا قايتۇرۇلغان. ئاندىن ئۇدۇل خىتايغا قايتۇرۇلغان. بۇ خەۋەر شۇ يەردىكى خەلقىمىزنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.  بۇ ئىشلار تاسادىپىي بولۇۋاتقىنى يوق. شۇڭا ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇش، پۇختا پىلان ۋە تەكلىپلەرنى تۈزۈپ، بۇنداق « ئاتالمىش ئۇقۇشماسلىقلار» نىڭ قايتا سادىر بولماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىش كېرەك. خەلقىمىزنى قايتۇرماسلىق قانۇن لايىھىسى سۇنۇپ باقساق تېخى ياخشى. ئىككى دۈشمەن ئارىسىدا قالغاندا « سەل ئىنسابى بار ۋە ئابرۇيىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان دۈشمەننىڭ قىلمىشىنى ۋاقىتلىق يۈزىگە سالماي، قىلمىش مەسئۇلىيىتىنى يەنە بىر دۈشمەنگە دۆڭگەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭلارنى قوغداشنى بىلىڭلار ! ». ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتە ئېھتىياتچان بولمىسا، ئاسانلا مەنپەئەت قۇربانى بولۇپ كېتىدىغان گەپ. « ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە!».

بۈگۈنكى پالاكەت خەۋەرلەر :

« ب د ت دە يەنە 13 دۆلەت قوشۇلۇپ جەمئىي 50 دۆلەت ئۇيغۇرلارغا قارشى بىرلەشمە مەكتۇپ سۇنغان. ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەت ئايرىم تېلېگرامما يوللىغان...»

بىز ئۆزىمىزنىڭ پائالىيەتچىلىرىنى ھاقارەتلەپ، غاجىلاپ، قارىلاپ، دەشنام بېرىپ، قالپاق كىيدۈرۈپ، دىل ئازارى قىلىپ ، كۈرەش سېپىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇرلىغان بىر پەيتتە، دۈشمەن تېخىمۇ جانلىق ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بىردىنلا ھەر ئىككى تەرەپتىن بىزنى يالغانچى قىلىش ئۈچۈن ئىش باشلىۋەتتى. نەچچە كۈن بۇرۇن ئابدۇرېھىم ھېيت قاتارلىق تونۇلغان لاگىر تۇتقۇنلىرى بىلەن يۇۋاش تۈرك مۇخبىرلارنى « خىتايچە ئەھۋال سوراشتۇرغان » دىن كېيىن، خەلقئارادا يۇندىسىنى ئىچىدىغان دۆلەتلەرگە سىرتىدىن ماسلىشىشنى تەلەپ قىلىپ، ئەمەلىي كۈچىگە تايىنىپ، 40 مىليونغا يېقىن ھەر مىللەت خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى توغرىسىدىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ئۇرۇشىدا ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتتى. بىزچۇ ؟؟

ھازىر مۇشۇنداق سەۋىيىدە بولسىمۇ قەدىردانلىرىمىزنى بىر كۆرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىش باسقۇچىغا كەلدۇق. ئەمما ھىلىگەر دۈشمەن بۇ ئارقىلىق بىزنى كاززاپ ۋە يالغانچى قىلىپ، خەلقئارادا يېتىم قالدۇرۇش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. دېمەك مەسىلىنىڭ تۈپ ماھىيىتىدىن چىقىش قىلماي، ئۇششاق نۇقتىلارغا ئېسىلىۋېلىش ئاخىرىدا مانا شۇنداق رەسۋالىق بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئوخشايدۇ. زادى بۇ كاززاپ باندىتلارنىڭ ئەپتى - بەشىرىسىنى ئېچىپ، ئالدىن دۇنياغا تونۇتمىساق، بۇلار چاققان چىقىپ، ئۆزىنىڭ بارلىق ئىپلاس ۋە رەزىل سۈپەتلىرى بىلەن بىزنى قارىلاپ، ھەر قېتىمقىدەك كۆزىنى مىت قىلماي قەتلىئام يۈرگۈزۈۋېرىدۇ!

تۈركىيەدىكى جان قايغۇسىدا قالغان قېرىنداشلار ئاخشامقى قايتۇرۇلۇش ۋەقەسى سەۋەپلىك كاللىدىن كېتەي دېدى. دۇنيانىڭ بۇلۇڭىدا تۇرۇۋاتقان غاجىلىغۇچىلار بولسا، ئاران چىداپ كېتىۋاتقان ئاكتىپ پائالىيەتچىلەرگە زەھەرخەدىلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ سەپتىن ئايرىلىپ، ئۆيىگە قايتىپ، بالىسىنى بېقىشقا قىستىدى. بۇ ئەھۋالدا « بۇ تەڭپۇڭسىز ئۇرۇشتا كىم غەلىبە قىلماقچىتى»؟

« ئاكىسىراش خاھىشىنى تاشلايلى! ئۆزىمىزدىن باشقا ياردەمچىمىز ۋە دەسمايىمىز يوقلىقىنى ئېتىراپ قىلايلى! ھەر بىر ئۇيغۇر بىر ئەركىنلىك جەڭچىسى. شۇڭا ئۆزئارا مېھىرلىك بولۇپ، قەددىمىزنى رۇسلايلى !»

پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇش ئەۋجىگە چىقماقتا ! ئادەتتە ئاجىز ياكى قورقۇنچاق تەرەپ كۈچلۈك تەرەپكە بۇ ئۇرۇشنى قوزغايدۇ ! « قورققان ئاۋۋال مۇشت ئاتىدۇ». دېمەك خىتاي شۇنچە ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچنى ئاساس قىلغان قاتتىق ۋە يۇمشاق كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، بىراق روھىيەت ۋە مەنىۋىيەتتە يەنىلا ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خەلقىمىزنى ئەڭ ئاساسلىق دۈشمىنى ھېساپلايدۇ. چۈنكى بىلگە قاغاننىڭ ۋەسىيىتى بويىچە بولغاندا، « خىتايلار ئالدى بىلەن يىپەكلىرى، سەتەڭلىرى ئارقىلىق رەقىبىگە يېقىنلىشىدۇ. ئۇنى ئوبدان دەڭسەپ بولغاندىن كېيىن ناچارلىقىنى ئاشكارىلاپ، تېزدىن ئۇلارنى يوقىتىپ تاشلايدۇ. ھازىر بىزدىن باشقا ھېچكىم ئۇلارنىڭ ھەقىقىي يۈزىنى كۆرۈپ باقماغلىق. پەقەت بىزلا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىدىن تولۇق خەۋەردار . بۇ ھالدا ئۇلار بىزنى پۈتۈنلەي يوقاتماستىن، خەلقئارادا ئۇنى رەسۋا قىلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرمايدۇدە. شۇڭلاشقا بۇ پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇشقا زادى بولمايدۇ . ھېچقانداق ئېتىقادى، قىممەت قارىشى ۋە چەك باسقۇدەك ئىدىئولوگىيىسى بولمىغان ھارامزادە قورقۇنچاقلار قولىدا مەغلۇپ بولساق، سۇتۇق بۇغراخان بىزگە تاللاپ بەرگەن ھەق ئېتىقاد، بەش مىڭ يىللىق تىز پۈكمەس ئۇيغۇر روھى، ئىككى مىڭ يىلدىن بېرى ئاسىياغا خوجا بولۇپ كەلگەن ئەجداتلار، 260 يىلدىن بېرى ۋەتىنى، خەلقى ، نەسلى ۋە ھۆرلۈكى ئۈچۈن ئاققۇزغان قانلار ، يېقىنقى 70 يىللىق قانلىق بەدەل تۆلىگەن ئەجداتلارغا يۈز كېلەلمەيمىز ! بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغانلىق
« ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز يەر بىلەن يەكسان قىلغانلىق» . ئەگەر ئەقلىمىزنى يوقاتساق، دۈشمەن نەيرەڭۋازلىق قىلىپ، قان چىقارمايلا بىزنى يېڭىپ چىقىپ، مەغلۇبىيىتىمىز تولۇق مۇقىملىشىپ قالىدۇ. ئەگەر ھودۇقماي، پارتلىماي، ئالاقزادە بولماي، ئەقىل بىلەن ئىش تۇتۇپ، تەپەككۇر بىلەن پىلان تۈزۈپ، كەسكىن  قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتسەك، پۈتۈن دۇنيانىڭ زاۋۇتى، قورال ئامبىرى، ئادەمخور قوتىنى، بارلىق يامانلىقلارنىڭ مەنبەسى، تېررورچىلارنىڭ ئۇۋىسى، دۇنيا ئىقتىسادى ۋە تەشۋىقاتىنى مونوپول قىلىۋالغان غايەت زور پور كۆتەكنى بىر پاي ئوق ئاتمايلا « يۇمشاق كۈچلەر ئارقىلىق يىقىتىپ ، يېلىنى چىقىرىۋېتەلەيمىز !» . ئەگەر پىسخولوگىيىلىك ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولساق، ئۇ چاغدا « يۇمشاق كۈچلەر قولدىن كېتىدۇ !» .
قاتتىق كۈچلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، زورايتىپ، ئۇرۇش ئېلان قىلغۇچە، خەلقىمىز يوقىلىپ، بىزمۇ تۇرۇشلۇق جايدىكى نامەلۇم كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربانلىق قويغا ئايلىنىمىز .

يىمىرىلىپ كېتەي دېگەن روھىيتىمىزنى قايتا ياشارتىش ۋە پۇختىلاش ئۈچۈن مىللەتنىڭ روھىيىتىنى داۋالايدىغان تېۋىپلار دەرھال ئىش باشلىسۇن ! باخشىلار پىر ئويناشنى توختاتسۇن!

مەنچە ئەڭ ياخشى دوختۇر يەنىلا ئۆزىمىز. بىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ ئەبەدىي داۋام قىلىشى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئاكىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىگە يىغىنچاقلانغان . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا يەھۇدىلارنىڭ قايتا قەد كۆتۈرۈپ، دۇنياغا خوجا بولۇشىمۇ دەل مۇشۇ پىرىنسىپنى ئۇتۇقلۇق تەتبىقلىيالىغانلىقى سەۋەپلىك مۇۋەپىقىيەتلىك بولغان :

« ئۇيغۇر ئۈچۈن پەقەت شەكلى ئۇيغۇر بولۇشلا يەتمەيدۇ ،
ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلۇق مىللىي روھ بىلەن مۇقەددەس بىر ئېتىقاد بولۇشى كېرەك !
مانا بۇ ئىككى نەرسە ئۇيغۇر مىللىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئاساسىدۇر !  »

تارىخ ئىسپاتلىدىكى خەلقىمىز تارىختىن بېرى دۆلەتسىز، ئېتىقادسىز ۋە سەلتەنەتسىز ياشاپ باقمىدى. خۇداغا ئەرزىگەن ھەر قانداق ئىشتا خەلقىمىز تۆردىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى. ئىككى مىلياردقا يېقىن مۇسۇلمانلارنىڭ ۋاكالەتچىلىرى بولغان 58 ئەخلەت ھاكىمىيەت ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا پۈتۈن دۇنيانىڭ، بارلىق ئىرق ۋە دىنلارنىڭ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئەڭ چوڭ زالىم، ئەڭ چوڭ خۇداسىز مەخلۇقلار، يول توسار قاراقچىلار، قان ئىچەر ئالۋاستىلار، بارلىق ھىلە - مىكىر ۋە قۇۋلۇقنىڭ پىرى بولغان « قاچاق شەيتاننىڭ ئىنسانىيەت ئىچىدىكى ئەلچىسى - خىتاي باندىتلىرى» بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، خۇداغا، پەيغەمبىرىگە، دىنىغا، ئېتىقادىغا، ئەخلاقىغا، قېرىنداشلىرىغا، ۋىجدانىغا ۋە كېلەچىكىگە خىيانەت قىلدى. بۇنىڭدىن بىزنىڭ يېڭىپ چىقىدىغىنىمىزنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى ھەقىقەتنىڭ بىز تەرەپتە ئىكەنلىكى ئېنىق. بىز پەقەت ھەقىقەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئادالەت ۋە ھۆرىيەت كۈرىشىنى توختىتىپ قويمىساقلا، ھامان زەپەر بىزنىڭ. ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە دۈشمىنىمىزگە قارشى ياردەم بەرسۇن ! ئىنسانىيەتنى چوڭ پالاكەتتىن خالاس قىلىش شەرىپىنى بىزگە بەرسۇن! خەلقىمىزگىمۇ بۇ دۇنيادا ئەركىن ياشاپ، ھۆر پائالىيەت قىلىش نېمىتى بەرسۇن ! قەيسەر خەلقىمىزنى دۇنياغا ئۈلگە، پەسكەش دۈشمىنىمىزنى خەلقئالەمگە ئىبرەت قىلىپ بەرسۇن ! ئاللاھ بىز بىلەن بىللە . ئاللاھتىن باشقا غالىپ يوق . دېمەك خىتايدىن مەغلۇپ بولۇش يوق . ئۇنى مەغلۇپ قىلىش پەقەتلا ۋاقىت مەسىلىسى، لاياقەت، سالاھىيەت مەسىلىسى، شارائىت مەسىلىسى ۋە جاسارەت مەسىلىسى .

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى   27 - ئىيۇل   شېكەر شەنبە